< 民数记 1 >

1 以色列人出埃及地后,第二年二月初一日,耶和华在西奈的旷野、会幕中晓谕摩西说:
ۋە ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىن ئىككىنچى يىلى ئىككىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى پەرۋەردىگار سىناي چۆلىدە، جامائەت چېدىرىدا تۇرۇپ مۇساغا مۇنداق دېدى: —
2 “你要按以色列全会众的家室、宗族、人名的数目计算所有的男丁。
سىلەر پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتىنى قەبىلىسى، ئاتا جەمەتى بويىچە سانىنى ئېلىپ چىقىڭلار؛ ئادەملەرنىڭ ئىسمى ئاساس قىلىنىپ، بارلىق ئەركەكلەر تىزىملانسۇن.
3 凡以色列中,从二十岁以外,能出去打仗的,你和亚伦要照他们的军队数点。
ئىسرائ‍ىللار ئىچىدە ئومۇمەن يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغانلارنى ھارۇن بىلەن ئىككىڭلار ئۇلارنىڭ قوشۇن-قىسمىلىرى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈڭلار.
4 每支派中必有一人作本支派的族长,帮助你们。
ھەربىر قەبىلىدىن سىلەرگە ياردەملىشىدىغان بىردىن كىشى بولسۇن؛ ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۇلارنىڭ ئاتا جەمەتىنىڭ بېشى بولىدۇ.
5 他们的名字:属吕便的,有示丢珥的儿子以利蓿;
تۆۋەندىكىلەر سىلەرگە ياردەملىشىدىغانلارنىڭ ئىسىملىكى: — رۇبەن قەبىلىسىدىن شىدۆرنىڭ ئوغلى ئەلىزۇر؛
6 属西缅的,有苏利沙代的儿子示路蔑;
شىمېئون قەبىلىسىدىن زۇرى-شادداينىڭ ئوغلى شېلۇمىيەل؛
7 属犹大的,有亚米拿达的儿子拿顺;
يەھۇدا قەبىلىسىدىن ئاممىنادابنىڭ ئوغلى ناھشون؛
8 属以萨迦的,有苏押的儿子拿坦业;
ئىسساكار قەبىلىسىدىن زۇئارنىڭ ئوغلى نەتانەل؛
9 属西布伦的,有希伦的儿子以利押;
زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن ھېلوننىڭ ئوغلى ئېلىئاب؛
10 约瑟子孙、属以法莲的,有亚米忽的儿子以利沙玛;属玛拿西的,有比大蓿的儿子迦玛列;
يۈسۈپ ئەۋلادلىرى ئىچىدە ئەفرائىم قەبىلىسىدىن ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشاما؛ ماناسسەھ قەبىلىسىدىن پىداھزۇرنىڭ ئوغلى گامالىيەل؛
11 属便雅悯的,有基多尼的儿子亚比但;
بىنيامىن قەبىلىسىدىن گىدېئونىنىڭ ئوغلى ئابىدان؛
12 属但的,有亚米沙代的儿子亚希以谢;
دان قەبىلىسىدىن ئاممىشادداينىڭ ئوغلى ئاھىئەزەر؛
13 属亚设的,有俄兰的儿子帕结;
ئاشىر قەبىلىسىدىن ئوكراننىڭ ئوغلى پاگىيەل؛
14 属迦得的,有丢珥的儿子以利雅萨;
گاد قەبىلىسىدىن دېئۇئەلنىڭ ئوغلى ئەلىئاساف؛
15 属拿弗他利的,有以南的儿子亚希拉。
نافتالى قەبىلىسىدىن ئېناننىڭ ئوغلى ئاھىرا».
16 这都是从会中选召的,各作本支派的首领,都是以色列军中的统领。”
بۇلار جامائەت ئىچىدىن چاقىرىلغانلار، يەنى ئاتا جەمەت-قەبىلىلىرىنىڭ باشلىقلىرى، مىڭلىغان ئىسرائ‍ىللارنىڭ باش سەردارلىرى ئىدى.
17 于是,摩西、亚伦带着这些按名指定的人,
شۇنىڭ بىلەن مۇسا بىلەن ھارۇن ئىسمى ئاتالغان بۇ كىشىلەرنى باشلاپ،
18 当二月初一日招聚全会众。会众就照他们的家室、宗族、人名的数目,从二十岁以外的,都述说自己的家谱。
ئىككىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى پۈتكۈل جامائەتنى يىغدى؛ ئۇلار خەلقنىڭ ھەربىرىنىڭ قەبىلە-نەسەبى، ئاتا جەمەتى بويىچە ئىسمىنى ئاساس قىلىپ، يىگىرمە ياشتىن يۇقىرىلارنىڭ ھەممىسىنى بىر-بىرلەپ تىزىملىدى.
19 耶和华怎样吩咐摩西,他就怎样在西奈的旷野数点他们。
پەرۋەردىگار مۇساغا قانداق بۇيرۇغان بولسا، مۇسا سىناي چۆلىدە ئۇلارنى شۇنداق ساناقتىن ئۆتكۈزدى.
20 以色列的长子,吕便子孙的后代,照着家室、宗族、人名的数目,从二十岁以外,凡能出去打仗、被数的男丁,共有四万六千五百名。
ئىسرائىلنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبەننىڭ ئەۋلادلىرى ئاتا جەمەتى، ئائىلىسى بويىچە، ئىسمى ئاساس قىلىنىپ، يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغان ئەركەكلەرنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ تىزىملاندى؛
رۇبەن قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي قىرىق ئالتە مىڭ بەش يۈز كىشى بولدى.
22 西缅子孙的后代,照着家室、宗族、人名的数目,从二十岁以外,凡能出去打仗、被数的男丁,共有五万九千三百名。
شىمېئوننىڭ ئەۋلادلىرى ئاتا جەمەتى، ئائىلىسى بويىچە، ئىسمى ئاساس قىلىنىپ، يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغان ئەركەكلەرنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ تىزىملاندى؛
شىمېئون قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئەللىك توققۇز مىڭ ئۈچ يۈز كىشى بولدى.
24 迦得子孙的后代,照着家室、宗族、人名的数目,从二十岁以外,凡能出去打仗、被数的,共有四万五千六百五十名。
گادنىڭ ئەۋلادلىرى ئاتا جەمەتى، ئائىلىسى بويىچە، ئىسمى ئاساس قىلىنىپ، يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ تىزىملاندى؛
گاد قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي قىرىق بەش مىڭ ئالتە يۈز ئەللىك كىشى بولدى.
26 犹大子孙的后代,照着家室、宗族、人名的数目,从二十岁以外,凡能出去打仗、被数的,共有七万四千六百名。
يەھۇدانىڭ ئەۋلادلىرى ئاتا جەمەتى، ئائىلىسى بويىچە، ئىسمى ئاساس قىلىنىپ، يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ تىزىملاندى؛
يەھۇدا قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي يەتمىش تۆت مىڭ ئالتە يۈز كىشى بولدى.
28 以萨迦子孙的后代,照着家室、宗族、人名的数目,从二十岁以外,凡能出去打仗、被数的,共有五万四千四百名。
ئىسساكارنىڭ ئەۋلادلىرى ئاتا جەمەتى، ئائىلىسى بويىچە، ئىسمى ئاساس قىلىنىپ، يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ تىزىملاندى؛
ئىسساكار قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئەللىك تۆت مىڭ تۆت يۈز كىشى بولدى.
30 西布伦子孙的后代,照着家室、宗族、人名的数目,从二十岁以外,凡能出去打仗、被数的,共有五万七千四百名。
زەبۇلۇننىڭ ئەۋلادلىرى ئاتا جەمەتى، ئائىلىسى بويىچە، ئىسمى ئاساس قىلىنىپ، يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ تىزىملاندى؛
زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئەللىك يەتتە مىڭ تۆت يۈز كىشى بولدى.
32 约瑟子孙属以法莲子孙的后代,照着家室、宗族、人名的数目,从二十岁以外,凡能出去打仗、被数的,共有四万零五百名。
يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى: — ئۇنىڭ ئوغلى ئەفرائىمنىڭ ئەۋلادلىرى ئاتا جەمەتى، ئائىلىسى بويىچە، ئىسمى ئاساس قىلىنىپ، يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ تىزىملاندى؛
ئەفرائىم قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي قىرىق مىڭ بەش يۈز كىشى بولدى.
34 玛拿西子孙的后代,照着家室、宗族、人名的数目,从二十岁以外,凡能出去打仗、被数的,共有三万二千二百名。
[يۈسۈپنىڭ ئىككىنچى ئوغلى] ماناسسەھنىڭ ئەۋلادلىرى ئاتا جەمەتى، ئائىلىسى بويىچە، ئىسمى ئاساس قىلىنىپ، يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ تىزىملاندى؛
ماناسسەھ قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئوتتۇز ئىككى مىڭ ئىككى يۈز كىشى بولدى.
36 便雅悯子孙的后代,照着家室、宗族、人名的数目,从二十岁以外,凡能出去打仗、被数的,共有三万五千四百名。
بىنيامىننىڭ ئەۋلادلىرى ئاتا جەمەتى، ئائىلىسى بويىچە، ئىسمى ئاساس قىلىنىپ، يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ تىزىملاندى؛
بىنيامىن قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئوتتۇز بەش مىڭ تۆت يۈز كىشى بولدى.
38 但子孙的后代,照着家室、宗族、人名的数目,从二十岁以外,凡能出去打仗、被数的,共有六万二千七百名。
داننىڭ ئەۋلادلىرى ئاتا جەمەتى، ئائىلىسى بويىچە، ئىسمى ئاساس قىلىنىپ، يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ تىزىملاندى؛
دان قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئاتمىش ئىككى مىڭ يەتتە يۈز كىشى بولدى.
40 亚设子孙的后代,照着家室、宗族、人名的数目,从二十岁以外,凡能出去打仗、被数的,共有四万一千五百名。
ئاشىرنىڭ ئەۋلادلىرى ئاتا جەمەتى، ئائىلىسى بويىچە، ئىسمى ئاساس قىلىنىپ، يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ تىزىملاندى؛
ئاشىر قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي قىرىق بىر مىڭ بەش يۈز كىشى بولدى.
42 拿弗他利子孙的后代,照着家室、宗族、人名的数目,从二十岁以外,凡能出去打仗、被数的,共有五万三千四百名。
نافتالىنىڭ ئەۋلادلىرى ئاتا جەمەتى، ئائىلىسى بويىچە، ئىسمى ئاساس قىلىنىپ، يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ تىزىملاندى؛
نافتالى قەبىلىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئەللىك ئۈچ مىڭ تۆت يۈز كىشى بولدى.
44 这些就是被数点的,是摩西、亚伦,和以色列中十二个首领所数点的;这十二个人各作各宗族的代表。
يۇقىرىقىلار بولسا ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر بولۇپ، مۇسا بىلەن ھارۇن ھەم ئىسرائ‍ىللارنىڭ ئون ئىككى ئەمىرى ‹ھەربىرى ئۆز ئاتا جەمەتىگە ۋەكىل بولدى› ئۇلارنى ساناقتىن ئۆتكەزگەن.
45 这样,凡以色列人中被数的,照着宗族,从二十岁以外,能出去打仗、被数的,共有六十万零三千五百五十名。
شۇنداق قىلىپ، ئىسرائ‍ىللارنىڭ ھەممىسى، يەنى ئىسرائىلدا يىگىرمە ياشتىن ئاشقانلاردىن، جەڭگە چىقالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئاتا جەمەتلىرى بويىچە تىزىملاندى؛
ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئالتە يۈز ئۈچ مىڭ بەش يۈز ئەللىك كىشى بولدى.
47 利未人却没有按着支派数在其中,
بىراق لاۋىيلار ئاتا جەمەت-قەبىلىسى بويىچە ساناقنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈلمىدى.
48 因为耶和华晓谕摩西说:
چۈنكى پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: —
49 “惟独利未支派你不可数点,也不可在以色列人中计算他们的总数。
«سەن پەقەت لاۋىي قەبىلىسىنىلا شۇ ھېسابقا كىرگۈزمىگىن، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي سانىنىمۇ ئىسرائ‍ىللارنىڭ قاتارىغا كىرگۈزمىگىن.
50 只要派利未人管法柜的帐幕和其中的器具,并属乎帐幕的;他们要抬帐幕和其中的器具,并要办理帐幕的事,在帐幕的四围安营。
لېكىن سەن لاۋىيلارنى [خۇدانىڭ] ھۆكۈم-گۇۋاھلىقى ساقلاقلىق چېدىر ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق قاچا-قۇچا ئەسۋابلارنى ھەم ئۇنىڭغا دائىر بارلىق نەرسىلەرنى باشقۇرۇشقا تەيىنلىگىن؛ ئۇلار [ئىبادەت] چېدىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق قاچا-قۇچا ئەسۋابلارنى كۆتۈرىدۇ؛ ئىبادەت چېدىرىنىڭ خىزمىتىنى قىلغۇچىلار شۇلار بولسۇن، ئۇلار چېدىرنىڭ تۆت ئەتراپىدا ئۆز چېدىرلىرىنى تىكسۇن.
51 帐幕将往前行的时候,利未人要拆卸;将支搭的时候,利未人要竖起。近前来的外人必被治死。
چېدىرنى كۆچۈرىدىغان چاغدا ئۇنى لاۋىيلار سۆكسۇن؛ چېدىرنى تىكىدىغان چاغدا ئۇنى لاۋىيلار تىكسۇن؛ [لاۋىيلارغا] يات بولغان ھەرقانداق ئادەم ئۇنىڭغا يېقىنلاشسا ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن.
52 以色列人支搭帐棚,要照他们的军队,各归本营,各归本纛。
ئىسرائ‍ىللار بارگاھ قۇرغاندا ھەر ئادەم ئۆز قىسمىدا، ئۆزىگە خاس تۇغ ئاستىغا چېدىر تىكسۇن.
53 但利未人要在法柜帐幕的四围安营,免得忿怒临到以色列会众;利未人并要谨守法柜的帐幕。”
بىراق [خۇدانىڭ] غەزىپى ئىسرائىل جامائىتىنىڭ ئۈستىگە چۈشمەسلىكى ئۈچۈن، لاۋىيلار خۇدانىڭ ھۆكۈم-گۇۋاھلىقى ساقلاقلىق چېدىرنىڭ تۆت ئەتراپىغا بارگاھ قۇرسۇن؛ لاۋىيلار خۇدانىڭ ھۆكۈم-گۇۋاھلىقى ساقلاقلىق چېدىرنى مۇھاپىزەت قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ» — دېگەنىدى.
54 以色列人就这样行。凡耶和华所吩咐摩西的,他们就照样行了。
ئىسرائىللار ئەنە شۇنداق قىلدى؛ پەرۋەردىگار مۇساغا قانداق بۇيرۇغان بولسا، ئۇلار شۇنداق قىلدى.

< 民数记 1 >