< 创世记 45 >

1 约瑟在左右站着的人面前情不自禁,吩咐一声说:“人都要离开我出去!”约瑟和弟兄们相认的时候并没有一人站在他面前。
يۈسۈپ ئۆز يېنىدا تۇرغانلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى تۇتالماي: ــ ھەممە ئادەم ئالدىمدىن چىقىرىۋېتىلسۇن! دەپ ۋارقىرىدى. شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ ئۆزىنى قېرىنداشلىرىغا ئاشكارا قىلغاندا ئۇنىڭ قېشىدا ھېچكىم بولمىدى. ئۇ قاتتىق يىغلاپ كەتتى؛ مىسىرلىقلار ئۇنى ئاڭلىدى، پىرەۋننىڭ ئوردىسىكىلەرمۇ بۇنىڭدىن [تېزلا] خەۋەر تاپتى.
2 他就放声大哭;埃及人和法老家中的人都听见了。
3 约瑟对他弟兄们说:“我是约瑟。我的父亲还在吗?”他弟兄不能回答,因为在他面前都惊惶。
يۈسۈپ قېرىنداشلىرىغا: ــ مەن يۈسۈپ بولىمەن! ئاتام ھازىر ھاياتمۇ؟! ــ دەپ سورىدى. ئەمما قېرىنداشلىرى ئۇنىڭغا قاراپ ھودۇقۇپ كېتىپ، ھېچ جاۋاب بېرەلمەي قالدى.
4 约瑟又对他弟兄们说:“请你们近前来。”他们就近前来。他说:“我是你们的兄弟约瑟,就是你们所卖到埃及的。
لېكىن يۈسۈپ ئۇلارنى: ــ قېنى، ماڭا يېقىن كېلىڭلار، دەپ چاقىرىدى. ئۇلار يېقىن كەلدى، ئۇ يەنە: ــ مەن سىلەرنىڭ ئىنىڭلار، يەنى سىلەر مىسىرغا سېتىۋەتكەن يۈسۈپ بولىمەن.
5 现在,不要因为把我卖到这里自忧自恨。这是 神差我在你们以先来,为要保全生命。
ئەمدى مېنى مۇشۇ يەرگە سېتىۋەتكىنىڭلار ئۈچۈن ئازابلانماڭلار، ئۆزۈڭلارنى ئەيىبكە بۇيرۇماڭلار؛ چۈنكى خۇدا ئادەملەرنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مېنى سىلەردىن بۇرۇن بۇ يەرگە ئەۋەتتى.
6 现在这地的饥荒已经二年了,还有五年不能耕种,不能收成。
چۈنكى ھازىر زېمىندىكى ئاچارچىلىققا ئىككى يىل بولدى؛ لېكىن تېخى يەنە بەش يىلغىچە ھېچ تېرىلغۇمۇ بولمايدۇ، ئورمىمۇ بولمايدۇ.
7 神差我在你们以先来,为要给你们存留余种在世上,又要大施拯救,保全你们的生命。
شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرگە دۇنيادا بىر قالدىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئۇلۇغ بىر نىجاتلىق كۆرسىتىپ، سىلەرنىڭ تىرىك قۇتۇلۇشۇڭلار ئۈچۈن خۇدا مېنى سىلەردىن بۇرۇن بۇ يەرگە ئەۋەتتى.
8 这样看来,差我到这里来的不是你们,乃是 神。他又使我如法老的父,作他全家的主,并埃及全地的宰相。
شۇنداق بولغانىكەن، مېنى مۇشۇ يەرگە ئەۋەتكۈچى سىلەر ئەمەس، بەلكى خۇدادۇر. ئۇ مېنى پىرەۋنگە ئاتىنىڭ ئورنىدا قىلىپ، ئۇنىڭ پۈتكۈل ئۆيىگە خوجا قىلىپ تىكلەپ، پۈتكۈل زېمىنغا باش ۋەزىر قىلىپ قويدى.
9 你们要赶紧上到我父亲那里,对他说:‘你儿子约瑟这样说: 神使我作全埃及的主,请你下到我这里来,不要耽延。
ئەمدى تېزدىن ئاتامنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: ــ سېنىڭ ئوغلۇڭ يۈسۈپ: «خۇدا مېنى پۈتكۈل مىسىرغا خوجا قىلىپ قويدى. سەن ھايال قىلماي، مېنىڭ قېشىمغا كەلگىن؛
10 你和你的儿子孙子,连牛群羊群,并一切所有的,都可以住在歌珊地,与我相近。
سەن گوشەن يۇرتىدا تۇرىسەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ئۆزۈڭ، ئوغۇللىرىڭ، نەۋرىلىرىڭ، قويلىرىڭ، كالىلىرىڭ ۋە ھەممە تەئەللۇقاتلىرىڭ بىلەن ماڭا يېقىن تۇرىسىلەر.
11 我要在那里奉养你;因为还有五年的饥荒,免得你和你的眷属,并一切所有的,都败落了。’
ئۆزۈڭ، ئائىلەڭ ۋە ھەممە تەئەللۇقاتىڭنى نامراتلىق بېسىۋالمىسۇن دەپ مەن سېنى شۇ يەردە باقىمەن؛ چۈنكى يەنە بەش يىل ئاچارچىلىق باردۇر»، دېدى، ــ دەڭلار.
12 况且你们的眼和我兄弟便雅悯的眼都看见是我亲口对你们说话。
ــ مانا سىلەرنىڭ كۆزلىرىڭلار ۋە ئىنىم بىنيامىننىڭ كۆزلىرى سىلەرگە گەپ قىلىۋاتقان مېنىڭ ئۆز ئاغزىم ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋاتىدۇ.
13 你们也要将我在埃及一切的荣耀和你们所看见的事都告诉我父亲,又要赶紧地将我父亲搬到我这里来。”
ئاتامغا مېنىڭ مىسىردىكى بۇ بارلىق شان-شەرىپىم ھەمدە سىلەرنىڭ بارلىق كۆرگىنىڭلار توغرىسىدا ئېيتىپ، ئاتامنى تېزدىن بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىڭلار، ــ دېدى.
14 于是约瑟伏在他兄弟便雅悯的颈项上哭,便雅悯也在他的颈项上哭。
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنى بىنيامىنغا ئېتىپ ئۇنىڭ بوينىغا گىرە سېلىپ يىغلاپ كەتتى؛ بىنيامىنمۇ ئۇنىڭ بوينىغا يۆلىنىپ يىغلىدى.
15 他又与众弟兄亲嘴,抱着他们哭,随后他弟兄们就和他说话。
ئاندىن يۈسۈپ بارلىق قېرىندشالىرىنى سۆيۈپ، ئۇلارنى بىر-بىرلەپ قۇچاقلاپ يىغلىدى. ئاندىن قېرىندشالىرى ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشتى.
16 这风声传到法老的宫里,说:“约瑟的弟兄们来了。”法老和他的臣仆都很喜欢。
يۈسۈپنىڭ قېرىندشالىرى كەلدى، دېگەن خەۋەر پىرەۋننىڭ ئوردىسىغا يەتكۈزۈلدى؛ بۇ پىرەۋن ۋە خىزمەتكارلىرىنىڭ نەزىرىدە قۇتلۇق ئىش بولدى.
17 法老对约瑟说:“你吩咐你的弟兄们说:‘你们要这样行:把驮子抬在牲口上,起身往迦南地去。
پىرەۋن يۈسۈپكە: ــ قېرىنداشلىرىڭغا: ــ «سىلەر ئەمدى مۇنداق قىلىڭلار؛ ئۇلاغلىرىڭلارغا يۈك ئارتىپ، قانائان زېمىنىغا بېرىپ،
18 将你们的父亲和你们的眷属都搬到我这里来,我要把埃及地的美物赐给你们,你们也要吃这地肥美的出产。
ئاتاڭلار ۋە جەمەتىڭلارنى ئېلىپ مېنىڭ قېشىمغا كېلىڭلار؛ مەن مىسىر زېمىنىدىن ئەڭ ئېسىل يەرلەرنى سىلەرگە بېرەي؛ سىلەر بۇ زېمىندىن چىققان نازۇ-نېمەتلەردىن يەيسىلەر» ــ دېگىن.
19 现在我吩咐你们要这样行:从埃及地带着车辆去,把你们的孩子和妻子,并你们的父亲都搬来。
ساڭا بولغان ئەمرىم شۇكى، سەن ئۇلارغا: «بالىلىرىڭلار ۋە ئاياللىرىڭلارنى ئېلىش ئۈچۈن مىسىر زېمىنىدىن ھارۋىلارنى ئېلىپ بېرىڭلار. شۇنىڭدەك ئاتاڭلارنىمۇ بۇ يەرگە يەتكۈزۈپ كېلىڭلار.
20 你们眼中不要爱惜你们的家具,因为埃及全地的美物都是你们的。’”
پۈتكۈل مىسىر زېمىنىدىن ئەڭ ئېسىل جايلار سىلەرنىڭكى بولغاچقا، ئۆز سەرەمجانلىرىڭلارغا كارىڭلار بولمىسۇن» دەپ بۇيرۇغىن، ــ دېدى.
21 以色列的儿子们就如此行。约瑟照着法老的吩咐给他们车辆和路上用的食物,
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرى شۇنداق قىلدى؛ يۈسۈپ پىرەۋننىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئۇلارغا ھارۋىلارنى بېرىپ، يولى ئۈچۈنمۇ ئوزۇق بەردى.
22 又给他们各人一套衣服,惟独给便雅悯三百银子,五套衣服;
ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە بىر قۇر كىيىم بەردى؛ لېكىن بىنيامىنغا بولسا ئۇ ئۈچ يۈز كۈمۈش تەڭگە، بەش قۇر كىيىم بەردى.
23 送给他父亲公驴十匹,驮着埃及的美物,母驴十匹,驮着粮食与饼和菜,为他父亲路上用。
ئۇ ئاتىسىغىمۇ شۇ ھەدىيەلەرنى، يەنى مىسىرنىڭ ئېسىل مەھسۇلاتلىرى ئارتىلغان ئون ھاڭگا ئېشەك ھەمدە ئاشلىق، نان ۋە ئاتىسىغا يول تەييارلىقى ئارتىلغان ئون مادا ئېشەكنى ئەۋەتتى.
24 于是约瑟打发他弟兄们回去,又对他们说:“你们不要在路上相争。”
ئاندىن ئۇ قېرىنداشلىرىنى يولغا سېلىپ، ئۇلارغا: ــ يولدا جېدەللەشمەڭلار، دەپ جېكىلىدى. ئۇلار يولغا راۋان بولدى.
25 他们从埃及上去,来到迦南地、他们的父亲雅各那里,
ئۇلار مىسىردىن چىقىپ، قانائان زېمىنىغا ئاتىسى ياقۇپنىڭ قېشىغا بېرىپ،
26 告诉他说:“约瑟还在,并且作埃及全地的宰相。”雅各心里冰凉,因为不信他们。
ئۇنىڭغا يۈسۈپ ئۆزلىرىگە ئېيتقان گەپلەرنى يەتكۈزۈپ: «يۈسۈپ تېخى ھايات ئىكەن! ئۇ پۈتكۈل مىسىر زېمىنىغا باش ۋەزىر ئىكەن!» دېدى. ئەمما ئۇ ئۇلارغا ئىشەنمەي، يۈرىكى قېتىپ ھوشىدىن كېتەي دەپ قالدى.
27 他们便将约瑟对他们说的一切话都告诉了他。他们父亲雅各又看见约瑟打发来接他的车辆,心就苏醒了。
لېكىن ئۇلار يۈسۈپنىڭ ئۆزلىرىگە ئېيتقان بارلىق سۆزلىرىنى ئۇنىڭغا دېگەندە، شۇنداقلا يۈسۈپنىڭ ئۆزىنى ئېلىپ كېلىشكە ئەۋەتكەن ھارۋىلارنىمۇ كۆرگەندە، ئۇلارنىڭ ئاتىسى ياقۇپنىڭ روھىغا جان كىردى.
28 以色列说:“罢了!罢了!我的儿子约瑟还在,趁我未死以先,我要去见他一面。”
ئىسرائىل شۇنىڭ بىلەن: ــ ئەمدى ئارمىنىم يوق! ئوغلۇم يۈسۈپ تېخى ھاياتتۇر! مەن ئۆلمەستە بېرىپ ئۇنى كۆرۈۋالاي، ــ دېدى.

< 创世记 45 >