< 以斯拉记 1 >

1 波斯王塞鲁士元年,耶和华为要应验借耶利米口所说的话,就激动波斯王塞鲁士的心,使他下诏通告全国说:
پارس پادىشاھى قورەشنىڭ بىرىنچى يىلى، پەرۋەردىگارنىڭ يەرەمىيانىڭ ئاغزى ئارقىلىق ئېيتقان سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ پارس پادىشاھى قورەشنىڭ روھىنى قوزغىشى بىلەن پۈتۈن پادىشاھلىقى تەۋەسىدە ئۇ مۇنداق بىر جاكارنامە چىقاردى، شۇنداقلا ئۇنى يازما قىلىپ پۈكۈپ: ــ
2 “波斯王塞鲁士如此说:‘耶和华天上的 神已将天下万国赐给我,又嘱咐我在犹大的耶路撒冷为他建造殿宇。
«پارس پادىشاھى قورەش مۇنداق دەيدۇ: ــ ئاسمانلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىنى ماڭا بەردى؛ ئۇ شۇنداقلا مېنى يەھۇدا زېمىنىغا جايلاشقان يېرۇسالېمدا ئۆزىگە بىر ئۆي سېلىشقا بۇيرۇدى.
3 在你们中间凡作他子民的,可以上犹大的耶路撒冷,在耶路撒冷重建耶和华—以色列 神的殿(只有他是 神)。愿 神与这人同在。
شۇنىڭ ئۈچۈن ئاراڭلاردا خۇدانىڭ خەلقى بولغانلاردىن ھەرقايسىڭلارغا بولسا، ئۇنىڭ خۇداسى [پەرۋەردىگار] ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغاي، ئۇ يەھۇدا زېمىنىدىكى يېرۇسالېمغا چىقسۇن، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى سالسۇن! ئۇ بولسا خۇدادۇر، ماكانى يېرۇسالېمدىدۇر!
4 凡剩下的人,无论寄居何处,那地的人要用金银、财物、牲畜帮助他,另外也要为耶路撒冷 神的殿甘心献上礼物。’”
[سۈرگۈنلۈكتە] قالغان خەلق قەيەرلەردە ماكانلاشقان بولسا، [ئۇ يېرۇسالېمغا چىقسۇن]؛ شۇ يەردىكى ئادەملەر ئۇلارغا ئالتۇن، كۈمۈش، مال-مۈلۈك، چارپايلارنى تەمىنلەپ ياردەم بەرسۇن ۋە شۇنىڭدەك يېرۇسالېمدا جايلاشقان خۇدانىڭ شۇ ئۆيى ئۈچۈن خالىس ھەدىيەلەرنى تەقدىم قىلسۇن» ــ دېدى.
5 于是,犹大和便雅悯的族长、祭司、利未人,就是一切被 神激动他心的人,都起来要上耶路撒冷去建造耶和华的殿。
شۇنىڭ بىلەن يەھۇدا ۋە بىنيامىندىكى قەبىلە باشلىقلىرى، كاھىنلار، لاۋىيلار، شۇنداقلا خۇدا تەرىپىدىن روھى قوزغىتىلغان بارلىق خەلق ئورۇنلىرىدىن قوپۇپ يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى [يېڭىۋاشتىن] سېلىشقا بېرىشقا تەييارلاندى.
6 他们四围的人就拿银器、金子、财物、牲畜、珍宝帮助他们,另外还有甘心献的礼物。
ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى كۈمۈش قاچا-قۇچا، ئالتۇن، مال-مۈلۈك، چارپايلار ۋە قىممەت باھالىق بۇيۇملار بىلەن ئۇلارنى قوللاپ قۇۋۋەتلىدى، بۇنىڭدىن باشقا سۇنۇلىدىغان ھەرخىل ئىختىيارىي ھەدىيە-قۇربانلىق سۈپىتىدە ھەرخىل سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلدى.
7 塞鲁士王也将耶和华殿的器皿拿出来,这器皿是尼布甲尼撒从耶路撒冷掠来、放在自己神之庙中的。
پادىشاھ قورەش پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى قاچا-قۇچىلىرىنىمۇ، يەنى ئىلگىرى نېبوقادنەسار يېرۇسالېمدىن ئەكىلىپ ئۆز ئىلاھىنىڭ بۇتخانىسىغا قويۇپ قويغان قاچا-قۇچىلارنىمۇ ئېلىپ چىقتى.
8 波斯王塞鲁士派库官米提利达将这器皿拿出来,按数交给犹大的首领设巴萨。
پارس پادىشاھى قورەش خەزىنە بېگى مىترەداتنى بۇيرۇپ بۇ قاچا-قۇچىلارنى ئالدۇرۇپ چىقتى؛ مىترەدات شۇلارنى يەھۇدانىڭ ئەمىرى شەشبازارغا سانى بويىچە ساناپ تاپشۇرۇپ بەردى.
9 器皿的数目记在下面:金盘三十个,银盘一千个,刀二十九把,
قاچا-قۇچىلارنىڭ سانى مۇنداق: ــ ئالتۇن داس ئوتتۇز، كۈمۈش داس مىڭ، پىچاق يىگىرمە توققۇز،
10 金碗三十个,银碗之次的四百一十个,别样的器皿一千件。
ئالتۇن پىيالە ئوتتۇز، بىر-بىرىگە ئوخشاش بولغان كۈمۈش پىيالە تۆت يۈز ئون؛ باشقا قاچا-قۇچىلار بىر مىڭ.
11 金银器皿共有五千四百件。被掳的人从巴比伦上耶路撒冷的时候,设巴萨将这一切都带上来。
بارلىق ئالتۇن-كۈمۈش قاچا-قۇچا، بەش مىڭ تۆت يۈز. سۈرگۈن قىلىنغان خەلق بابىلدىن يېرۇسالېمغا ئېلىپ كېلىنگەن چاغدا، شەشبازار بۇ قاچا-قۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كەلگەنىدى.

< 以斯拉记 1 >