< 出埃及记 26 >

1 “你要用十幅幔子做帐幕。这些幔子要用捻的细麻和蓝色、紫色、朱红色线制造,并用巧匠的手工绣上基路伯。
مۇقەددەس چېدىرنى ئون پارچە يوپۇقتىن ياساتقىن؛ يوپۇقلار نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختكە كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپلار ئارىلاشتۇرۇلۇپ ئىشلەنسۇن؛ ئۇنىڭغا كېرۇبلارنىڭ سۈرىتىنى چېۋەر قوللارغا نەپىس قىلىپ كەشتىلەپ چىقارغۇزغىن.
2 每幅幔子要长二十八肘,宽四肘,幔子都要一样的尺寸。
ھەربىر يوپۇقنىڭ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە سەككىز گەز، كەڭلىكى تۆت گەز بولۇپ، ھەربىر يوپۇق ئوخشاش چوڭ-كىچىكلىكتە بولسۇن.
3 这五幅幔子要幅幅相连;那五幅幔子也要幅幅相连。
يوپۇقلارنىڭ بەشى بىر-بىرىگە ئۇلانسۇن، قالغان بەش يوپۇقمۇ ھەم بىر-بىرىگە ئۇلانسۇن.
4 在这相连的幔子末幅边上要做蓝色的钮扣;在那相连的幔子末幅边上也要照样做。
سەن ئۇلاپ چىقىلغان بىرىنچى چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى قىسمىغا بىر تەرىپىگە رەڭگى كۆك ئىزمە قادىغىن، شۇنىڭدەك ئۇلاپ چىقىلغان ئىككىنچى چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكىسىنىڭ بىر تەرىپىگىمۇ ھەم شۇنداق قىلغىن.
5 要在这相连的幔子上做五十个钮扣;在那相连的幔子上也做五十个钮扣,都要两两相对。
بىرىنچى چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى قىسمىغا ئەللىك ئىزمە قادىغىن، ئىككىنچى چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكىسىگىمۇ ئەللىك ئىزمە قادىغىن. ئىزمىلەر بىر-بىرىگە ئۇدۇلمۇئۇدۇل بولسۇن.
6 又要做五十个金钩,用钩使幔子相连,这才成了一个帐幕。
مۇقەددەس چېدىر بىر پۈتۈن بولسۇن ئۈچۈن ئالتۇندىن ئەللىك ئىلغۇ ياساپ، ئىككى چوڭ پارچە يوپۇقنى شۇ ئىلغۇلار بىلەن بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرغىن.
7 “你要用山羊毛织十一幅幔子,作为帐幕以上的罩棚。
مۇقەددەس چېدىرنى يېپىش ئۈچۈن ئۆچكە تىۋىتىدىن يوپۇقلارنى ياسىغىن؛ يوپۇقتىن ئون بىر پارچە ياسىغىن.
8 每幅幔子要长三十肘,宽四肘;十一幅幔子都要一样的尺寸。
يوپۇقلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئوتتۇز گەز، كەڭلىكى تۆت گەز بولۇپ، ئون بىر يوپۇقنىڭ ھەممىسى ئوخشاش چوڭ-كىچىكلىكتە بولسۇن.
9 要把五幅幔子连成一幅,又把六幅幔子连成一幅,这第六幅幔子要在罩棚的前面折上去。
يوپۇقلارنىڭ بەشىنى ئۇلاپ بىر قىلىپ، قالغان ئالتە يوپۇقنىمۇ ئۇلاپ بىر قىلىپ، ئالتىنچى يوپۇقنى ئىككى قات قىلىپ، چېدىرنىڭ ئالدى تەرىپىگە ساڭگىلىتىپ قويغىن.
10 在这相连的幔子末幅边上要做五十个钮扣;在那相连的幔子末幅边上也做五十个钮扣。
سەن بىرىنچى ئۇلاپ چىقىلغان چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى قىسمىغا ئەللىك ئىزمە، ئىككىنچى ئۇلاپ چىقىلغان چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى قىسمىغا ئەللىك ئىزمە قادىغىن.
11 又要做五十个铜钩,钩在钮扣中,使罩棚连成一个。
سەن ھەم مىستىن ئەللىك ئىلغۇ ياساپ، چېدىر بىر پۈتۈن بولسۇن ئۈچۈن ئۇلارنى ئىزمىلەرگە ئۆتكۈزۈپ ئىككى چوڭ پارچىنى ئۇلاپ قويغىن.
12 罩棚的幔子所余那垂下来的半幅幔子,要垂在帐幕的后头。
لېكىن يوپۇقنىڭ چېدىرنىڭ كەينىدىن ئېشىپ قالغان قىسمى، يەنى ئېشىپ قالغان يېرىم پارچىسى چېدىرنىڭ كەينى تەرىپىدە ساڭگىلاپ تۇرسۇن.
13 罩棚的幔子所余长的,这边一肘,那边一肘,要垂在帐幕的两旁,遮盖帐幕。
چېدىر يوپۇقلىرىنىڭ چېدىرنىڭ بويىدىن ئارتۇق قىسمى، يەنى ئۇ تەرىپىدىن بىر گەز، بۇ تەرىپىدىن بىر گەز، چېدىرنىڭ ئىككى تەرىپىدىن ساڭگىلاپ، ئۇنى [تولۇق] ياپسۇن.
14 又要用染红的公羊皮做罩棚的盖;再用海狗皮做一层罩棚上的顶盖。
بۇنىڭدىن باشقا، چېدىرغا قىزىل بويالغان قوچقار تېرىسىدىن يوپۇق ياساپ ياپقىن، ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستىدىنمۇ دېلفىن تېرىسىدىن ياسالغان يەنە بىر يوپۇقنى قاپلىغىن.
15 “你要用皂荚木做帐幕的竖板。
مۇقەددەس چېدىرنىڭ تىك تاختايلىرىنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياساپ تىكلىگىن.
16 每块要长十肘,宽一肘半;
ھەربىر تاختاينىڭ ئۇزۇنلۇقى ئون گەز، كەڭلىكى بىر يېرىم گەز بولسۇن.
17 每块必有两榫相对。帐幕一切的板都要这样做。
ھەربىر تاختاينىڭ ئىككىدىن تۇرۇمى بولسۇن، ھەر ئىككى تاختاي شۇلار بىلەن بىر-بىرىگە چېتىلسۇن؛ چېدىرنىڭ بارلىق تاختايلىرىنى شۇنداق ياسىغىن.
18 帐幕的南面要做板二十块。
چېدىرنىڭ تاختايلىرىنى شۇنداق ياسىغىن؛ يىگىرمىسىنى جەنۇب تەرەپكە تىكلىگىن؛
19 在这二十块板底下要做四十个带卯的银座,两卯接这块板上的两榫,两卯接那块板上的两榫。
بۇ يىگىرمە تاختاينىڭ تېگىگە كۈمۈشتىن قىرىق تەگلىك ياسىغىن؛ بىر تاختاينىڭ [ئاستىدىكى] ئىككى تۇرۇمى ئۈچۈن ئىككىدىن تەگلىك، يەنە بىر تاختاينىڭ ئىككى تۇرۇمى ئۈچۈن ئىككىدىن تەگلىك ياسىغىن.
20 帐幕第二面,就是北面,也要做板二十块
شۇنىڭدەك چېدىرنىڭ ئۇدۇل تەرىپىدە، يەنى شىمال تەرىپىدە يىگىرمە تاختاي بولسۇن؛
21 和带卯的银座四十个;这板底下有两卯,那板底下也有两卯。
بۇلارنىڭ قىرىق تەگلىكى كۈمۈشتىن بولسۇن؛ بىر تاختاينىڭ تېگىگە ئىككىدىن تەگلىك، يەنە بىر تاختاينىڭ تېگىگە ئىككىدىن تەگلىك ئورۇنلاشتۇرۇلسۇن.
22 帐幕的后面,就是西面,要做板六块。
چېدىرنىڭ كەينى تەرىپىگە، يەنى غەرب تەرەپكە ئالتە تاختاي ياساپ تىكلىگىن.
23 帐幕后面的拐角要做板两块。
چېدىرنىڭ كەينى تەرىپىدىكى ئىككى بۇلۇڭغا ئىككى تاختاي ياساپ ئورناتقىن.
24 板的下半截要双的,上半截要整的,直顶到第一个环子;两块都要这样做两个拐角。
بۇ [بۇلۇڭ تاختايلىرى] ئاستىدىن ئۈستىگىچە ئىككى قات قىلىنىپ [تاختايلارنى] ئۆزئارا چېتىشتۇرسۇن، ئۈستى بىر ھالقىغا بېكىتىلسۇن. ھەر ئىككىسى شۇنداق قىلىنىپ، ئىككى بۇلۇڭغا تىكلەنسۇن.
25 必有八块板和十六个带卯的银座;这板底下有两卯,那板底下也有两卯。
ئارقا تەرەپتە سەككىز تاختاي بولىدۇ، ئۇلارنىڭ كۈمۈشتىن ياسالغان ئون ئالتە تەگلىكى بولىدۇ؛ بىر تاختاينىڭ تېگىدە ئىككى تەگلىك، يەنە بىر تاختاينىڭ تېگىدە ئىككى تەگلىك بولىدۇ.
26 “你要用皂荚木作闩:为帐幕这面的板作五闩,
بۇنىڭدىن باشقا سەن ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بالداق ياسىغىن؛ چېدىرنىڭ بۇ تەرىپىدىكى تاختايلارغا بەش بالداقنى،
27 为帐幕那面的板做五闩,又为帐幕后面的板做五闩。
چېدىرنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى تاختايلارغا بەش بالداقنى، چېدىرنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى تاختايلارغا، يەنى غەرب تەرىپىدىكى تاختايلارغا بەش بالداقنى ياسىغىن.
28 板腰间的中闩要从这一头通到那一头。
تاختايلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئوتتۇرا بالداق بۇ تەرەپتىن ئۇ تەرەپكە يېتىدىغان بولسۇن.
29 板要用金子包裹,又要做板上的金环套闩;闩也要用金子包裹。
تاختايلارنى ئالتۇن بىلەن قاپلاپ، بالداقلار ئۆتكۈزۈلىدىغان ھالقىلارنى ئالتۇندىن ياساپ، بالداقلارنى ئالتۇن بىلەن قاپلىغىن.
30 要照着在山上指示你的样式立起帐幕。
چېدىرنى ساڭا تاغدا ئايان قىلىنغان نۇسخا بويىچە ياساپ تىكلىگىن.
31 “你要用蓝色、紫色、朱红色线,和捻的细麻织幔子,以巧匠的手工绣上基路伯。
سەن نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختكە كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپلار ئارىلاشتۇرۇلۇپ ئىشلەنگەن بىر پەردە ياسىغىن؛ ئۇنى چېۋەر قوللار كېرۇبلارنىڭ سۈرىتىنى نەپىس قىلىپ چۈشۈرۈپ كەشتىلەپ چىقسۇن.
32 要把幔子挂在四根包金的皂荚木柱子上,柱子上当有金钩,柱子安在四个带卯的银座上。
ئۇنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسالغان تۆت خادىغا ئېسىپ قويغىن. بۇ خادىلار ئالتۇن بىلەن قاپلانسۇن، ھەربىرىنىڭ ئالتۇن ئىلمىكى بولسۇن؛ خادىلار كۈمۈشتىن ياسالغان تۆت تەگلىككە ئورنىتىلسۇن.
33 要使幔子垂在钩子下,把法柜抬进幔子内;这幔子要将圣所和至圣所隔开。
پەردە چېدىر يوپۇقىدىكى ئىلمەكلەرگە ئېسىلىپ ساڭگىلىتىپ قويۇلسۇن؛ ئاندىن ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنى شۇ يەرگە كەلتۈرۈپ، پەردىنىڭ ئىچىگە ئېلىپ كىرگىن. شۇنىڭ بىلەن پەردە سىلەر ئۈچۈن مۇقەددەس جاي بىلەن ئەڭ مۇقەددەس جاينىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر ئايرىما پەردە بولسۇن.
34 又要把施恩座安在至圣所内的法柜上,
ئاندىن سەن «كافارەت تەختى»نى ئەڭ مۇقەددەس جايدىكى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنىڭ ئۈستىگە قويغىن.
35 把桌子安在幔子外帐幕的北面;把灯台安在帐幕的南面,彼此相对。
شىرە بولسا پەردىنىڭ تېشىغا ئورۇنلاشتۇرۇلسۇن؛ چىراغداننى شىرەنىڭ ئۇدۇلىغا، چېدىرنىڭ جەنۇب تەرىپىگە قويغىن؛ شىرەنى شىمال تەرىپىگە قويغىن.
36 “你要拿蓝色、紫色、朱红色线,和捻的细麻,用绣花的手工织帐幕的门帘。
بۇنىڭدىن باشقا سەن چېدىرنىڭ كىرىش ئېغىزىغا نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختكە كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپلار ئارىلاشتۇرۇلۇپ ئىشلەنگەن بىر پەردە ياسىغىن؛ ئۇ كەشتىچى تەرىپىدىن كەشتىلەنسۇن.
37 要用皂荚木为帘子做五根柱子,用金子包裹。柱子上当有金钩;又要为柱子用铜铸造五个带卯的座。”
بۇ پەردە ئۈچۈن ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بەش خادا ياساپ، ئۇلارنى ئالتۇن بىلەن قاپلىغىن؛ ھەربىرىنىڭ ئالتۇن ئىلمىكى بولسۇن؛ ئۇلارنىڭ تېگىگە بەش دانە تەگلىكنى مىستىن قۇيۇپ تەييارلاتقىن.

< 出埃及记 26 >