< 撒母耳记下 24 >

1 耶和华又向以色列人发怒,就激动大卫,使他吩咐人去数点以色列人和犹大人。
پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئىسرائىلغا يەنە قوزغالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنى جازالاش ئۈچۈن داۋۇتنى قوزغىۋىدى، ئۇ ئادەم چىقىرىپ، ئۇلارغا: ــ ئىسرائىللار بىلەن يەھۇدالىقلارنىڭ سانىنى ئال، دېدى.
2 大卫就吩咐跟随他的元帅约押说:“你去走遍以色列众支派,从但直到别是巴,数点百姓,我好知道他们的数目。”
پادىشاھ ئۆز يېنىدا تۇرغان قوشۇن سەردارى يوئابقا: بارغىن، داندىن تارتىپ بەئەر-شېباغىچە ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىلىرىنىڭ يۇرتلىرىنى كېزىپ، خەلقنى ساناپ چىققىن، مەن خەلقنىڭ سانىنى بىلەي، دېدى.
3 约押对王说:“无论百姓多少,愿耶和华—你的 神再加增百倍,使我主我王亲眼得见。我主我王何必喜悦行这事呢?”
يوئاب پادىشاھقا: بۇ خەلق ھازىر مەيلى قانچىلىك بولسۇن، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۇلارنىڭ سانىنى يۈز ھەسسە ئاشۇرغاي. بۇنى غوجام پادىشاھ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەي! لېكىن غوجام پادىشاھ نېمىشقا بۇ ئىشتىن خۇش بولىدىكىن؟ ــ دېدى.
4 但王的命令胜过约押和众军长。约押和众军长就从王面前出去,数点以色列的百姓。
ئەمما يوئاب بىلەن قوشۇننىڭ باشقا سەردارلىرى ئۇنىمىسىمۇ، پادىشاھنىڭ يارلىقى ئۇلاردىن كۈچلۈك ئىدى؛ شۇنىڭ بىلەن يوئاب بىلەن قوشۇننىڭ باشقا سەردارلىرى ئىسرائىلنىڭ خەلقىنى سانىغىلى پادىشاھنىڭ قېشىدىن چىقتى.
5 他们过了约旦河,在迦得谷中、城的右边亚罗珥安营,与雅谢相对,
ئۇلار ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ يائازەرگە يېقىن گاد ۋادىسىدا ئاروئەردە، يەنى شەھەرنىڭ جەنۇب تەرىپىدە بارگاھ تىكتى.
6 又到了基列和他停·合示地,又到了但·雅安,绕到西顿,
ئاندىن ئۇلار گىلېئادقا ۋە تاختىم-ھودشىنىڭ يۇرتىغا كەلدى. ئاندىن دان-يائانغا كېلىپ ئايلىنىپ زىدونغا باردى.
7 来到泰尔的保障,并希未人和迦南人的各城,又到犹大南方的别是巴。
ئاندىن ئۇلار تۇر دېگەن قورغانلىق شەھەرگە، شۇنداقلا ھىۋىيلار بىلەن قانائانىيلارنىڭ ھەممە شەھەرلىرىگە كەلدى؛ ئاندىن ئۇلار يەھۇدا يۇرتىنىڭ جەنۇب تەرىپىگە، شۇ يەردىكى بەئەر-شېباغىچە باردى.
8 他们走遍全地,过了九个月零二十天,就回到耶路撒冷。
شۇنداق قىلىپ ئۇلار پۈتكۈل زېمىننى كېزىپ، توققۇز ئاي يىگىرمە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، يېرۇسالېمغا يېنىپ كەلدى.
9 约押将百姓的总数奏告于王:以色列拿刀的勇士有八十万;犹大有五十万。
يوئاب پادىشاھقا خەلقنىڭ سانىنى مەلۇم قىلىپ: ئىسرائىلدا قىلىچ كۆتۈرەلەيدىغان باتۇردىن سەككىز يۈز مىڭى، يەھۇدادا بەش يۈز مىڭى بار ئىكەن، دېدى.
10 大卫数点百姓以后,就心中自责,祷告耶和华说:“我行这事大有罪了。耶和华啊,求你除掉仆人的罪孽,因我所行的甚是愚昧。”
داۋۇت خەلقنىڭ سانىنى ئالغاندىن كېيىن، ۋىجدانى ئازابلاندى ۋە پەرۋەردىگارغا: بۇ قىلغىنىم ئېغىر گۇناھ بولۇپتۇ. ئى پەرۋەردىگار، قۇلۇڭنىڭ قەبىھلىكىنى كۆتۈرۈۋەتكەيسەن؛ چۈنكى مەن تولىمۇ ئەخمەقانىلىك قىپتىمەن، دېدى.
11 大卫早晨起来,耶和华的话临到先知迦得,就是大卫的先见,说:
داۋۇت ئەتىگەندە تۇرغاندا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى داۋۇتنىڭ ئالدىن كۆرگۈچىسى بولغان گاد پەيغەمبەرگە كېلىپ:
12 “你去告诉大卫,说耶和华如此说:‘我有三样灾,随你选择一样,我好降与你。’”
ــ «بېرىپ داۋۇتقا ئېيتقىن، پەرۋەردىگار: ــ مەن ئۈچ [بالا-قازانى] ئالدىڭغا قويىمەن، ئۇلارنىڭ بىرىنى تاللىۋالغىن، مەن شۇنى ئۈستۈڭگە چۈشۈرىمەن، دەيدۇ ــ دېگىن» ــ دېيىلدى.
13 于是迦得来见大卫,对他说:“你愿意国中有七年的饥荒呢?是在你敌人面前逃跑,被追赶三个月呢?是在你国中有三日的瘟疫呢?现在你要揣摩思想,我好回复那差我来的。”
شۇنىڭ بىلەن گاد داۋۇتنىڭ قېشىغا كېلىپ بۇنى ئۇنىڭغا دېدى. ئۇ ئۇنىڭغا: «يەتتە يىلغىچە زېمىنىڭدا ئاچارچىلىق ساڭا بولسۇنمۇ؟ ياكى دۈشمەنلىرىڭ ئۈچ ئايغىچە سېنى قوغلاپ، سەن ئۇلاردىن قاچامسەن؟ ۋە ياكى ئۈچ كۈنگىچە زېمىنىڭدا ۋابا تارقالسۇنمۇ؟ ئەمدى سەن ئوبدان ئويلاپ، بىر نېمە دېگىن، مەن مېنى ئەۋەتكۈچىگە نېمە دەپ جاۋاپ بېرەي؟» ــ دېدى.
14 大卫对迦得说:“我甚为难!我愿落在耶和华的手里,因为他有丰盛的怜悯。我不愿落在人的手里。”
داۋۇت گادقا: مەن تولىمۇ تەڭلىكتە قالدىم! سەندىن ئۆتۈنەيكى، بىز پەرۋەردىگارنىڭ قولىغا چۈشەيلى؛ چۈنكى ئۇنىڭ رەھىمدىللىقى زوردۇر؛ ئىنساننىڭ قولىغا پەقەت چۈشۈپ قالمىغايمەن! ــ دېدى.
15 于是,耶和华降瘟疫与以色列人,自早晨到所定的时候;从但直到别是巴,民间死了七万人。
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئەتىگەندىن تارتىپ بېكىتىلگەن ۋاقىتقىچە ۋابا چۈشۈردى. داندىن تارتىپ بەئەر-شېباغىچە يەتمىش مىڭ ئادەم ئۆلدى.
16 天使向耶路撒冷伸手要灭城的时候,耶和华后悔,就不降这灾了,吩咐灭民的天使说:“够了!住手吧!”那时耶和华的使者在耶布斯人亚劳拿的禾场那里。
ئەمدى پەرىشتە قولىنى يېرۇسالېمغا ئۇزۇتۇپ شەھەرنى ھالاك قىلاي دېگەندە، پەرۋەردىگار ئېغىر ھۆكۈمىدىن پۇشايمان قىلىپ، خەلقنى ھالاك قىلىۋاتقان پەرىشتىگە: ئەمدى بولدى قىلغىن؛ قولۇڭنى يىغقىن، ــ دېدى. ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يەبۇسىي ئاراۋناھنىڭ خامىنىنىڭ يېنىدا ئىدى.
17 大卫看见灭民的天使,就祷告耶和华说:“我犯了罪,行了恶;但这群羊做了什么呢?愿你的手攻击我和我的父家。”
داۋۇت خەلقنى يوقىتىۋاتقان پەرىشتىنى كۆرگەندە پەرۋەردىگارغا: مانا، گۇناھ قىلغان مەن، قەبىھلىك قىلغۇچى مەندۇرمەن. لېكىن بۇ قويلار بولسا نېمە قىلدى؟ سېنىڭ قولۇڭ مېنىڭ ئۈستۈمگە ۋە ئاتامنىڭ جەمەتىنىڭ ئۈستىگە چۈشسۇن! ــ دېدى.
18 当日,迦得来见大卫,对他说:“你上去,在耶布斯人亚劳拿的禾场上为耶和华筑一座坛。”
شۇ كۈنى گاد داۋۇتنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: بېرىپ يەبۇسىي ئاراۋناھنىڭ خامىنىغا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانگاھ ياسىغىن، دېدى.
19 大卫就照着迦得奉耶和华名所说的话上去了。
داۋۇت گادنىڭ سۆزى بويىچە پەرۋەردىگار بۇيرۇغاندەك قىلدى.
20 亚劳拿观看,见王和他臣仆前来,就迎接出去,脸伏于地,向王下拜,
ئاراۋناھ قاراپ پادىشاھ بىلەن خىزمەتكارلارنىڭ ئۆز تەرىپىگە كېلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ، ئالدىغا چىقىپ پادىشاھنىڭ ئالدىدا يۈزىنى يەرگە تەككۈزۈپ، تەزىم قىلدى.
21 说:“我主我王为何来到仆人这里呢?”大卫说:“我要买你这禾场,为耶和华筑一座坛,使民间的瘟疫止住。”
ئاراۋناھ: غوجام پادىشاھ نېمە ئىش بىلەن قۇللىرىنىڭ ئالدىغا كەلدىلىكىن؟ ــ دەپ سورىدى. داۋۇت: خەلقنىڭ ئارىسىدا ۋابانى توختىتىش ئۈچۈن، بۇ خاماننى سەندىن سېتىۋېلىپ، بۇ يەردە پەرۋەردىگارغا بىر قۇربانگاھ ياسىغىلى كەلدىم، ــ دېدى.
22 亚劳拿对大卫说:“我主我王,你喜悦用什么,就拿去献祭。看哪,这里有牛可以作燔祭,有打粮的器具和套牛的轭可以当柴烧。
ئاراۋناھ داۋۇتقا: غوجام پادىشاھ ئۆزلىرى نېمىنى خالىسىلا شۇنى ئېلىپ قۇربانلىق قىلسىلا. مانا بۇ يەردە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن كالىلار بار، ئوتۇن قىلىشقا خامان تېپىدىغان تىرنىلار بىلەن كالىلارنىڭ بويۇنتۇرۇقلىرى بار.
23 王啊,这一切,我亚劳拿都奉给你”;又对王说:“愿耶和华—你的 神悦纳你。”
ئى پادىشاھ، بۇنىڭ ھەممىسىنى مەنكى [ئاراۋناھ] پادىشاھقا تەقدىم قىلاي، دېدى. ئۇ يەنە پادىشاھقا: پەرۋەردىگار خۇدالىرى سىلىنى قوبۇل قىلىپ شەپقەت كۆرسەتكەي، دېدى.
24 王对亚劳拿说:“不然。我必要按着价值向你买;我不肯用白得之物作燔祭献给耶和华—我的 神。”大卫就用五十舍客勒银子买了那禾场与牛。
پادىشاھ ئاراۋناھغا: ياق، قانداقلا بولمىسۇن بۇلارنى سەندىن ئۆز نەرخىدە سېتىۋالمىسام بولمايدۇ. مەن بەدەل تۆلىمەي پەرۋەردىگار خۇدايىمغا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى ھەرگىز سۇنمايمەن، ــ دېدى. ئاندىن داۋۇت خامان بىلەن كالىلارنى ئەللىك شەكەل كۈمۈشكە سېتىۋالدى.
25 大卫在那里为耶和华筑了一座坛,献燔祭和平安祭。如此,耶和华垂听国民所求的,瘟疫在以色列人中就止住了。
ئاندىن داۋۇت ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا بىر قۇربانگاھ ياساپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار بىلەن ئىناقلىق قۇربانلىقلىرى قىلدى. پەرۋەردىگار زېمىن ئۈچۈن قىلغان دۇئالارنى قوبۇل قىلىپ، ۋابا ئىسرائىلنىڭ ئارىسىدا توختىدى.

< 撒母耳记下 24 >