< 撒母耳记下 14 >

1 洗鲁雅的儿子约押,知道王心里想念押沙龙,
ئەمدى زەرۇئىيانىڭ ئوغلى يوئاب پادىشاھ قەلبىنىڭ ئابشالومغا تەلمۈرىۋاتقانلىقىنى بايقىدى.
2 就打发人往提哥亚去,从那里叫了一个聪明的妇人来,对她说:“请你假装居丧的,穿上孝衣,不要用膏抹身,要装作为死者许久悲哀的妇人;
شۇنىڭ ئۈچۈن يوئاب تەكوئاغا ئادەم ئەۋەتىپ ئۇ يەردىن دانىشمەن بىر خوتۇننى ئەكەلدۈرۈپ ئۇنىڭغا: سەندىن ئۆتۈنەي، ئۆزۈڭنى ماتەم تۇتقان كىشىدەك كۆرسىتىپ قارىلىق كىيىمى كىيىپ، ئۆزۈڭنى ئەتىرلىك ماي بىلەن ياغلىماي، بەلكى ئۆزۈڭنى ئۆلگۈچى ئۈچۈن ئۇزۇن ۋاقىت ھازىدار بولغان ئايالدەك قىلىپ
3 进去见王,对王如此如此说。”于是约押将当说的话教导了妇人。
[داۋۇت] پادىشاھنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېگىن، ــ دېدى. شۇنداق قىلىپ، يوئاب دېمەكچى بولغانلىرىنى ئۇ ئايالغا ئۆگەتتى.
4 提哥亚妇人到王面前,伏地叩拜,说:“王啊,求你拯救!”
شۇنىڭ بىلەن تەكوئالىق بۇ ئايال پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ، تەزىم قىلىپ، باش ئۇرۇپ: ئى پادىشاھىم، مېنى قۇتقۇزىۋالغايلا، ــ دېدى.
5 王问她说:“你有什么事呢?”回答说:“婢女实在是寡妇,我丈夫死了。
پادىشاھ ئۇنىڭدىن: نېمە دەردىڭ بار؟ دەپ سورىدى. ئۇ جاۋاپ بېرىپ: مەن دەرۋەقە بىر تۇل خوتۇنمەن! ئېرىم ئۆلۈپ كەتتى؛
6 我有两个儿子,一日在田间争斗,没有人解劝,这个就打死那个。
دېدەكلىرىنىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىدى. ئىككىسى ئېتىزلىقتا ئۇرۇشۇپ قېلىپ، ئارىغا چۈشىدىغان ئادەم بولمىغاچقا، بىرى يەنە بىرىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويدى.
7 现在全家的人都起来攻击婢女,说:‘你将那打死兄弟的交出来,我们好治死他,偿他打死兄弟的命,灭绝那承受家业的。’这样,他们要将我剩下的炭火灭尽,不与我丈夫留名留后在世上。”
مانا، ھازىر پۈتۈن ئۆيدىكىلەر دېدەكلىرىگە قارشى قوپۇپ، ئىنىسىنى ئۆلتۈرگىنىنى بىزگە تۇتۇپ بەرگىن؛ ئىنىسىنىڭ جېنىنى ئېلىپ، قەتل قىلغىنى ئۈچۈن بىز جانغا جان ئالىمىز. شۇنىڭ بىلەنمۇ مىراس ئالغۇچىنى يوقىتىمىز، دەۋاتىدۇ. ئۇلار شۇنداق قىلىپ يالغۇز قالغان چوغۇمنى ئۆچۈرۈپ، ئېرىمگە نە نام نە يەر يۈزىدە ئەۋلادمۇ قالدۇرغىلى قويمايدۇ، ــ دېدى.
8 王对妇人说:“你回家去吧!我必为你下令。”
پادىشاھ ئايالغا: ئۆيۈڭگە بارغىن، مەن ئەھۋالغا قاراپ سەن توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقىرىمەن، ــ دېدى.
9 提哥亚妇人又对王说:“我主我王,愿这罪归我和我父家,与王和王的位无干。”
تەكوئالىق ئايال پادىشاھقا: ئى، غوجام پادىشاھ، بۇ ئىشتا گۇناھ بولسا، ھەممىسى مېنىڭ بىلەن ئاتامنىڭ جەمەتى ئۈستىدە بولسۇن، پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ تەختى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولسۇن، ــ دېدى.
10 王说:“凡难为你的,你就带他到我这里来,他必不再搅扰你。”
پادىشاھ: بىرەر كىم ساڭا [بۇ توغرۇلۇق] گەپ قىلسا، ئۇنى مېنىڭ قېشىمغا ئېلىپ كەلگىن، ئۇ سېنى يەنە ئاۋارە قىلمايدىغان بولىدۇ، ــ دېدى.
11 妇人说:“愿王记念耶和华—你的 神,不许报血仇的人施行灭绝,恐怕他们灭绝我的儿子。”王说:“我指着永生的耶和华起誓:你的儿子连一根头发也不致落在地上。”
ئايال جاۋاب بېرىپ: ئۇنداقتا پادىشاھ پەرۋەردىگار خۇدالىرىنى ياد قىلغايلا، قانغا قان ئىنتىقام ئالغۇچىلارنىڭ ئوغلۇمنى يوقاتماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ھالاك قىلىشىغا يول قويمىغايلا، ــ دېدى. پادىشاھ: پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سېنىڭ ئوغلۇڭنىڭ بىر تال چېچى يەرگە چۈشمەيدۇ، ــ دېدى.
12 妇人说:“求我主我王容婢女再说一句话。”王说:“你说吧!”
لېكىن ئايال: دېدەكلىرى غوجام پادىشاھقا يەنە بىر سۆزنى دېگىلى قويغايلا، دېۋىدى، ئۇ: ئېيتقىن ــ دېدى.
13 妇人说:“王为何也起意要害 神的民呢?王不使那逃亡的人回来,王的这话就是自证己错了!
ئايال يەنە مۇنداق دېدى: ئەمدى سىلى نېمىشقا خۇدانىڭ خەلقىگە شۇنىڭغا ئوخشاش زىيانلىق بىر ئىشنى نىيەت قىلدىلا؟ پادىشاھ شۇ گېپى بىلەن ئۆزىنى گۇناھكار قىلىپ بېكىتىۋاتىدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆزى پالىغان كىشىنى قايتۇرۇپ ئەكەلمىدى.
14 我们都是必死的,如同水泼在地上,不能收回。 神并不夺取人的性命,乃设法使逃亡的人不致成为赶出、回不来的。
دەرۋەقە ھەممىمىز چوقۇم ئۆلۈپ، يەرگە تۆكۈلگەن، قايتىدىن يىغىۋالغىلى بولمايدىغان سۇدەك بولىمىز. لېكىن خۇدا ئادەمنىڭ جېنىنى ئېلىشقا ئەمەس، بەلكى ئۆز پالانغىنىنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ ئەكىلىشكە ئىلاج قىلىدۇ.
15 我来将这话告诉我主我王,是因百姓使我惧怕。婢女想,不如将这话告诉王,或者王成就婢女所求的。
ئەمەلىيەتتە، مېنىڭ غوجام پادىشاھقا شۇ ئىش توغرىسىدىن سۆز قىلغىلى كېلىشىمنىڭ سەۋەبى، خەلق مېنى قورقاتتى. لېكىن دېدەكلىرى: بۇ گەپنى پادىشاھقا ئېيتاي! پادىشاھ بەلكىم ئۆز چۆرىسىنىڭ ئىلتىماسىنى بەجا كەلتۈرەر، دېگەن ئويدا بولدى.
16 人要将我和我儿子从 神的地业上一同除灭,王必应允救我脱离他的手。
چۈنكى پادىشاھ ئاڭلىشى مۇمكىن، چۆرىسىنى ھەم ئوغلۇمنى خۇدانىڭ مىراسىدىن تەڭ يوقاتماقچى بولغان كىشىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ قالار.
17 婢女又想,我主我王的话必安慰我;因为我主我王能辨别是非,如同 神的使者一样。惟愿耶和华—你的 神与你同在!”
شۇڭا دېدەكلىرى، غوجام پادىشاھنىڭ سۆزى ماڭا ئاراملىق بېرەر، دەپ ئويلىدىم. چۈنكى غوجام پادىشاھ خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسىدەك ياخشى-ياماننى پەرق ئەتكۈچىدۇر. پەرۋەردىگار خۇدالىرى سىلى بىلەن بىللە بولغاي!
18 王对妇人说:“我要问你一句话,你一点不要瞒我。”妇人说:“愿我主我王说。”
پادىشاھ ئايالغا جاۋاب بېرىپ: سەندىن ئۆتۈنىمەنكى، مەن سەندىن سورىماقچى بولغان ئىشنى مەندىن يوشۇرمىغايسەن، دېدى. ئايال: غوجام پادىشاھ سۆز قىلسىلا، دېدى.
19 王说:“你这些话莫非是约押的主意吗?”妇人说:“我敢在我主我王面前起誓:王的话正对,不偏左右,是王的仆人约押吩咐我的,这些话是他教导我的。
پادىشاھ: بۇ گەپلىرىڭنىڭ ھەممىسى يوئابنىڭ كۆرسەتمىسىمۇ، قانداق؟ ــ دېدى. ئايال جاۋاب بېرىپ: ئى، غوجام پادىشاھ، سىلىنىڭ جانلىرى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، غوجام پادىشاھ ئېيتقانلىرى ئوڭغىمۇ، سولغىمۇ قايمايدىغان ھەقىقەتتۇر. دەرۋەقە سىلىنىڭ قۇللىرى يوئاب ماڭا شۇنى تاپىلاپ، بۇ سۆزلەرنى دېدەكلىرىنىڭ ئاغزىغا سالدى.
20 王的仆人约押如此行,为要挽回这事。我主的智慧却如 神使者的智慧,能知世上一切事。”
يوئابنىڭ بۇنداق قىلىشى بۇ ئىشنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىدى. غوجامنىڭ دانالىقى خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسىنىڭكىدەك ئىكەن، زېمىندا يۈز بېرىۋاتقان ھەممە ئىشلارنى بىلىدىكەن، ــ دېدى.
21 王对约押说:“我应允你这事。你可以去,把那少年人押沙龙带回来。”
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ يوئابقا: ماقۇل! مانا، بۇ ئىشقا ئىجازەت بەردىم. بېرىپ ئۇ يىگىت ئابشالومنى ئېلىپ كەلگىن، دېدى.
22 约押就面伏于地叩拜,祝谢于王,又说:“王既应允仆人所求的,仆人今日知道在我主我王眼前蒙恩了。”
يوئاب يەرگە يىقىلىپ باش ئۇرۇپ، پادىشاھقا بەخت-بەرىكەت تىلىدى. ئاندىن يوئاب: ئى غوجام پادىشاھ، ئۆز قۇلۇڭنىڭ تەلىپىگە ئىجازەت بەرگىنىڭدىن، ئۆز قۇلۇڭنىڭ سېنىڭ ئالدىڭدا ئىلتىپات تاپقىنىنى بۈگۈن بىلدىم، ــ دېدى.
23 于是约押起身往基述去,将押沙龙带回耶路撒冷。
ئاندىن يوئاب قوزغىلىپ، گەشۇرغا بېرىپ ئابشالومنى يېرۇسالېمغا ئېلىپ كەلدى.
24 王说:“使他回自己家里去,不要见我的面。”押沙龙就回自己家里去,没有见王的面。
ئەمما پادىشاھ: ــ ئۇ مېنىڭ يۈزۈمنى كۆرمەي، ئۆز ئۆيىگە بارسۇن، دېگەنىدى. شۇڭا ئابشالوم پادىشاھنىڭ يۈزىنى كۆرمەي، ئۆز ئۆيىگە كەتتى.
25 以色列全地之中,无人像押沙龙那样俊美,得人的称赞,从脚底到头顶毫无瑕疵。
ئەمدى پۈتكۈل ئىسرائىل تەۋەسىدە ئابشالومدەك چىرايلىق دەپ ماختالغان ئادەم يوق ئىدى. تاپىنىدىن تارتىپ چوققۇسىغىچە ئۇنىڭدا ھېچ ئەيىب يوق ئىدى.
26 他的头发甚重,每到年底剪发一次;所剪下来的,按王的平称一称,重二百舍客勒。
ئۇنىڭ چېچىنى چۈشۈرگەندە (ئۇ ھەر يىلنىڭ ئاخىرىدا چېچىنى چۈشۈرەتتى؛ چېچى ئېغىرلىشىپ كەتكەچكە، شۇڭا ئۇنى چۈشۈرەتتى)، چېچىنى پادىشاھنىڭ «ئۆلچەم تارازا»سى بىلەن تارتسا ئىككى يۈز شەكەل چىقاتتى.
27 押沙龙生了三个儿子,一个女儿。女儿名叫她玛,是个容貌俊美的女子。
ئابشالومدىن ئۈچ ئوغۇل ۋە تامار ئىسىملىك بىر قىز تۇغۇلدى. قىزى تولىمۇ چىرايلىق ئىدى.
28 押沙龙住在耶路撒冷足有二年,没有见王的面。
ئابشالوم پادىشاھنىڭ يۈزىنى كۆرمەي، يېرۇسالېمدا توپتوغرا ئىككى يىل توشقۇچە تۇردى؛
29 押沙龙打发人去叫约押来,要托他去见王,约押却不肯来。第二次打发人去叫他,他仍不肯来。
ئابشالۇم يوئابقا ئادەم ماڭدۇرۇپ، ئۆزىنى پادىشاھنىڭ قېشىغا ئەۋەتىشىنى ئۆتۈندى، ئەمما ئۇ كەلگىلى ئۇنىمىدى. ئابشالوم ئىككىنچى قېتىم ئۇنىڭ يېنىغا ئادەم ئەۋەتتى، لېكىن يوئاب كېلىشنى خالىمىدى.
30 所以押沙龙对仆人说:“你们看,约押有一块田,与我的田相近,其中有大麦,你们去放火烧了。”押沙龙的仆人就去放火烧了那田。
شۇنىڭ بىلەن ئابشالوم ئۆز خىزمەتكارلىرىغا: ــ يوئابنىڭ مېنىڭكىگە يانداش ئارپا تېرىقلىق بىر پارچە ئېتىزلىقى بار. بېرىپ ئۇنىڭغا ئوت قويۇڭلار، دەپ بۇيرۇدى. شۇنداق قىلىپ، ئابشالومنىڭ خىزمەتكارلىرى يوئابنىڭ بۇ بىر پارچە ئېتىزلىقىغا ئوت قويدى.
31 于是约押起来,到了押沙龙家里,问他说:“你的仆人为何放火烧了我的田呢?”
ئاندىن يوئاب قوزغىلىپ ئابشالومنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئۇنىڭدىن: نېمىشقا خىزمەتكارلىرىڭ ئېتىزلىقىمغا ئوت قويدى! ــ دەپ سورىدى.
32 押沙龙回答约押说:“我打发人去请你来,好托你去见王,替我说:‘我为何从基述回来呢?不如仍在那里。’现在要许我见王的面;我若有罪,任凭王杀我就是了。”
ئابشالوم يوئابقا جاۋاب بېرىپ: مانا، مەن ساڭا ئادەم ئەۋەتىپ: قېشىمغا كەلسۇن، ئاندىن پادىشاھنىڭ قېشىغا ماڭا ۋاكالىتەن بارغۇزۇپ ئۇنىڭغا: مەن نېمىشقا گەشۇردىن يېنىپ كەلگەندىمەن؟ ئۇ يەردە قالسام، ياخشى بولاتتىكەن، دەپ ئېيتقۇزماقچى ئىدىم. ئەمدى پادىشاھ بىلەن دىدارلاشسام دەيمەن؛ مەندە قەبىھلىك بولسا، ئۇ مېنى ئۆلتۈرسۇن، ــ دېدى.
33 于是约押去见王,将这话奏告王,王便叫押沙龙来。押沙龙来见王,在王面前俯伏于地,王就与押沙龙亲嘴。
شۇنىڭ بىلەن يوئاب پادىشاھنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا بۇ خەۋەرنى يەتكۈزدى. پادىشاھ ئابشالومنى چاقىردى؛ ئۇ پادىشاھنىڭ قېشىغا كېلىپ، پادىشاھنىڭ ئالدىدا تەزىم قىلىپ باش ئۇردى؛ پادىشاھ ئابشالومنى سۆيدى.

< 撒母耳记下 14 >