< 列王纪下 24 >

1 约雅敬年间,巴比伦王尼布甲尼撒上到 犹大;约雅敬服事他三年,然后背叛他。
ئۇنىڭ كۈنلىرىدە بابىلنىڭ پادىشاھى نېبوقادنەسار [يەھۇداغا] ھۇجۇم قىلىشقا چىقتى؛ يەھوئاكىم ئۇنىڭغا ئۈچ يىلغىچە بېقىندى بولدى، ئاندىن ئۇنىڭدىن تېنىپ ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى چىقتى.
2 耶和华使迦勒底军、亚兰军、摩押军,和亚扪人的军来攻击约雅敬,毁灭犹大,正如耶和华借他仆人众先知所说的。
شۇ ۋاقىتلاردا پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىشقا كالدىيلەر بۇلاڭچىلار شايكىسى، سۇرىيلەر بۇلاڭچىلار شايكىسى، موئابىيلار بۇلاڭچىلار شايكىسى، ۋە ئاممونىيلار بۇلاڭچىلار شايكىلىرىنى قوزغىدى؛ ئۇ ئۇلارنى يەھۇدانى ھالاك قىلىش ئۈچۈن قوزغىدى. بۇ ئىشلار پەرۋەردىگار ئۆز قۇللىرى بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئاگاھ قىلغان سۆز-كالامىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئىدى.
3 这祸临到犹大人,诚然是耶和华所命的,要将他们从自己面前赶出,是因玛拿西所犯的一切罪;
دەرۋەقە پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىدەك، ماناسسەھنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن يەھۇدانى ئۆز كۆزلىرىدىن نېرى قىلىش ئۈچۈن، بۇ ئىشلار ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشتى.
4 又因他流无辜人的血,充满了耶路撒冷;耶和华决不肯赦免。
چۈنكى [ماناسسەھنىڭ] ناھەق قان تۆكۈپ، يېرۇسالېمنى ناھەق قانلار بىلەن تولدۇرغىنى تۈپەيلىدىن، پەرۋەردىگار [يەھۇدالارنى] ئەپۇ قىلىشقا كۆڭلى ئۇنىمايتتى.
5 约雅敬其余的事,凡他所行的都写在犹大列王记上。
يەھوئاكىمنىڭ باشقا ئىشلىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟
6 约雅敬与他列祖同睡。他儿子约雅斤接续他作王。
يەھوئاكىم ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخىلدى؛ ئوغلى يەھوئاكىن ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى.
7 埃及王不再从他国中出来;因为巴比伦王将埃及王所管之地,从埃及小河直到幼发拉底河都夺去了。
مىسىرنىڭ پادىشاھى بولسا ئۆز يۇرتىدىن ئىككىنچى چىقمىدى. چۈنكى بابىلنىڭ پادىشاھى «مىسىر ئېقىنى»دىن تارتىپ ئەفرات دەرياسىغىچە بولغان مىسىر پادىشاھىغا تەۋە زېمىننى تارتىۋالغانىدى.
8 约雅斤登基的时候年十八岁,在耶路撒冷作王三个月。他母亲名叫尼护施她,是耶路撒冷人以利拿单的女儿。
يەھوئاكىن پادىشاھ بولغاندا ئون سەككىز ياشتا بولۇپ، ئۈچ ئاي يېرۇسالېمدا سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى نەھۇشتا ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېملىق ئەلناتاننىڭ قىزى ئىدى.
9 约雅斤行耶和华眼中看为恶的事,效法他父亲一切所行的。
يەھوئاكىن ئاتىسىنىڭ بارلىق قىلغانلىرىدەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى.
10 那时,巴比伦王尼布甲尼撒的军兵上到耶路撒冷,围困城。
بابىلنىڭ پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ سەردارلىرى يېرۇسالېمغا جەڭ قىلغىلى چىقىپ، شەھەرنى قامال قىلدى.
11 当他军兵围困城的时候,巴比伦王尼布甲尼撒就亲自来了。
ئۇنىڭ سەردارلىرى شەھەرنى قامال قىلىپ تۇرغاندا نېبوقادنەسار ئۆزىمۇ شەھەرنىڭ سىرتىغا چىقتى.
12 犹大王约雅斤和他母亲、臣仆、首领、太监一同出城,投降巴比伦王;巴比伦王便拿住他。那时是巴比伦王第八年。
ئاندىن يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھوئاكىن بىلەن ئانىسى، بارلىق خىزمەتكارلىرى، ئەمەلدارلىرى ۋە ئاغۋاتلىرى بابىل پادىشاھىنىڭ ئالدىغا چىقىپ ئۇنىڭغا تەن بەردى. شۇنداق قىلىپ بابىلنىڭ پادىشاھى ئۆز سەلتەنىتىنىڭ سەككىزىنچى يىلىدا ئۇنى ئەسىر قىلىپ تۇتتى.
13 巴比伦王将耶和华殿和王宫里的宝物都拿去了,将以色列王所罗门所造耶和华殿里的金器都毁坏了,正如耶和华所说的;
نېبوقادنەسار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى بارلىق خەزىنىلەر بىلەن پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىكى خەزىنىلەرنى ئېلىپ كەتتى؛ پەرۋەردىگار ئاگاھ بەرگىنىدەك، ئۇ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن ياساتقان ھەممە ئالتۇن قاچا-ئەسۋابلارنى كېسىپ سۆكتى.
14 又将耶路撒冷的众民和众首领,并所有大能的勇士,共一万人,连一切木匠、铁匠都掳了去;除了国中极贫穷的人以外,没有剩下的;
يېرۇسالېمنىڭ بارلىق ئاھالىسىنى، جۈملىدىن ھەممە ئەمەلدارلار، ھەممە باتۇر پالۋانلار، جەمئىي بولۇپ ئون مىڭ ئەسىرنى ۋە بارلىق ھۈنەرۋەنلەر ۋە تۆمۈرچىلەرنىمۇ ئېلىپ كەتتى؛ يۇرتتىكى خەلقتىن ئەڭ نامراتلاردىن باشقا ھېچكىم قالمىدى.
15 并将约雅斤和王母、后妃、太监,与国中的大官,都从耶路撒冷掳到巴比伦去了;
ئۇ يەھوئاكىننى بابىلغا ئېلىپ كەتتى ۋە شۇنىڭدەك پادىشاھنىڭ ئانىسىنى، پادىشاھنىڭ ئاياللىرىنى، ئۇنىڭ ئاغۋاتلىرى ۋە يۇرتتىكى مۆتىۋەرلەرنى ئەسىر قىلىپ يېرۇسالېمدىن بابىلغا ئېلىپ باردى.
16 又将一切勇士七千人和木匠、铁匠一千人,都是能上阵的勇士,全掳到巴比伦去了。
ئۇ باتۇر-پالۋانلارنىڭ ھەممىسىنى (يەتتە مىڭ ئىدى)، ھۈنەرۋەن ۋە تۆمۈرچىلەرنى (جەمئىي بىر مىڭ ئىدى) ــ بۇلارنىڭ ھەممىسى جەڭگىۋار ئادەملەر بولۇپ، بابىلنىڭ پادىشاھى ئۇلارنى ئەسىر قىلىپ، بابىلغا ئېلىپ كەتتى.
17 巴比伦王立 约雅斤的叔叔玛探雅代替他作王,给玛探雅改名叫西底家。
ئاندىن بابىلنىڭ پادىشاھى يەھوئاكىننىڭ تاغىسى ماتتانىيانى ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ قىلىپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى زەدەكىياغا ئۆزگەرتتى.
18 西底家登基的时候年二十一岁,在耶路撒冷作王十一年。他母亲名叫哈慕她,是立拿人耶利米的女儿。
زەدەكىيا پادىشاھ بولغاندا يىگىرمە بىر ياشتا بولۇپ، ئون بىر يىل يېرۇسالېمدا سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى لىبناھلىق يەرەمىيانىڭ قىزى بولۇپ، ئىسمى ھامۇتال ئىدى.
19 西底家行耶和华眼中看为恶的事,是照约雅敬一切所行的。
زەدەكىيا يەھوئاكىمنىڭ بارلىق قىلغىنىدەك، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلاتتى.
20 因此耶和华的怒气在耶路撒冷和犹大发作,以致将人民从自己面前赶出。
پەرۋەردىگارنىڭ يېرۇسالېمغا ھەم يەھۇداغا قاراتقان غەزىپى تۈپەيلىدىن، پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئۆز ھۇزۇرىدىن ھەيدىۋەتكۈچە بولغان ئارىلىقتا، تۆۋەندىكى ئىشلار يۈز بەردى: ــ ئاۋۋال، زەدەكىيا بابىل پادىشاھىغا ئىسيان كۆتۈردى.

< 列王纪下 24 >