< 历代志下 34 >

1 约西亚登基的时候年八岁,在耶路撒冷作王三十一年。
يوسىيا پادىشاھ بولغاندا سەككىز ياشتا بولۇپ، يېرۇسالېمدا ئوتتۇز بىر يىل سەلتەنەت قىلدى.
2 他行耶和华眼中看为正的事,效法他祖大卫所行的,不偏左右。
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلىپ، ھەر ئىشتا ئاتىسى داۋۇتنىڭ يوللىرىدا يۈرۈپ، نە ئوڭغا نە سولغا چەتنەپ كەتمىدى.
3 他作王第八年,尚且年幼,就寻求他祖大卫的 神。到了十二年才洁净犹大和耶路撒冷,除掉邱坛、木偶、雕刻的像,和铸造的像。
ئۇنىڭ سەلتەنىتىنىڭ سەككىزىنچى يىلى، ئۇ تېخى گۈدەك چېغىدىلا، ئاتىسى داۋۇتنىڭ خۇداسىنى ئىزلەشكە باشلىدى؛ سەلتەنىتىنىڭ ئون ئىككىنچى يىلىغا كەلگەندە يەھۇدا بىلەن يېرۇسالېمدىكى «يۇقىرى جايلار»، ئاشەراھ مەبۇدلىرى، ئويما بۇتلار ۋە قۇيما بۇتلارنى يوقىتىپ، زېمىننى پاكىزلاشقا كىرىشتى.
4 众人在他面前拆毁巴力的坛,砍断坛上高高的日像,又把木偶和雕刻的像,并铸造的像打碎成灰,撒在祭偶像人的坟上,
خەلق ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىلا «بائاللار»نىڭ قۇربانگاھلىرىنى چېقىپ تاشلىدى؛ ئۇ قۇربانگاھلارنىڭ ئۈستىگە ئېگىز قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان «كۈن تۈۋرۈكلىرى»نى كېسىپ تاشلىدى؛ ئۇ يەنە ئاشەراھ مەبۇدلىرى، ئويما-قۇيما بۇتلارنى چېقىپ، ئۇنىڭ توپىسىنى بۇ مەبۇدلارغا قۇربانلىق سۇنغانلارنىڭ قەبرىلىرىگە چېچىۋەتتى.
5 将他们祭司的骸骨烧在坛上,洁净了犹大和耶路撒冷;
[بۇت] كاھىنلىرىنىڭ ئۇستىخانلىرىنى قۇربانگاھلىرىنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرۈۋەتتى؛ شۇنداق قىلىپ، ئۇ يەھۇدا بىلەن يېرۇسالېمنى پاكىزلىدى.
6 又在玛拿西、以法莲、西缅、拿弗他利各城,和四围破坏之处,都这样行;
ئۇ ماناسسەھ، ئەفرائىم، شىمېئون ھەتتا نافتالىغىچە ئۇلارنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە ۋە ئەتراپىدىكى خارابىلەردە شۇنداق قىلدى؛
7 又拆毁祭坛,把木偶和雕刻的像打碎成灰,砍断以色列遍地所有的日像,就回耶路撒冷去了。
ئۇ قۇربانگاھلارنى چېقىپ، ئاشەراھ مەبۇدلىرى ۋە ئويما بۇتلارنى كوكۇم-تالقان قىلىۋەتتى، پۈتۈن ئىسرائىلدىكى خۇشبۇيگاھلارنىڭ ھەممىسىنى كېسىپ تاشلاپ، يېرۇسالېمغا قايتتى.
8 约西亚王十八年,净地净殿之后,就差遣亚萨利雅的儿子沙番、邑宰玛西雅、约哈斯的儿子史官约亚去修理耶和华—他 神的殿。
ئۇنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون سەككىزىنچى يىلى يەھۇدا زېمىنىنى ۋە مۇقەددەسخانىنى پاكىزلاپ بولغاندىن كېيىن، ئازالىيانىڭ ئوغلى شافان، شەھەر باشلىقى مائاسېياھ ۋە يوئاھازنىڭ ئوغلى تەزكىرىچى يوئاھنى خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ئوڭلاشقا ئەۋەتتى.
9 他们就去见大祭司希勒家,将奉到 神殿的银子交给他;这银子是看守殿门的利未人从玛拿西、以法莲,和一切以色列剩下的人,以及犹大、便雅悯众人,并耶路撒冷的居民收来的。
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار باش كاھىن ھىلقىيانىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە بېغىشلاپ ئەكەلگەن پۇلنى تاپشۇردى. بۇ پۇلنى ئەسلىدە دەرۋازىۋەن لاۋىيلار ماناسسەھ، ئەفرائىم ۋە ئىسرائىلنىڭ قالدىسىدىن، شۇنىڭدەك يەھۇدا ۋە بىنيامىن زېمىنىدىكىلەر ۋە يېرۇسالېمدىكىلەردىن يىغقانىدى.
10 又将这银子交给耶和华殿里督工的,转交修理耶和华殿的工匠,
ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ئوڭشايدىغان ئىشلارنى نازارەت قىلغۇچى ئىشچىلارغا تاپشۇرۇپ بەردى. بۇلار ھەم پۇلنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ئوڭشاش ۋە مۇستەھكەملەشكە ئىشلىگۈچىلەرگە بەردى؛
11 就是交给木匠、石匠,买凿成的石头和架木与栋梁,修犹大王所毁坏的殿。
ئۇلار بولسا پۇلنى يەھۇدا پادىشاھلىرى خارابىلەشتۈرگەن ئۆي-ئىمارەتلەرگە لازىملىق كېسىپ-ئويۇلغان تاشلارنى ۋە تۈۋرۈك-لىملارغا ياغاچ سېتىۋالىشقا ياغاچچىلار بىلەن تامچىلارغا تاپشۇرۇپ بەردى.
12 这些人办事诚实,督工的是利未人米拉利的子孙雅哈、俄巴底;督催的是哥辖的子孙撒迦利亚、米书兰;还有善于作乐的利未人。
بۇ ئادەملەر ساداقەتلىك بىلەن ئىشلىدى. ئۇلارنى باشقۇرىدىغان، نازارەتكە مەسئۇل لاۋىي مەرارىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن جاھات بىلەن ئوبادىيا، كوھاتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن زەكەرىيا بىلەن مەشۇللام بار ئىدى؛ بۇ لاۋىيلارنىڭ ھەممىسى ھەرخىل سازلارغىمۇ ماھىر ئىدى؛
13 他们又监管扛抬的人,督催一切做工的。利未人中也有作书记、作司事、作守门的。
ئۇلار يەنە ھامماللار ۋە ھەرخىل ئىشلار ئۈستىدىكى نازارەتچىلەرنى باشقۇراتتى؛ لاۋىيلاردىن پۈتۈكچىلەرمۇ، ئەمەلدارلارمۇ، دەرۋازىۋەنلەرمۇ بار ئىدى.
14 他们将奉到耶和华殿的银子运出来的时候,祭司希勒家偶然得了摩西所传耶和华的律法书。
ئۇلار پەرۋەردىگار ئۆيىگە بېغىشلاپ ئەكەلگەن پۇللارنى ئېلىپ چىقىدىغان چاغدا، ھىلقىيا كاھىن پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن بەرگەن تەۋرات قانۇنى كىتابىنى تېپىۋالدى.
15 希勒家对书记沙番说:“我在耶和华殿里得了律法书。”遂将书递给沙番。
ھىلقىيا كاتىپ شافانغا: ــ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە تەۋرات-قانۇنى كىتابىنى تېپىۋالدىم، دېدى. شۇنى ئېيتىپ، ھىلقىيا كىتابنى شافانغا بەردى.
16 沙番把书拿到王那里,回复王说:“凡交给仆人们办的都办理了。
شافان ئۇنى پادىشاھنىڭ يېنىغا ئاپاردى ۋە ئۇنىڭغا: «خىزمەتكارلىرى تاپشۇرۇلغان ئىشلارنى بولسا، ھەممىسىنى ئادا قىلىۋاتىدۇ.
17 耶和华殿里的银子倒出来,交给督工的和匠人的手里了。”
ئۇلار پەرۋەردىگار ئۆيىگە [بېغىشلانغان] پۇللارنى تۆكۈپ، ئۇنى نازارەتچىلەر ۋە ئىشچىلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى» دەپ مەلۇمات بەردى.
18 书记沙番又对王说:“祭司希勒家递给我一卷书。”沙番就在王面前读那书。
شافان كاتىپ يەنە پادىشاھقا: ــ ھىلقىيا كاھىن يەنە ماڭا بىر ئورام كىتاپ بەردى دەپ ئۇنى پادىشاھ ئالدىدا ئوقۇدى.
19 王听见律法上的话,就撕裂衣服,
ۋە شۇنداق بولدىكى، پادىشاھ تەۋرات قانۇنىدىكى سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئۆز كىيىملىرىنى يىرتتى.
20 吩咐希勒家与沙番的儿子亚希甘、米迦的儿子亚比顿、书记沙番,和王的臣仆亚撒雅说:
پادىشاھ ھىلقىيا بىلەن شافاننىڭ ئوغلى ئاھىكامغا، مىكاھنىڭ ئوغلى ئابدون بىلەن شافان كاتىپقا ۋە پادىشاھنىڭ خىزمەتكارى ئاساياغا بۇيرۇپ: ــ
21 “你们去为我、为以色列和犹大剩下的人,以这书上的话求问耶和华;因我们列祖没有遵守耶和华的言语,没有照这书上所记的去行,耶和华的烈怒就倒在我们身上。”
بېرىپ مەن ئۈچۈن ۋە ئىسرائىلدا ھەم يەھۇدادا قالدۇرۇلغان خەلق ئۈچۈن بۇ تېپىلغان كىتابنىڭ سۆزلىرى توغرىسىدا پەرۋەردىگاردىن يول سوراڭلار. چۈنكى ئاتا-بوۋىلىرىمىز بۇ كىتابتا بارلىق پۈتۈلگەنلەرگە ئەمەل قىلماي، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى تۇتمىغانلىقى تۈپەيلىدىن، پەرۋەردىگارنىڭ بىزگە تۆكۈلىدىغان غەزىپى ئىنتايىن دەھشەتلىك بولدى، دېدى.
22 于是,希勒家和王所派的众人都去见女先知户勒大。户勒大是掌管礼服沙龙的妻,沙龙是哈斯拉的孙子、特瓦的儿子。户勒大住在耶路撒冷第二区;他们请问于她。
شۇنىڭ بىلەن ھىلقىيا ۋە پادىشاھ تەيىنلىگەن كىشىلەر ئايال پەيغەمبەر ھۇلداھنىڭ قېشىغا باردى؛ ھۇلداھ خاسراھنىڭ نەۋرىسى، توكىھاتنىڭ ئوغلى كىيىم-كېچەك بېگى شاللۇمنىڭ ئايالى ئىدى؛ ئۇ ئۆزى يېرۇسالېم شەھىرىنىڭ ئىككىنچى مەھەللىسىدە ئولتۇراتتى. ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن بۇ ئىشلار توغرۇلۇق سۆزلەشتى.
23 她对他们说:“耶和华—以色列的 神如此说:‘你们可以回复那差遣你们来见我的人说,
ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سىلەرنى ئەۋەتكەن كىشىگە مۇنداق دەڭلار: ــ
24 耶和华如此说:我必照着在犹大王面前所读那书上的一切咒诅,降祸与这地和其上的居民;
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا مەن يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئالدىدا ئوقۇلغان بۇ كىتابتىكى بارلىق لەنەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، بۇ جايغا ۋە بۇ يەردە تۇرغۇچىلارغا بالايىئاپەت چۈشۈرىمەن.
25 因为他们离弃我,向别神烧香,用他们手所做的惹我发怒,所以我的忿怒如火倒在这地上,总不息灭。’
چۈنكى ئۇلار مېنى تاشلاپ، باشقا ئىلاھلارغا خۇشبۇي يېقىپ، قوللىرىنىڭ ھەممە ئىشلىرى بىلەن مېنىڭ ئاچچىقىمنى كەلتۈردى. ئۇنىڭ ئۈچۈن مېنىڭ قەھرىم بۇ يەرگە تۆكۈلىدۇ، ئۆچۈرۈلمەيدۇ.
26 然而差遣你们来求问耶和华的犹大王,你们要这样回复他说:‘耶和华—以色列的 神如此说:至于你所听见的话,
لېكىن سىلەرنى پەرۋەردىگاردىن يول سورىغىلى ئەۋەتكەن يەھۇدانىڭ پادىشاھىغا بولسا، مۇنداق دەڭلار: ــ سەن ئاڭلىغان سۆزلەر توغرىسىدا ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ
27 就是听见我指着这地和其上居民所说的话,你便心里敬服,在我面前自卑,撕裂衣服,向我哭泣,因此我应允了你。这是我—耶和华说的。
چۈنكى كۆڭلۈڭ يۇمشاق بولۇپ، خۇدانىڭ مۇشۇ جاي ۋە ئۇنىڭدا تۇرغۇچىلارنى ئەيىبلەپ ئېيتقان سۆزلىرىنى ئاڭلىغىنىڭدا، ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭنى تۆۋەن قىلدىڭ، شۇنىڭدەك ئۆزۈڭنى شۇنداق تۆۋەن قىلغىنىڭدا، كىيىملىرىڭنى يىرتىپ، مېنىڭ ئالدىمدا يىغلىغىنىڭ ئۈچۈن، مەنمۇ دۇئايىڭنى ئاڭلىدىم، دەيدۇ پەرۋەردىگار.
28 我必使你平平安安地归到坟墓,到你列祖那里,我要降与这地和其上居民的一切灾祸,你也不至亲眼看见。’”他们就回复王去了。
مانا، سېنى ئاتا-بوۋىلىرىڭ بىلەن يىغىلىشقا، ئۆز قەبرەڭگە ئامان-خاتىرجەملىك ئىچىدە بېرىشقا نېسىپ قىلىمەن؛ سېنىڭ كۆزلىرىڭ مەن بۇ جاي ئۈستىگە چۈشۈرىدىغان بارلىق كۈلپەتلەرنى كۆرمەيدۇ». ئۇلار يېنىپ بېرىپ، بۇ خەۋەرنى پادىشاھقا يەتكۈزدى.
29 王差遣人招聚犹大和耶路撒冷的众长老来。
پادىشاھ ئادەم ئەۋەتىپ، يەھۇدا بىلەن يېرۇسالېمنىڭ ھەممە ئاقساقاللىرىنى چاقىرتىپ كەلدى.
30 王和犹大众人,与耶路撒冷的居民,并祭司利未人,以及所有的百姓,无论大小,都一同上到耶和华的殿;王就把殿里所得的约书念给他们听。
پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە چىقتى؛ بارلىق يەھۇدادىكى ئەر كىشىلەر ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى، كاھىنلار بىلەن لاۋىيلار، شۇنداقلا بارلىق خەلق، ئەڭ كىچىكىدىن تارتىپ چوڭىغىچە ھەممىسى ئۇنىڭ بىلەن بىللە چىقتى. ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە تېپىلغان ئەھدە كىتابىنىڭ ھەممە سۆزلرىنى ئۇلارغا ئوقۇپ بەردى.
31 王站在他的地位上,在耶和华面前立约,要尽心尽性地顺从耶和华,遵守他的诫命、法度、律例,成就这书上所记的约言;
پادىشاھ ئۆز ئورنىدا تۇرۇپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا: ــ پەرۋەردىگارغا ئەگىشىپ پۈتۈن قەلبىم ۋە پۈتكۈل جېنىم بىلەن ئۇنىڭ ئەمرلىرىنى، ھۆكۈم-گۇۋاھلىقلىرى ۋە بەلگىلىمىلىرىنى تۇتۇپ، ئۇشبۇ كىتابتا پۈتۈلگەن ئەھدىگە ئەمەل قىلىمەن دەپ ئۆزىنى ئەھدىگە باغلىدى.
32 又使住耶路撒冷和便雅悯的人都服从这约。于是耶路撒冷的居民都遵行他们列祖之 神的约。
شۇنىڭ بىلەن خەلقنىڭ ھەممىسىمۇ ئەھدە ئالدىدا تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئۆزىنى باغلىدى. ئۇ يەنە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى ۋە بىنيامىندىكى خەلقنىمۇ بۇ ئەھدە ئالدىدا تۇرغۇزۇپ ئۇنىڭغا ئۆزىنى باغلاتتى. شۇنىڭ بىلەن يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلار خۇدانىڭ، يەنى ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدىسى بويىچە ئىش قىلىدىغان بولدى.
33 约西亚从以色列各处将一切可憎之物尽都除掉,使以色列境内的人都事奉耶和华—他们的 神。约西亚在世的日子,就跟从耶和华—他们列祖的 神,总不离开。
يوسىيا ئىسرائىللارغا قاراشلىق يۇرتلاردىن بارلىق يىرگىنچلىك نەرسىلەرنى چىقىرىپ تاشلاپ، ئىسرائىلدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ خىزمىتىگە كىرىدىغان قىلدى. [يوسىيانىڭ] بارلىق كۈنلىرىدە خەلق ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا ئەگىشىشتىن ھېچ يانمىدى.

< 历代志下 34 >