< 撒母耳记上 7 >

1 基列·耶琳人就下来,将耶和华的约柜接上去,放在山上亚比拿达的家中,分派他儿子以利亚撒看守耶和华的约柜。
شۇنىڭ بىلەن كىرىئات-يېئارىمدىكى ئادەملەر كېلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ چىقىپ، دۆڭنىڭ ئۈستىدىكى ئابىنادابنىڭ ئۆيىدە قويدى ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئەلىئازارنى ئەھدە ساندۇقىغا قاراشقا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بېكىتتى.
2 约柜在基列·耶琳许久。过了二十年,以色列全家都倾向耶和华。
ئەھدە ساندۇقى كىرىئات-يېئارىمدا قويۇلغاندىن تارتىپ ئۇزۇن ۋاقىت، يەنى يىگىرمە يىل ئۆتتى. ئىسرائىلنىڭ پۈتكۈل جەمەتى پەرۋەردىگارنى سېغىندى.
3 撒母耳对以色列全家说:“你们若一心归顺耶和华,就要把外邦的神和亚斯她录从你们中间除掉,专心归向耶和华,单单地事奉他。他必救你们脱离非利士人的手。”
ۋە سامۇئىل ئىسرائىلنىڭ پۈتكۈل جەمەتىگە: ــ ئەگەر پۈتۈن قەلبىڭلار بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا قايتىپ، ياتلارنىڭ ئىلاھلىرى بىلەن ئاشتاروتلارنى ئۆز ئاراڭلاردىن يوقىتىپ، كۆڭلۈڭلارنى پەرۋەردىگارغا باغلاپ، خاس ئۇنىڭ ئىبادىتىدىلا بولساڭلار ئۇ سىلەرنى فىلىستىيلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىدۇ، دېدى.
4 以色列人就除掉诸巴力和亚斯她录,单单地事奉耶和华。
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل بائاللار بىلەن ئاشتاروتلارنى تاشلاپ خاس پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادىتىدىلا بولدى.
5 撒母耳说:“要使以色列众人聚集在米斯巴,我好为你们祷告耶和华。”
ئاندىن سامۇئىل: ــ پۈتكۈل ئىسرائىلنى مىزپاھ شەھىرىگە جەم قىلساڭلار، مەن سىلەر ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا دۇئا قىلاي، دېدى.
6 他们就聚集在米斯巴,打水浇在耶和华面前,当日禁食,说:“我们得罪了耶和华。”于是撒母耳在米斯巴审判以色列人。
ئەمدى ئۇلار مىزپاھقا جەم بولۇپ، ئۇ يەردە سۇ تارتىپ ئۇنى پەرۋەردىگار ئالدىغا قۇيدى ۋە ئۇ كۈنى روزا تۇتۇپ: ــ بىز پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھ سادىر قىلدۇق، دېدى. شۇنىڭ بىلەن سامۇئىل مىزپاھتا ئىسرائىللارنىڭ ئەرز-دەۋالىرى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقاردى.
7 非利士人听见以色列人聚集在米斯巴,非利士的首领就上来要攻击以色列人。以色列人听见,就惧怕非利士人。
فىلىستىيلەر ئىسرائىللارنىڭ مىزپاھدا جەم بولغىنىنى ئاڭلىدى؛ فىلىستىيلەرنىڭ غوجىلىرى ئىسرائىل بىلەن جەڭ قىلغىلى چىقتى. ئىسرائىللار بۇنى ئاڭلاپ فىلىستىيلەردىن قورقتى.
8 以色列人对撒母耳说:“愿你不住地为我们呼求耶和华—我们的 神,救我们脱离非利士人的手。”
ئىسرائىللار سامۇئىلغا: ــ بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزنى فىلىستىيلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا نىدا قىلىشتىن توختىمىغىن، دېدى.
9 撒母耳就把一只吃奶的羊羔献与耶和华作全牲的燔祭,为以色列人呼求耶和华;耶和华就应允他。
سامۇئىل ئانىسىنى ئېمىۋاتقان بىر قوزىنى ئېلىپ تولۇق بىر كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىپ پەرۋەردىگارغا سۇندى؛ سامۇئىل ئىسرائىلنىڭ ھەققىدە پەرۋەردىگارغا پەرياد كۆتۈردى؛ پەرۋەردىگار دۇئاسىنى ئاڭلىدى.
10 撒母耳正献燔祭的时候,非利士人前来要与以色列人争战。当日,耶和华大发雷声,惊乱非利士人,他们就败在以色列人面前。
سامۇئىل كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىۋاتقاندا فىلىستىيلەر ئىسرائىل بىلەن سوقۇشقىلى يېقىنلاپ كەلدى. لېكىن پەرۋەردىگار شۇ كۈنى فىلىستىيلەرنىڭ ئۈستىگە قاتتىق گۈلدۈرماما گۈلدۈرلىتىپ ئۇلارنى ئالاقزادە قىلىۋەتتى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىسرائىل ئالدىدا تارمار بولدى.
11 以色列人从米斯巴出来,追赶非利士人,击杀他们,直到伯·甲的下边。
ئىسرائىللار مىزپاھتىن چىقىپ ئۇلارنى بەيت-كارنىڭ تۈۋىگىچە قوغلاپ قىردى.
12 撒母耳将一块石头立在米斯巴和善的中间,给石头起名叫以便以谢,说:“到如今耶和华都帮助我们。”
ئۇ ۋاقىتتا سامۇئىل بىر تاشنى ئېلىپ، ئۇنى مىزپاھ بىلەن شەننىڭ ئوتتۇرىسىدا تىكلەپ: ــ «پەرۋەردىگار بىزگە ھازىرغىچە ياردەم بېرىۋاتىدۇ» ــ دەپ ئۇنى ئەبەن-ئەزەر دەپ ئاتىدى.
13 从此,非利士人就被制伏,不敢再入以色列人的境内。撒母耳作士师的时候,耶和华的手攻击非利士人。
شۇنىڭ بىلەن فىلىستىيلەر بېسىقىپ ئىسرائىلنىڭ زېمىنىغا يەنە تاجاۋۇز قىلمىدى؛ سامۇئىل [ھاكىم] بولغان بارلىق كۈنلەردە پەرۋەردىگارنىڭ قولى فىلىستىيلەرنىڭ ئۈستىگە قارشى بولدى؛
14 非利士人所取以色列人的城邑,从以革伦直到迦特,都归以色列人了。属这些城的四境,以色列人也从非利士人手下收回。那时以色列人与亚摩利人和好。
شۇنداق قىلىپ ئەكروندىن تارتىپ گاتقىچە فىلىستىيلەر ئىسرائىلدىن ئېلىۋالغان شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى ئىسرائىلغا ياندۇرۇلدى؛ شەھەرلەرگە تەۋە زېمىنلارنىمۇ ئىسرائىل فىلىستىيلەرنىڭ قولىدىن ياندۇرۇپ ئالدى. بۇنىڭدىن باشقا ئىسرائىل بىلەن ئامورىيلار ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق بولدى.
15 撒母耳平生作以色列的士师。
سامۇئىل بولسا پۈتۈن ئۆمرىدە ئىسرائىلنى سورىدى.
16 他每年巡行到伯特利、吉甲、米斯巴,在这几处审判以色列人。
ھەر يىلى ئۇ بەيت-ئەل، گىلگال ۋە مىزپاھلارنى ئايلىنىپ، مۇشۇ يەرلەردە ئىسرائىل ئۈستىدىن ھۆكۈم يۈرگۈزەتتى.
17 随后回到拉玛,因为他的家在那里;也在那里审判以色列人,且为耶和华筑了一座坛。
ئاندىن ئۇ راماھقا يېنىپ باراتتى؛ چۈنكى ئۇنىڭ ئۆيى شۇ يەردە ئىدى ھەم ئۇ ئۇ يەردىمۇ ئىسرائىل ئۈستىدىن ھۆكۈم يۈرگۈزەتتى. ئۇ ئۇ يەردىمۇ پەرۋەردىگارغا بىر قۇربانگاھ ياسىغانىدى.

< 撒母耳记上 7 >