< 路加福音 16 >

1 耶稣向门徒讲了一个故事:“从前有个财主,有人指控他的管家浪费主人的财物。
ئۇ مۇخلىسلىرىغا يەنە مۇنداق دېدى: ــ بىر باينىڭ بىر غوجىدارى بار ئىكەن. بىرسى بايغا: «بۇ غوجىدارىڭىز مال-مۈلكىڭىزنى بۇزۇپ چاچتى» دەپ شىكايەت قىپتۇ.
2 主人把管家叫来,对他说:‘我听说了关于你的事情,怎么会这样?把你管的账目拿来,你不能再做管家了。’
ئۇ غوجىدارنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا: «مېنىڭ سېنىڭ توغراڭدا ئاڭلىغانلىرىم زادى قانداق گەپ؟ غوجىدارلىقىڭدىكى ھېساب-كىتابنى ئېنىق تاپشۇر؛ چۈنكى مۇندىن كېيىن سەن غوجىدار بولمايسەن» ــ دەپتۇ.
3 管家心想:‘主人不让我继续做管家,我又该做什么呢?去锄地没有力气!去讨饭又太羞耻了!
غوجىدار ئەمدى ئۆز ئىچىدە: «نېمە قىلاي؟ چۈنكى خوجايىنىم مېنى غوجىدارلىقتىن مەھرۇم قىلىدۇ. كەتمەن چاپاي دېسەم ئۇنچىلىك ماغدۇر يوق، تىلەمچىلىك قىلاي دېسەم نومۇس قىلىمەن.
4 对了,我知道该做什么了。这样做,如果我不再当管家,就会有人让我去他们家做工。’
ھە، تاپتىم! غوجىدارلىقتىن قالغىنىمدا كىشىلەرنىڭ مېنى ئۆيلىرىگە قارشى ئېلىشى ئۈچۈن، نېمە قىلىشىمنى ئەمدى بىلدىم» دەپ
5 于是他找来欠他主人债的人。他问第一个人:‘你欠我主人多少?’
ئۆز خوجايىنىغا قەرزدار بولغانلارنى بىردىن-بىردىن چاقىرىپ كېلىپ، بىرىنچىسىدىن: «خوجايىنىمغا قانچىلىك قەرزىڭىز بار؟» دەپ سوراپتۇ.
6 那人说:‘一百桶油。’管家说:‘那快坐下来,拿着你的欠条,把它改成五十桶。’
ۋە قەرزدار: «يۈز تۇڭ زەيتۇن مېيى» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. غوجىدار ئۇنىڭغا: «مانا، ھېسابات دەپتىرىڭىزنى ئېلىپ، بۇ يەردە ئولتۇرۇپ ئەللىك تۇڭغا ئۆزگەرتىۋېتىڭ!» دەپتۇ.
7 他又问另外一人:‘你欠多少?’那人说:‘一百包麦子。’管家说:‘给你欠条,改成八十包。’
ئاندىن ئۇ يەنە بىرىگە: «سىزچۇ، قانچىلىك قەرز بولدىڭىز؟» دەپ سوراپتۇ. ئۇ: «يۈز كۈرە بۇغداي» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. غوجىدار ئۇنىڭغا: «ھېسابات دەپتىرىڭىزنى ئېلىپ سەكسەن كۈرىگە ئۆزگەرتىۋېتىڭ!» دەپتۇ.
8 他的主人夸奖了这位不诚实的管家,称他做事机警,因为现世之子在对待彼此的时候,比光之子更狡诈。 (aiōn g165)
شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ خوجايىنى سەمىمىيەتسىز غوجىدارنىڭ بۇ ئىشتىكى پەملىكلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭغا قايىل بولۇپ ماختاپتۇ. چۈنكى بۇ دۇنيانىڭ پەرزەنتلىرى ئۆز دەۋرىدە نۇرنىڭ پەرزەنتلىرىدىن پەملىكتۇر. (aiōn g165)
9 我告诉你们,用现世的财富去结交你的朋友,这样当你失去钱财后,就可以进入永恒之家。 (aiōnios g166)
ۋە مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، «ناھەق دۇنياغا تەۋە مال-دۇنيا» ئارقىلىق ئۆزۈڭلارغا دوست تۇتۇڭلار؛ شۇنداق قىلساڭلار، مال-دۇنيا كارغا كەلمەيدىغان بولغان [كۈنىدە] شۇ دوستلار سىلەرنى ئەبەدىي ماكانلارغا قارشى ئالىدۇ. (aiōnios g166)
10 如果你在极小的事情上可以获得信任,大事也是如此。如果你在极小的事情上不诚实,大事也会不诚实。
كىمكى كىچىككىنە ئىشتا سادىق بولسا، چوڭ ئىشتىمۇ سادىق بولىدۇ؛ ۋە كىمكى كىچىككىنە ئىشتا سەمىمىيەتسىز بولسا، چوڭ ئىشتىمۇ سەمىمىيەتسىز بولىدۇ.
11 如果你在现世财富方面不值得信任,谁还会把真实的财富托付给你们?
شۇڭا ئەگەر «ناھەق دۇنياغا تەۋە بولغان مال-دۇنيا»دا سادىق بولمىساڭلار، كىم سىلەرگە ھەقىقىي بايلىقلارنى تاپشۇرسۇن؟
12 如果你们对别人的东西不忠心,谁还把自己的东西交给你们呢?
ۋە باشقىلارنىڭ نەرسىلىرىدە سادىق بولمىساڭلار كىم سىلەرگە ئۆزۈڭلارنىڭ نەرسىسىنى بەرسۇن؟
13 一个仆人不能服侍两个主人,他必会喜欢一人,讨厌另一人,或忠于一人而背离另一人。你们不能同时服侍上帝和金钱。”
ھېچكىم ئىككى خوجايىنغا تەڭ خىزمەت قىلالمايدۇ. چۈنكى ئۇ ياكى بۇنى يامان كۆرۈپ، ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ؛ ياكى بۇنىڭغا ئۆزىنى پۈتۈنلەي بېغىشلاپ، ئۇنىڭغا ئېتىبارسىز قارايدۇ. [شۇنىڭغا ئوخشاش]، سىلەرنىڭمۇ بىرلا ۋاقىتتا ھەم خۇدانىڭ، ھەم مال-دۇنيانىڭ قۇللۇقىدا بولۇشۇڭلار مۇمكىن ئەمەس.
14 视财如命的法利赛人听见这些话,便开始嘲笑耶稣。
ئەمدى پەرىسىيلەر (ئۇلار پۇلغا ئامراق ئىدى) بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلاپ ئەيسانى مەسخىرە قىلىشتى.
15 但耶稣对他们说:“你们在人前自称善人,上帝却知道你们在想什么。因为人所看中的,正是上帝所憎恶的。
ۋە ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ «سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئادەملەرنىڭ ئالدىدا ھەققانىي قىلىپ كۆرسەتكۈچىدۇرسىلەر؛ لېكىن خۇدا قەلبىڭلارنى بىلىدۇ. چۈنكى ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا قەدىرلىنىدىغىنى خۇدانىڭ نەزىرىدە يىرگىنچلىكتۇر.
16 律法和先知所写的,持续到约翰为止。此后所传递的就是上帝之国的福音,人人都努力想要挤进上帝之国。
تەۋرات قانۇنى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرى [چۆمۈلدۈرگۈچى] يەھياغىچە ھىدايەت بولۇپ كەلدى؛ شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ خۇش خەۋىرى جاكارلىنىپ كېلىۋاتىدۇ؛ [پادىشاھلىققا] كىرمەكچى بولغانلارنىڭ ھەربىرى ئۇنىڭغا بۆسۈپ كىرىۋېلىشى كېرەكتۇر.
17 但相比天地终会消散,律法文字中哪怕是最小的一个点,也更不容易消失。
لېكىن ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ يوق قىلىۋېتىلىشى تەۋراتنىڭ بىر چېكىتى بىكار قىلىنىشتىن ئاساندۇر.
18 如果你休妻另娶,就犯了奸淫之罪。如果你娶了被休之妻,同样也是犯了奸淫之罪。
ــ ھەر كىم ئۆز ئايالىنى تالاق قىلىپ باشقا بىرىنى ئالسا زىنا قىلغان بولىدۇ ۋە كىمكى ئۆز ئېرىدىن تالاق قىلىنغاننى ئالسا زىنا قىلغان بولىدۇ».
19 从前有一个财主很富有,总是身穿紫袍和精致的麻衣,过着奢华无度的日子。
ــ بۇرۇن بىر باي ئادەم بار ئىدى؛ ئۇ سۆسۈن رەڭلىك تون ۋە كاناپ كىيىملەرنى كىيىپ، ھەركۈنى ئەيش-ئىشرەت ئىچىدە تەنتەنە قىلاتتى.
20 有个满身长疮的乞丐名叫拉撒路,他经常坐在财主门口,
ۋە پۈتۈن ئەزايىنى چاقا-جاھارەت بېسىپ كەتكەن لازارۇس ئىسىملىك بىر يوقسۇل بار ئىدى؛ ئۇ باينىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا [ھەركۈنى] ياتقۇزۇپ قويۇلاتتى.
21 希望用财主饭桌上掉下的残渣充饥,甚至还有狗跑来舔他的疮。
ئۇنىڭ داستىخىنىدىن چۈشۈپ قالغان پارچى-پۇراتلاردىن قورسىقىنى تويغۇزغۇشقا تەشنا ئىدى. ھالبۇكى، ئىتلار كېلىپ ئۇنىڭ يارىلىرىنى يالايتتى.
22 后来乞丐死了,天使们将他送到亚伯拉罕那里。财主也死了,被埋在土里。
ئەمدى شۇنداق بولدىكى، يوقسۇل ئۆلدى ۋە پەرىشتىلەر ئۇنى ئىبراھىمنىڭ قۇچىقىغا ئاپاردى. باي ھەم ئۆلۈپ دەپنە قىلىندى؛
23 财主在阴间受尽折磨,于是向上望去,看到了亚伯拉罕和他身边的拉撒路。 (Hadēs g86)
ۋە تەھتىسارادا قاتتىق قىينىلىپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ، يىراقتىن ئىبراھىمنى ۋە ئۇنىڭ قۇچىقىدىكى لازارۇسنى كۆرۈپ: (Hadēs g86)
24 于是财主喊着说:‘我父亚伯拉罕啊,可怜可怜我吧!派拉撒路来用手指蘸点水,冰冰我的舌头!我在这火焰炙烤的太难熬了。’
«ئەي ئاتا ئىبراھىم، ماڭا رەھىم قىلغايسەن! لازارۇسنى ئەۋەتكەيسەن، ئۇ بارمىقىنىڭ ئۇچىنى سۇغا چىلاپ، تىلىمغا تېمىتىپ سوۋۇتقاي. چۈنكى مەن بۇ ئوت يالقۇنىدا قاتتىق ئازابلىنىۋاتىمەن!» دەپ ۋارقىراپ يالۋۇردى.
25 但亚伯拉罕回复道:‘我的孩子,想想你生前享过的福,那时拉撒路过着穷苦的生活。现在他在这里过得很舒适,你就要受苦。
لېكىن ئىبراھىم مۇنداق دېدى: «ئەي ئوغلۇم، ھايات ۋاقتىڭدا ھالاۋەتنى يەتكۈچە كۆرگىنىڭنى ۋە لازارۇسنىڭ دەرد-بالا تارتقىنىنى يادىڭغا كەلتۈرگىن. ھازىر ئۇ تەسەللى تاپتى، ئەمما سەن ئازاب تارتىۋاتىسەن.
26 不仅如此,我们和你们之间还隔着一道深渊,从我这边根本无法去你那边,你们那边也无法到我们这边。’
ۋە بۇلاردىن باشقا، بىز بىلەن سىلەرنىڭ ئارىلىقىمىزدا يوغان بىر ھاڭ بېكىتىلگەندۇركى، بۇ يەردىن سىلەر تەرەپكە ئۆتەيلى دېگەنلەر ئۆتەلەمەس ۋە ئاندىن بىز تەرەپكە ئۆتىمىز دېگەنلەر ئۆتەلمەس».
27 财主说:‘我父啊,那么求你派拉撒路到我父亲的家里去,
ئەمدى باي يەنە: «ئۇنداقتا، ئى ئاتا، سەندىن [لازارۇسنى] ئاتامنىڭ ئۆيىگە ئەۋەتىشىڭنى ئۆتۈنىمەن.
28 因为我有五个兄弟,他可以警告他们,免得他们最终也到这痛苦之地。’
چۈنكى مېنىڭ بەش ئاكا-ئۇكام بار؛ ئۇلارنىڭ بۇ ئازاب-ئوقۇبەتلىك يەرگە كەلمەسلىكى ئۈچۈن [لازارۇس] ئۇلارنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ قويسۇن» ــ دېدى.
29 亚伯拉罕说:‘摩西和先知都在他们那边,你的兄弟应该听他们的。’
بىراق ئىبراھىم جاۋاب بېرىپ ئۇنىڭغا: «ئۇلاردا مۇسا ۋە [باشقا] پەيغەمبەرلەرنىڭ [ئاگاھ-گۇۋاھلىقى] بار؛ ئۇلار شۇلارنى ئاڭلىسۇن» ــ دېدى.
30 财主说:‘不行啊,我父亚伯拉罕。如果出现在他们面前的人是死而复生,他们必定会悔改!’
لېكىن ئۇ: «ياق، ئى ئىبراھىم ئاتا، ئەگەر ئۆلگەنلەردىن بىرى تىرىلىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا بارسا، ئۇلار توۋا قىلىدۇ» ــ دېدى.
31 亚伯拉罕对他说:‘如果他们不听从摩西和先知的话,就算有人死而复生,他们也不会信服。’”
ئەمما ئىبراھىم ئۇنىڭغا: «ئەگەر ئۇلار مۇسا ۋە [باشقا] پەيغەمبەرلەرنىڭ [گۇۋاھلىقىنى] ئاڭلىمىسا، ھەتتا ئۆلگەنلەردىن بىرسى تىرىلسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ئىشىنىشنى رەت قىلىدۇ» ــ دېدى.

< 路加福音 16 >