< ᏉᎳ ᎠᏂᏈᎷ ᏧᏬᏪᎳᏁᎸᎯ 12 >

1 ᎾᏍᎩᏃ ᎢᏳᏂᏧᏈᏍᏗ ᎠᏂᎦᏔᎯ ᏥᏕᎨᎦᏚᏫᏍᏗ, ᎢᏴᏛ ᏂᏛᏁᏓ ᏄᏓᎴᏒ ᎦᎨᏛ ᎢᎬᏁᎯ, ᎠᎴ ᎠᏍᎦᏂ ᎠᎯᏛ ᎨᎦᏢᏔᏍᏗ ᏥᎩ, ᎠᎴ ᏗᏛᏂᏗᏳ ᎨᏎᏍᏗ ᎢᏓᏙᎩᏯᏍᎨᏍᏗ ᎠᏙᎩᏯᏍᏗ ᎢᎬᏱᏗᏢ ᏁᎬᏁᎸᎢ,
ئەمدى ئەتىراپىمىزدا گۇۋاھچىلار شۇنچە چوڭ بۇلۇتتەك بىزنى ئورۇۋالغاچقا، ھەرخىل ئېغىر يۈك ھەم بىزگە ئاسانلا چىرمىشىۋالىدىغان گۇناھنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئالدىمىزغا قويۇلغان يۈگۈرۈش يولىنى چىداملىق بىلەن بېسىپ يۈگۈرەيلى؛ بۇنىڭدا كۆزىمىزنى ئېتىقادىمىزنىڭ يول باشلىغۇچىسى ۋە تاكامۇللاشتۇرغۇچىسى بولغان ئەيساغا تىكەيلى. ئۇ ئۆزىنى كۈتكەن خۇشاللىق ئۈچۈن كرېستتىكى ئازابقا بەرداشلىق بەردى ھەم ئۇنىڭدا بولغان ھاقارەتكە پىسەنت قىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ خۇدانىڭ تەختىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرغۇزۇلدى.
2 ᏫᏕᏓᎦᏂᏍᎨᏍᏗ ᏥᏌ ᎾᏍᎩ ᎢᏳᏩᏂᏌᏛ, ᎠᎴ ᎠᏍᏆᏗᏍᎩ ᏥᎩ ᎢᎪᎯᏳᏒᎢ. ᎾᏍᎩ ᎤᎵᎮᎵᏍᏗ ᎨᏒ ᎢᎬᏱᏗᏢ ᎾᎬᏁᎸ ᎢᏳᏍᏗ ᎬᏂᏗᏳ ᏓᏓᎿᎭᏩᏍᏛ ᎤᎩᎵᏲᏤᎢ, ᎤᎵᏌᎵᏉ ᎤᏰᎸᏎ ᎤᏕᎰᎯᏍᏗ ᎨᏒᎢ, ᎠᎴ ᎠᎦᏘᏏᏗᏢ ᎤᏪᏅ ᎤᏁᎳᏅᎯ ᎤᏪᏍᎩᎸᎢ.
3 ᎡᏣᏓᏅᏛᎵᏉᏍᎩᏂ Ꮎ ᎾᏍᎩ ᎢᎦᎢ ᎦᎬᏩᏐᏢᏛ ᎠᏂᏍᎦᎾ ᎤᏁᎳᎩ ᏚᏪᎵᏎᎸᎢ, ᎾᏍᎩᏃ ᏞᏍᏗ ᏗᏥᏯᏪᏨᎩ ᎠᎴ ᏞᏍᏗ ᏧᏩᎾᎦᎶᏨᎩ ᏕᏣᏓᏅᏛᎢ.
كۆڭلۈڭلەرنىڭ ھېرىپ سوۋۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، گۇناھكارلارنىڭ شۇنچە قاتتىق خورلاشلىرىغا بەرداشلىق بەرگۈچىنى كۆڭۈل قويۇپ ئويلاڭلار.
4 ᎥᏝ ᎠᏏ ᎢᏥᎩᎬ ᎤᏨᎢᏍᏗᏱ ᎢᏴᏛ ᏱᏗᏣᏟᏴᎲ ᎠᏍᎦᏂ ᏕᏣᏟᏴᎡᎲᎢ.
گۇناھقا قارشى كۈرەشلەردە تېخى قان ئاققۇزۇش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتمىدىڭلار.
5 ᎠᎴ ᎢᏨᎨᏫᏒᎯ ᎢᎩ ᎡᏥᏬᏁᏗᏍᎬ ᏗᏂᏲᎵ ᏥᎨᏥᏬᏁᏗᏍᎪ ᎾᏍᎩᏯᎢ, ᎯᎠ ᏥᏂᎦᏪᎭ, ᎠᏇᏥ ᏞᏍᏗ ᏅᎵᏌᎵ ᏱᏣᏰᎸᏎᏍᏗ ᎤᎬᏫᏳᎯ ᏣᎩᎵᏲᎢᏍᏗᏍᎬᎢ, ᎠᎴ ᏞᏍᏗ ᏩᎾ ᎯᏳᏏᎦᎶᎨᏍᏗ ᏣᎬᏍᎪᎸᎢᏍᎨᏍᏗ,
خۇدانىڭ سىلەرگە ئۆز پەرزەنتلىرىم دەپ جېكىلەيدىغان [مۇقەددەس يازمىلاردىكى] مۇنۇ سۆزلىرىنى ئۇنتۇدۇڭلار: ــ «ئى ئوغلۇم، پەرۋەردىگارنىڭ تەربىيىسىگە سەل قارىما، ئەيىبلەنگىنىڭدە كۆڭلۈڭ سوۋۇپ كەتمىسۇن،
6 ᎾᏍᎩᏰᏃ Ꮎ ᎤᎬᏫᏳᎯ ᎤᎨᏳᎯ ᎠᎩᎵᏲᎢᏍᏗᏍᎪᎢ, ᎠᎴ ᏕᎦᎵᎥᏂᎰ ᎾᏂᎥ ᏧᏪᏥ ᎾᏍᎩ ᏧᏓᏂᎸᏨᎯ ᎨᏒᎢ.
چۈنكى پەرۋەردىگار سۆيگىنىگە تەربىيە بېرىدۇ، مېنىڭ ئوغلۇم دەپ قوبۇل قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى دەررىلەيدۇ».
7 ᎢᏳᏃ ᎡᏥᎩᎵᏲᎢᏍᏗᏍᎨᏍᏗ, ᎾᏍᎩᏯ ᏧᏪᏥ ᏂᏓᏛᏁᎲ ᏂᏣᏛᏁᎭ ᎤᏁᎳᏅᎯ; ᎦᎪᏰᏃ ᎡᎭ ᎠᏲᎵ ᎾᏍᎩ ᎤᏙᏓ ᏄᎩᎵᏲᎢᏍᏗᏍᎬᎾ?
ئازاب چەككىنىڭلارنى خۇدانىڭ تەربىيىسى دەپ بىلىپ، ئۇنىڭغا بەرداشلىق بېرىڭلار. چۈنكى سىلەرنىڭ تەربىيە ئېلىشىڭلارنىڭ ئۆزى خۇدانىڭ سىلەرنى ئوغلۇم دەپ مۇئامىلە قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. قايسى پەرزەنت ئاتىسى تەرىپىدىن تەربىيىلەنمەيدۇ؟
8 ᎢᏳᏍᎩᏂ ᎢᎸᎯᏳ ᏁᏥᎩᎵᏲᎢᏍᏗᏍᎬᎾ ᏱᎩ, ᎾᏍᎩ ᏂᎦᏗᏳ ᏗᏂᏲᎵ ᎾᏍᎩ ᎢᎨᎬᏁᏗ ᏥᎩ, ᎿᎭᏉ ᎢᏴᏛᏉ ᎢᏣᏕᏂᏙᎸᎯ, ᎥᏝᏃ ᎣᏍᏛ ᎢᏣᏕᏅᎯ ᏱᎩ.
ئەمدى [خۇدانىڭ] تەربىيىلىشىدە ھەربىر پەرزەنتىنىڭ ئۆز ئۈلۈشى بار؛ لېكىن بۇ ئىش سىلەردە كەم بولسا ھەقىقىي ئوغۇللىرىدىن ئەمەس، بەلكى ھارامدىن بولغان پەرزەنتى بولۇپ چىقىسىلەر.
9 ᎠᎴᏬ, ᎤᏇᏓᎵ ᎨᏒ ᏗᎩᏙᏓ ᏕᎨᎲᎩ, ᎾᏍᎩ ᏥᎨᎩᎩᎵᏲᎢᏍᏗᏍᎬᎩ; ᎠᎴ ᎨᏗᎸᏉᏗᏳ ᏥᎨᏒᎩ; ᏝᏍᎪ ᎤᏟ ᏱᏂᏙᎬᏩᏳᎪᏗ ᏤᏓᏓᏲᎯᏎᏗᏱ ᏗᎦᏓᏅᏙ ᏧᏬᏢᏅᎯ ᏥᎩ, ᎠᎴ ᎢᎦᏛᏂᏗᏍᏗᏱ?
ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىمىزنىڭ ئۆزىمىزگە تەربىيە بەرگەن ئەت جەھەتتىكى ئاتىلىرىمىز بار، بىز ئۇلارنىمۇ ھۆرمەتلەپ كەلدۇق. شۇنداق ئىكەن، روھلارنىڭ ئاتىسىغا تېخىمۇ ئىتائەت قىلمامدۇق؟ شۇنداقتا ھاياتىمىز ياشنىمامدۇ؟
10 ᎾᏍᎩᏰᏃ Ꮎ ᎤᏙᎯᏳᎯ ᏞᎦ ᎨᎩᎩᎵᏲᎢᏍᏗᏍᎬᎩ ᎤᏅᏒ ᎠᎾᏓᏅᏖᏍᎬ ᎾᎾᏛᏁᎲᎩ; [ ᎤᏁᎳᏅᎯᏍᎩᏂ ] ᎣᏍᏛ ᎢᎦᎵᏍᏓᏁᏗ ᎤᎬᏩᎸ, ᎾᏍᎩ ᎢᏣᏠᏯᏍᏗᏍᎩ ᎢᏳᎵᏍᏙᏗᏱ ᎤᏩᏒ ᎠᏍᎦᎾ ᏂᎨᏒᎾ ᎨᏒᎢ.
ئەت جەھەتتىكى ئاتىلىرىمىز بەرھەق پەقەت ئۆزى مۇۋاپىق كۆرگەن يول بويىچە ئازغىنە ۋاقىت بىزنى تەربىيىلىگەن. لېكىن ئۇ بولسا بىزگە پايدىلىق بولسۇن دەپ، پاك-مۇقەددەسلىكىدىن مۇيەسسەر بولۇشىمىز ئۈچۈن تەربىيىلەيدۇ.
11 ᎠᎴ ᏂᎦᎥᏉ ᎠᎩᎵᏲᎢᏍᏗ ᎨᏒ ᎪᎯ ᎨᏒ ᎥᏝ ᎣᏍᏛ ᎣᏓᏅᏓᏗᏍᏗᏍᎩ ᏱᎩ, ᎤᏲᏉᏍᎩᏂ; ᎣᏂᏍᎩᏂᏃᏅ ᎢᏴᏛ ᏅᏩᏙᎯᏯᏛ ᎠᏓᏅᏓᏗᏍᏗ ᎨᏒ ᎦᎾᏄᎪᏫᏍᎪ ᏚᏳᎪᏛ ᎨᏒ ᎤᎾᏄᎪᏫᏒᎯ, ᎾᏍᎩ ᎢᏳᎾᎵᏍᏓᏁᎸᎯ.
ئەمدى قاتتىق تەربىيە بېرىلگەن ۋاقتىدا ئادەمنى خۇش قىلمايدۇ، ئەكسىچە ئادەمنى قايغۇغا چۆمدۈرىدۇ؛ بىراق بۇنىڭ بىلەن تۈزەلگەنلەرگە ئۇ كېيىن ھەققانىيلىقتىن چىققان تىنچ-خاتىرجەملىكنىڭ مېۋىسىنى بېرىدۇ.
12 ᎾᏍᎩ ᎢᏳᏍᏗ ᏗᏥᏌᎳᏛᎦ ᏗᏦᏰᏂ ᎡᎳᏗ ᎢᏧᎵᏍᏔᏅᎯ ᏥᎩ, ᎠᎴ ᏗᏥᏂᎨᏂ ᏗᏩᎾᎦᎳᎢ;
شۇنىڭ ئۈچۈن، «تېلىپ ساڭگىلىغان قولۇڭلارنى، زەئىپلىشىپ كەتكەن تىزىڭلارنى رۇسلاڭلار»
13 ᎥᎾᏕᏍᎩ ᏂᏨᎦ ᏕᎦᏅᏅ ᎢᏥᎶᎯᏍᏗᏱ, ᎾᏍᎩᏃ ᎠᏲᎤᎵ ᎨᏒ ᏞᏍᏗ ᏳᏂᎪᎸᏍᏔᏁᏍᏗ; ᎧᏅᏬᏗᏉᏍᎩᏂ ᎨᏎᏍᏗ.
ۋە «ئاقساق»لارنىڭ پۈكۈلۈپ قالماي، بەلكى شىپا تېپىشى ئۈچۈن پۈتلىرىڭلارنى تۈز يوللاردا ماڭدۇرۇڭلار.
14 ᏅᏩᏙᎯᏯᏛ ᏕᏥᎧᎿᎭᏩᏗᏎᏍᏗ ᎾᏂᎥᏉ ᎪᎱᏍᏗ ᏕᏣᏓᏛᏗᏍᎬᎢ, ᎠᎴ ᎾᏍᎦᏅᎾ ᎨᏒᎢ, ᎧᏂᎩᏛ ᏱᎩ ᎾᏍᎩ, ᎥᏝ ᎩᎶ ᏰᎵ ᎤᎬᏫᏳᎯ ᎬᏩᎪᏩᏛᏗ ᏱᎩ;
بارلىق كىشىلەر بىلەن ئىناق ئۆتۈشكە ۋە پاك-مۇقەددەس ياشاشقا ئىنتىلىڭلار؛ مۇقەددەس بولمىغان كىشى ھەرگىز رەبنى كۆرەلمەيدۇ.
15 ᎢᏤᏯᏔᎯᏳ ᎨᏎᏍᏗ ᎾᏍᎩᏃ ᏞᏍᏗ ᎩᎶ ᎡᏍᎦ ᎤᏬᎭᏒᎩ ᎤᏁᎳᏅᎯ ᎬᏩᎦᏘᏯ ᎤᏓᏙᎵᏍᏗ ᎨᏒᎢ; ᏞᏍᏗ ᎤᏴᏍᏗ ᎤᎿᎭᏍᏕᏢ ᎦᎾᏄᎪᎬ ᎢᏣᏕᏯᏙᏔᏅᎩ, ᎠᎴ ᎾᏍᎩ ᎢᏳᏩᏂᏌᏛ ᎤᏂᏣᏘ ᎦᏓᎭ ᎢᏳᎾᎵᏍᏔᏅᎩ;
ئويغاق تۇرۇڭلاركى، ھېچكىم خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىدىن مەھرۇم قالمىسۇن؛ ئاراڭلاردا سىلەرگە ئىش تاپقۇزۇپ سىلەرنى كۆيدۈرىدىغان، شۇنداقلا كۆپ ئادەملەرنى بۇلغاپ ناپاك بولۇشقا سەۋەب بولىدىغان بىرەر ئۆچ-ئاداۋەت يىلتىزى ئۈنمىسۇن.
16 ᏞᏍᏗ ᎩᎶ ᎤᏕᎵᏛ ᏗᏂᏏᎲᏍᎩ ᏱᏣᏓᏑᏰᏍᏗ, ᎠᎴ ᎠᏍᎦᎾ ᏴᏫ, ᎢᏐ ᎾᏍᎩᏯᎢ, ᎤᏍᎩ ᏌᏉᏉ ᎢᏯᎵᏍᏓᏴᏗ ᏥᏚᎬᏩᎶᏔᏁ ᏧᎾᏗᏅᏎ ᎢᎬᏱ ᎡᎯ ᎨᏒᎢ.
ئاراڭلاردا ھېچبىر بۇزۇقلۇق قىلغۇچى ياكى ئۆزىنىڭ تۇنجى ئوغۇللۇق ھوقۇقىنى بىر ۋاخ تاماققا سېتىۋەتكەن ئەساۋدەك ئىخلاسسىز كىشى بولمىسۇن.
17 ᎢᏥᎦᏔᎭᏰᏃ ᎣᏂ ᎢᏴᏛ ᎣᏍᏛ ᎢᏯᎦᏛᏁᏗᏱ ᏧᏚᎵᏍᎨ ᏣᏥᏐᏅᎢᏍᏔᏁᎢ; ᎥᏝᏰᏃ [ ᎤᏙᏓ ] ᎤᏓᏅᏛ ᎬᏩᏁᏟᏴᏍᏗ ᎨᏒ ᏳᏩᏛᎮᎢ, ᎤᎵᏏᎾᎯᏍᏗᏳᏍᎩᏂᏃᏅ ᎠᎴ ᏗᎬᎦᏌᏬᎢᎯ ᎤᏲᎴᎢ.
چۈنكى سىلەرگە مەلۇمكى، ئەساۋ كېيىن [ئاتىسىنىڭ] خەيرلىك دۇئاسىنى ئېلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئىنتىلىپ كۆز ياشلىرىنى ئېقىتىپ يالۋۇرغان بولسىمۇ، ئۇ [بۇ ئىشلارنى ئورنىغا] [كەلتۈرىدىغان] توۋا قىلىش يولىنى تاپالماي، رەت قىلىندى.
18 ᎥᏝᏰᏃ ᎣᏓᎸ ᎬᏒᏂᏍᏗ ᎨᏒ ᏱᏥᎷᏨ, ᎠᎴ ᎾᏍᎩ ᏣᏓᏪᎵᎩᏍᎨᎢ, ᎥᏝ ᎠᎴ ᎬᎿᎭᎨ ᎤᎶᎩᎸᎢ, ᎠᎴ ᎤᎵᏏᎩᏳ ᎰᏒ ᎠᎴ ᎦᏃᎸᎥᏍᎬᎢ,
چۈنكى سىلەر قول بىلەن تۇتقىلى بولىدىغان، يالقۇنلاپ ئوت يېنىپ تۇرۇۋاتقان ھەمدە سۈرلۈك بۇلۇت، قاراڭغۇلۇق ۋە قارا قۇيۇن قاپلىغان ئاشۇ تاغقا كەلمىدىڭلار ــ
19 ᎠᎴ ᎠᏤᎷᎩ ᎤᏃᏴᎬᎢ, ᎠᎴ ᎧᏁᎬ ᎤᏃᏴᎬᎢ; ᎾᏍᎩᏃ ᎤᎾᏛᎦᏅᎯ ᎤᏂᏔᏲᎴ ᏔᎵᏁ ᎾᏍᎩ ᎢᎨᏂᏪᏎᏗᏱ ᏂᎨᏒᎾ.
(ئۇ جايدا كاناي ساداسى بىلەن سۆزلىگەن ئاۋاز يەتكۈزۈلگەندە، بۇلارنى ئاڭلىغانلار: «بىزگە يەنە سۆز قىلىنمىسۇن!» دەپ [خۇداغا] يالۋۇرۇشتى؛
20 ᎥᏝᏰᏃ ᎣᏏᏳ ᏳᏂᏰᎸᏁ ᏄᏍᏛ ᎤᎵᏁᏨᎢ, ᎾᏍᎩ ᎦᎾᏜᏓᎢᏉ ᎾᏍᏉ ᏳᏃᏟᏍᏔ ᎣᏓᎸᎢ ᎠᏎ ᏅᏯ ᏣᎬᏂᏍᏙᏗ ᎨᏒᎢ, ᎠᎴ ᎠᏥᏲᏍᏗᏉ ᎨᏒ ᏗᎬᏩᎶᏒᎯ.
چۈنكى ئۇلار قىلىنغان ئەمرنى كۆتۈرەلمىدى. «ئەگەر بۇ تاغقا ھەتتا بىرەر ھايۋاننىڭ ئايىغى تەگسىمۇ، چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈلسۇن» [دەپ تاپىلانغانىدى]؛
21 ᎠᎴ ᎤᏂᎪᎲ ᎤᏣᏘ ᎤᎾᏰᎯᏍᏗᏳ ᎨᏒ ᎾᏍᎩ ᎢᏳᏍᏗ ᎼᏏ ᎯᎠ ᏄᏪᏎᎢ, ᎤᏣᏘ ᏥᎾᏰᏍᎦ ᎠᎴ ᎠᎩᎾᏫᎭ.
ئۇ كۆرۈنۈش شۇنداق قورقۇنچلۇق ئىدىكى، مۇسامۇ: «بەك قاتتىق قورقۇپ غال-غال تىترەپ كەتتىم» دېگەنىدى).
22 ᏌᏯᏂᏍᎩᏂ ᎣᏓᎸ ᎢᏥᎷᏨ, ᎠᎴ ᎬᏂᏛ ᎤᏁᎳᏅᎯ ᎤᏤᎵ ᎦᏚᎲᎢ, ᎾᏍᎩ ᏥᎷᏏᎵᎻ ᎦᎸᎳᏗ ᎡᎯ, ᎠᎴ ᏗᎬᏎᎰᎲᏍᏗ ᏂᎨᏒᎾ ᎨᏥᏅᏏᏓᏍᏗ ᏧᎾᏓᏡᎬᎢ,
ــ سىلەر بەلكى زىئون تېغىغا، يەنى مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ شەھىرى ــ ئەرشتىكى يېرۇسالېمغا، تۈمەنلىگەن پەرىشتىلەرگە،
23 ᎠᎴ ᎾᎿᎭᏂᎦᏗᏳ ᎤᎾᏓᏟᏌᎲᎢ, ᎠᎴ ᎢᎬᏱ ᎤᎾᏕᏅᎯ ᏧᎾᏁᎶᏗ ᎤᎾᏓᏡᎬᎢ, ᎾᏍᎩ [ ᏚᎾᏙᎥ ] ᎦᎸᎳᏗ ᏥᏕᎪᏪᎳ, ᎠᎴ ᎾᎿᎭᎤᏁᎳᏅᎯ ᏂᎦᏗᏳ ᏗᎫᎪᏓᏁᎯ [ ᎡᎲᎢ, ] ᎠᎴ ᎾᎿᎭᏧᎾᏓᏅᏙ ᎤᎾᏓᏅᏘ ᏴᏫ ᎾᏂᏍᎦᏅᎾ ᎢᎨᎬᏁᎸᎯ [ ᎠᏁᎲᎢ, ]
ئىسىملىرى ئەرشتە پۈتۈلگەن تۇنجى تۇغۇلغانلارنىڭ ھېيت-مەرىكە خۇشاللىقىدا جەم قىلىنغان جامائىتىگە، ھەممەيلەننىڭ سوراقچىسى خۇداغا، تاكامۇللاشتۇرۇلغان ھەققانىي كىشىلەرنىڭ روھلىرىغا
24 ᎠᎴ ᎾᎿᎭᏥᏌ [ ᎡᎲᎢ ] ᎾᏍᎩ ᎠᏰᎵ ᎠᎴᎲᏍᎩ ᎢᏤ ᎧᏃᎮᏛ ᏓᏠᎯᏍᏛᎢ, ᎠᎴ ᎾᎿᎭᎩᎬ ᎠᏍᏚᏢᎯ ᎨᏒᎢ, ᎾᏍᎩ ᎤᏟ ᎢᏲᏍᏛ ᎠᏔᏲᎯᎯ ᏥᎩ ᎡᏍᎦᏉ ᎡᏈᎵ [ ᎤᎩᎬ.]
ۋە يېڭى ئەھدىنىڭ ۋاسىتىچىسى ئەيساغا، شۇنداقلا ھەم ئۇنىڭ سېپىلگەن قېنىغا كەلدىڭلار. بۇ قان ھابىلنىڭكىدىن ئەۋزەل سۆز قىلىدۇ.
25 ᎢᏤᏯᏔᎮᏍᏗ ᏞᏍᏗᏉ ᎡᏥᏲᎢᏎᎸᎩ ᎾᏍᎩ Ꮎ ᏥᎧᏁᎦ. ᎢᏳᏰᏃ ᏄᎾᏓᏗᏫᏎᎸᎾ ᏱᎩ ᎾᏍᎩ Ꮎ ᎤᏂᏲᎢᏎᏛ ᎡᎶᎯ ᎤᏁᏨᎯ, ᎤᏟᎯᏳ ᎬᏩᏟᏍᏗ ᎢᎦᏓᏗᏫᏎᏗᏱ ᎢᏳᏃ ᎢᏴᏛ ᏱᏁᏓᏛᏁᎸ ᎦᎸᎳᏗ ᏨᏗᎧᏁᎦ;
بۇ سۆزنى قىلغۇچىنى رەت قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈن دىققەت قىلىڭلار. چۈنكى يەر يۈزىدە ئۆزلىرىگە ۋەھىي يەتكۈزۈپ ئاگاھلاندۇرغۇچىنى رەت قىلغانلار جازادىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان يەردە، ئەرشتە بىزنى ئاگاھلاندۇرغۇچىدىن يۈز ئۆرۈسەك، ھالىمىز تېخىمۇ شۇنداق بولمامدۇ؟
26 ᎾᏍᎩ Ꮎ ᎧᏁᎬ ᎾᎯᏳ ᎡᎶᎯ ᎤᏖᎸᏁᎢ; ᎠᏎᏃ ᎪᎯ ᎨᏒ ᎤᏚᎢᏍᏔᏅ, ᎯᎠ ᏄᏪᏒ, ᎠᏏ ᏌᏉ ᏅᏓᏥᏖᎸᏂ ᎥᏝ ᎡᎶᎯᏉ ᎤᏩᏒ, ᎦᎸᎶᎢᏍᎩᏂ ᎾᏍᏉ.
ئەمدى شۇ چاغدا خۇدانىڭ ئاۋازى زېمىننى تەۋرىتىۋەتكەنىدى؛ لېكىن ئەمدى ئۇ: «ئۆزۈم يەنە بىر قېتىم زېمىننىلا ئەمەس، ئاسماننىمۇ تەۋرىتىمەن» دەپ ۋەدە قىلدى.
27 ᎾᏍᎩᏃ ᎯᎠ ᏥᏂᎦᏪᎭ ᎠᏏ ᏌᏉᎢ, ᎾᏍᎩ ᎢᏴᏛ ᎢᏗᎬᏁᏗ ᎨᏒ ᎾᏍᎩ ᏗᏖᎸᏅᎯ ᎨᏒ ᎦᏛᎦ, ᎾᏍᎩ ᏗᎪᏢᏅᎯᏉ ᎾᏍᎩᏯᎢ, ᎾᏍᎩᏃ Ꮎ ᏧᏓᎴᏅᏛ ᏗᎬᏤᎸᏗ ᏂᎨᏒᎾ ᎨᏒ ᎾᎿᎭᏉ ᏗᏍᏆᏂᎪᏙᏗ ᎢᏳᎵᏍᏙᏗᏱ.
«يەنە بىر قېتىم» دېگەن بۇ سۆز تەۋرىتىلىدىغانلارنىڭ، يەنى يارىتىلغان نەرسىلەرنىڭ تەۋرىتىلىشى بىلەن يوقىتىلىدىغانلىقىنى، تەۋرەتكىلى بولمايدىغان نەرسىلەرنىڭ مەڭگۈ مۇقىم بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
28 ᎾᏍᎩ ᎢᏳᏍᏗ ᎾᏍᎩ ᎠᏴ ᏗᎦᏓᏂᎸᏨᎯ ᏥᎩ ᎤᎬᏫᏳᎯ ᎤᏤᎵᎪᎯ ᎨᏒ ᎾᏍᎩ ᎬᏖᎸᏗ ᏂᎨᏒᎾ, ᎬᏩᎦᏘᏯ ᎤᏓᏙᎵᏍᏗ ᎨᏒ ᎢᎩᎮᏍᏗ, ᎾᏍᎩ ᎢᏛᏗᏍᎬ ᎤᏁᎳᏅᎯ ᎣᏍᏛ ᎤᏰᎸᏗ ᏗᎨᎩᎸᏫᏍᏓᏁᏗ ᏱᎩ, ᎦᎸᏉᏗᏳ ᎨᏒ, ᎠᎴ ᎤᏁᎳᏅᎯ ᎦᎾᏰᎯᏍᏗ ᎨᏒ ᏔᎵ ᎢᎬᏗᏕᎬᎢ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، تەۋرەتكىلى بولمايدىغان بىر پادىشاھلىققا مۇيەسسەر بولۇپ، مېھىر-شەپقەتنى چىڭ تۇتۇپ بۇ ئارقىلىق ئىخلاسمەنلىك ۋە ئەيمىنىش-قورقۇنچ بىلەن خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان ئىبادەتلەرنى قىلايلى.
29 ᎢᎦᏁᎳᏅᎯᏰᏃ ᎠᏥᎸ ᎠᏓᎪᎲᏍᏗᏍᎩ.
چۈنكى خۇدايىمىز ھەممىنى يەۋەتكۈچى بىر ئوتتۇر.

< ᏉᎳ ᎠᏂᏈᎷ ᏧᏬᏪᎳᏁᎸᎯ 12 >