< Levililər 8 >

1 Rəbb Musaya dedi:
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: ــ
2 «Harunla oğullarını, geyimlərini, məsh yağını və günah qurbanı kəsmək üçün bir buğa, iki qoç, bir səbət mayasız çörək götür.
ھارۇننى ئوغۇللىرى بىلەن بىللە، ۋە ئۇلارنىڭ مەخسۇس كىيىملىرىنى، «مەسىھلەش مېيى»نى، گۇناھ قۇربانلىقى بولىدىغان تورپاق بىلەن ئىككى قوچقارنى، پېتىر نان سېلىنغان سېۋەتنى ئېلىپ كېلىپ،
3 Sonra bütün icmanı Hüzur çadırının girişinə topla».
[ئىسرائىلنىڭ] پۈتۈن جامائىتىنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ ئالدىغا جەم قىلغىن، ــ دېدى.
4 Musa Rəbbin əmrinə əməl etdi. İcma Hüzur çadırının girişinə yığılanda
مۇسا پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بۇيرۇغىنىدەك قىلدى، جامائەت جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ ئالدىغا يىغىلدى.
5 Musa onlara dedi: «Rəbbin əmr etdiyi budur».
ئاندىن مۇسا جامائەتكە: ــ پەرۋەردىگار بۇيرۇغان ئىش مانا مۇنداق، ــ دېدى.
6 Sonra Musa Harunla oğullarını irəli gətirib onları su ilə yuyundurdu.
شۇنىڭ بىلەن مۇسا ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى ئالدىغا كەلتۈرۈپ ئۇلارنى سۇ بىلەن يۇيۇپ،
7 Harunun əyninə xirqəsini geyindirib belinə qurşağını bağladı, üstündən cübbəsini geyindirdi və üstünə efodu qoydu. Efodun kəmərini belinə bağlayıb efodu özünə bərkitdi.
[ھارۇنغا] كۆڭلەك كىيدۈرۈپ، بەلۋاغ باغلاپ، توننى كىيدۈردى ۋە ئۈستىگە ئەفودنى ياپتى؛ ئۇ ئەفودنىڭ بەلۋېغىنى باغلاپ، ئەفودنى ئۇنىڭغا تاقاپ قويدى.
8 Efodun üstündən döşlüyünü, döşlüyündə isə Urim və Tummimi yerləşdirdi.
ئاندىن مۇسا ئۇنىڭغا «قوشېن»نى تاقاپ، قوشېننىڭ ئىچىگە «ئۇرىم بىلەن تۇممىم»نى سېلىپ،
9 Onun başına çalmanı, çalmanın qabaq hissəsinə qızıl lövhəciyi olan müqəddəslik tacını qoydu. Rəbbin Musaya əmr etdiyi kimi oldu.
بېشىغا سەللە يۆگەپ پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بۇيرۇغىنىدەك سەللىنىڭ ئالدى تەرىپىگە «ئالتۇن تاختىلىق مۇقەددەس ئوتۇغات»نى بېكىتىپ قويدى.
10 Musa məsh yağını götürüb məskəni və içindəki hər şeyi məsh edərək təqdis etdi.
ئاندىن مۇسا مەسىھلەش مېيىنى ئېلىپ ئىبادەت چېدىرى بىلەن ئىچىدىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى مەسىھلەپ مۇقەددەس قىلدى.
11 Sonra məsh yağını qurbangaha yeddi dəfə çiləyib onunla bütün avadanlığını, ləyənlə altlığını da təqdis etmək üçün məsh etdi.
ئۇ مايدىن ئېلىپ قۇربانگاھقا يەتتە مەرتىۋە چېچىپ، قۇربانگاھ بىلەن ئۇنىڭ بارچە قاچا-قۇچىلىرىنى، يۇيۇنۇش دېسى ۋە تەگلىكىنى خۇداغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلىشقا مەسىھلىدى.
12 Musa bir az məsh yağı götürüb Harunun başına tökərək onu təqdis etmək üçün məsh etdi.
ئۇ يەنە مەسىھلەش مېيىدىن ئازراق ئېلىپ ھارۇننىڭ بېشىغا قۇيۇپ ئۇنى خۇداغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلىشقا مەسىھلىدى.
13 Sonra Musa Harunun oğullarını irəli gətirdi, onlara xirqə geyindirdi, bellərinə qurşaq bağladı və başlarına papaq qoydu. Rəbbin Musaya əmr etdiyi kimi oldu.
ئاندىن مۇسا ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىنى ئالدىغا كەلتۈرۈپ، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بۇيرۇغىنىدەك ئۇلارغا كۆڭلەك كىيدۈرۈپ، بەللىرىگە بەلۋاغ باغلاپ، ئۇلارغا ئېگىز بۆكلەرنىمۇ تاقاپ قويدى.
14 Bundan sonra Musa günah qurbanı üçün nəzərdə tutulmuş buğanı gətirdi. Harunla oğulları həmin buğanın başına əllərini qoydular.
ئاندىن ئۇ گۇناھ قۇربانلىقى قىلىنىدىغان تورپاقنى يېتىلەپ كەلدى؛ ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى گۇناھ قۇربانلىقى قىلىنىدىغان تورپاقنىڭ بېشىغا قوللىرىنى قويدى.
15 Musa buğanı kəsdi, qanını götürüb barmağı ilə qurbangahın buynuzlarının ətrafına çəkərək qurbangahı pak etdi. Sonra qanın qalan hissəsini qurbangahın altlığına tökdü və murdarlığını kəffarə etmək üçün onu təqdis etdi.
ئۇ ئۇنى بوغۇزلىدى، ئاندىن مۇسا قېنىدىن ئېلىپ، ئۆز بارمىقى بىلەن قۇربانگاھنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە، چۆرىسىگە سۈرۈپ قۇربانگاھنى گۇناھتىن پاكلىدى؛ قالغان قاننى بولسا ئۇ قۇربانگاھنىڭ تۆۋىگە تۆكۈپ، مۇقەددەس بولۇشقا كافارەت كەلتۈردى.
16 Musa heyvanın içalatının üstündəki bütün piyi, qaraciyərin quyruğa bənzər hissəsini, hər iki böyrəklə piyini götürərək qurbangahda tüstülədib yandırdı.
ئاندىن ئۇ ئىچ قارنىنى يۆگەپ تۇرغان ماينىڭ ھەممىسىنى، جىگەرنىڭ ئۈستىدىكى چاۋا ماينى، ئىككى بۆرەك ۋە ئۈستىدىكى مايلىرىنى قوشۇپ ئالدى؛ ئاندىن مۇسا بۇلارنى قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈردى.
17 Buğanı – dərisini, ətini və bağırsaqlarını düşərgənin kənarında yandırdı. Rəbbin Musaya əmr etdiyi kimi oldu.
بىراق [مۇسا] تورپاقنىڭ تېرىسى بىلەن گۆشى ۋە تېزىكىنى بولسا پەرۋەردىگار ئۆزىگە بۇيرۇغىنىدەك چېدىرگاھنىڭ تاشقىرىدا ئوتتا كۆيدۈرۈۋەتتى.
18 Musa yandırma qurbanı üçün nəzərdə tutulmuş qoçu gətirdi. Harunla oğulları əllərini qoçun başına qoydular.
ئاندىن ئۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىنىدىغان قوچقارنى كەلتۈردى؛ ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قوللىرىنى قوچقارنىڭ بېشىغا قويدى.
19 Musa qoçu kəsdi və qanını qurbangahın hər tərəfinə səpdi.
[ھارۇن قوچقارنى] بوغۇزلىدى؛ ئاندىن مۇسا قېنىنى ئېلىپ قۇربانگاھنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ ئەتراپىغا سەپتى؛
20 Qoçu parça-parça doğradı; Musa qoçun başını, parçalarını və piyini tüstülədib yandırdı.
[ھارۇن] قوچقارنى پارچە-پارچە قىلىپ پارچىلىدى؛ ئاندىن مۇسا بېشىنى، پارچىلانغان گۆشلىرىنى بارلىق مېيى بىلەن قوشۇپ كۆيدۈردى.
21 Sonra içalatını və budlarını su ilə yudu və bütün qoçu qurbangahda tüstülədib yandırdı. Bu, yandırma qurbanı, Rəbbin xoşuna gələn ətir – yandırma təqdimi idi. Rəbbin Musaya əmr etdiyi kimi oldu.
ئۈچەي-قېرىنلىرى بىلەن پاچاقلىرىنى سۇدا يۇدى. ئاندىن مۇسا قوچقارنى پۈتۈن پېتى قۇربانگاھ ئۈستىدە كۆيدۈردى. بۇ پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغان، «پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان خۇشبۇي چىقىدىغان قۇربانلىق» ئىدى.
22 Musa o biri qoçu – təqdis qoçunu gətirdi; Harun və oğulları əllərini qoçun başına qoydular.
ئاندىن ئۇ كاھىنلىققا تىكلەش قۇربانلىقى قىلىنىدىغان قوچقارنى، ئىككىنچى قوچقارنى كەلتۈردى؛ ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قوللىرىنى قوچقارنىڭ بېشىغا قويدى.
23 Musa onu kəsdi; qanından bir az götürüb Harunun sağ qulağının mərcəyinə, sağ əlinin və sağ ayağının baş barmağına çəkdi.
ئۇ ئۇنى بوغۇزلىدى؛ ۋە مۇسا ئۇنىڭ قېنىدىن ئېلىپ ھارۇننىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقى بىلەن ئوڭ قولىنىڭ باش بارمىقىغا سۈرۈپ ۋە ئوڭ پۇتىنىڭ چوڭ بارمىقىغىمۇ سۇۋاپ قويدى.
24 Bundan sonra Musa Harunun oğullarını gətirib onların sağ qulaq mərcəklərinə, sağ əllərinin baş barmaqlarına və sağ ayaqlarının baş barmaqlarına qan çəkdi. Musa heyvanın qanını qurbangahın hər tərəfinə səpdi.
ئاندىن مۇسا ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىنى ئالدىغا كەلتۈرۈپ، قاندىن ئېلىپ ئۇلارنىڭ ئوڭ قۇلاقلىرىنىڭ يۇمشىقى بىلەن ئوڭ قوللىرىنىڭ باش بارماقلىرىغا سۈردى، ئۇلارنىڭ ئوڭ پۇتلىرىنىڭ چوڭ بارماقلىرىغىمۇ سۇۋاپ قويدى، قالغان قاننى مۇسا قۇربانگاھنىڭ چۆرىسىگە سەپتى.
25 Sonra piyini, quyruğunu, içalatının üstündəki piyi, qaraciyərinin quyruğa bənzər hissəsini, hər iki böyrəklə piyini və sağ budunu götürdü.
شۇنداق قىلىپ، ئۇ مېيى بىلەن مايلىق قۇيرۇقىنى، ئىچ قارنىنى يۆگەپ تۇرغان بارلىق ماي بىلەن جىگەرنىڭ ئۈستىدىكى چاۋا مېيىنى، ئىككى بۆرەك ۋە ئۈستىدىكى مايلىرىنى قوشۇپ ئېلىپ ئوڭ ئارقا پۇتىنىمۇ كېسىپ ئېلىپ،
26 Rəbbin önündə olan mayasız çörəklər səbətindən bir mayasız kökə, bir zeytun yağı ilə yoğrulmuş çörək kökəsi və bir qoğal götürüb piylə sağ budun üstünə qoydu.
پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىكى پېتىر نان سېلىنغان سېۋەتتىن بىر پېتىر توقاچ بىلەن بىر زەيتۇن ماي توقىچى ۋە بىر دانە ھەمەك ناننى ئېلىپ بۇلارنى ماي بىلەن ئوڭ ئارقا پۇتنىڭ ئۈستىدە قويدى؛
27 O bunların hamısını Rəbbin hüzurunda yellətmə təqdimi üçün Harunun və oğullarının əllərinə verdi.
ئاندىن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ قوللىرىغا تۇتقۇزۇپ، پۇلاڭلاتما ھەدىيە بولسۇن دەپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلاتتى.
28 Sonra Musa həmin şeyləri onların əllərindən alıb qurbangahda yandırma qurbanı ilə birlikdə tüstülədib yandırdı. Bu, təqdis qurbanı, Rəbbin xoşuna gələn ətir – yandırma təqdimidir.
ئاندىن مۇسا بۇلارنى ئۇلارنىڭ قوللىرىدىن ئېلىپ قۇربانگاھتىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىقنىڭ ئۈستىدە قويۇپ كۆيدۈردى. بۇ «كاھىنلىققا تىكلەش قۇربانلىقى» بولۇپ، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان، خۇشبۇي چىقىدىغان قۇربانلىق ئىدى.
29 Musa döş ətini götürdü və onu Rəbbin hüzurunda yellədərək təqdim etdi. Bu, təqdis qurbanı olan qoçdan Musanın payı idi. Rəbbin Musaya əmr etdiyi kimi oldu.
ئاندىن مۇسا تۆشنى ئېلىپ پۇلاڭلاتما ھەدىيە سۈپىتىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلاتتى؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭغا بۇيرۇغىنى بويىچە، «كاھىنلىققا تىكلەش قۇربانلىقى» بولغان قوچقارنىڭ بۇ قىسمى مۇسانىڭ ئۈلۈشى ئىدى.
30 Musa məsh yağını və qurbangahdakı qanı götürüb Haruna, onun geyimlərinə, oğullarına və geyimlərinə çilədi. Beləliklə, Harunu və onun geyimlərini, oğullarını və onların geyimlərini təqdis etdi.
ئاندىن مۇسا مەسىھلەش مېيىدىن ۋە قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدىكى قاندىن بىرئاز ئېلىپ، ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ كىيىملىرىگە ۋە ئوغۇللىرى بىلەن ئۇلارنىڭ كىيىملىرىگە سەپتى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ ھارۇن ۋە كىيىملىرىنى، ئوغۇللىرى بىلەن ئۇلارنىڭ كىيىملىرىنى مۇقەددەس قىلدى.
31 Sonra Musa Harunla oğullarına dedi: «Əti Hüzur çadırının girişində qaynadın və “Harunla oğulları onu yesin” deyib əmr etdiyimə görə onu orada təqdis təqdimi üçün səbətdəki çörəklə yeyin.
مۇسا ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا مۇنداق بۇيرۇدى: ــ «بۇ گۆشنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىدا قاينىتىپ پىشۇرۇپ شۇ يەردە ئولتۇرۇپ «كاھىنلىققا تىكلەش قۇربانلىقى»غا تەۋە بولغان سېۋەتتىكى نان بىلەن قوشۇپ يەڭلار؛ بۇلارنى ھارۇن بىلەن ئوغۇللىرى يېسۇن، دەپ بۇيرۇغىنىمدەك ئۇنى يەڭلار؛
32 Çörəyin və ətin qalan hissələrini yandırın.
لېكىن گۆش بىلەن ناندىن ئېشىپ قالغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىڭلار.
33 Təqdis günləri başa çatana qədər yeddi gün Hüzur çadırının girişindən kənara çıxmayın; çünki vəzifəyə keçmə vaxtınız yeddi gün davam edəcək.
سىلەر يەتتە كۈنگىچە جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىدىن چىقماي، خۇداغا ئاتاپ كاھىنلىققا تىكلەش كۈنلىرىڭلار توشقۇچە شۇ يەردە تۇرۇڭلار؛ چۈنكى سىلەرنى خۇداغا ئاتاپ كاھىنلىققا تىكلەش ئۈچۈن يەتتە كۈن كېتىدۇ.
34 Bu gün edilən hər şeyi Rəbb kəffarəniz üçün əmr etdi.
بۈگۈن قىلىنغان ئىشلار پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە سىلەر ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈلسۇن دەپ قىلىندى.
35 Yeddi gün ərzində gecə-gündüz Hüzur çadırının girişində qalın və Rəbbin buyruğuna riayət edin ki, ölməyəsiniz. Mənə belə əmr verilib».
سىلەر ئۆلمەسلىكىڭلار ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىنى تۇتۇپ جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ ئالدىدا كېچە-كۈندۈز يەتتە كۈن تۇرۇشۇڭلار كېرەك؛ چۈنكى ماڭا شۇنداق بۇيرۇلدى».
36 Harunla oğulları Rəbbin Musa vasitəsilə əmr etdiyi hər şeyə əməl etdilər.
ھارۇن بىلەن ئوغۇللىرى پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بۇيرۇغىنىنىڭ ھەممىسىنى بەجا كەلتۈردى.

< Levililər 8 >