< Levililər 17 >

1 Rəbb Musaya belə dedi:
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ
2 «Harunla oğullarına və bütün İsrail övladlarına söylə: “Rəbbin əmri budur:
ھارۇن بىلەن ئوغۇللىرى ۋە بارلىق ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ پەرۋەردىگار سىلەرگە بۇيرۇغان ھۆكۈم شۇكى: ــ
3 İsraillilərdən düşərgədə yaxud onun kənarında mal-qara, qoyun ya da keçi kəsən
ئىسرائىلنىڭ جەمەتلىرىدىن بولغان ھەرقانداق كىشى قۇربانلىق قىلماقچى بولۇپ، كالا ياكى قوي ياكى ئۆچكىنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىدا، پەرۋەردىگارنىڭ تۇرالغۇ چېدىرىنىڭ ئالدىغا، پەرۋەردىگارغا ئاتالغان قۇربانلىق سۈپىتىدە يېتىلەپ ئەپكەلمەي، بەلكى چېدىرگاھنىڭ ئىچىدە ياكى تاشقىرىدا بوغۇزلىسا، ئۇنىڭدىن ئاققان قان شۇ كىشىنىڭ گەدىنىگە ئارتىلىدۇ؛ بۇ ئادەم «قان تۆككەن» دەپ، ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ.
4 onu Rəbbin məskəninə, Onun önünə qurban kimi təqdim edərək Hüzur çadırının girişinə gətirməyən hər kəs qan tökməkdə müqəssir sayılsın. Belə adam xalqı arasından qovulsun.
5 Belə ki İsrail övladları qurbanlarını çöldə kəsmək əvəzinə onları Rəbbin hüzuruna, Hüzur çadırının girişinə, kahinin yanına gətirsinlər və Rəbbə ünsiyyət qurbanları olaraq kəssinlər.
بۇ ھۆكۈمنىڭ مەقسىتى ئىسرائىللارنىڭ ھازىرقىدەك دالادا مال سويۇپ قۇربانلىق قىلىشنىڭ ئورنىغا، قۇربانلىقلىرىنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈپ، كاھىنغا تاپشۇرۇپ پەرۋەردىگارغا «ئىناقلىق قۇربانلىقلىرى» سۈپىتىدە سۇنۇپ بوغۇزلىشى ئۈچۈندۇر.
6 Kahin belə qurbanın qanını Hüzur çadırı girişinin yanındakı Rəbbin qurbangahına səpsin, piyini isə Rəbbin xoşuna gələn ətir kimi tüstülədib yandırsın.
كاھىن قاننى ئېلىپ جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ يېنىدىكى پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانگاھىنىڭ ئۈستىگە سېپىپ، پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي كەلتۈرۈش ئۈچۈن ماينى كۆيدۈرسۇن.
7 İsrail övladları bir daha Rəbbə xəyanət edib heç vaxt təkə görkəmində bütlərə qurban kəsməsinlər. Bu, nəsildən-nəslə onlar üçün əbədi qayda olsun”.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەمدى بۇرۇنقىدەك بۇزۇقلۇق قىلىپ تېكە-جىنلارنىڭ كەينىدە يۈرۈپ، ئۇلارغا ئۆز قۇربانلىقلىرىنى ئۆتكۈزۈپ يۈرمىسۇن. مانا بۇ ئۇلار ئۈچۈن دەۋردىن-دەۋرگىچە ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولسۇن.
8 Bir də ki onlara de: “İsrail övladlarından yaxud aralarında yaşayan yadellilərdən kim yandırma qurbanını və ya ünsiyyət qurbanını kəsəndə
سەن ئۇلارغا: ــ ئىسرائىلنىڭ جەمەتىدىن ياكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان ياقا يۇرتلۇقلاردىن بىرى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ياكى [باشقا] قۇربانلىق ئۆتكۈزمەكچى بولسا،
9 Rəbbin hüzuruna təqdim edərək Hüzur çadırının girişinə qurban gətirməyən hər adam xalqı arasından qovulsun.
ئۇنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنۇش ئۈچۈن جامائەت چېدىرىغا كىرىش ئاغزىنىڭ ئالدىغا كەلتۈرمىسە، ئۇ كىشى ئۆز خەلقلىرىدىن ئۈزۈپ تاشلانسۇن» ــ دېگىن.
10 İsrail övladlarından ya da aralarında yaşayan yadellilərdən bir az da olsa, qan yeyən hər kəsdən Mən üz döndərib xalqı arasından qovacağam,
ئەگەر ئىسرائىلنىڭ جەمەتىدىن بولغان ھەرقانداق ئادەم ياكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان ياقا يۇرتلۇقلار قان يېسە، مەن يۈزۈمنى قاننى يېگەن شۇ كىشىگە قارشى قىلىمەن، ئۇنى ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلايمەن.
11 çünki hər məxluqa həyat verən qandır. Mən onu həyatınızın kəffarəsi üçün qurbangahda təqdim olunmağa təyin etmişəm; çünki həyat verdiyinə görə kəffarə edən qandır.
چۈنكى ھەربىر جانىۋارنىڭ جېنى بولسا ئۇنىڭ قېنىدىدۇر؛ مەن ئۇنى جېنىڭلار ئۈچۈن قۇربانگاھ ئۈستىگە كافارەت كەلتۈرۈشكە بەرگەنمەن. چۈنكى قان ئۆزىدىكى جاننىڭ ۋاسىتىسى بىلەن كافارەت كەلتۈرىدۇ.
12 Buna görə də Mən İsrail övladlarına demişəm: ‹Sizdən heç bir kəs, aranızda yaşayan yadelli də qan yeməsin›.
شۇڭا بۇ سەۋەبتىن مەن ئىسرائىللارغا: ــ «سىلەرنىڭ ھېچبىرىڭلار قان يېمەسلىكىڭلار كېرەك، ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان ياقا يۇرتلۇقلارمۇ قان يېمەسلىكى كېرەك» ــ دېگەنىدىم.
13 İsrail övladlarından ya da aralarında yaşayan yadellilərdən yeyilə bilən heyvan yaxud quş ovlayan insan onun qanını yerə axıdıb torpaqla örtsün.
ئەگەر ئىسرائىللاردىن بىرى ياكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان ياقا يۇرتلۇقلارنىڭ بىرى يېيىشكە بولىدىغان بىر چارپاي ھايۋان ياكى قۇشنى ئوۋلاپ، قېنىنى تۆكسە، ئۇنى توپا بىلەن يېپىپ قويسۇن.
14 Çünki hər məxluqa həyat verən onun qanıdır. Buna görə Mən İsrail övladlarına ‹heç bir məxluqun qanını yeməyin› demişəm. Çünki hər məxluqa həyat verən onun qanıdır. Onu yeyən hər kəs xalqının arasından qovulsun.
چۈنكى ھەربىر جانىۋارنىڭ جېنى بولسا، ئۇنىڭ قېنىدىن ئىبارەتتۇر. ئۇنىڭ جېنى قېنىدا بولغاچ مەن ئىسرائىللارغا: «سىلەر ھېچقانداق جانىۋارنىڭ قېنىنى يېمەڭلار، چۈنكى ھەربىر جانىۋارنىڭ جېنى ئۇنىڭ قېنىدىدۇر؛ كىمكى ئۇنى يېسە ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ» ــ دېدىم.
15 Yerli olsun, yadelli olsun, təbii yolla ölən, parçalanıb ölən heyvanı yeyən adam qoy geyimini yusun, su ilə yuyunsun və axşamadək murdar, sonra pak sayılsın.
كىمدەكىم ئۆلۈپ قالغان ياكى يىرتقۇچلار بوغۇپ تىتما-تىتما قىلىۋەتكەن بىر ھايۋاننى يېسە، مەيلى ئۇ يەرلىك ياكى ياقا يۇرتلۇق بولسۇن ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا يۇيۇنسۇن ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن؛ ئاندىن ئۇ پاك بولىدۇ.
16 Əgər belə adam geyimini və bədənini yumasa, cəzasını çəkəcək”».
لېكىن ئۇ ياكى كىيىملىرىنى يۇمىسا، ياكى سۇدا بەدىنىنى يۇمىسا، شۇ كىشى ئۆز قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ.

< Levililər 17 >