< Yeremya 7 >

1 Rəbdən Yeremyaya bu söz nazil oldu:
پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا مۇنداق بىر سۆز كەلدى: ــ
2 «Rəbbin məbədinin qapısında dur və orada bu sözü elan edib söylə ki, ey bütün Yəhuda, Rəbbə ibadət etmək üçün bu qapılardan girənlər, Rəbbin sözünə qulaq asın.
پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى دەرۋازىدا تۇرۇپ مۇشۇ سۆزنى جاكارلاپ: «پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار، ئى پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن مۇشۇ دەرۋازىلاردىن كىرىۋاتقان بارلىق يەھۇدالار!» ــ دېگىن.
3 İsrailin Allahı olan Ordular Rəbbi belə deyir: “Yollarınızı və əməllərinizi islah edin ki, Mən sizi bu yerdə yaşamağa qoyum.
ــ «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ يوللىرىڭلار ھەم قىلمىشلىرىڭلارنى تۈزىتىڭلار؛ شۇنداق بولغاندا مەن سىلەرنى مۇشۇ يەردە مۇقىم تۇرغۇزىمەن.
4 ‹Burada Rəbbin məbədi var, Rəbbin məbədi var, Rəbbin məbədi var› deyib yalan sözlərə güvənməyin.
«پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى دەل مۇشۇدۇر!» دەپ ئالدامچى سۆزلەرگە تايىنىپ كەتمەڭلار.
5 Əgər yollarınızı və əməllərinizi tamamilə islah etsəniz, bir-birinizlə, həqiqətən, ədalətlə rəftar etsəniz,
ئەگەر سىلەر ھەقىقەتەن يوللىرىڭ ھەم قىلمىشلىرىڭلارنى تۈزەتسەڭلار، ــ ئەگەر كىشىلەر ۋە قوشناڭلار ئارىسىدا ئادالەت يۈرگۈزسەڭلار،
6 qəribə, yetimə və dul qadına zülm etməsəniz, bu yerdə günahsız qan tökməsəniz, özünüzə zərər vuraraq başqa allahların tərəfdarı olmasanız,
ــ ئەگەر سىلەر مۇساپىر، يېتىم-يېسىر ھەم تۇل خوتۇنلارنى بوزەك قىلىشتىن، مۇشۇ يەردە گۇناھسىز قانلارنى تۆكۈشتىن، ــ شۇنداقلا ئۆزۈڭلارغا زىيان يەتكۈزۈپ، باشقا ئىلاھلارغا ئەگىشىپ كېتىشتىن قول ئۈزسەڭلار، ــ
7 o zaman burada əbədilik atalarınıza verdiyim torpaqda sizi yaşamağa qoyacağam.
شۇنداق قىلغىنىڭلاردا مەن سىلەرنى مۇشۇ يەردە، يەنى مەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا قەدىمدىن تارتىپ مەڭگۈگىچە تەقدىم قىلغان بۇ زېمىندا مۇقىم تۇرىدىغان قىلىمەن.
8 Siz isə faydasız olan yalan sözlərə güvənirsiniz.
لېكىن مانا، سىلەر ھېچقانداق پايدا يەتكۈزمەيدىغان ئالدامچى سۆزلەرگە تايىنىپ كەتكەنسىلەر.
9 Siz oğurluq edirsiniz, adam öldürürsünüz, zina edirsiniz, yalandan and içirsiniz, Baal bütlərinə buxur yandırır, tanımadığınız başqa allahların tərəfdarı olursunuz.
ئەمدى نېمە دېگۈلۈك؟! ئوغرىلىق، قاتىللىق، زىناخورلۇق قىلىپ، ساختا قەسەم ئىچىپ، بائالغا ئىسرىق يېقىپ ۋە سىلەر ھېچ تونۇمىغان يات ئىلاھلارغا ئەگىشىپ،
10 Sonra bütün bu iyrənc işləri görmək üçün Mənim adımla çağırılan bu məbədə gəlib önümdə durur və ‹biz əmin-amanlıqdayıq› deyirsiniz.
ئاندىن مېنىڭ نامىمدا ئاتالغان مۇشۇ ئۆيگە كىرىپ مېنىڭ ئالدىمدا تۇرۇپ: «بىز قۇتقۇزۇلغان!» دەمسىلەر؟! مۇشۇ لەنەتلىك ئىشلاردا تۇرۇۋېرىش ئۈچۈن قۇتقۇزۇلغانمۇسىلەر؟!
11 Mənim adımla çağırılan bu məbəd, sizcə, quldur yuvasına çevrildimi? Amma Mən nə etdiyinizi görürəm” Rəbb belə bəyan edir.
مېنىڭ نامىمدا ئاتالغان مۇشۇ ئۆي سىلەرنىڭ نەزىرىڭلاردا بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسىمۇ؟! مانا، مەن ئۆزۈم بۇ ئىشلارنى كۆرگەنمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
12 “İndi adımı ilk dəfə qoyduğum Şilodakı məskənimə gedin və xalqım İsrailin pisliyinə görə ona nə etdiyimi görün”.
شۇڭا، مەن ئەسلىدە ئۆز نامىمدا تۇرالغۇ قىلغان شىلوھ دېگەن جايغا بېرىپ، خەلقىم ئىسرائىلنىڭ رەزىللىكى تۈپەيلىدىن ئۇنى نېمە قىلىۋەتكەنلىكىمنى كۆرۈپ بېقىڭلار!
13 Rəbb bəyan edir: “Siz bütün bu işləri gördünüz, dəfələrlə xəbərdarlıq etdiyim halda Mənə qulaq asmadınız, sizi çağırdığım halda cavab vermədiniz.
ئەمدى ھازىر، سىلەر مۇشۇنداق قىلمىشلارنى سادىر قىلغىنىڭلار تۈپەيلىدىن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن سىلەرگە تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ سۆز قىلىپ كەلدىم، لېكىن سىلەر ھېچ قۇلاق سالمىدىڭلار؛ مەن سىلەرنى چاقىردىم، لېكىن سىلەر ماڭا جاۋاب بەرمىدىڭلار ــ
14 Buna görə də Şilo ilə necə rəftar etdimsə, Mənim adımla çağırılan, güvəndiyiniz məbədlə, sizə və atalarınıza verdiyim bu yerlə də elə rəftar edəcəyəm.
ئەمدى مەن شىلوھدىكى ئۆينى قانداق قىلغان بولسام، سىلەر تايانغان، شۇنداقلا نامىم قويۇلغان بۇ ئۆينى ۋە مەن سىلەرگە ھەم ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا تەقدىم قىلغان بۇ زېمىننىمۇ شۇنداق قىلىمەن؛
15 Efrayim nəslindən olan soydaşlarınızı necə rədd etdimsə, sizi də eləcə önümdən rədd edəcəyəm.
مەن سىلەرنىڭ بارلىق قېرىنداشلىرىڭلار، يەنى ئەفرائىمنىڭ بارلىق نەسلىنى ھەيدىۋەتكىنىمدەك سىلەرنىمۇ كۆزۈمدىن يىراق ھەيدەيمەن.
16 Sən isə, ey Yeremya, bu xalq üçün dua etmə, onlar üçün yalvarıb xahiş etmə və önümdə mərhəmət istəmə, çünki sözünə qulaq asmayacağam.
ئەمدى سەن، [يەرەمىيا]، بۇ خەلق ئۈچۈن دۇئا قىلما، ئۇلار ئۈچۈن نالە-پەرياد كۆتۈرمە ياكى تىلەك تىلىمە، مېنىڭ ئالدىمدا تۇرۇپ ئۇلارنىڭ [گۇناھلىرىنى] ھېچ تىلىمە، چۈنكى مەن ساڭا قۇلاق سالمايمەن.
17 Yəhuda şəhərlərində, Yerusəlim küçələrində onların nə etdiklərini görmürsənmi?
ئۇلارنىڭ يەھۇدا شەھەرلىرىدە ۋە يېرۇسالېم كوچىلىرىدا نېمە قىلغانلىرىنى كۆرۈۋاتمامسەن؟
18 Uşaqlar odun yığır, ataları od yandırır, qadınlar Göylər Mələkəsinə xəmir yoğurub kökə bişirir. Onlar başqa allahlara içmə təqdimləri verir ki, Məni qəzəbləndirsinlər”.
بالىلار ئوتۇن تېرىدۇ، ئاتىلار ئوت قالايدۇ، ئاياللار قەستەن مېنى رەنجىتىشكە «ئاسماننىڭ خانىشى» ئۈچۈن پوشكاللارنى سېلىشقا خېمىرنى يۇغۇرىدۇ، شۇنىڭدەك يات ئىلاھلارغا «شاراب ھەدىيە»لەرنى قۇيىدۇ.
19 Rəbb bəyan edir: “Onlar Mənimi incidirlər? Məgər özlərini rüsvay etmirlərmi?”
ئازابلىنىپ غەزەپلىنىدىغىنى مەنمۇ؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ ئۆز يۈزلىرىگە شەرم چاپلاپ، ئازابلىنىدىغىنى ئۆزلىرى ئەمەسمۇ؟
20 Buna görə də Xudavənd Rəbb belə deyir: “Bax bu yerin, insanların, heyvanların, çöl ağaclarının, torpağın məhsulu üzərinə qəzəbim və qızğınlığım töküləcək, alışıb sönməyəcək”.
شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مېنىڭ غەزىپىم ۋە قەھرىم مۇشۇ جايغا تۆكۈلىدۇ؛ ئىنسان ئۈستىگە، ھايۋان ئۈستىگە، دالادىكى دەرەخلەر ئۈستىگە، تۇپراقتىكى مېۋىلەر ئۈستىگە تۆكۈلىدۇ؛ ئۇ ھەممىنى كۆيدۈرىدۇ، ئۇنى ھېچ ئۆچۈرەلمەيدۇ.
21 İsrailin Allahı olan Ordular Rəbbi belə deyir: “Yandırma qurbanlarınızı başqa qurbanlarınıza qatıb ət yeyin.
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ بېرىۋېرىڭلار، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىڭلارنى باشقا قۇربانلىقلارغا قوشۇپ قويۇڭلار، بارلىق گۆشلىرىنى يەۋېلىڭلار!
22 Çünki atalarınızı Misir torpağından çıxaran vaxt yandırma qurbanı və başqa qurban barədə onlara əmr etmədim və bir söz demədim.
چۈنكى مەن ئۇلارنى مىسىر زېمىنىدىن قۇتقۇزۇپ چىقارغان كۈنىدە ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا «كۆيدۈرمە قۇربانلىق»لار ياكى باشقا قۇربانلىقلار توغرىسىدا گەپ قىلمىغان ۋە ياكى ئەمر بەرمىگەنىدىم؛
23 Ancaq onlara bunu əmr edib dedim: ‹Sözümə qulaq asın. Onda Mən sizin Allahınız olacağam, siz də Mənim xalqım olacaqsınız. Hər barədə sizə əmr etdiyim yolla gedin ki, uğur qazanasınız›.
بەلكى مەن ئۇلارغا مۇنداق ئەمر قىلىپ: «ئاۋازىمغا قۇلاق سېلىڭلار، شۇنداق قىلىپ مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن، سىلەر مېنىڭ خەلقىم بولىسىلەر؛ مەن ئۆزۈڭلارغا ياخشىلىق بولسۇن دەپ بۇيرۇغان بارلىق يولدا مېڭىڭلار» ــ دەپ بۇيرۇغانىدىم.
24 Ancaq Məni eşitmədilər, qulaq asmadılar. Bunun əvəzinə öz istəklərinə, pis ürəklərinin inadkarlığına görə hərəkət etdilər, irəliyə deyil, geriyə getdilər.
لېكىن ئۇلار ھېچ ئاڭلىمىغان، ماڭا ھېچ قۇلاق سالمىغان، بەلكى ئۆز رەزىل كۆڭلىدىكى جاھىللىقى بىلەن ئۆز خىيال-خاھىشلىرىغا ئەگىشىپ مېڭىۋەرگەن؛ ئۇلار ئالدىغا ئەمەس، بەلكى كەينىگە ماڭغان.
25 Atalarınız Misir torpağından çıxdıqları gündən bu günə qədər Öz qullarım olan peyğəmbərləri hər gün dəfələrlə yanınıza göndərdim.
ئاتا-بوۋىلىرىڭلار مىسىر زېمىنىدىن چىققاندىن تارتىپ بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر مەن قۇللىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنى يېنىڭلارغا ئەۋەتىپ كەلدىم؛ مەن ھەركۈنى تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇلارنى ئەۋەتىپ كەلدىم.
26 Amma Məni eşitmədilər, qulaq asmadılar, inadkarlıq etdilər, atalarından da pis işlər gördülər.
لېكىن خەلقىم ئاڭلىمىغان، ھېچ قۇلاق سالمىغان؛ ئۇلار بوينىنى قاتتىق قىلغان؛ رەزىللىكتە ئاتا-بوۋىلىرىدىن ئېشىپ كەتكەن.
27 Sən bütün bu sözləri onlara söyləyəcəksən, ancaq sənə qulaq asmayacaqlar, onları çağıracaqsan, ancaq sənə cavab verməyəcəklər”.
سەن بۇ سۆزلەرنى ئۇلارغا ئېيتىسەن؛ لېكىن ئۇلار ساڭا قۇلاق سالمايدۇ؛ سەن ئۇلارنى [توۋا قىلىشقا] چاقىرىسەن، لېكىن ئۇلار جاۋاب بەرمەيدۇ.
28 Sən onlara söylə: “Bu həmin xalqdır ki, öz Allahı Rəbbin sözünə qulaq asmır və cəzadan ibrət almır. Onlarda həqiqət yox oldu, həqiqətdən heç danışmırlar.
ــ سەن ئۇلارغا: ــ «پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىمىغان ۋە ھېچ تۈزىتىشنى قوبۇل قىلمىغان خەلق دەل مۇشۇ!» ــ دەيسەن. ئۇلاردىن ھەقىقەت-ۋاپالىق يوقاپ كەتتى؛ بۇ ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىنمۇ ئۈزۈلۈپ كەتتى.
29 Ey Yerusəlim, saçını kəsib at, Çılpaq təpələr üzərində mərsiyə oxu, Çünki Rəbb qəzəbləndiyi nəsli Rədd edib tərk etdi.
چېچىڭنى چۈشۈرۈپ ئۇنى تاشلىۋەت؛ يۇقىرى جايلاردا بىر مەرسىيە ئوقۇغىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز غەزىپىنى چۈشۈرمەكچى بولغان بۇ دەۋرنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭدىن ۋاز كەچتى.
30 Ona görə ki Yəhuda övladları gözümdə pis olan işlər gördü” Rəbb belə bəyan edir. “Mənim adımla çağırılan məbədə iyrənc bütlərini qoyub oranı murdarladılar.
چۈنكى يەھۇدادىكىلەر كۆز ئالدىمدا رەزىللىك قىلغان، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئۇلار مېنىڭ نامىمدا ئاتالغان ئۆيگە يىرگىنچلىك نەرسىلەرنى ئەكىرىپ ئۇنى بۇلغىغان؛
31 Onlar oğul və qızlarını odda yandırmaq üçün Ben-Hinnom vadisindəki Tofetdə səcdəgahlar düzəltdilər. Mən belə bir şeyi nə buyurdum, nə də ağlıma gətirdim”».
ۋە ئۆز ئوغۇل-قىزلىرىنى ئوتتا قۇربانلىق قىلىپ كۆيدۈرۈش ئۈچۈن «ھىننومنىڭ ئوغلى»نىڭ جىلغىسىدىكى توفەتنىڭ يۇقىرىدىكى جايلارنى قۇرغان؛ بۇنداق ئىشنى مەن ھېچ بۇيرۇمىغانمەن، ئۇ ئويۇمغا ھېچ كىرىپ باقمىغاندۇر.
32 Rəbb bəyan edir: «Buna görə də bir gün gələcək ki, oraya Tofet yaxud Ben-Hinnom vadisi deyil, Qırğın vadisi deyiləcək. Tofetdə yer qalmayana qədər ölüləri basdıracaqlar.
شۇڭا، مانا، شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ «توفەت» ياكى «ئىبن-ھىننومنىڭ جىلغىسى» ئەمدى ھېچ تىلغا ئېلىنمايدۇ، بەلكى «قەتل جىلغىسى» دېيىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار توفەتتە جەسەتلەرنى يەر قالمىغۇچە كۆمىدۇ.
33 Bu xalqın cəsədləri göydəki quşlara, yerdəki heyvanlara yem olacaq, onları qorxudub qaçıran olmayacaq.
بۇ خەلقنىڭ جەسەتلىرى ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارنىڭ ۋە زېمىندىكى جانىۋارلارنىڭ تائامى بولىدۇ؛ ئۇلارنى ئۆلۈكلەردىن قورقۇتۇپ ھەيدەيدىغان ھېچكىم بولمايدۇ.
34 Yəhuda şəhərlərində, Yerusəlim küçələrində sevinc və şadlıq sədasını, bəy-gəlin səsini kəsəcəyəm, çünki ölkə viran olacaq».
مەن يەھۇدا شەھەرلىرىدىن ھەم يېرۇسالېم شەھەرلىرىدىن ئويۇن-تاماشىنىڭ ساداسىنى، شاد-خۇراملىق ساداسىنى ۋە تويى بولۇۋاتقان يىگىت-قىزىنىڭ ئاۋازىنى مەھرۇم قىلىمەن؛ چۈنكى زېمىن ۋەيرانە بولىدۇ.

< Yeremya 7 >