< Yeremya 39 >

1 Yəhuda padşahı Sidqiyanın padşahlığının doqquzuncu ilinin onuncu ayında Babil padşahı Navuxodonosor bütün ordusu ilə Yerusəlimin qarşısına gəlib şəhəri mühasirəyə aldı.
يېرۇسالېم ئىشغال قىلىنغاندا تۆۋەندىكى ئىشلار يۈز بەردى: ــ يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيانىڭ توققۇزىنچى يىلى ئونىنچى ئايدا، بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار ۋە بارلىق قوشۇنى يېرۇسالېمغا جەڭ قىلىشقا كېلىپ ئۇنى مۇھاسىرىگە ئالدى؛
2 Sidqiyanın padşahlığının on birinci ilində, dördüncü ayın doqquzuncu günü şəhər divarında dəlik açıldı.
زەدەكىيانىڭ ئون بىرىنچى يىلى، تۆتىنچى ئاينىڭ توققۇزىنچى كۈنىدە، ئۇلار شەھەر سېپىلىدىن بۆسۈپ كىردى.
3 Babil padşahının bütün başçıları – Nerqal-Sareser, Samqar-Nevo, baş məmur Sarsekim, baş məsləhətçi Nerqal-Sareser və bütün başqa əyanlar içəri girib Orta darvazada oturdu.
شۇنىڭ بىلەن بابىل پادىشاھىنىڭ ئەمىرلىرىنىڭ ھەممىسى، يەنى سامگارلىق نەرگال-شارەزەر، باش خەزىنىچى نېبۇ-سارسېقىم، باش سېھىرگەر نەرگال-شارەزەر ۋە بابىل پادىشاھلىقىنىڭ باشقا ئەمەلدارلىرى كىرىپ «ئوتتۇرا دەرۋازا»دا ئولتۇردى.
4 Yəhuda padşahı Sidqiya və bütün döyüşçülər onları görəndə gecə vaxtı şəhərdən, padşah bağçası yolundan, iki divar arasındakı qapıdan çıxıb qaçdılar və Aravaya üz tutdular.
يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيا ۋە بارلىق جەڭگىۋار لەشكەرلەر ئۇلارنى كۆرۈپ قاچماقچى بولۇپ، تۈن كېچىدە شەھەردىن بەدەر تىكىۋېتىشتى؛ ئۇ پادىشاھنىڭ باغچىسى ئارقىلىق، «ئىككى سېپىل» ئارىلىقىدىكى دەرۋازىدىن چىقىپ [ئىئوردان جىلغىسىدىكى] «ئاراباھ تۈزلەڭلىكى»گە قاراپ قېچىشتى.
5 Xaldey ordusu onları təqib edib Yerixo düzənliyində Sidqiyaya çatdı. Sidqiyanı tutub Xamat torpağındakı Rivlaya, Babil padşahı Navuxodonosorun yanına gətirdilər. O, Sidqiya barədə hökm verdi.
كالدىيلەرنىڭ قوشۇنى ئۇلارنى قوغلاپ يېرىخو تۈزلەڭلىكىدە زەدەكىياغا يېتىشىپ ئۇنى قولغا ئېلىپ خامات زېمىنىدىكى رىبلاھ شەھىرىگە، بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ ئالدىغا ئاپاردى؛ ئۇ شۇ يەردە ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقاردى.
6 Babil padşahı Rivlada Sidqiyanın gözü önündə onun oğlanlarını öldürtdü. Babil padşahı bütün Yəhuda əyanlarını da öldürtdü.
بابىل پادىشاھى رىبلاھ شەھىرىدە زەدەكىيانىڭ ئوغۇللىرىنى كۆز ئالدىدا ئۆلتۈرۈۋەتتى؛ بابىل پادىشاھى يەھۇدادىكى بارلىق مۆتىۋەرلەرنىمۇ ئۆلتۈرۈۋەتتى.
7 Sidqiyanın isə gözlərini kor etdi və onu Babilə aparmaq üçün zəncirlədi.
ئۇ زەدەكىيانىڭ كۆزلىرىنى ئويۇپ، ئۇنى بابىلغا ئاپىرىش ئۈچۈن مىس كىشەنلەر بىلەن كىشەنلەپ قويدى.
8 Xaldeylilər padşah sarayını və xalqın evlərini yandırdılar, Yerusəlimin divarlarını uçurtdular.
كالدىيلەر پادىشاھنىڭ ئوردىسىنى ۋە پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىنى ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈپ يېرۇسالېمنىڭ سېپىللىرىنى كۆمۈرۈپ تاشلىدى.
9 Keşikçilər rəisi Nevuzaradan şəhərdə sağ qalan xalqı, onun tərəfinə keçənləri – sağ qalan bütün əhalini Babilə sürgün etdi.
شاھانە قاراۋۇل بېگى نېبۇزار-ئادان شەھەردە قېلىپ قالغان باشقا خەلقنى، ئۆزىگە تەسلىم بولۇپ چىققانلارنى، يەنى قالغان خەلقنىڭ ھەممىسىنى قولغا ئېلىپ، بابىلغا سۈرگۈن قىلدى.
10 Keşikçilər rəisi Nevuzaradan xalqdan heç bir şeyi olmayan bəzi yoxsulları Yəhuda torpağında saxladı, həmin gün onlara üzümlüklər və zəmilər verdi.
ھالبۇكى، قاراۋۇل بېگى نېبۇزار-ئادان يەھۇدا زېمىنىدا ھېچ تەۋەلىكى بولمىغان بەزى نامراتلارنى قالدۇردى؛ شۇ چاغدا ئۇ ئۇلارغا ئۈزۈمزارلار ۋە ئېتىزلارنى تەقسىملەپ بەردى.
11 Babil padşahı Navuxodonosor Yeremya barədə keşikçilər rəisi Nevuzaradana əmr edib dedi:
بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار يەرەمىيا توغرۇلۇق قاراۋۇل بېگى نېبۇزار-ئادان ئارقىلىق: «ئۇنى تېپىپ ئۇنىڭدىن خەۋەر ئال؛ ئۇنىڭغا ھېچ زىيان يەتكۈزمە؛ ئۇ نېمىنى خالىسا شۇنى ئۇنىڭغا قىلىپ بەر» ــ دەپ پەرمان چۈشۈرگەنىدى.
12 «Onu aparıb yaxşı bax, pis rəftar etmə. Özü sənə nə desə, onu elə».
13 Keşikçilər rəisi Nevuzaradan, baş məmur Nevuşazban, baş məsləhətçi Nerqal-Sareser və Babil padşahının başqa əyanları adam göndərib
شۇڭا قاراۋۇل بېگى نېبۇزار-ئادان، شۇنداقلا باش خەزىنىچى نېبۇشازبان، باش سېھىرگەر نەرگال-شارەزەر ۋە بابىل پادىشاھىنىڭ باشقا باش ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەممىسى ئادەم ئەۋەتىپ
14 Yeremyanı mühafizəçilər həyətindən gətirdilər və evinə aparmaq üçün Şafan oğlu Axiqam oğlu Gedalyaya tapşırdılar. O da xalqın arasında yaşamağa başladı.
يەرەمىيانى «قاراۋۇللارنىڭ ھويلىسى»دىن ئېلىپ شافاننىڭ نەۋرىسى، ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىيانىڭ ئۆز ئۆيىگە ئاپىرىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرغۇزدى. لېكىن يەرەمىيا پۇقرالار ئارىسىدا تۇردى.
15 Mühafizəçilər həyətində məhbus ikən Yeremyaya Rəbbin bu sözü nazil olmuşdu:
يەرەمىيا «قاراۋۇللارنىڭ ھويلىسى»دا قاماپ قويۇلغان ۋاقتىدا، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئۇنىڭغا كېلىپ مۇنداق دېيىلگەنىدى: ــ
16 «Get Kuşlu Eved-Melekə söylə ki, İsrailin Allahı olan Ordular Rəbbi belə deyir: “Bu şəhərin üzərinə yaxşılıq deyil, pislik gətirərək dediyim sözləri yerinə yetirəcəyəm. O gün bunlar sənin gözlərin önündə baş verəcək.
بارغىن، ئېفىئوپىيەلىك ئەبەد-مەلەككە مۇنداق دېگىن: «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئۆز سۆزلىرىمنى مۇشۇ شەھەر ئۈستىگە چۈشۈرىمەن؛ ئاۋات-ھالاۋەت ئەمەس، بەلكى بالايىئاپەت چۈشۈرىمەن؛ شۇ كۈنى بۇ ئىشلار ئۆز كۆزۈڭ ئالدىدا يۈز بېرىدۇ.
17 Ancaq o gün səni xilas edəcəyəm” Rəbb belə bəyan edir. “Qorxduğun adamlara təslim edilməyəcəksən.
لېكىن شۇ كۈنى مەن سېنى قۇتقۇزىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ سەن قورقىدىغان ئادەملەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلمايسەن؛
18 Bəli, Mən səni xilas edəcəyəm, sən qılıncla həlak olmayacaqsan. Heç olmasa öz canını qurtaracaqsan, çünki sən Mənə güvəndin” Rəbb belə bəyan edir».
چۈنكى مەن چوقۇم سېنى قۇتقۇزىمەن؛ سەن قىلىچلانمايسەن، بەلكى ئۆز جېنىڭ ئۆزۈڭگە ئولجىدەك قالىدۇ؛ چۈنكى سەن ماڭا تايىنىپ كەلگەنسەن ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار».

< Yeremya 39 >