< Yaradiliş 7 >

1 Rəbb Nuha dedi: «Sən bütün ailənlə birgə gəmiyə gir, çünki bu bəşər nəsli içində yalnız səni önümdə saleh gördüm.
پەرۋەردىگار نۇھقا مۇنداق دېدى: ــ «سەن پۈتۈن ئۆيدىكىلىرىڭ بىلەن كېمىگە كىرگىن؛ چۈنكى بۇ دەۋردە ئالدىمدا سېنى ھەققانىي دەپ كۆردۈم.
2 Hər pak heyvanın erkək və dişisindən yeddi cüt, hər murdar heyvanın erkək və dişisindən bir cüt götür,
ھەممە ھالال ھايۋانلارنىڭ ئەركەك-چىشىسىدىن يەتتە جۈپتىن، ھارام ھايۋانلارنىڭ ئەركەك-چىشىسىدىن بىر جۈپتىن ئېلىپ، شۇنىڭدەك ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارنىڭمۇ ئەركەك-چىشىسىدىن يەتتە جۈپتىن ئېلىپ، ئۇلارنىڭ نەسلىنى پۈتكۈل يەر يۈزىدە تىرىك ساقلاش ئۈچۈن ئۆزۈڭ بىلەن بىللە ئەكىر.
3 həmçinin göydəki hər quşun erkək və dişisindən yeddi cüt götür; qoy bütün yer üzündə onların nəsli kəsilməsin.
4 Çünki yeddi gün sonra yer üzünə qırx gün-qırx gecə yağış yağdıracağam və yaratdığım bütün canlıları yer üzündə məhv edəcəyəm».
چۈنكى يەتتە كۈندىن كېيىن ئۇدا قىرىق كېچە-كۈندۈز يەر يۈزىگە يامغۇر ياغدۇرىمەن؛ ئۆزۈم ياسىغان ھەممە جانىۋارلارنى يەر يۈزىدىن يوقىتىمەن».
5 Rəbb Nuha necə əmr etmişdisə, o da hər şeyi eləcə yerinə yetirdi.
شۇنىڭ بىلەن نۇھ پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بۇيرۇغىنىنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلدى.
6 Yer üzündə daşqın olanda Nuhun altı yüz yaşı var idi.
يەر يۈزىنى توپان باسقاندا نۇھ ئالتە يۈز ياشتا ئىدى.
7 Nuh, onun arvadı, oğulları və gəlinləri daşqından qurtarmaq üçün birlikdə gəmiyə mindilər.
توپاندىن [قۇتۇلۇپ قېلىش] ئۈچۈن نۇھ بىلەن ئوغۇللىرى، ئايالى ۋە كېلىنلىرى بىللە كېمىگە كىردى.
8 Allahın Nuha əmr etdiyi kimi pak və murdar heyvanların, quşların, bütün yerdə sürünənlərin
ھالال ھايۋانلار بولسۇن، ھارام ھايۋانلار بولسۇن، قۇشلار بىلەن يەردە ئۆمىلىگۈچى جانىۋارلار بولسۇن، [ھەربىر تۈردىن] بىر جۈپ-بىر جۈپتىن ئەركەك-چىشى بولۇپ، خۇدا نۇھقا بۇيرۇغاندەك كېمىگە، نۇھنىڭ قېشىغا كىردى.
9 erkək və dişisi cüt-cüt Nuhun yanına gəlib gəmiyə mindi.
10 Yeddi gün sonra yer üzündə daşqın oldu.
ۋە شۇنداق بولدىكى، يەتتە كۈندىن كېيىن، يەر يۈزىنى توپان بېسىشقا باشلىدى.
11 Həmin gün – Nuhun ömrünün altı yüzüncü ilində, ikinci ayın on yeddinci günü dərinlikdə olan bütün gur su qaynaqları püskürdü və göylərin pəncərələri açıldı.
نۇھنىڭ ئۆمرىنىڭ ئالتە يۈزىنچى يىلى، ئىككىنچى ئېيىنىڭ ئون يەتتىنچى كۈنىدە چوڭقۇر دېڭىزلارنىڭ تەگلىرىدىكى بارلىق بۇلاقلار يېرىلىپ، ئاسماننىڭ پەنجىرىلىرى ئېچىلىپ كەتتى.
12 Yer üzünə qırx gün-qırx gecə yağış yağdı.
يامغۇر ئۇدا قىرىق كېچە-كۈندۈز يەر يۈزىگە توختىماي ياغدى.
13 Elə həmin gün Nuh, onun arvadı, oğulları Sam, Ham, Yafəs və üç gəlini gəmiyə mindilər.
دەل يامغۇر باشلانغان كۈنى، نۇھ، نۇھنىڭ شەم، ھام، يافەت دېگەن ئوغۇللىرى، نۇھنىڭ ئايالى بىلەن ئۈچ كېلىنى كېمىگە كىردى.
14 Onlarla birgə hər növ çöl heyvanı, hər növ ev heyvanı, hər növ yerdə sürünən, hər növ göydə uçan canlı və hər cür quş gəmiyə girdi:
ئۇلار بىلەن بىللە ھەرخىل ياۋا ھايۋانلار تۈر-تۈرى بويىچە، ھەرخىل مال-چارۋىلار تۈر-تۈرى بويىچە، يەردە ئۆمىلىگۈچى ھەرخىل جانىۋارلار تۈر-تۈرى بويىچە ۋە ھەرخىل ئۇچار-قاناتلار، يەنى ھەرخىل قاناتلىق جانىۋارلار تۈر-تۈرى بويىچە كېمىگە كىردى.
15 həyat nəfəsi olan bütün canlılardan cüt-cüt Nuhun yanına gəlib gəmiyə mindi.
ئەت ئىگىلىرىدىن، يەنى بارلىق ھاياتلىق تىنىقى بولغان ھەرخىل جاندارلاردىن، بىر جۈپ-بىر جۈپ بولۇپ، كېمىگە نۇھنىڭ قېشىغا كىردى.
16 Allahın Nuha əmr etdiyi kimi bütün canlılardan erkək və dişi heyvanlar gəmiyə girdilər. Onların dalınca Rəbb gəminin qapısını örtdü.
كىرگەنلەر خۇدانىڭ نۇھقا بۇيرۇغىنىدەك ئەت ئىگىلىرىنىڭ ھەرتۈرىنىڭ ئەركەك-چىشىسى ئىدى. ئاندىن پەرۋەردىگار ئىشىكنى ئېتىۋەتتى.
17 Yer üzündə qırx gün daşqın oldu və su çoxalıb gəmini yerdən yuxarı qaldırdı.
توپان يەر يۈزىنى ئۇدا قىرىق كۈن بېسىپ، سۇلار ئۇلغىيىپ كەتتى. كېمە يەر ئۈستىدىن كۆتۈرۈلۈپ لەيلەپ قالدى.
18 Su çox yuxarı qalxıb yer üzünü aldı və gəmi suyun üzündə üzməyə başladı.
سۇ ئۇلغىيىپ، يەر ئۈستىدە تېخىمۇ ئېگىزلەپ كەتتى؛ كېمە سۇ ئۈستىدە داۋالغۇپ تۇراتتى.
19 Su yer üzünü elə tutdu ki, göylər altında olan bütün uca dağlar suya qərq oldu.
سۇلار يەر يۈزىدە تولىمۇ ئۇلغىيىپ، پۈتكۈل ئاسماننىڭ ئاستىدىكى بارلىق ئېگىز تاغلارنىمۇ بېسىپ كەتتى.
20 Su dağların zirvəsindən on beş qulac qalxdı və onları örtdü.
سۇلار [تاغلاردىن] يەنە ئون بەش گەز ئۆرلەپ، تاغ چوققىلىرىمۇ سۇ ئاستىدا قالدى.
21 Yer üzündə hərəkət edən canlıların hamısı – quşlar, ev heyvanları, çöl heyvanları, yerdə sürünənlər və bütün insanlar məhv oldu.
بۇنىڭ بىلەن يەر يۈزىدە يۈرگۈچى ھەممە ئەت ئىگىلىرى، ئۇچار-قۇشلار، مال-چارۋىلار، ياۋايى ھايۋانلار، يەردە ئۆمىلىگۈچى ھەممە جانىۋارلار، جۈملىدىن پۈتكۈل ئادەملەر ھەممىسى ئۆلدى؛
22 Quruda yaşayan, burnunda həyat nəfəsi olan canlı varlıqların hamısı öldü.
قۇرۇقلۇقتا ياشىغۇچى، بۇرنىدا ھاياتلىق تىنىقى بار بولغانلارنىڭ ھەممىسى ئۆلدى.
23 Rəbb yer üzündə olan bütün canlıları məhv etdi: insanlardan tutmuş heyvanlara, sürünənlərə və göydəki quşlara qədər hər şey yer üzündə məhv oldu. Yalnız Nuh və onunla birgə gəmidə olanlar sağ qaldı.
يەر يۈزىدىكى جېنى بارلارنىڭ ھەممىسى، ئىنسان بولسۇن، مال-چارۋىلار بولسۇن، ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلار بولسۇن، ئاسماندىكى قۇشلار بولسۇن، ھەممىسى ھالاك بولۇپ يەر يۈزىدىن يوق قىلىندى؛ پەقەت نۇھ ۋە كېمىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرغانلار قۇتۇلۇپ قالدى.
24 Yüz əlli gün ərzində su yer üzündə çoxaldı.
بىر يۈز ئەللىك كۈنگىچە يەر يۈزىنى سۇ بېسىپ تۇردى.

< Yaradiliş 7 >

The Great Flood
The Great Flood