< Yaradiliş 24 >

1 İbrahim qocalıb yaşa dolmuşdu. Rəbb hər şeydə ona xeyir-dua vermişdi.
ئىبراھىم قېرىپ، يېشى بىر يەرگە بېرىپ قالغانىدى؛ پەرۋەردىگار ئىبراھىمغا ھەر تەرەپتە بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلغانىدى.
2 Bir gün İbrahim evində bütün işləri idarə edən qulbaşıya dedi: «Əlini budumun altına qoyub
ئىبراھىم ئۆيىدىكى ئەڭ مۆتىۋەر خىزمەتكارى، ئۆزىنىڭ پۈتۈن مال-مۈلكىنى باشقۇرىدىغان غوجىدارغا: ــ قولۇڭنى يوتامنىڭ ئاستىغا قويغىن؛
3 göyün və yerin Allahı Rəbbin adına mənə and iç ki, oğluma aralarında yaşadığım Kənanlıların qızlarından arvad almayacaqsan,
مەن سېنى ئاسمانلارنىڭ خۇداسى شۇنداقلا يەرنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلدۇرىمەنكى، سەن مەن ھازىر تۇرۇۋاتقان بۇ قانائانىيلارنىڭ ئارىسىدىن ئوغلۇمغا قىز ئېلىپ بەرمەي،
4 ancaq mənim ölkəmə, qohumlarımın yanına gedib oğlum İshaq üçün arvad alacaqsan».
بەلكى ئۆز يۇرتۇمغا، شۇنداقلا ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئوغلۇم ئىسھاققا خوتۇن ئېلىپ بەرگەيسەن، ــ دېدى.
5 Nökər ona dedi: «Bəlkə qız mənimlə birgə bu ölkəyə gəlməyə razı olmadı? Onda oğlunu sənin çıxdığın ölkəyə aparımmı?»
خىزمەتكارى ئۇنىڭغا: ــ مۇبادا ئۇ قىز مەن بىلەن بۇ يۇرتقا كەلگىلى ئۇنىمىسا، ئۇنداقتا ئۆزلىرى چىققان شۇ يۇرتقا ئوغۇللىرىنى ياندۇرۇپ ئاپىرامدىمەن؟ ــ دېدى.
6 İbrahim ona dedi: «Bax oğlumu oraya aparma.
ئىبراھىم ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ ھېزى بول، ئوغلۇمنى ھەرگىز شۇ يەرگە ياندۇرۇپ بارمىغىن!
7 Məni atamın evindən və doğulduğum torpaqdan çıxaran, mənimlə danışan və and içərək “bu torpağı sənin nəslinə verəcəyəm” deyən göylərin Allahı Rəbb Öz mələyini sənin önündə göndərəcək və sən oradan oğluma arvad alıb gətirəcəksən.
مېنى ئاتامنىڭ ئۆيى بىلەن تۇغۇلغان يۇرتۇمدىن يېتەكلەپ ئېلىپ كەلگۈچى، يەنى ماڭا سۆز قىلىپ: ــ «سېنىڭ نەسلىڭگە بۇ يۇرتنى بېرىمەن»، دەپ ماڭا قەسەم قىلغان، ئاسماننىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار ئۆز پەرىشتىسىنى ئالدىڭغا ئەۋەتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ئۇ يەردىن ئوغلۇمغا قىز ئېلىپ كېلەلەيسەن.
8 Əgər o qadın səninlə gəlmək istəməsə, sən bu anddan azad olursan. Ancaq mənim oğlumu oraya aparma».
شۇنداقتىمۇ، ئەگەر قىز سەن بىلەن بۇ يەرگە كەلگىلى ئۇنىمىسا، مەن ساڭا قىلدۇرىدىغان قەسەمدىن خالاس بولىسەن؛ ئەمما ئوغلۇمنى ئۇ يەرگە ھەرگىز ياندۇرۇپ بارمىغىن، ــ دېدى.
9 Nökər əlini ağası İbrahimin budu altına qoyub bu işə görə ona and içdi.
شۇنىڭ بىلەن خىزمەتكار قولىنى خوجىسى ئىبراھىمنىڭ يوتىسىنىڭ ئاستىغا قويۇپ تۇرۇپ، بۇ توغرىدا ئۇنىڭغا قەسەم قىلدى.
10 Nökər ağasından on dəvə və ən yaxşı hədiyyələr götürüb getdi və Aram-Naharayimə, Naxor şəhərinə gəldi.
ئاندىن خىزمەتكار بۇ توغرىدا خوجىسىنىڭ تۆگىلىرىدىن ئوننى، شۇنداقلا خوجىسىنىڭ ھەرخىل ئېسىل نەرسىلىرىنى ئېلىپ يولغا چىقتى؛ ئۇ ئارام-ناھارائىم رايونىغا سەپەر قىلىپ، ناھورنىڭ شەھىرىگە يېتىپ كەلدى.
11 Axşam qadınlar su çəkmək üçün çıxdıqları zaman onun dəvələri şəhərin kənarında olan su quyusunun yanında dayandı.
ئۇ شەھەرنىڭ سىرتىدىكى بىر قۇدۇقنىڭ يېنىدا تۆگىلىرىنى چۆكۈندۇردى: بۇ كەچقۇرۇن، قىز-ئاياللارنىڭ سۇ تارتقىلى چىقىدىغان چېغى ئىدى.
12 Sonra dua etdi: «Ya Rəbb, ağam İbrahimin Allahı, yalvarıram, bu gün işimi avand elə və ağam İbrahimə xeyirxahlıq göstər.
ئۇ دۇئا قىلىپ: ــ ئەي خوجام ئىبراھىمنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار، ئۆتۈنىمەنكى، بۈگۈن مېنىڭ ئىشىمنى ئوڭغا تارتقايسەن، خوجام ئىبراھىمغا شاپائەت كۆرسەتكەيسەن.
13 Mən bu bulağın yanında dururam; şəhər sakinlərinin qızları su çəkmək üçün buraya gəlirlər.
مانا مەن بۇ يەردە قۇدۇقنىڭ بېشىدا تۇرۇۋاتىمەن ۋە شەھەر خەلقىنىڭ قىزلىرى بۇ يەرگە سۇ تارتقىلى كېلىۋاتىدۇ.
14 Qoy elə olsun ki, mənim “xahiş edirəm, səhəngini endir, su içim” deyəcəyim və mənə “özün də iç və dəvələrinə də verim” söyləyəcək qız qulun İshaq üçün təyin etdiyin arvad olsun; bundan bilərəm ki, ağama xeyirxahlıq edirsən».
ئەمدى شۇنداق بولسۇنكى، مەن قايسى قىزغا: «كوزمزىكىڭنى چۈشۈرسەڭ، مەن سۇ ئىچىۋالسام بوپتىكەن!» دېسەم، ئۇ جاۋاب بېرىپ: «مانا ئىچكىن، مەن تۆگىلىرىڭنىمۇ سۇغىرىپ قوياي»، دېسە، ئۇ قىز سەن قۇلۇڭ ئىسھاققا بېكىتكىنىڭنىڭ ئۆزى بولسۇن. بۇنىڭدىن سېنىڭ خوجام ئىبراھىمغا شاپائەت قىلغىنىڭنى بىلەلەيمەن، ــ دېدى.
15 O, duasını bitirməmişdi ki, İbrahimin qardaşı Naxorun arvadı Milkadan doğulan oğlu Betuelin qızı Rivqa çiynində səhəng gəldi.
ئۇ تېخى سۆزىنى تۈگەتمەيلا، مانا رىۋكاھ كومزەكنى مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ چىقىپ كەلدى؛ ئۇ بولسا ئىبراھىمنىڭ ئىنىسى ناھورنىڭ ئايالى مىلكاھتىن تۇغۇلغان ئوغلى بېتۇئەلنىڭ قىزى ئىدى؛
16 Qız görünüşcə çox gözəl idi və hələ bakirə idi. O, bulağa endi və səhəngini doldurub yuxarı qalxdı.
قىز ئىنتايىن چىرايلىق بولۇپ، ھېچ ئەر كىشى تەگمىگەن پاك قىز ئىدى. ئۇ قۇدۇقنىڭ بويىغا چۈشۈپ، كومزەكنى تولدۇرۇپ ئاندىن چىقتى.
17 Nökər onun qabağına qaçıb dedi: «Xahiş edirəm, səhəngindən mənə bir az su ver, içim».
خىزمەتكار ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ: ــ ئۆتۈنۈپ قالاي، كومزىكىڭتىن ئازغىنا سۇ ئوتلىۋالاي، دېدى.
18 Qız dedi: «Ağam, buyur iç». Qız tez səhəngini əli üstünə endirdi və ona su verdi.
ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ ئىچكەيلا، ئەي خوجام! دەپلا، كومزەكنى دەرھال قولىغا ئېلىپ، ئۇنىڭ سۇ ئىچىشى ئۈچۈن سۇندى.
19 Ona su verəndən sonra dedi: «Dəvələrin üçün də su çəkim, içib doysunlar».
ئۇ سۈيىدىن ئۇنىڭغا قانغۇچە ئىچكۈزگەندىن كېيىن: ــ تۆگىلىرىگىمۇ قانغۇچە سۇ ئىچكۈزۈپ قوياي، ــ دېدى.
20 Qız tez səhəngini təknəyə boşaltdı, su çəkmək üçün cəld quyunun yanına qaçdı və nökərin bütün dəvələri üçün su çəkdi.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ دەرھال كومزەكتىكى سۇنى ئولاققا تۆكۈۋېتىپ، يەنە قۇدۇققا سۇ تارتقىلى يۈگۈرۈپ باردى؛ ئۇ ئۇنىڭ ھەممە تۆگىلىرىگە سۇ تارتىپ بەردى.
21 O adam sakit duraraq diqqətlə qıza baxırdı ki, Rəbbin onun yoluna xeyir-dua verib-vermədiyini bilsin.
ئۇ كىشى ئۇنىڭغا كۆزىنى تىككىنىچە جىمجىت تۇرۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى ئوڭ قىلغان، قىلمىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن كۈتۈۋاتاتتى.
22 Dəvələr su içib qurtaranda o adam çəkisi bir beqa olan qızıl burun sırğası, qızın qolları üçün çəkisi on şekel olan iki bilərzik götürüb dedi:
تۆگىلەر سۇ ئىچىپ قانغاندا، شۇنداق بولدىكى، ھېلىقى كىشى يېرىم شەكەللىك بىر ئالتۇن بۇرۇن ھالقىسى بىلەن ئىككى قولىغا ئون شەكەللىك ئالتۇن بىلەزۈكنى چىقىرىپ قىزغا بېرىپ ئۇنىڭغا:
23 «Mənə de görüm, sən kimin qızısan? Atanın evində bizə gecə qalmaq üçün yer tapılarmı?»
سەن كىمنىڭ قىزى بولىسەن؟ ماڭا دەپ بەرسەڭ! ئاتاڭنىڭ ئۆيىدە بىزگە قونغۇدەك جاي بارمۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
24 Qız ona dedi: «Mən Milkanın Naxora doğduğu Betuelin qızıyam».
قىز ئۇنىڭغا: ــ مەن مىلكاھنىڭ ناھورغا تۇغۇپ بەرگەن ئوغلى بېتۇئەلنىڭ قىزى بولىمەن، ــ دېدى،
25 Yenə dedi: «Bizdə saman da, yem də çoxdur və gecələməyə yer də var».
يەنە ئۇنىڭغا: ــ بىزنىڭكىدە سامان بىلەن بوغۇز كەڭرى، [سىلەرگە] قونغىلى جايمۇ بار، ــ دېدى.
26 O adam əyilib Rəbbə səcdə etdi.
شۇئان بۇ ئادەم ئېڭىشىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا سەجدە قىلىپ:
27 Sonra dedi: «Ağam İbrahimin Allahı Rəbbə alqış olsun ki, xeyirxahlığını və sədaqətini ağamdan əsirgəmədi: Rəbb məni birbaş ağamın qardaşının evinə gətirdi».
ئۆز شاپائىتى بىلەن خوجامدىن ۋاپادارلىقىنى ئايىمىغان، خوجام ئىبراھىمنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇلغاي! پەرۋەردىگار بۇ سەپىرىمدە مېنى خوجامنىڭ قېرىنداشلىرى تۇرغان ئۆيگە باشلاپ كەلدى! ــ دېدى.
28 Qız qaçıb anasının evində bu barədə danışdı.
قىز يۈگۈرۈپ بېرىپ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئانىسىنىڭ ئۆيدىكىلەرگە ئېيتىپ بەردى.
29 Rivqanın bir qardaşı var idi, adı Lavan idi. Lavan çıxıb o adamın yanına – bulağa qaçdı.
ئەمدى رىۋكاھنىڭ لابان دېگەن بىر ئاكىسى بار ئىدى. لابان قۇدۇقنىڭ بېشىغا، ئۇ ئادەمنىڭ قېشىغا يۈگۈرۈپ چىقتى.
30 O, bacısının burun halqasını və qollarındakı bilərziyi görəndə, bacısı Rivqanın «bu adam mənimlə belə danışdı» sözlərini eşidəndə o adamın yanına gəldi. O, bulaq başında dəvələrin yanında dayanmışdı.
چۈنكى ئۇ سىڭلىسىنىڭ بۇرۇن ھالقىسىنى ۋە قوللىرىدىكى بىلەزۈكلەرنى كۆرۈپ، ھەمدە سىڭلىسىنىڭ: ئۇ ئادەم ماڭا مۇنداق-مۇنداق دېدى، دېگىنىنى ئاڭلاپ، ئۇ ئادەمنىڭ قېشىغا باردى. مانا، ئۇ كىشى قۇدۇقنىڭ يېنىدا تۆگىلەرنىڭ قېشىدا تۇراتتى.
31 Lavan dedi: «Ey Rəbbin xeyir-dua verdiyi adam, içəri gir. Nə üçün bayırda durursan? Mən sənə otaq və dəvələrinə yer hazırlamışam».
لابان ئۇنىڭغا: ــ ئەي پەرۋەردىگارنىڭ بەخت-بەرىكىتى ئاتا قىلىنغۇچى، كىرگەيلا! نېمە ئۈچۈن تاشقىرىدا تۇردىلا؟ مەن ئۆينى تەييارلاپ قويدۇم، تۆگىلەرگىمۇ جاي راسلىدىم، ــ دېدى.
32 O adam evə girdi. Lavan dəvələrin yükünü boşaltdı, onlara saman və yem verdi, o adama və onunla birgə olanlara ayaqlarını yumaq üçün su verdi.
ئۇ ئادەم ئۆيگە كىردى؛ لابان تۆگىلەردىن يۈكنى چۈشۈرۈپ، تۆگىلەرگە سامان بىلەن بوغۇز بېرىپ، ئۇ كىشىنىڭ ھەم ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ پۇتلىرىنى يۇغىلى سۇ ئېلىپ كەلدى؛
33 Onların qabağına yemək gətirildi, ancaq həmin adam dedi: «Məqsədimi söyləməyincə yeməyəcəyəm». Lavan dedi: «Söylə».
ئاندىن ئۇ كىشىنىڭ ئالدىغا تائام قويۇلدى؛ لېكىن ئۇ: ــ مەن گېپىمنى دېمەي تۇرۇپ تائام يېمەيمەن، ــ دېدى. لابان جاۋاب بېرىپ: ــ ئېيتقايلا، دېدى.
34 O dedi: «Mən İbrahimin nökəriyəm.
ئۇ: ــ مەن بولسام ئىبراھىمنىڭ خىزمەتكارىمەن؛
35 Rəbb ağama çoxlu xeyir-dua verdi: onu varlandırdı, ona qoyun-keçi, mal-qara, qızıl-gümüş, qullar, qarabaşlar, dəvələr və eşşəklər verdi.
پەرۋەردىگار خوجامغا كۆپ بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلغاچقا، ئۇ ئۇلۇغ بىر كىشى بولدى. ئۇ ئۇنىڭغا قوي بىلەن كالا، كۈمۈش بىلەن ئالتۇن، قۇل بىلەن دېدەكلەرنى، تۆگە بىلەن ئېشەكلەرنى بەردى.
36 Ağamın arvadı Sara da qoca ikən ağama bir oğul doğdu. Ağam özünə məxsus olan hər şeyi ona verdi.
خوجامنىڭ ئايالى ساراھ قېرىغاندا خوجامغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەرگەنىدى. خوجام [ئوغلىغا] ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئاتىدى.
37 Sonra da məni and içdirərək dedi: “Ölkələrində yaşadığım Kənanlıların qızlarından oğluma arvad alma,
خوجام مېنى قەسەم قىلدۇرۇپ: «سەن مەن تۇرۇۋاتقان زېمىندىكى قانائانىيلارنىڭ قىزلىرىدىن ئوغلۇمغا خوتۇن ئېلىپ بەرمە،
38 ancaq atamın evinə – qohumlarımın yanına gedib oradan oğluma bir arvad al”.
بەلكى جەزمەن ئاتامنىڭ ئۆيىگە، ئۆز تۇغقانلىرىمنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئوغلۇمغا خوتۇن ئېلىپ بەرگەيسەن»، ــ دېدى.
39 Mən ağama dedim: “Bəlkə o qadın mənimlə gəlmədi”.
ئۇ ۋاقىتتا مەن خوجامغا: «ئۇ قىز مەن بىلەن كەلگىلى ئۇنىمىسىچۇ؟» ــ دېسەم،
40 O mənə dedi: “Önündə davrandığım Rəbb səninlə Öz mələyini göndərəcək, yolun uğurlu olacaq və qohumlarımın arasından – atamın evindən oğluma bir arvad alacaqsan.
ئۇ ماڭا جاۋاب بېرىپ: «تۇتقان يوللىرىم ئۇنىڭغا ئوچۇق بولغان پەرۋەردىگارىم ئۆز پەرىشتىسىنى سېنىڭ بىلەن ئەۋەتىپ، يولۇڭنى ئوڭ قىلىدۇ. بۇ تەرىقىدە سەن مېنىڭ ئائىلىدىكىلىرىم ئارىسىدىن، ئاتامنىڭ جەمەتى ئىچىدىن ئوغلۇمغا خوتۇن ئېلىپ بېرىسەن.
41 Qohumlarımın yanına getdiyin zaman içdiyin anddan azad olacaqsan: əgər o qızı sənə verməsələr, içdiyin anddan azad olacaqsan”.
شۇنداق قىلىپ ئائىلەمدىكىلەرنىڭ قېشىغا يېتىپ بارغىنىڭدا، سەن مەن قىلدۇرغان قەسەمدىن خالاس بولىسەن؛ ئۇلار ساڭا قىزنى بەرمىسىمۇ ئوخشاشلا قەسەمدىن خالاس بولىسەن»، ــ دېگەنىدى.
42 Mən də bu gün bulağın yanına gəlib dua etdim: “Ey ağam İbrahimin Allahı Rəbb, yalvarıram, getdiyim yolu aç.
شۇڭا مەن بۈگۈن بۇ قۇدۇقنىڭ قېشىغا كېلىپ: ــ ئەي، خوجام ئىبراھىمنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار، ئەگەر سەن بۇ سەپىرىمنى ئوڭ قىلساڭ: ــ
43 İndi mən bulağın yanında dururam; su çəkməyə gələn və mənim ona ‹xahiş edirəm, mənə səhəngindən bir az su ver, içim› deyəcəyim,
مانا مەن سۇ قۇدۇقىنىڭ يېنىدا تۇرۇۋاتىمەن؛ ۋە شۇنداق بولسۇنكى، سۇ تارتقىلى كەلگەن قىزغا: «كوزاڭدىن ماڭا بىر ئوتلام سۇ بەرگەن بولساڭ»، دېسەم،
44 onun da mənə ‹sən də iç, dəvələrinə də gedib su çəkim› söyləyəcək qız ağamın oğlu üçün Rəbbin təyin etdiyi arvad olsun”.
ئۇ ماڭا: «سەن ئىچكىن، تۆگىلىرىڭگىمۇ سۇ تارتىپ بېرەي»، دەپ جاۋاب بەرسە، ئۇنداقتا بۇ قىز دەل پەرۋەردىگار ئۆزى خوجامنىڭ ئوغلى ئۈچۈن بېكىتكەن قىز بولسۇن، دەپ دۇئا قىلغانىدىم.
45 Mən ürəyimdə dua etməyi qurtarmamışdım ki, Rivqa səhəngi çiynində gəldi və bulağa enib su çəkdi. Ona dedim: “Xahiş edirəm, mənə su ver”.
كۆڭلۈمدە تېخى سۆزۈم تۈگىمەيلا، مانا، رىۋكاھ كومزەكنى مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ چىقىپ، قۇدۇقنىڭ بويىغا چۈشۈپ سۇ تارتتى؛ مەن ئۇنىڭغا: ــ ئىلتىپات قىلىپ، ماڭا سۇ ئىچكىلى قويساڭ، دېۋىدىم،
46 O tez səhəngini çiynindən endirib dedi: “Sən iç, gedim dəvələrinə də su verim”. Mən içdim, o isə dəvələrə su verdi.
ئۇ دەرھال كومزىكىنى مۈرىسىدىن چۈشۈرۈپ: «ئىچكەيلا، تۆگىلىرىنىمۇ سۇغىرىپ قوياي»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئىچتىم؛ ئۇ تۆگىلىرىمنىمۇ سۇغىرىپ قويدى.
47 Ondan soruşdum: “Sən kimin qızısan?” O dedi: “Milkanın Naxora doğduğu Betuelin qızıyam”. Mən də onun burnuna halqa və qollarına bilərziklər taxdım.
ئاندىن مەن ئۇنىڭدىن: ــ كىمنىڭ قىزى بولىسەن، دەپ سورىسام، ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مەن ناھورنىڭ مىلكاھدىن تۇغۇلغان ئوغلى بېتۇئەلنىڭ قىزى بولىمەن، ــ دېدى. شۇ چاغدا مەن ئۇنىڭ بۇرنىغا ھالقا، قوللىرىغا بىلەزۈكلەرنى سېلىپ قويدۇم؛
48 Sonra əyilib Rəbbə səcdə etdim. Ağamın qardaşı qızını oğluna almaq üçün məni birbaş buraya gətirən ağam İbrahimin Allahı Rəbbə şükür etdim.
ئاندىن ئېڭىشىپ پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلدىم؛ خوجامنىڭ قېرىندىشىنىڭ قىزىنى ئۇنىڭ ئوغلى ئۈچۈن ئېلىپ كېتىشكە مېنىڭ يولۇمنى ئوڭ قىلغىنى ئۈچۈن، خوجامنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئېيتتىم.
49 İndi mənə deyin görüm, siz ağama xeyirxahlıq və sədaqət göstərmək istəyirsiniz ya yox? Bunu mənə bildirin ki, mən də nə edəcəyimi bilim».
ئەمدى سىلەر خوجامغا ئىخلاس قىلىپ شاپائەت كۆرسىتەيلى دېسەڭلار، بۇنى ماڭا دەڭلار. ئەگەر خالىمىساڭلار، ئۇنىمۇ ماڭا ئېيتىڭلار، مەن ئوڭ تەرەپكە ياكى سول تەرەپكە بارىمەن، ــ دېدى.
50 Lavan və Betuel ona belə cavab verdilər: «Bu iş Rəbdən oldu; sənə nə yaxşı, nə də pis söz deyə bilərik.
ئەمدى لابان بىلەن بېتۇئەل جاۋاب بېرىپ: ــ بۇ ئىش پەرۋەردىگاردىن بولغاچ، سىلىگە يا ئۇنداق يا بۇنداق دېيەلمەيمىز.
51 Bax Rivqa qarşındadır: onu götürüb get və qoy o, Rəbbin söylədiyi kimi ağanın oğluna arvad olsun».
مانا، رىۋكاھ ئالدىلىرىدا تۇرىدۇ؛ ئۇنى ئېلىپ كەتكەيلا. ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنىدەك ئۆز خوجىلىرىنىڭ ئوغلىغا خوتۇن بولسۇن، ــ دېدى.
52 İbrahimin nökəri onların sözlərini eşidəndə yerə qapanıb Rəbbə səcdə etdi.
ئىبراھىمنىڭ خىزمەتكارى ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، يەرگە ئېڭىشىپ، پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلدى.
53 Nökər qızıl-gümüş şeylər və paltarlar çıxarıb Rivqaya verdi. Onun qardaşına və anasına da qiymətli şeylər bağışladı.
ئاندىن، خىزمەتكار كۈمۈش بۇيۇملارنى، ئالتۇن بۇيۇملارنى ۋە كىيىم-كېچەكلەرنى چىقىرىپ، بۇلارنى رىۋكاھقا بەردى؛ ئۇ يەنە قىزنىڭ ئاكىسى ۋە ئانىسىغىمۇ قىممەتلىك ھەدىيەلەرنى سۇندى.
54 Özü və onunla birgə olan adamlar yeyib-içdilər və orada gecələdilər. Səhər qalxanda nökər dedi: «Məni ağamın yanına göndərin».
ئاندىن ئۇ ۋە ھەمراھلىرى بىلەن بىللە يەپ-ئىچىپ، شۇ يەردە قونۇپ قالدى. ئەتىسى سەھەردە قوپۇپ، ئۇ ئۇلارغا: مېنى خوجامنىڭ قېشىغا يولغا سېلىپ قويۇڭلار، دېۋىدى،
55 Qızın qardaşı ilə anası dedilər: «Qoy qız bizimlə heç olmasa on gün qalsın, sonra gedər».
قىزنىڭ ئاكىسى بىلەن ئانىسى ئۇنىڭغا: ــ قىز بىرقانچە كۈن ياكى ئون كۈن يېنىمىزدا تۇرسۇن؛ ئاندىن بارسۇن، ــ دېدى.
56 Nökər onlara dedi: «İndi ki Rəbb mənə yol açdı, məni gecikdirməyin, buraxın ağamın yanına gedim».
ئەمما ئۇ ئۇلارغا: ــ پەرۋەردىگار مېنىڭ سەپىرىمنى ئوڭ قىلغانىكەن، مېنى توسماڭلار؛ خوجامنىڭ قېشىغا بېرىشىم ئۈچۈن مېنى يولغا سېلىپ قويۇڭلار، ــ دېدى.
57 Onlar dedilər: «Qoy qızı çağırıb öz dilindən eşidək».
ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ قىزنى چاقىرىپ، ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاپ باقايلى، دەپ
58 Rivqanı çağırıb ona dedilər: «Bu adamla gedirsənmi?» O da «gedirəm» dedi.
رىۋكاھنى چاقىرىپ ئۇنىڭدىن: ــ بۇ ئادەم بىلەن بارامسەن؟ دەپ سورىۋىدى، ئۇ: ــ باراي، دەپ جاۋاب بەردى.
59 Onlar bacıları Rivqanı, onun dayəsini, İbrahimin nökərini və onunla olan adamları yola saldılar.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سىڭلىسى رىۋكاھنى، ئۇنىڭ ئىنىكئانىسى، ئىبراھىمنىڭ خىزمەتكارى ۋە ئادەملىرى بىلەن قوشۇپ يولغا سېلىپ قويدى.
60 Rivqaya xeyir-dua verib dedilər: «Ey bacımız, Minlərlə, on minlərlə övlada ana olasan! Qoy nəslin yağıların yurduna sahib olsun!»
ئۇ ۋاقىتتا ئۇلار رىۋكاھقا بەخت تىلەپ: ــ ئەي سىڭلىمىز، مىڭلىغان ئون مىڭلىغان ئادەملەرنىڭ ئانىسى بولغايسەن! نەسلىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ دەرۋازىلىرىغا ئىگە بولغاي! ــ دېدى.
61 Rivqa və qulluqçuları qalxıb dəvələrə mindilər və o adamla birgə getdilər. Beləliklə, nökər Rivqanı götürüb getdi.
شۇنىڭ بىلەن رىۋكاھ بىلەن ئۇنىڭ دېدەكلىرى ئورنىدىن تۇرۇپ، تۆگىلەرگە مىنىپ، ئۇ كىشىگە ئەگىشىپ ماڭدى. شۇنداق قىلىپ خىزمەتكار رىۋكاھنى ئېلىپ يولغا چىقتى.
62 İshaq Beer-Laxay-Roi yolu ilə gəldi, çünki o, Negev torpağında yaşayırdı.
ئىسھاق بەئەر-لاھاي-روي دېگەن جايدىن بايىلا قايتىپ كەلگەنىدى؛ چۈنكى ئۇ جەنۇبتىكى نەگەۋدە تۇراتتى؛
63 Axşam düşəndə İshaq bir qədər düşünmək üçün çöllüyə getdi. O, başını qaldırıb baxanda gördü ki, dəvələr gəlir.
ئىسھاق كەچقۇرۇن ئىستىقامەتكە دالاغا چىققانىدى؛ ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىسا، مانا تۆگىلەر كېلىۋاتاتتى.
64 Rivqa da başını qaldırıb İshaqı görəndə dəvədən düşdü.
رىۋكاھ بېشىنى كۆتۈرۈپ، ئىسھاقنى كۆردى؛ ئۇ دەرھال تۆگىدىن چۈشۈپ، خىزمەتكاردىن: ــ سەھرادا بىزنىڭ ئالدىمىزغا چىقىۋاتقان بۇ كىشى كىم بولىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. خىزمەتكار: ــ بۇ خوجامدۇر! دېدى. رىۋكاھ دەرھال چۈمبىلىنى تارتىپ يۈزىنى يېپىۋالدى.
65 O, nökərdən soruşdu: «Bizi qarşılamaq üçün çöllüyə gələn bu adam kimdir?» Nökər «ağamdır» dedi. Rivqa rübəndini üzünə çəkib örtündü.
66 Nökər baş vermiş bütün işlər barədə İshaqa danışdı.
خىزمەتكار ئەمدى قىلغان ھەممە ئىشلىرىنى ئىسھاققا ئېيتىپ بەردى.
67 İshaq Rivqanı anası Saranın yaşadığı çadıra apardı və Rivqa onun arvadı oldu. İshaq onu sevdi və anasının ölümündən sonra onunla təsəlli tapdı.
ئىسھاق قىزنى ئانىسى ساراھنىڭ چېدىرىغا باشلاپ كىردى؛ ئۇ رىۋكاھنى ئۆز ئەمرىگە ئالدى؛ ئۇ ئۇنىڭ خوتۇنى بولدى. ئۇ ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدى؛ بۇ تەرىقىدە ئىسھاق ئانىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن تەسەللى تاپتى.

< Yaradiliş 24 >