< Yaradiliş 20 >

1 İbrahim Mamredən Negev torpağına köçdü və Qadeşlə Şur arasında məskən saldı. Sonra bir müddət Gerarda qaldı.
ئىبراھىم ئۇ يەردىن چىقىپ، جەنۇب تەرەپتىكى نەگەۋگە كۆچۈپ كېلىپ، قادەش بىلەن شۇرنىڭ ئارىلىقىدا تۇرۇپ قالدى؛ بىر مەزگىلدىن كېيىن گەراردا ئولتۇراقلاشتى.
2 İbrahim orada arvadı Sara barəsində «bu mənim bacımdır» söylədi. Gerar padşahı Avimelek adam göndərib Saranı apardı.
شۇ يەردە ئىبراھىم ئايالى ساراھ توغرىسىدا: «ئۇ مېنىڭ سىڭلىمدۇر»، دېگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن گەرارنىڭ پادىشاھى ئابىمەلەك ئادەم ئەۋەتىپ، ساراھنى [ئۆزىگە] خوتۇن بولۇشقا ئېلىۋالدى.
3 Ancaq gecə yuxuda Allah Avimelekə görünüb dedi: «Apardığın qadına görə sən öləcəksən, çünki o, bir nəfərin arvadıdır».
لېكىن [بىر كۈنى] كېچىسى چۈشىدە خۇدا ئابىمەلەككە كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ مانا، سەن ئۆزۈڭگە ئېلىۋالغان ئايال سەۋەبىدىن ئەمدى ئۆلگەن ئادەمدۇرسەن؛ چۈنكى ئۇ باشقا بىرسىنىڭ ئايالىدۇر ــ دېدى.
4 Avimelek qadına toxunmamışdı. O dedi: «Ya Rəbb, məgər sən günahsız xalqı öldürə bilərsən?
ئەمما ئابىمەلەك ئۇنىڭغا تېخى يېقىنچىلىق قىلمىغانىدى. ئۇ خۇداغا: ــ ئى رەب، ھەققانىي بىر خەلقنىمۇ ھالاك قىلامسەن؟
5 O adam mənə “bu mənim bacımdır” demədimi? Qadın özü də “o mənim qardaşımdır” dedi. Mən bunu sadədillik və təmiz niyyətlə etdim».
ئۇ ئۆزىمۇ ماڭا: «ئۇ مېنىڭ سىڭلىم» دەپ ئېيتمىدىمۇ؟ يەنە كېلىپ، بۇ ئايالمۇ «ئۇ مېنىڭ ئاكام»، دەپ ئېيتقانىدى. مەن بولسام ساپ كۆڭلۈم ۋە دۇرۇس نىيىتىم بىلەن بۇ ئىشنى قىلدىم، ــ دېدى.
6 Allah yuxuda dedi: «Mən də bilirəm ki, sən bunu sadədilliklə etdin. Buna görə də səni ona toxunmağa qoymayaraq Mənə qarşı günah etməkdən saxladım.
خۇدا چۈشىدە ئۇنىڭغا يەنە: ــ بۇ ئىشنى ساپ كۆڭۈل بىلەن قىلغىنىڭنى بىلىمەن؛ شۇ سەۋەبتىن مەن سېنى ئالدىمدا گۇناھ قىلىشتىن توسۇپ، ئۇنىڭغا تېگىشىڭگە قويمىدىم.
7 İndi isə qadını ərinə qaytar, çünki o, peyğəmbərdir. Sənin üçün dua edər, salamat qalarsan. Ancaq qadını qaytarmasan, özün və bütün nəslin hökmən öləcək».
ئەمدى ئۇ كىشىنىڭ ئايالىنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ بەر؛ چۈنكى ئۇ پەيغەمبەر، ئۇ سېنىڭ ھەققىڭدە دۇئا قىلىدۇ ۋە سەن تىرىك قالىسەن. ئەگەر ئۇنى ياندۇرۇپ بەرمىسەڭ شۇنى بىلىپ قويغىنكى، سەن ۋە ھەممە ئادەملىرىڭ قوشۇلۇپ جەزمەن ئۆلىسىلەر، ــ دېدى.
8 Avimelek səhər tezdən qalxıb bütün adamlarını çağırdı və bu sözləri onların qarşısında söylədi. Adamlar çox qorxdular.
ئابىمەلەك ئەتىگەن تاڭ سەھەردە قوپۇپ، ھەممە خىزمەتكارلىرىنى چاقىرىپ، بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىغا سالدى؛ بۇ ئادەملەر ناھايىتى قورقۇشۇپ كەتتى.
9 Avimelek İbrahimi çağırıb ona dedi: «Bizə nə etdin? Sənə qarşı nə günah etdim ki, özümün və padşahlığımın üzərinə bu böyük təqsiri gətirdin? Mənə qarşı nalayiq işlər etdin».
ئاندىن ئابىمەلەك ئىبراھىمنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ بۇ بىزگە نېمە قىلغىنىڭ؟ مەن ساڭا زادى نېمە گۇناھ قىلدىم، سەن مەن ۋە پادىشاھلىقىمغا ئېغىر بىر گۇناھنى يۈكلەپ قويدۇڭ؟ ماڭا قىلمايدىغان ئىشلارنى قىلدىڭ! ــ دېدى.
10 Avimelek yenə İbrahimə dedi: «Bu işi görəndə nə düşünürdün?»
ئابىمەلەك ئىبراھىمغا يەنە: ــ سەن زادى بىزنىڭ نېمە ئىشىمىزنى كۆرگىنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ ئىشنى قىلدىڭ؟ ــ دېدى.
11 İbrahim dedi: «Düşünürdüm ki, burada Allah qorxusu yoxdur və arvadıma görə məni öldürəcəklər.
ئىبراھىم جاۋاب بېرىپ: ــ «بۇ يەردە شۈبھىسىزكى ھېچكىم خۇدادىن قورقمايدىكەن، ئۇلار مېنى ئايالىم تۈپەيلىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ»، دەپ ئويلىغانىدىم.
12 O, doğrudan da, mənim bacımdır: atamız birdir, ancaq anamız ayrıdır. Mən onu arvad aldım.
ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ مېنىڭ سىڭلىم ئىكەنلىكى راست، لېكىن ئۇ مېنىڭ ئاتا بىر، ئانا بۆلەك سىڭلىم؛ كېيىن ئۇ مېنىڭ ئايالىم بولدى.
13 Allah məni ata evimdən qürbətə apardığı vaxt ona dedim: “Mənə bu cür yaxşılıq elə: gedəcəyimiz hər yerdə mənim barəmdə ‹bu mənim qardaşımdır› söylə”».
لېكىن خۇدا مېنى ئاتامنىڭ ئۆيىدىن چىقىرىپ سەرگەردانلىققا يۈرگۈزگىنىدە، مەن ئايالىمغا: ــ بىز قەيەرگىلا بارساق، سەن ماڭا شۇنداق شاپائەت كۆرسەتكەيسەنكى، مېنىڭ توغرامدا: «بۇ مېنىڭ ئاكام بولىدۇ»، دېگىن، ــ دەپ ئېيتقانىدىم ــ دېدى.
14 Avimelek İbrahimə qoyun-keçi, mal-qara, qullar və qarabaşlar verdi. Arvadı Saranı da ona qaytardı.
ئاندىن ئابىمەلەك قوي-كالىلار، قۇللار ۋە دېدەكلەرنى ئېلىپ ئۇلارنى ئىبراھىمغا بەردى ۋە ئايالى ساراھنىمۇ ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بەردى.
15 Avimelek dedi: «Mənim ölkəm sənin önündədir: istədiyin yerdə yaşaya bilərsən».
ئابىمەلەك: ــ مانا مېنىڭ زېمىنىم بولسا ئالدىڭدا تۇرۇپتۇ؛ كۆزۈڭگە قايسى يەر ياقسا شۇ يەردە تۇرغىن، ــ دېدى.
16 Sonra Saraya dedi: «Bax qardaşına min parça gümüş verdim. Qoy bu gümüş sənin yanındakılara günahsızlığını göstərən bir sübut olsun və hər kəs sənin günahsız olduğunu bilsin».
ئۇ ساراھقا: «مانا، مەن ئاكاڭغا مىڭ كۈمۈش تەڭگە بەردىم؛ مانا بۇلار ئۆز يېنىڭدىكىلەر، شۇنداقلا ھەممە ئادەملەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇياتنى ياپقۇچى بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ھەرقانداق داغ-ئەيىبتىن خالاس بولىسەن».
17 İbrahim Allaha dua etdi, Allah da Avimelekə, onun arvadına və cariyələrinə şəfa verdi: onların uşaqları oldu.
ئىبراھىم خۇداغا دۇئا قىلدى، خۇدا ئابىمەلەك، ئايالى ۋە كېنىزەكلىرىنى ساقايتتى؛ ئاندىن ئۇلار [يەنە] بالا تۇغالايدىغان بولدى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئىبراھىمنىڭ ئايالى ساراھ تۈپەيلىدىن ئابىمەلەكنىڭ ئۆيىدىكى ھەممە خوتۇنلارنىڭ بالىياتقۇلىرىنى ئېتىپ قويغانىدى.
18 Çünki Rəbb İbrahimin arvadı Saradan ötrü Avimelekin evində olan bütün qadınların bətnini bağlamışdı.

< Yaradiliş 20 >