< Yezekel 10 >

1 Mən baxıb gördüm ki, keruvların başı üzərindəki qübbənin üstündə göy yaqut daşı kimi görünüşcə taxta bənzər bir şey peyda oldu.
مەن قارىدىم، مانا، كېرۇبلارنىڭ بېشى ئۈستىدىكى گۈمبەز ئۈستىدە، كۆك ياقۇتنىڭ قىياپىتىدەك بىر تەختنىڭ كۆرۈنۈشى تۇراتتى؛
2 Rəbb kətan geyinmiş adama belə söylədi: «Keruvların altındakı fırlanan təkərlərin arasına girib keruvların arasından iki ovuc odlu köz götür və şəhərin üzərinə səpələ». O adam gözümün qabağında oraya girdi.
ۋە [تەختكە ئولتۇرغۇچى] كاناپ كىيىملەرنى كىيگەن كىشىگە: «كېرۇبلارنىڭ ئاستىدىكى چاقلارنىڭ ئارىسىغا كىر، قوللىرىڭنى كېرۇبلار ئارىسىدا كۆيۈۋاتقان چوغلارغا تولدۇرۇپ، ئۇلارنى شەھەر ئۈستىگە چېچىۋەت» ــ دېدى. مەن قارىدىم، ئۇ شۇنداق قىلىشقا باشلىدى.
3 O adam oraya girəndə keruvlar məbədin cənub tərəfində durmuşdu. Bu zaman bulud içəri həyətə doldu.
بۇ كىشى كىرگەندە كېرۇبلار ئۆينىڭ ئوڭ تەرىپىدە تۇراتتى؛ [شان-شەرەپلىك] بۇلۇت ئۆينىڭ ئىچكى ھويلىسىنى تولدۇردى.
4 Rəbbin izzəti keruvun üstündən qalxıb məbədin kandarına getdi. Məbədi bulud bürüdü və həyət Rəbbin izzətinin nuru ilə doldu.
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى كېرۇب ئۈستىدىن چىقىپ، ئۆينىڭ بوسۇغىسىغا كەلگەنىدى؛ ئۆي بۇلۇتقا تولدى، ھويلا بولسا پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپىنىڭ جۇلالىقىغا چۆمگەن.
5 Keruvların qanadlarının səsi bayır həyətə qədər gəlirdi. Bu səs Külli-İxtiyar Allah danışdığı zaman çıxan səs kimi uca idi.
كېرۇبلارنىڭ قاناتلىرىنىڭ ساداسى ھەممىدىن قادىرنىڭ سۆزلىگەن چاغدىكى ئاۋازىدەك بولۇپ، سىرتتىكى ھويلىغا ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
6 Rəbb kətan geyinmiş adama «keruvların və fırlanan təkərlərin arasından od götür» deyə əmr edəndə o girib bir təkərin yanında durdu.
ۋە شۇنداق بولدىكى، [رەب] كاناپ كىيىملەرنى كىيگەن كىشىگە: «چاقلار ئارىسىدىن، يەنى كېرۇبلار ئارىسىدىن ئوت ئالغىن» ــ دەپ بۇيرۇغىنىدا، ئۇ كىرىپ بىر چاقنىڭ يېنىدا تۇردى.
7 Onda keruvlardan biri keruvların arasından əlini uzadıb onların ortasında olan odu götürdü və kətan geyinmiş adamın ovcuna qoydu. O adam da odu götürüb çıxdı.
ۋە كېرۇبلاردىن بىرى ئۆز قولىنى كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدىكى ئوتقا سوزۇپ ئۇنىڭدىن ئوت ئېلىپ، كاناپ كىيىملەرنى كىيگەن كىشىنىڭ قوللىرىغا سالدى؛ ئۇ بۇنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى
8 Keruvların qanadları altında insan əlinə bənzər bir şey göründü.
(كېرۇبلارنىڭ قاناتلىرى ئاستىدا، ئادەمنىڭ قوللىرىنىڭ قىياپىتى كۆرۈنۈپ تۇراتتى).
9 Mən baxıb gördüm ki, keruvların yanında dörd təkər və hər keruvun yanında bir təkər var. Təkərlər sarı yaqut kimi parıldayırdı.
مەن قارىدىم، مانا، كېرۇبلارنىڭ يېنىدا تۆت چاق بار ئىدى، بىر كېرۇبنىڭ يېنىدا بىر چاق، يەنە بىر كېرۇبنىڭ يېنىدا يەنە بىر چاق تۇراتتى؛ چاقلارنىڭ قىياپىتى بولسا بېرىل ياقۇتنىڭ كۆرۈنۈشىدە ئىدى.
10 Dördünün də görünüşü eyni cür idi, sanki bir təkər o biri təkər içində yerləşmişdi.
ئۇلارنىڭ شەكلى بولسا، تۆتىلىسىنىڭ ئوخشاش ئىدى، يەنى چاق ئىچىدە چاق باردەك كۆرۈنەتتى.
11 Getdikləri zaman dörd tərəfə hərəkət edirdilər, gedərkən sağa-sola dönmürdülər. Baş hansı tərəfə yönəlmişdisə, o tərəfə də gedirdilər, gedərkən sağa-sola dönmürdülər.
كېرۇبلار ماڭغاندا، ئۇلار يۈزلەنگەن تۆتىلا تەرەپكە ئۇدۇل قاراپ ماڭاتتى؛ ماڭغاندا ئۇلار ھېچ بۇرۇلمايتتى، بەلكى بېشى قايسى تەرەپكە قارىغان بولسا، ئۇلار شۇ تەرەپكە ماڭاتتى؛ ئۇلار ماڭغاندا ھېچ بۇرۇلمايتتى.
12 Onların bütün bədəni, kürəyi, əlləri, qanadları və təkərləri – dördünün də təkərləri hər tərəfdən gözlərlə dolu idi.
ئۇلارنىڭ پۈتۈن تېنى، دۈمبىلىرى، قوللىرى، قاناتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ چاقلىرىمۇ، يەنى تۆتىسىگە تەۋە چاقلارنىڭ ئەتراپى كۆزلەر بىلەن تولغانىدى.
13 Mən bu təkərlərə «fırlanan təkərlər» deyildiyini eşitdim.
چاقلارنى بولسا: «پىرقىرايدىغان چاقلار!» ــ دەپ ئاتىغىنىنى ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلىدىم.
14 Canlı məxluqların hər birinin dörd üzü var idi: birincisi keruv üzü, ikincisi insan üzü, üçüncüsü aslan üzü və dördüncüsü qartal üzü idi.
ھەربىر كېرۇبنىڭ تۆت يۈزى بار ئىدى؛ بىرىنچىسى كېرۇبنىڭ يۈزى، ئىككىنچىسى ئادەمنىڭ يۈزى، ئۈچىنچىسى شىرنىڭ يۈزى، تۆتىنچىسى بۈركۈتنىڭ يۈزى ئىدى.
15 Keruvlar yerdən qalxdı. Bunlar Kevar çayının sahilində gördüyüm həmin canlı məxluqlar idi.
كېرۇبلار يۇقىرىغا ئۆرلىدى. بۇلار دەل مەن كېۋار دەرياسى بويىدا كۆرگەن ھايات مەخلۇقلار ئىدى.
16 Keruvlar gedəndə onların yanında olan təkərlər də gedirdi. Keruvlar yerdən qalxmaq üçün qanadlarını qaldıranda təkərlər də onların yanından ayrılmırdı.
كېرۇبلار ماڭغاندا، چاقلارمۇ ئۇلارغا ياندىشىپ ماڭاتتى؛ كېرۇبلار يەردىن ئۆرلەشكە قاناتلىرىنى كۆتۈرگىنىدە، چاقلارمۇ ئۇلارنىڭ يېنىدىن بۇرۇلۇپ كەتمەيتتى.
17 Onlar dayananda bunlar da dayanırdı, onlar yerdən qalxanda bunlar da birlikdə yerdən qalxırdı, çünki canlı məxluqların ruhu təkərlərdə idi.
ئۇلار تۇرغاندا، چاقلارمۇ تۇراتتى؛ ئۇلار كۆتۈرۈلگەندە، چاقلارمۇ ئۇلار بىلەن كۆتۈرۈلەتتى؛ چۈنكى ھايات مەخلۇقلارنىڭ روھى چاقلاردا ئىدى.
18 Rəbbin izzəti məbədin kandarından çıxdı və keruvların üstündə durdu.
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى ئۆينىڭ بوسۇغىسى ئۈستىدىن چىقىپ، كېرۇبلار ئۈستىدە تۇردى؛
19 Keruvlar gedəndə qanadlarını qaldırıb gözümün önündə yerdən qalxdı, təkərlər də yanlarında idi. Onlar Rəbbin məbədinin şərq darvazasının giriş yerində dayandı. İsrail Allahının izzəti yuxarıda, onların üzərində idi.
كېرۇبلار قاناتلىرىنى كېرىپ، كۆز ئالدىمدا يەردىن كۆتۈرۈلدى؛ ئۇلار ئۆيدىن چىققاندا، چاقلارمۇ ئۇلارنىڭ يېنىدا ئىدى؛ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىدا تۇراتتى؛ ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ شان-شەرىپى ئۇلارنىڭ ئۈستىدە يۇقىرى تۇراتتى.
20 Bunlar Kevar çayının sahilində, İsrail Allahının altında gördüyüm həmin canlı məxluqlar idi. Mən bildim ki, onlar keruvdur.
بۇلار بولسا دەل مەن كېۋار دەرياسى بويىدا كۆرگەن، ئىسرائىل خۇداسىنىڭ ئاستىدا تۇرغان مەخلۇقلار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ كېرۇبلار ئىكەنلىكىنى بىلدىم.
21 Hər birinin dörd üzü və dörd qanadı var idi. Qanadları altında insan əllərinə bənzər bir şey var idi.
ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ تۆتتىن يۈزى، ھەربىرىنىڭ تۆتتىن قانىتى، قاناتلىرى ئاستىدا ئىنسان قولى سىياقىدىكى قوللىرى بار ئىدى.
22 Onların üzlərinin bənzəyişi Kevar çayı sahilində gördüyüm üzlərə oxşayırdı. Hər biri üz tutduğu tərəfə irəliləyirdi.
ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنىڭ قىياپىتى بولسا، ئۇلار مەن كېۋار دەرياسى بويىدا كۆرگەن يۈزلەر ئىدى؛ ئۇلارنىڭ تۇرقى ۋە يۈزلىرى مەن كۆرگەنگە ئوخشاش ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز ئۇدۇلىغا قاراپ ماڭاتتى.

< Yezekel 10 >