< Ikinci Şamuel 22 >

1 Rəbb Davudu bütün düşmənlərinin və Şaulun əlindən qurtaranda Davud bu ilahinin sözlərini Rəbbə söylədi;
پەرۋەردىگار ئۇنى بارلىق دۈشمەنلىرىدىن ھەم سائۇل پادىشاھنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغان كۈنى، ئۇ پەرۋەردىگارغا بۇ كۈينى ئېيتتى: ــ
2 O belə oxudu: Rəbb qayam, qalamdır, xilaskarımdır,
ئۇ مۇنداق دېدى: ــ پەرۋەردىگار مېنىڭ خادا تېغىم، مېنىڭ قورغىنىم، مېنىڭ نىجاتكارىمدۇر!
3 Allahım qayamdır, Ona pənah gətirəcəyəm, Odur qalxanım, qüvvətli qurtarıcım, qülləm, Sığınacaq yerim, xilaskarım! Sən məni zalımların əlindən qurtarırsan!
خۇدا مېنىڭ قورام تېشىمدۇر، مەن ئۇنىڭغا تايىنىمەن ــ ئۇ مېنىڭ قالقىنىم، مېنىڭ قۇتقۇزغۇچى مۈڭگۈزۈم، مېنىڭ ئېگىز مۇنارىم ۋە باشپاناھىم، مېنىڭ قۇتقۇزغۇچىمدۇر؛ سەن مېنى زوراۋانلاردىن قۇتقۇزىسەن!
4 Həmdə layiq olan Rəbbi çağıracağam, Düşmənlərimin əlindən qurtulacağam.
مەدھىيىلەرگە لايىق پەرۋەردىگارغا مەن نىدا قىلىمەن، شۇنداق قىلىپ، مەن دۈشمەنلىرىمدىن قۇتقۇزۇلىمەن؛
5 Çünki ətrafımı ölüm dalğaları bürümüşdü, Məni əcəl selləri ürkütmüşdü,
چۈنكى ئۆلۈمنىڭ ئاسارەتلىرى مېنى قورشىۋالدى، ئىخلاسسىزلارنىڭ يامراپ كېتىشى مېنى قورقىتىۋەتتى؛
6 Ölülər diyarının ipləri mənə sarılmışdı, Ölüm kəməndləri məni qarşılamışdı. (Sheol h7585)
تەھتىسارانىڭ تانىلىرى مېنى چىرمىۋالدى، ئۆلۈم سىرتماقلىرى ئالدىمغا كەلدى. (Sheol h7585)
7 Əzab içində Rəbbə yalvardım, Allahımı köməyə çağırdım. O, məbədindən səsimi eşitdi, Fəryadımsa Onun qulağına yetdi.
قىينالغىنىمدا مەن پەرۋەردىگارغا نىدا قىلدىم، خۇدايىمغا پەرياد كۆتۈردۈم؛ ئۇ ئىبادەتخانىسىدىن ئاۋازىمنى ئاڭلىدى، مېنىڭ پەريادىم ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىردى.
8 O zaman sarsılıb dünya titrədi, Göylər təməllərindən sarsılıb lərzəyə gəldi. Çünki O qəzəbləndi.
ئاندىن يەر-زېمىن تەۋرەپ سىلكىنىپ كەتتى، ئاسمانلارنىڭ ئۇللىرى دەھشەتلىك تەۋرەندى، سىلكىنىپ كەتتى؛ چۈنكى ئۇ غەزەپلەندى.
9 Burnundan tüstü çıxıb yüksəldi, Ağzından yandırıb-yaxan alov püskürdü, Bundan közlər tutuşdu.
ئۇنىڭ دىمىغىدىن ئىس ئۆرلەپ تۇراتتى، ئاغزىدىن چىققان ئوت ھەممىسىنى يۇتۇۋەتتى؛ ئۇنىڭدىن كۆمۈر چوغلىرى چىقتى؛
10 O, göyləri yarıb yerədək endi. Qatı zülmət ayaqları altında idi.
ئۇ ئاسمانلارنى ئېڭىشتۈرۈپ ئېگىپ چۈشتى، پۇتى ئاستىدا تۇم قاراڭغۇلۇق ئىدى.
11 Bir keruva minib uçdu, Yel qanadları üstündə şığıdı.
ئۇ بىر كېرۇب ئۈستىدە پەرۋاز قىلدى، ئۇ شامالنىڭ قاناتلىرىدا كۆرۈندى.
12 Ətrafını zülmətə bürüdü, Tufan qoparan qara buludlardan Özünə çardaqlar qurdu.
ئۇ قاراڭغۇلۇقنى، شۇنداقلا يىغىلغان سۇلارنى، ئاسمانلارنىڭ قويۇق بۇلۇتلىرىنى، ئۆز ئەتراپىدا چېدىرى قىلدى.
13 Hüzurunun nuru şəfəq saçdı, Oradan odlu közlər düşüb alovlandı.
ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرغان يورۇقلۇقتىن، ئوتلۇق چوغلار چىقىپ ئۆتتى؛
14 Rəbb göylərdən gurladı, Haqq-Taala səs saldı.
پەرۋەردىگار ئاسماندا گۈلدۈرلىدى؛ ھەممىدىن ئالىي بولغۇچى ئاۋازىنى ياڭراتتى؛
15 Oxlar atıb düşmənləri darmadağın etdi, Şimşəyini çaxdırıb onları dağıtdı.
بەرھەق، ئۇ ئوقلىرىنى ئېتىپ، [دۈشمەنلىرىمنى] تارقىتىۋەتتى؛ چاقماقلارنى چاقتۇرۇپ، ئۇلارنى قىيقاس-سۈرەنگە سالدى؛
16 Rəbbin məzəmmətindən, Burnundakı nəfəsinin şiddətindən Dənizin dərinlikləri göründü, Dünyanın bünövrələri açıq qaldı.
شۇنىڭ بىلەن دېڭىزنىڭ تەكتى كۆرۈنۈپ قالدى، ئالەمنىڭ ئۇللىرى ئاشكارىلاندى، پەرۋەردىگارنىڭ تەنبىھى بىلەن، دىمىغىنىڭ نەپىسىنىڭ زەربىسى بىلەن.
17 O, ucalardan əl uzadıb məni tutdu, Məni dərin suların içindən çıxartdı.
ئۇ يۇقىرىدىن قولىنى ئۇزىتىپ، مېنى تۇتتى؛ مېنى ئۇلۇغ سۇلاردىن تارتىپ ئالدى.
18 Məni qüvvətli düşmənimdən azad etdi, Çünki yağılarım məndən güclü idi.
ئۇ مېنى كۈچلۈك دۈشمىنىمدىن، ماڭا ئۆچمەنلەردىن قۇتقۇزدى؛ چۈنكى ئۇلار مەندىن كۈچلۈك ئىدى.
19 Fəlakətli günümdə qarşıma çıxdılar, Lakin Rəbb mənə dayaq oldu.
كۈلپەتكە ئۇچرىغان كۈنۈمدە، ئۇلار ماڭا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتتى؛ بىراق پەرۋەردىگار مېنىڭ تايانچىم ئىدى.
20 O məni geniş yerə çıxartdı, Məndən razı qalıb məni qurtardı.
ئۇ مېنى كەڭرى-ئازادە بىر جايغا ئېلىپ چىقاردى؛ ئۇ مېنى قۇتقۇزدى، چۈنكى ئۇ مەندىن خۇرسەن بولدى.
21 Rəbb mənə salehliyim naminə ənam verdi, Mənə əlitəmizliyimin əvəzini verdi.
پەرۋەردىگار ھەققانىيلىقىمغا قاراپ ماڭا ئىلتىپات كۆرسەتتى؛ قولۇمنىڭ ھالاللىقىنى ئۇ ماڭا قايتۇردى؛
22 Çünki Rəbbin yolunu tutmuşam, Pis olub Allahımın yolundan azmamışam.
چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ يوللىرىنى تۇتۇپ كەلدىم؛ رەزىللىك قىلىپ خۇدايىمدىن ئايرىلىپ كەتمىدىم؛
23 Onun bütün hökmləri önümdədir, Qaydalarından imtina etməmişəm.
چۈنكى ئۇنىڭ بارلىق ھۆكۈملىرى ئالدىمدىدۇر؛ مەن ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرىدىن چەتنەپ كەتمىدىم؛
24 Onun önündə kamilliyə çatmışam, Özümü günahdan qorumuşam.
مەن ئۇنىڭ بىلەن غۇبارسىز يۈردۇم، ئۆزۈمنى گۇناھتىن نېرى قىلدىم.
25 Rəbb mənə salehliyimin əvəzini verdi, Gözünün önündə təmizliyimin əvəzini verdi.
ۋە پەرۋەردىگار ھەققانىيلىقىمغا قاراپ، كۆز ئالدىدا بولغان ھالاللىقىم بويىچە قىلغانلىرىمنى قايتۇردى.
26 Sədaqətlilərlə sədaqətlisən, Kamillərlə kamilsən.
ۋاپادار-مېھرىبانلارغا ئۆزۈڭنى ۋاپادار-مېھرىبان كۆرسىتىسەن؛ غۇبارسىزلارغا ئۆزۈڭنى غۇبارسىز كۆرسىتىسەن؛
27 Təmizlərlə təmizsən, Əyrilərlə əyriliklərinə görə davranırsan.
ساپ دىللىقلارغا ئۆزۈڭنى ساپ دىللىق كۆرسىتىسەن؛ تەتۈرلەرگە ئۆزۈڭنى تەتۈر كۆرسىتىسەن؛
28 İtaətkar insanları qurtarırsan, Lovğalara göz qoyursan, onları alçaldırsan.
چۈنكى سەن ئاجىز مۆمىن خەلقنى قۇتقۇزىسەن؛ بىراق كۆزلىرىڭنى تەكەببۇر ئۈستىگە تىكىپ، ئۇلارنى شەرمەندە قىلىسەن؛
29 Ya Rəbb, Sən mənim çırağımsan, Rəbb zülmətimi nura çevirir.
چۈنكى سەن پەرۋەردىگار مېنىڭ چىراغىمدۇرسەن؛ پەرۋەردىگار مېنى باسقان قاراڭغۇلۇقنى نۇرلاندۇرىدۇ؛
30 Səninlə qoşun üstünə hücum çəkirəm, Allahımla sədlər keçirəm.
چۈنكى سەن ئارقىلىق دۈشمەن قوشۇنى ئارىسىدىن يۈگۈرۈپ ئۆتتۈم؛ سەن خۇدايىم ئارقىلىق مەن سېپىلدىن ئاتلاپ ئۆتتۈم.
31 Allahın yolu kamildir, Rəbbin kəlamı safdır, Rəbb ona sığınanların sipəridir.
تەڭرىم ــ ئۇنىڭ يولى مۇكەممەلدۇر؛ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى سىناپ ئىسپاتلانغاندۇر؛ ئۇ ئۆزىگە تايانغانلارنىڭ ھەممىسىگە قالقاندۇر.
32 Rəbdən başqa Allah kimdir ki? Allahımızdan başqa qaya kimdir ki?
چۈنكى پەرۋەردىگاردىن باشقا يەنە كىم ئىلاھتۇر؟ بىزنىڭ خۇدايىمىزدىن باشقا كىم قورام تاشتۇر؟
33 Allah qalamdır, mənə qüvvət verər, Yolumu kamil edər.
تەڭرى مېنىڭ مۇستەھكەم قورغىنىمدۇر؛ ئۇ يولۇمنى مۇكەممەل، تۈپ-تۈز قىلىدۇ؛
34 Ayaqlarımı maral ayaqları kimi çevik edər, Məni zirvələrdə saxlar.
ئۇ مېنىڭ پۇتلىرىمنى كېيىكنىڭكىدەك قىلىدۇ؛ ئۇ مېنى يۇقىرى جايلىرىمغا تۇرغۇزىدۇ؛
35 Əllərimə döyüş təlimi verər, Qollarım tunc kamanı dartar.
قوللىرىمنى ئۇرۇش قىلىشقا ئۆگىتىدۇ، شۇڭلاشقا بىلەكلىرىم مىس كاماننى كېرەلەيدۇ؛
36 Sən mənə qurtuluş qalxanını verdin, Etdiyin köməklə Sən məni yüksəltdin.
سەن ماڭا نىجاتىڭدىكى قالقاننى بەردىڭ، سېنىڭ مۇلايىم كەمتەرلىكىڭ مېنى ئۇلۇغ قىلدى.
37 Geniş yer açdın ki, addımlayım, Büdrəməsin ayaqlarım.
سەن قەدەملىرىم ئاستىدىكى جاينى كەڭ قىلدىڭ، مېنىڭ پۇتلىرىم تېيىلىپ كەتمىدى.
38 Düşmənlərimi qovdum, onları qırdım, Onlar məhv olanadək geriyə qayıtmadım.
مەن دۈشمەنلىرىمنى قوغلاپ يوقاتتىم، ئۇلار ھالاك بولمىغۇچە ھېچ يانمىدىم.
39 Onları əzib qurtardım, qalxa bilmədilər, Ayaqlarımın altına sərildilər.
قايتا تۇرالمىغۇدەك قىلىپ، ئۇلارنى ھالاك قىلىپ يانجىدىم، ئۇلار پۇتلىرىم ئاستىدا يىقىلدى.
40 Döyüş üçün məni qüvvə ilə bürüdün, Əleyhdarlarımı ayağımın altına saldın,
سەن جەڭ قىلىشقا كۈچ بىلەن بېلىمنى باغلىدىڭ؛ سەن ماڭا ھۇجۇم قىلغانلارنى پۇتۇم ئاستىدا ئېگىلدۈردۈڭ؛
41 Düşmənlərimin kürəyini mənə sarı çevirdin, Mənə nifrət edən yağıları məhv etdim.
دۈشمەنلىرىمنى ماڭا ئارقىنى قىلىپ قاچقۇزدۇڭ، شۇنىڭ بىلەن مەن ماڭا ئۆچمەنلەرنى يوقاتتىم.
42 Gözləsələr də, onları qurtaran olmadı, Rəbbə baxsalar da, Ondan cavab gəlmədi.
ئۇلار تەلمۈردى، بىراق قۇتقۇزىدىغان ھېچكىم يوق ئىدى؛ ھەتتا پەرۋەردىگارغا قارىۋىدى، ئۇمۇ ئۇلارغا جاۋاب بەرمىدى.
43 Onları yerdəki toz kimi əzdim, Küçələrin palçığı kimi tapdaladım.
مەن ئۇلارنى سوقۇپ يەردىكى توپىدەك قىلىۋەتتىم؛ كوچىدىكى پاتقاقتەك مەن ئۇلارنى چەيلىۋەتتىم؛ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن پېتىقدىۋەتتىم.
44 Sən məni xalqımın çəkişmələrindən qurtardın, Məni millətlərə başçı qoydun, Tanımadığım xalqları mənə tabe etdirdin.
سەن مېنى خەلقىمنىڭ نىزالىرىدىن قۇتقۇزغانسەن؛ سەن مېنى ئەللەرنىڭ بېشى بولۇشقا ساقلىدىڭ؛ ماڭا يات بولغان بىر خەلق خىزمىتىمدە بولماقتا.
45 Yadellilər mənə boyun əyirlər. Səsimi eşidəndə mənə itaət edirlər.
يات ئەلدىكىلەر ماڭا زەئىپلىشىپ تەسلىم بولىدۇ؛ ئاڭلىشى بىلەنلا ئۇلار ماڭا ئىتائەت قىلىدۇ؛
46 Yadellilərin cəsarəti qırıldı, Titrəyərək sığınacaqlarından çıxdılar.
يات ئەلدىكىلەر چۈشكۈنلىشىپ كېتىدۇ؛ ئۇلار ئۆز ئىستىھكاملىرىدىن تىترىگەن ھالدا چىقىپ كېلىدۇ؛
47 Rəbb əbədi yaşayır, Qayama alqış olsun! Məni qurtaran Qayam, Allahım ucalsın!
پەرۋەردىگار ھاياتتۇر! مېنىڭ قورام تېشىم مۇبارەكلەنسۇن؛ نىجاتىم بولغان قورام تاش خۇدا ئالىيدۇر، دەپ مەدھىيىلەنسۇن!
48 O Allahdır, mənə görə qisas alır, Xalqları mənə tabe etdirir.
ئۇ، يەنى مەن ئۈچۈن تولۇق قىساس ئالغۇچى تەڭرى، خەلقلەرنى ماڭا بويسۇندۇرغۇچىدۇر؛
49 O məni düşmən içindən çıxarır, Məni yağılar üstündə ucaldır, Məni zalımların əlindən qurtarır.
ئۇ مېنى دۈشمەنلىرىم ئارىسىدىن چىقارغان؛ بەرھەق، سەن مېنى ماڭا ھۇجۇم قىلغانلاردىن يۇقىرى كۆتۈردۈڭ؛ زوراۋان ئادەمدىن سەن مېنى قۇتۇلدۇردۇڭ.
50 Buna görə, ya Rəbb, Millətlər arasında Sənə şükür edəcəyəm, İsminə tərənnüm söyləyəcəyəm!
مۇشۇ سەۋەبلىك مەن ئەللەر ئارىسىدا ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمەن، ئى پەرۋەردىگار؛ نامىڭنى ئۇلۇغلاپ كۈيلەرنى ئېيتىمەن؛
51 Rəbb padşahına böyük zəfərlər verər, Məsh etdiyi Davuda və nəslinə əbədi məhəbbət göstərər.
ئۇ بولسا ئۆزى تىكلىگەن پادىشاھقا زور قۇتقۇزۇشلارنى بېغىشلايدۇ؛ ئۆزى مەسىھ قىلغىنىغا، يەنى داۋۇتقا ھەم ئۇنىڭ نەسلىگە مەڭگۈگە ئۆزگەرمەس مۇھەببەتنى كۆرسىتىدۇ.

< Ikinci Şamuel 22 >