< Ikinci Padşahlar 2 >

1 Rəbb İlyası qasırğa ilə göyə qaldırmazdan əvvəl İlyas və Elişa Qilqaldan getdilər.
پەرۋەردىگار ئىلىياسنى قارا قۇيۇندا ئاسمانغا كۆتۈرمەكچى بولغان ۋاقىتتا ئىلىياس بىلەن ئېلىشا گىلگالدىن چىقىپ كېتىۋاتاتتى.
2 Onda İlyas Elişaya dedi: «Burada qal, çünki Rəbb məni Bet-Elə göndərir». Elişa dedi: «Var olan Rəbbə və sənin canına and olsun ki, səndən əl çəkmərəm». Onlar Bet-Elə getdilər.
ئىلىياس ئېلىشاغا: ــ سەندىن ئۆتۈنىمەن، بۇ يەردە قالغىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار مېنى بەيت-ئەلگە ماڭغۇزدى. ئېلىشا: پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن، ۋە سېنىڭ ھاياتىڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سېنىڭدىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن! دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بەيت-ئەلگە چۈشۈپ كەلدى.
3 Bet-Eldə olan peyğəmbərlər Elişanın yanına gəlib ona dedilər: «Rəbbin bu gün sənin ağanı başının üstündən götürəcəyini bilirsənmi?» O dedi: «Bəli, bilirəm, susun».
ئۇ ۋاقىتتا بەيت-ئەلدىكى پەيغەمبەر شاگىرتلىرى ئېلىشانىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: بىلەمسەن، پەرۋەردىگار بۈگۈن غوجاڭنى سەندىن ئېلىپ كېتىدۇ؟ ــ دېدى. ئۇ: بىلىمەن؛ شۈك تۇرۇڭلار، دېدى.
4 İlyas ona dedi: «Elişa, burada qal, çünki Rəbb məni Yerixoya göndərir». Elişa dedi: «Var olan Rəbbə və sənin canına and olsun ki, səndən əl çəkmərəm». Onlar Yerixoya gəldilər.
ئىلىياس ئېلىشاغا: ــ سەندىن ئۆتۈنىمەنكى، بۇ يەردە قالغىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار مېنى يېرىخوغا ماڭغۇزدى. ئېلىشا: پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن، ۋە سېنىڭ ھاياتىڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سېنىڭدىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىككىسى يېرىخوغا باردى.
5 Yerixoda olan peyğəmbərlər Elişanın yanına gəlib ona dedilər: «Bilirsənmi, Rəbb bu gün ağanı sənin başın üstündən götürəcək?» O dedi: «Bəli, bilirəm, susun!»
ئۇ ۋاقىتتا يېرىخودىكى پەيغەمبەر شاگىرتلىرى ئېلىشانىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: بىلەمسەن، پەرۋەردىگار بۈگۈن غوجاڭنى سەندىن ئېلىپ كېتىدۇ؟ ــ دېدى. ئۇ: بىلىمەن؛ شۈك تۇرۇڭلار، دېدى.
6 İlyas ona dedi: «Burada qal, çünki Rəbb məni İordan çayının yanına göndərir». Elişa dedi: «Var olan Rəbbə və sənin canına and olsun ki, səndən əl çəkmərəm». Onlar getdilər.
ئىلىياس ئېلىشاغا: ــ سەندىن ئۆتۈنىمەنكى، بۇ يەردە قالغىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار مېنى ئىئوردان دەرياسىغا ماڭغۇزدى، دېدى. ئېلىشا: پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن، ۋە سېنىڭ ھاياتىڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سېنىڭدىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن، دېدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىككىسى مېڭىۋەردى.
7 Peyğəmbərlərdən əlli adam gedib uzaqda onların qarşısında dayandı. Onlar da İordan çayının yanında dayandılar.
ئەمدى پەيغەمبەر شاگىرتلىرىدىن ئەللىك كىشى بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۇدۇلىدا يىراقتىن قاراپ تۇراتتى. ئەمما ئۇ ئىككىيلەن ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدا توختاپ تۇردى.
8 İlyas cübbəsini götürdü və onu büküb suya vurdu. Su iki yerə ayrıldı və onlar quru yerin üstündən keçdilər.
ئىلىياس يېپىنچىسىنى قاتلاپ، ئۇنىڭ بىلەن سۇنى ئۇرىۋىدى، سۇ ئىككىگە بۆلۈنۈپ تۇردى؛ ئۇلار ئىككىسى قۇرۇق يولدىن ئۆتتى.
9 Onlar keçəndən sonra İlyas Elişaya dedi: «Mən sənin yanından götürülməzdən əvvəl məndən bir şey istə, sənin üçün nə edim?» Elişa dedi: «Qoy indi səndə olan ruh ikiqat artıq məndə olsun».
ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن ئىلىياس ئېلىشاغا: مەن سەندىن ئايرىلماستا، سېنىڭ ئۆزۈڭ ئۈچۈن مەندىن نېمە تىلىكىڭ بولسا، دەۋەرگىن، دېدى. ئېلىشا: سېنىڭ ئۈستۈڭدە تۇرغان روھنىڭ ئىككى ھەسسىسى ئۈستۈمگە قونسۇن، ــ دېدى.
10 İlyas dedi: «Sən çətin bir şey istədin. Əgər sənin yanından götürüldüyümü görsən, səninlə belə olacaq, yoxsa bu olmayacaq».
ئۇ: بۇ تىلىكىڭگە ئېرىشمەك قىيىندۇر؛ مەن سەندىن ئېلىپ كېتىلگەن ۋاقتىمدا، مېنى كۆرۈپ تۇرساڭ، ساڭا شۇنداق بېرىلىدۇ؛ بولمىسا، بېرىلمەيدۇ، ــ دېدى.
11 Onlar danışa-danışa gedərkən qəflətən odlu bir araba və odlu atlar göründü, onları bir-birindən ayırdı və İlyas qasırğa ilə göyə qaldırıldı.
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار سۆزلىشىپ ماڭغاندا، مانا، ئوتلۇق بىر جەڭ ھارۋىسى بىلەن ئوتلۇق ئاتلار نامايان بولدى؛ ئۇلار ئىككىسىنى ئايرىۋەتتى ۋە ئىلىياس قارا قۇيۇندا ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ كەتتى.
12 Elişa bunu görüb qışqırdı: «Atam, ey atam! İsrailin arabası və atlıları!» O, İlyası daha görməyəndə öz paltarını götürdü və onu cırıb iki yerə böldü.
ئېلىشا بۇنى كۆرۈپ: ئى ئاتام، ئى ئاتام، ئىسرائىلنىڭ جەڭ ھارۋىسى ۋە ئاتلىق ئەسكەرلىرى! ــ دەپ ۋارقىرىدى. ئاندىن ئۇ ئۇنى يەنە كۆرەلمىدى. ئۇ ئۆز كىيىمىنى تۇتۇپ، ئۇلارنى يىرتىپ ئىككى پارچە قىلىۋەتتى.
13 Sonra İlyasın əynindən düşən cübbəni götürüb geri döndü və İordan çayının sahilində dayandı.
ئاندىن ئۇ ئىلىياسنىڭ ئۇچىسىدىن چۈشۈپ قالغان يېپىنچىسىنى يەردىن ئېلىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ قىرغىقىغا قايتىپ كەلدى.
14 İlyasın əynindən düşən cübbəni götürüb suya vurdu və dedi: «İlyasın Allahı Rəbb haradadır?» O da cübbəni suya vuranda su iki yerə ayrıldı. Elişa oradan keçdi.
ئۇ ئىلىياسنىڭ ئۈستىدىن چۈشۈپ قالغان يېپىنچىسى بىلەن سۇنى ئۇرۇپ: «ئىلىياسنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار نەدىدۇر؟»، دېدى. ئېلىشا سۇنى شۇنداق ئۇرغاندا سۇ ئىككىگە بۆلۈندى؛ ئېلىشا سۇدىن ئۆتۈپ كەتتى.
15 Yerixoda olan peyğəmbərlər onu uzaqdan görüb dedilər: «İlyasın ruhunun gücü Elişanın üstünə qondu». Onlar Elişanı qarşılamağa gələrək önündə yerə qədər təzim etdilər.
يېرىخودىكى پەيغەمبەر شاگىرتلىرى قارشى قىرغاقتا تۇرۇپ ئۇنى كۆردى ۋە: «ئىلىياسنىڭ روھى ئېلىشانىڭ ئۈستىدىدۇر» دەپ ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ، باش ئۇرۇپ تەزىم قىلدى.
16 Ona dedilər: «Bu qullarının yanında əlli igid var, qoy gedib ağanı axtarsınlar. Bəlkə Rəbbin Ruhu onu qaldırıb dağların yaxud da dərələrin birinə atmışdır?» Elişa dedi: «Göndərməyin».
ئۇلار ئۇنىڭغا: مانا سېنىڭ كەمىنىلىرىڭ ئارىسىدا ئەللىك ئەزىمەت بار؛ ئۆتۈنىمىز، بۇلار غوجاڭنى ئىزدىگىلى بارسۇن. پەرۋەردىگارنىڭ روھى بەلكىم ئۇنى كۆتۈرۈپ تاغلارنىڭ بىر يېرىدە ياكى جىلغىلارنىڭ بىر تەرىپىدە تاشلاپ قويدىمىكى، دېدى. لېكىن ئۇ: سىلەر ھېچ ئادەمنى ئەۋەتمەڭلار، دېدى.
17 Amma onlar o qədər inad etdilər ki, Elişa utanıb dedi: «Göndərin». Əlli nəfər göndərdilər və onlar üç gün axtardılar, ancaq İlyası tapa bilmədilər.
ئەمما ئۇلارنىڭ ئۇنى قىستاۋېرىشى بىلەن ئۇ خىجالەت بولۇپ: ئادەم ئەۋەتىڭلار، دېدى. شۇڭا ئۇلار ئەللىك كىشىنى ئەۋەتتى؛ بۇلار ئۈچ كۈن ئۇنى ئىزدىدى، لېكىن ھېچ تاپالمىدى.
18 Sonra Yerixoda qalan Elişanın yanına qayıtdılar. Elişa onlara dedi: «Mən sizə demədim ki, getməyin?»
ئۇلار ئېلىشانىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگەندە (ئۇ يېرىخودا تۇرۇۋاتاتتى) ئۇ ئۇلارغا: مەن دەرۋەقە سىلەرگە «ئىزدەپ بارماڭلار!» دېمىدىممۇ؟ ــ دېدى.
19 Şəhərin adamları Elişaya dedilər: «Ağamın gördüyü kimi bu şəhərin yeri yaxşıdır, ancaq suyu pisdir, torpağı bəhər vermir».
شەھەردىكى ئادەملەر ئېلىشاغا: غوجام كۆرگەندەك، شەھەر ئۆزى ئوبدان جايدىدۇر، لېكىن سۇ ناچار ۋە تۇپراق تۇغماستۇر، دېدى.
20 O dedi: «Mənə təzə bir qab gətirin və onun içinə duz qoyun». Bunu ona gətirdilər.
ئۇ: يېڭى بىر كوزا ئېلىپ كېلىپ، ئىچىگە تۇز قويۇپ، ماڭا بېرىڭلار، دېدى. ئۇلار ئۇنى ئېلىپ كېلىپ ئۇنىڭغا بەردى.
21 O, bulağa çıxdı, duzu oraya atıb dedi: «Rəbb belə deyir: “Bu suları pak edirəm, artıq onda ölüm və bəhərsizlik olmayacaq”».
ئۇ بۇلاقنىڭ بېشىغا بېرىپ ئۇنىڭغا تۇزنى تۆكتى ۋە: پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مەن بۇ سۇلارنى ساقايتتىم؛ ئەمدى ئۇلاردىن قايتا ئۆلۈم بولمايدۇ ۋە يەرنىڭ تۇغماسلىقى بولمايدۇ» ــ دېدى.
22 Elişanın söylədiyi sözə görə bu su indiyə qədər də pak qalır.
خۇددى ئېلىشانىڭ ئېيتقان بۇ سۆزىدەك، ئۇ سۇ تاكى بۈگۈنگە قەدەر پاك بولۇپ كەلدى.
23 Elişa oradan Bet-Elə qalxdı. O, yola düşəndə kiçik oğlanlar şəhərdən çıxdılar və onu lağa qoyub dedilər: «Rədd ol, keçəl, rədd ol, keçəl!»
ئېلىشا يېرىخودىن چىقىپ بەيت-ئەلگە باردى. ئۇ يولدا كېتىپ بارغاندا، بەزى بالىلار شەھەردىن چىقىپ ئۇنى زاڭلىق قىلىپ: چىقىپ كەت، ئى تاقىر باش! چىقىپ كەت، ئى تاقىر باش! ــ دەپ ۋارقىراشتى.
24 O arxaya dönüb oğlanları gördü və onları Rəbbin adı ilə lənətlədi. Meşədən iki dişi ayı çıxıb onlardan qırx iki nəfəri parçaladı.
ئۇ بۇرۇلۇپ ئۇلارغا قاراپ پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئۇلارغا لەنەت ئوقۇدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئورمانلىقتىن ئىككى چىشى ئېيىق چىقىپ، بالىلاردىن قىرىق ئىككىنى يىرتىۋەتتى.
25 Elişa oradan Karmel dağına getdi, oradan da Samariyaya qayıtdı.
ئۇ ئۇ يەردىن كېتىپ، كارمەل تېغىغا بېرىپ، ئۇ يەردىن سامارىيەگە يېنىپ باردى.

< Ikinci Padşahlar 2 >