< Ikinci Salnamələr 6 >

1 O zaman Süleyman dedi: «Rəbb istədi ki, qatı qaranlıqda məskən salsın.
بۇ پەيتتە سۇلايمان: ــ پەرۋەردىگار تۇم قاراڭغۇلۇق ئىچىدە تۇرىمەن، دەپ ئېيتقانىدى؛
2 Mən Sənin üçün uca bir məbəd tikdim ki, Sənin əbədi yaşayacağın yer olsun».
لېكىن، [ئى پەرۋەردىگار]، مەن سېنىڭ ئۈچۈن بىر ھەيۋەتلىك ماكان بولسۇن دەپ، سەن مەڭگۈ تۇرىدىغان بىر ئۆينى ياسىدىم، دېدى.
3 Padşah dönüb bütün İsrail camaatına xeyir-dua verdi. Bu zaman bütün İsrail camaatı ayaq üstə durmuşdu.
ئاندىن پادىشاھ بۇرۇلۇپ بارلىق ئىسرائىل جامائىتىگە بەخت تىلىدى؛ ئىسرائىلنىڭ بارلىق جامائىتى ئۇنىڭ ئالدىدا تۇراتتى.
4 Padşah dedi: «İsrailin Allahı Rəbbə alqış olsun ki, atam Davuda Öz ağzı ilə dediyini Öz əli ilə yerinə yetirdi. O söyləmişdi:
ئۇ مۇنداق دېدى: ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە بولغاي! ئۇ ئۆز ئاغزى بىلەن ئاتام داۋۇتقا ۋەدە قىلغانىدى ۋە ئۆز قولى بىلەن ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ئۇ ئەسلىدە داۋۇتقا: ــ
5 “Mən xalqımı Misir torpağından çıxartdığım gündən bəri bir məbəd tikmək üçün İsrailin heç bir qəbiləsindən şəhər seçməmişdim ki, adım üstündə olsun. Xalqım İsrail üzərində hökmdar olmaq üçün bir adam da seçməmişdim.
«مەن ئۆز خەلقىم ئىسرائىلنى مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ چىققان كۈندىن بۇيان نامىم ئۈچۈن بۇ يەردە بىر ئۆي سالاي دەپ ئىسرائىلنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنىڭ شەھەرلىرىدىن ھېچقايسىسىنى تاللىمىدىم، ياكى خەلقىم ئىسرائىلغا ھۆكۈمران بولۇشقا ھېچقايسى ئادەمنى تاللىمىدىم؛
6 İndi isə adım orada olsun deyə Yerusəlimi seçmişəm və xalqım İsrail üzərində hökmdar olmaq üçün Davudu seçmişəm”.
ھالبۇكى، مەن نامىم شۇ يەردە بولسۇن دەپ يېرۇسالېمنى تاللىدىم ۋە خەلقىم بولغان ئىسرائىلغا ھۆكۈمرانلىق قىلسۇن دەپ داۋۇتنى تاللىدىم» دېگەنىدى.
7 Atam Davudun ürəyində İsrailin Allahı Rəbbin adına bir məbəd tikmək istəyi var idi.
ئەمدى ئاتام داۋۇتنىڭ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا ئاتاپ بىر ئۆي سېلىش ئارزۇ-نىيىتى بار ئىدى.
8 Lakin Rəbb atam Davuda dedi: “Sən yaxşı eləmisən ki, Mənim adıma bir məbəd tikmək niyyətinə düşmüsən.
بىراق پەرۋەردىگار ئاتام داۋۇتقا: «كۆڭلۈڭدە مېنىڭ نامىمغا بىر ئۆي ياساشقا قىلغان نىيىتىڭ ياخشىدۇر؛
9 Ancaq məbədi sən tikməyəcəksən, sənin belindən gələn oğlun Mənim adıma məbəd tikəcək”.
ئەمما شۇ ئۆينى سەن ياسىمايسەن، بەلكى پۇشتۇڭدىن بولىدىغان ئوغلۇڭ، ئۇ مېنىڭ نامىمغا ئاتاپ شۇ ئۆينى سالىدۇ»، دېگەنىدى.
10 Rəbb vəd etdiyini yerinə yetirdi: belə ki mən atam Davudun yerinə qalxdım, Rəbbin dediyi kimi İsrail taxtında oturdum və İsrailin Allahı Rəbbin adına məbəd tikdim.
مانا ئەمدى پەرۋەردىگار ئۆز سۆزىگە ئەمەل قىلدى. مەن پەرۋەردىگار ۋەدە قىلغىنىدەك، ئاتامنىڭ ئورنىنى بېسىپ، ئىسرائىلنىڭ تەختىگە ئولتۇردۇم؛ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا ئاتاپ بۇ ئۆينى سالدىم.
11 Sandığı oraya qoydum. Rəbbin İsrail övladları ilə bağladığı əhd onun içindədir».
مەن بۇ ئۆيدە ئەھدە ساندۇقىنى قويدۇم؛ ئەھدە ساندۇقى ئىچىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللار بىلەن تۈزگەن ئەھدە [تاختىلىرى] باردۇر» دېدى.
12 Süleyman Rəbbin qurbangahı önündə, bütün İsrail camaatının qarşısında durub əllərini göyə açdı.
ئاندىن سۇلايمان ئىسرائىلنىڭ بارلىق جامائىتىگە يۈزلىنىپ، پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانگاھىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ قوللىرىنى كۆتۈرۈپ: ــ
13 O, tuncdan uzunluğu ilə eni beş qulac, hündürlüyü isə üç qulac olan bir kürsü düzəldib həyətin ortasına qoymuşdu və indi onun üstündə dururdu. Bütün İsrail camaatı önündə diz çöküb əllərini göyə açdı.
(چۈنكى بايا سۇلايمان مىستىن ئۇزۇنلۇقى بەش گەز، كەڭلىكى بەش گەز، ئېگىزلىكى ئۈچ گەز كېلىدىغان بىر پەشتاق ياسىتىپ، تاشقىرىقى ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشتۇرغانىدى. ئۇ ئەنە شۇ پەشتاق ئۈستىگە چىقىپ تۇرۇپ، پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى ئالدىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ، ئاسمانغا قاراپ غۇلىچىنى يايغانىدى)
14 Süleyman dedi: «Ya Rəbb, İsrailin Allahı! Nə göydə, nə də yerdə Sənin kimi Allah yoxdur. Sən bütün ürəkləri ilə yolunla gedən qullarına əhdini və lütfünü saxlayırsan.
ــ ئۇ مۇنداق دۇئا قىلدى: ــ ئى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار! نە ئاسماندا نە زېمىندا سەندەك خۇدا يوقتۇر؛ سېنىڭ ئالدىڭدا پۈتۈن قەلبى بىلەن ماڭىدىغان ئۆز قۇللىرىڭ ئۈچۈن ئەھدەڭدە تۇرۇپ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى كۆرسىتىسەن.
15 Sən qulun atam Davuda verdiyin vədə əməl etdin, Öz dilinlə söylədiyini bu gün Öz əlinlə yerinə yetirdin.
چۈنكى سەن ئۆز قۇلۇڭ ئاتام داۋۇتقا بەرگەن ۋەدىدە تۇردۇڭ؛ سەن ئۆز ئاغزىڭ بىلەن ئېيتقان سۆزۈڭنى مانا بۈگۈنكىدەك ئۆز قولۇڭ بىلەن ۋۇجۇدقا چىقاردىڭ.
16 Ya Rəbb İsrailin Allahı, indi də qulun atam Davuda dediyin sözə əməl et. Özün söyləmişdin: “Sən yolumla getdiyin kimi oğulların da qanunuma görə əməl edərək öz yollarına diqqət edərlərsə, İsrail taxtında sənin nəslindən bir kişi əskik olmayacaq”.
ئەمدى ھازىر، ئى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار، ئۆز قۇلۇڭ ئاتام داۋۇتقا: ــ «ئەگەر سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ ئۆز يوللىرىغا سەگەك بولۇپ سەن مېنىڭ ئالدىمدا ماڭغاندەك، قانۇنۇمغا ئەمەل قىلىپ ماڭسىلا، ساڭا ئەۋلادىڭدىن ئىسرائىلنىڭ تەختىدە ئولتۇرىدىغان بىر زات كەم بولمايدۇ» دەپ بەرگەن ۋەدەڭدە تۇرغايسەن.
17 Ey İsrailin Allahı Rəbb, indi qulun atam Davuda dediyin sözü təsdiq et!
ئەمدى ھازىر، ئى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، سەن قۇلۇڭ داۋۇتقا ئېيتقان سۆزلىرىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاي، دەپ ئۆتۈنىمەن!
18 Lakin, doğrudan da, Allah yerdə, insanların yanında yaşayarmı? Sən göyə və göylərin göyünə sığmazsan, o ki qaldı mənim tikdiyim məbədə!
لېكىن خۇدا ئۆزى راستلا يەر يۈزىدە ئىنسانلار بىلەن ماكان قىلامدۇ؟ مانا، ئاسمانلار بىلەن ئاسمانلارنىڭ ئاسمىنى سېنى سىغدۇرالمايدىغان يەردە، مەن ياسىغان بۇ ئۆي قانداقمۇ سېنىڭ ماكانىڭ بولالىسۇن؟!
19 Ancaq Sən bu qulunun duasına və yalvarışına nəzər sal, ya Rəbb Allahım, bu gün onun önündə etdiyi fəryadı və duanı eşit.
لېكىن ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، قۇلۇڭنىڭ دۇئا ۋە ئىلتىجاسىغا قۇلاق سېلىپ، قۇلۇڭنىڭ ساڭا كۆتۈرگەن نىداسى ۋە تىلىكىنى ئاڭلىغايسەن.
20 Qoy Sənin nəzərin gecə-gündüz bu məbədin üstündə olsun. Bu yer barədə Sən demisən ki, adını orada qoyursan. Qulunun buraya üz tutub etdiyi duanı eşit.
شۇنىڭ بىلەن ئۆز كۆزلىرىڭنى كېچە-كۈندۈز بۇ ئۆيگە، يەنى سەن: «مېنىڭ نامىمنى ئۇ يەردە ئايان قىلىمەن» دەپ ئېيتقان جايغا كېچە-كۈندۈز تىككەيسەن؛ ئۆز قۇلۇڭنىڭ ئۇ جايغا قاراپ قىلغان دۇئاسىغا قۇلاق سالغايسەن.
21 Bu yerə tərəf dua etdikləri vaxt Öz qulunun və xalqın İsrailin yalvarışlarını Sən eşit, göydən – Öz məskənindən eşit və bağışla!
قۇلۇڭ ۋە خەلقىڭ ئىسرائىل بۇ جايغا قاراپ دۇئا قىلغان چاغدا، ئۇلارنىڭ ئىلتىجالىرىغا قۇلاق سېلىپ، ئۆز ماكانىڭ قىلغان ئاسمانلاردىن تۇرۇپ ئاڭلىغايسەن، ئاڭلىغىنىڭدا ئۇلارنى كەچۈرگەيسەن.
22 Əgər bir adam öz yaxınına qarşı günah edərsə və ondan and içmək tələb olunarsa, o da gəlib bu məbəddə, Sənin qurbangahın önündə and içərsə,
ئەگەر بىرسى ئۆز قوشنىسىغا گۇناھ قىلسا ۋە شۇنداقلا ئىشنىڭ راست-يالغانلىقىنى بېكىتىش ئۈچۈن قەسەم ئىچكۈزۈلسە، بۇ قەسەم بۇ ئۆيدىكى قۇربانگاھىڭنىڭ ئالدىغا كەلسە،
23 o vaxt Sən göydən eşit və belə et, qulların üzərində hökm et: əməlini öz başına döndərərək müqəssiri ittiham et və təqsirsizə salehliyinə görə bəraət ver.
سەن قەسەمنى ئاسماندا تۇرۇپ ئاڭلاپ، ئامال قىلىپ ئۆز بەندىلىرىڭ ئوتتۇرىسىدا ھۆكۈم چىقارغايسەن؛ گۇناھى بار ئادەمنىڭ گۇناھىنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ، ئۆز يولىنى ئۆز بېشىغا ياندۇرۇپ، گۇناھسىز ئادەمنى ئاقلاپ ئۆز ئادىللىقىغا قاراپ ئۇنىڭغا ھەققىنى بەرگەيسەن.
24 Əgər xalqın İsrail Sənə qarşı günah etdiyi üçün düşmən önündə məğlub olsa və onlar təkrar Sənə dönüb adını dillərinə gətirsələr və bu məbəddə Sənə yalvarıb fəryad etsələr,
ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىل سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھ قىلغىنى ئۈچۈن دۈشمەندىن يېڭىلسە، يامانلىقىدىن قايتىپ بۇ ئۆيدە تۇرۇپ، نامىڭنى ئېتىراپ قىلىپ ساڭا دۇئا بىلەن ئىلتىجا قىلسا،
25 o vaxt Sən göydən eşit və xalqın İsrailin günahını bağışla, onları yenə özlərinə və atalarına verdiyin torpağa qaytar.
سەن ئاسماندا ئاڭلاپ، ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىلنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈپ، ئۇلارنى سەن ئاتا-بوۋىلىرىغا ۋە ئۆزلىرىگە تەقدىم قىلغان زېمىنغا قايتۇرۇپ كەلگەيسەن.
26 Əgər xalqın Sənin önündə günah etdiyi üçün göy bağlanıb yağış yağmayan vaxt bu yerə tərəf dua edərək adını dillərinə gətirsələr və Sən onlara bəla göndərdiyin vaxt öz günahlarından dönsələr,
ئۇلار ساڭا گۇناھ قىلغىنى ئۈچۈن ئاسمان ئېتىلىپ يامغۇر ياغمايدىغان قىلىۋېتىلگەن بولسا، لېكىن ئۇلار بۇ جايغا قاراپ ساڭا دۇئا قىلىپ نامىڭنى ئېتىراپ قىلىپ، سېنىڭ ئۇلارنى قىيىنچىلىققا سالغىنىڭ تۈپەيلىدىن ئۆز گۇناھىدىن يېنىپ توۋا قىلسا،
27 o vaxt Sən göydə eşit, qullarının və xalqın İsrailin günahını bağışla və gedəcəkləri doğru yolu onlara göstər. Xalqına irs kimi verdiyin torpağına da yağış göndər.
سەن ئاسماندا تۇرۇپ قۇلاق سېلىپ، قۇللىرىڭنىڭ ۋە خەلقىڭ ئىسرائىلنىڭ گۇناھىنى كەچۈرگەيسەن؛ چۈنكى سەن ئۇلارغا مېڭىش كېرەك بولغان ياخشى يولنى ئۆگىتىسەن ۋە ئۆز خەلقىڭگە مىراس قىلىپ بەرگەن زېمىننىڭ ئۈستىگە يامغۇر ياغدۇرىسەن!
28 Əgər ölkədə aclıq, vəba olarsa, səmum küləyi ya kif, çəyirtkə ya bitki qurdu olarsa, əgər düşmən onları ölkənin hər hansı bir şəhərində mühasirəyə alarsa – hansı bəla, hansı xəstəlik olursa-olsun –
ئەگەر زېمىندا ئاچارچىلىق يا ۋابا بولسا، يا زىرائەتلەر دان ئالمىسا يا ھال چۈشسە يا ئۇنى چېكەتكىلەر ياكى چېكەتكە لىچىنكىلىرى بېسىۋالسا، يا دۈشمەنلەر ئۇلارنىڭ زېمىندىكى شەھەرلىرىنىڭ قوۋۇقلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ قورشىۋالسا، يا ھەرقانداق ئاپەت يا كېسەللىك بولسا،
29 kimsə tərəfindən yaxud da bütün xalqın İsrail tərəfindən bir dua və yalvarış olarsa, hər kəs öz bəlasını və dərdini bilib bu məbədə tərəf əllərini açsa,
ئۇنداقتا بارلىق خەلقىڭ ئىسرائىل بولسۇن، ھەرقانداق كىشى بولسۇن، ئۆزىگە كەلگەن ئاپەتنى ۋە ئۆز دەردىنى بىلىپ، قوللىرىنى بۇ ئۆيگە سۇنۇپ، مەيلى قانداق دۇئا ياكى ئىلتىجا قىلسۇن،
30 o vaxt Sən göydən – Öz məskənindən eşit və bağışla. Ürəyini bildiyin hər adama bütün əməllərinə görə əvəz ver, çünki insan ürəklərini yalnız Sən bilirsən.
ئەمدى سەن تۇرۇۋاتقان ماكانىڭ ئاسماندا تۇرۇپ ئاڭلاپ، كەچۈرۈم قىلغايسەن، سەن ھەربىر ئادەمنىڭ قەلبىنى بىلگەچكە، ئۆزىنىڭ يوللىرىنى ئۆزىگە ياندۇرغايسەن (چۈنكى سەنلا، پەقەت سەنلا ھەممە ئىنسان بالىلىرىنىڭ قەلبلىرىنى بىلگۈچىدۇرسەن)؛
31 Ta ki onlar atalarımıza verdiyin torpaqda yaşadıqları bütün günlər boyu Sənin yolunla getmək üçün Səndən qorxsun.
شۇنداق قىلىپ، ئۇلار سەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا تەقدىم قىلغان زېمىندا ئولتۇرۇپ ئۆمرىنىڭ ھەممە كۈنلىرىدە سەندىن قورقۇپ يوللىرىڭدا ماڭىدىغان بولىدۇ.
32 Əgər xalqın İsraildən olmayan yadelli də uzaq ölkədən gəlsə, Sənin böyük adın, qüdrətli əlin və uzanan qolun barədə eşidib bu məbədə tərəf dua etsə,
ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىلدىن بولمىغان، سېنىڭ ئۇلۇغ نامىڭ، قۇدرەتلىك قولۇڭ ۋە سوزغان بىلىكىڭ تۈپەيلىدىن يىراق-يىراقلاردىن كەلگەن مۇساپىر بولسا، ئۇ كېلىپ بۇ ئۆي تەرەپكە قاراپ دۇئا قىلسا،
33 o vaxt Sən göydən – Öz məskənindən eşit və yadellinin Sənə fəryad etdiyi hər şeyi et ki, yer üzünün bütün xalqları da Sənin adını tanısın, xalqın İsrail kimi Səndən qorxsun və tikdiyim bu məbədin Sənin adınla çağırıldığını bilsin.
سەن تۇرۇۋاتقان ماكانىڭ بولغان ئاسمانلاردا ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىپ، ئۇ مۇساپىر ساڭا نىدا قىلىپ تىلىگىنىنىڭ ھەممىسىگە مۇۋاپىق قىلغايسەن؛ شۇنىڭ بىلەن يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەللەر نامىڭنى تونۇپ يېتىپ، ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىلدەك سەندىن قورقىدىغان بولۇپ، مەن ياسىغان بۇ ئۆينىڭ سېنىڭ نامىڭ بىلەن ئاتالغىنىنى بىلىدۇ.
34 Əgər xalqın göndərdiyin yolla düşmənlərinə qarşı müharibəyə çıxsa və Sənin seçdiyin bu şəhərə tərəf, Sənin adına tikdiyim məbədə doğru üz çevirib Sənə dua etsə,
ئەگەر سېنىڭ خەلقىڭ سېنىڭ تاپشۇرۇقۇڭ بىلەن دۈشمىنى بىلەن جەڭ قىلىشقا چىققاندا، سەن تاللىغان بۇ شەھەرگە، شۇنداقلا مەن نامىڭغا ئاتاپ ياسىغان بۇ ئۆي تەرەپكە قاراپ سەن پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلسا،
35 Sən göydən onların dualarını və yalvarışlarını eşit, onların tərəfində ol.
سەن ئاسمانلاردا تۇرۇپ ئۇلارنىڭ دۇئاسى بىلەن ئىلتىجاسىغا قۇلاق سېلىپ، ئۇلارنى نۇسرەتكە ئېرىشتۈرگەيسەن.
36 Əgər onlar önündə günah etsələr – çünki günah etməyən insan yoxdur – Sən qəzəblənib onları düşmənə təslim etsən və düşmən onları əsir edib yaxın ya uzaq torpağına aparsa,
ئەگەر ئۇلار ساڭا گۇناھ سادىر قىلغان بولسا (چۈنكى گۇناھ قىلمايدىغان ھېچكىشى يوقتۇر) سەن ئۇلارغا غەزەپلىنىپ، ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرغان بولساڭ، بۇلار ئۇلارنى يىراق-يېقىنغا، ئۆز زېمىنىغا سۈرگۈن قىلىپ ئېلىپ بارغان بولسا،
37 onlar əsirlikdə olduqları ölkədə ürəklərini döndərib tövbə etsələr və Sənə dua edərək “biz günah və haqsızlıq etdik, pislik etdik” desələr,
لېكىن ئۇلار سۈرگۈن قىلىنغان يۇرتتا ئەس-ھوشىنى تېپىپ توۋا قىلىپ، ئۆزى سۈرگۈن بولغان يۇرتتا ساڭا: ــ بىز گۇناھ قىلىپ، قەبىھلىككە بېرىلىپ سەندىن يۈز ئۆرۈپ كەتتۇق، دەپ يېلىنسا،
38 onların əsir olunub aparıldığı ölkədə bütün ürəkləri və canları ilə Sənə tərəf dönsələr, atalarına verdiyin torpağa, seçdiyin şəhərə və adına tikdiyim məbədə tərəf üz tutub Sənə dua etsələr,
ــ ئەگەر ئۇلارنى سۈرگۈن قىلغانلارنىڭ زېمىنىدا پۈتۈن قەلبى ۋە پۈتۈن جېنىدىن سېنىڭ تەرىپىڭگە يېنىپ، سەن ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىغا تەقدىم قىلغان زېمىنغا، سەن تاللىغان شەھەر تەرەپكە ۋە مەن نامىڭغا ئاتاپ ياسىغان بۇ ئۆي تەرەپكە يۈزىنى قىلىپ دۇئا قىلسا،
39 o vaxt Sən göydən – Öz məskənindən onların dua və yalvarışlarını eşit və onların tərəfində ol. Sənin önündə günah edən xalqını bağışla.
سەن تۇرۇۋاتقان ماكانىڭ بولغان ئاسمانلاردا تۇرۇپ ئۇلارنىڭ دۇئاسى ۋە ئىلتىجالىرىنى ئاڭلاپ ئۇلار ئۈچۈن ھۆكۈم چىقىرىپ، ئۆز خەلقىڭنىڭ ساڭا سادىر قىلغان گۇناھىنى كەچۈرۈم قىلغايسەن؛
40 İndi, ey Allahım, Sənə yalvarıram, bu yerdə edilən duanı gözlərin görsün və qulaqların eşitsin.
ئەمدى ئى خۇدايىم، سەندىن ئۆتۈنىمەن، بۇ يەردە قىلغان دۇئالارغا كۆزۈڭ ئوچۇق، قۇلىقىڭ دىڭ بولغاي!
41 Ya Rəbb Allah, qüvvənin rəmzi olan sandığınla birgə, Gücün rəmzi olan sandığınla birgə İstirahət edəcəyin yerə qalx. Ya Rəbb Allah, kahinlərin zəfərinlə əhatə olunsun, Möminlərin xeyirxahlığına görə sevinsin.
ئەمدى ئورنۇڭدىن تۇرغىن، ئى پەرۋەردىگار خۇدا، سەن قۇدرىتىڭنىڭ ئىپادىسى بولغان ئەھدە ساندۇقۇڭ بىلەن، ئۆز ئارامگاھىڭغا كىرگەيسەن! كاھىنلىرىڭ ھەققانىيلىق بىلەن كىيدۈرۈلسۇن، مۆمىن بەندىلىرىڭ ياخشىلىقىڭدىن شادلانسۇن!
42 Ya Rəbb Allah, məsh etdiyindən üz döndərmə, Qulun Davuda göstərdiyin məhəbbətini yada sal».
ئى پەرۋەردىگار خۇدا، ئۆزۈڭ مەسىھ قىلغىنىڭنىڭ يۈزىنى ياندۇرمىغايسەن؛ قۇلۇڭ داۋۇتقا كۆرسەتكەن ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن!».

< Ikinci Salnamələr 6 >