< Ikinci Salnamələr 2 >

1 Süleyman Rəbbin adına bir məbəd və özü üçün bir saray tikməyi niyyət etdi.
سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا ئاتاپ بىر ئۆي ھەم پادىشاھلىقى ئۈچۈن بىر ئوردا سېلىش نىيىتىگە كەلدى.
2 Süleyman yük daşıyan yetmiş min nəfər, dağlarda daş yonan səksən min nəfər, onların üzərində nəzarətçi olan üç min altı yüz adam sayıb ayırdı.
شۇنىڭدىن كېيىن سۇلايمان يەتمىش مىڭ ئادەمنى ھامماللىققا، سەكسەن مىڭ ئادەمنى تاغدا تاش كېسىشكە، ئۈچ مىڭ ئالتە يۈز كىشىنى نازارەتچىلىككە تەيىنلىدى.
3 Süleyman Sur padşahı Xirama xəbər göndərib dedi: «Yaşamaq üçün özünə saray tiksin deyə atam Davuda sidr ağacları göndərdiyin kimi mənə də göndər.
سۇلايمان تۇر پادىشاھى ھۇرامغا ئادەم ئەۋەتىپ: «ئۆزلىرى ئاتام داۋۇتنىڭ تۇرالغۇسى بولسۇن دەپ ئوردا سېلىشىغا كېدىر ياغىچى يەتكۈزۈپ بەرگەن ئىدىلىغۇ، ماڭىمۇ شۇنداق قىلغايلا.
4 Mən Allahım Rəbbə təqdis etmək üçün Onun adına bir məbəd tikirəm ki, Onun önündə xoş ətirli buxur yandırmaq üçün, daimi təqdis çörəkləri üçün, səhər-axşam, Şənbə günlərində, Təzə Ay mərasimlərində və Allahımız Rəbbin bayramlarında yandırma qurbanları üçün olsun. Bunlar İsrail üçün əbədi qaydadır.
مانا، مەن ئەمدى پەرۋەردىگار خۇدايىمنىڭ نامىغا ئاتاپ بىر ئۆي سالماقچىمەن؛ ئۆي ئۇنىڭ ئالدىدا خۇشبۇي يېقىش، «تەقدىم نانلار»نىڭ ئۈزۈلمەي قويۇلۇشى، ھەركۈنى ئەتە-ئاخشاملىرىدا، شابات كۈنلىرىدە، يېڭى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدە ۋە پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بېكىتىپ بەرگەن ھېيت-ئايەملەردە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنىڭ سۇنۇلۇشى ئۈچۈن بولىدۇ. بۇ ئىشلار ئىسرائىل خەلقىگە مەڭگۈلۈك بىر بەلگىلىمە بولىدۇ.
5 Tikəcəyim məbəd böyükdür, çünki Allahımız bütün allahlardan böyükdür.
مەن سالماقچى بولغان ئۆي ئاجايىپ ھەيۋەتلىك بولىدۇ؛ چۈنكى بىزنىڭ خۇدايىمىز ھەممە ئىلاھلاردىن ئۈستۈندۇر.
6 Kim Ona ev tikməyə qadirdir? O, göyə və göylərin göyünə sığmaz və mən kiməm ki, Ona bir ev tikəm? Onun önündə yalnız buxur yandırmaq üçün bir yer tikə bilərəm.
لېكىن ئاسمانلار ۋە ئاسمانلارنىڭ ئۈستىدىكى ئاسمانمۇ ئۇنى سىغدۇرالمايدىغان تۇرسا، كىم ئۇنىڭغا ئۆي سالالىسۇن؟ مەن كىم ئىدىم، قانداقمۇ ئۇنىڭغا ئۆي سالدۇرغۇدەك قۇدرەتكە ئىگە بولاي؟ مەن پەقەت ئۇنىڭ ئالدىدا قۇربانلىقلارنى كۆيدۈرگۈدەكلا ئادەممەن، خالاس!
7 Atam Davudun hazırladığı, Yəhudada və Yerusəlimdə mənim yanımda olan ustalarla birgə işləmək üçün mənə bir adam göndər ki, qızıl, gümüş, tunc, dəmir işlərini, tünd qırmızı, al rəngli və bənövşəyi parça işlərini bacarsın, hər cür oyma işi görsün.
ئەمدى ئۆزلىرى ماڭا ئاتام داۋۇت يەھۇدادا ۋە يېرۇسالېمدا تەييارلاپ قويغان ئۇستىلار بىلەن بىللە ئىشلەش ئۈچۈن، ئالتۇن-كۈمۈشتە، مىس ۋە تۆمۈردە ئىشلەشكە پىششىق، سۆسۈن، توق قىزىل ۋە كۆك رەڭلىك يىپ ئىشلەشكە پۇختا ھەم نەققاشلىقنى بىلىدىغان بىر ئۇستامنى ئەۋەتكەيلا.
8 Livandan mənə sidr, şam və ardıc ağacları göndər, çünki bilirəm ki, sənin adamların Livanda ağac kəsməyi bacarır.
ھەم ماڭا لىۋاندىن كېدىر، ئارچا-قارىغاي ۋە سەندەل دەرەخلىرىنى يەتكۈزۈپ بەرگەن بولسىلا؛ چۈنكى ئۆزلىرىنىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ لىۋاندا ياغاچنى كېسىشكە ئۇستىلىقىنى بىلىمەن؛ مانا، ماڭا كۆپلەپ ياغاچلارنى تەييارلاپ بېرىش ئۈچۈن مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم ئۆزلىرىنىڭ خىزمەتكارلىرى بىلەن بىللە ئىشلىسۇن؛ چۈنكى مەن سالىدىغان ئۆي ئىنتايىن ھەيۋەتلىك ۋە ئاجايىب كارامەت بولىدۇ.
9 İndi mənə bol taxta-şalban hazırlasınlar deyə mənim adamlarım sənin adamlarınla birgə olacaq. Çünki tikəcəyim məbəd böyük və möcüzəli bir şey olacaq.
10 Mən isə sənin adamlarına – ağac kəsənlərə iyirmi min kor döyülmüş buğda, iyirmi min kor arpa, iyirmi min bat şərab və iyirmi min bat zeytun yağı verirəm».
مانا، مەن ئۆزلىرىنىڭ ياغاچ كېسىدىغان خىزمەتكارلىرىغا يىگىرمە مىڭ كور بۇغداي، يىگىرمە مىڭ كور ئارپا، يىگىرمە مىڭ بات شاراب، يىگىرمە مىڭ بات زەيتۇن مېيى بېرىمەن» ــ دېدى.
11 Sur padşahı Xiram göndərdiyi məktubla Süleymana cavab verdi: «Rəbb xalqını sevdiyi üçün səni onların üzərində padşah etdi».
تۇرنىڭ پادىشاھى ھۇرام سۇلايمانغا جاۋابەن مەكتۇپ يوللاپ: «پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى سۆيگەچكە ئۇ ئۆزلىرىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە پادىشاھ قىلدى» ــ دېدى.
12 Xiram belə davam etdi: «Göyü və yeri yaradan İsrailin Allahı Rəbbə alqış olsun ki, padşah Davuda Rəbb üçün bir məbəd və özü üçün bir padşah sarayı tikən bacarıqlı, dərrakəli və müdrik oğul verib.
ھۇرام يەنە: «ئاسمان-پەلەك بىلەن يەر-زېمىننى ياراتقان ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا بولغاي! چۈنكى ئۇ پادىشاھ داۋۇتقا يورۇتۇلغان، پەم-پاراسەتلىك، پەرۋەردىگار ئۈچۈن بىر ئۆي، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ئۈچۈن بىر ئوردا سالالايدىغان بىر دانىشمەن ئوغۇل بەردى.
13 Bacarıqlı və həssas olan Xiram-Avini yanına göndərdim ki, sənin ustalarınla və atanın – ağam Davudun ustaları ilə birgə ona da iş tapşırılsın.
مانا مەن ھازىر ئۆزلىرىگە ھۈنەردە كامالەتكە يەتكەن، ئەقىل-پاراسەت بىلەن يورۇتۇلغان، ھۇرام-ئابى دېگەن بىر ئادەمنى ئەۋەتەي.
14 O, Danlı bir qadının oğludur, atası isə Surlu idi. Bu adam qızıl, gümüş, tunc, dəmir, daş, ağac işlərini, tünd qırmızı, bənövşəyi, al rəngli parça və incə kətan işlərini bacarır, hər cür oyma işini və ona tapşırılan hər naxışı çəkə bilir.
ئۇنىڭ ئانىسى دان قەبىلىسىلىك بىر ئايال، ئاتىسى تۇرلۇق ئىكەن. ئۇ ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، تۆمۈر، تاشلار، ياغاچچىلىق ئىشلىرىغا ماھىر، سۆسۈن، توق قىزىل، ئاق ۋە كۆك رەڭلىك يىپ ئىشلەشكە پۇختا، ھەرخىل نەققاشلىق ئىشلىرىغىمۇ ئۇستا، تاپشۇرۇلغان ھەرقانداق لايىھىگە ئامالىنى قىلالايدۇ. بۇ كىشى ئۆزلىرىنىڭ ھۈنەرۋەنلىرى بىلەن ۋە ئاتىلىرى بولغان خوجام داۋۇتنىڭ ھۈنەرۋەنلىرى بىلەن بىللە ئىشلىسۇن.
15 Ağamın söylədiyi buğdanı və arpanı, zeytun yağını və şərabı qullarına göndər.
ئەمدى خوجام تىلغا ئالغان بۇغداي، ئارپا، ماي ۋە شاراب بولسا، بۇلارنى ئۆز خىزمەتكارلىرىغا يەتكۈزۈپ بەرگەيلا.
16 Biz isə sənə lazım olduğu qədər Livandan ağac kəsərik, onu sallarla dəniz yolu ilə sənin yanına Yafoya gətirərik və sən də onu Yerusəlimə çıxararsan».
بىز بولساق سىلىگە قانچە كېرەك بولسا لىۋاندا شۇنچە ياغاچ كېسىپ، سال قىلىپ باغلاپ، دېڭىز ئارقىلىق يوپپاغا يەتكۈزۈپ بېرىمىز؛ ئاندىن سىلى ئۇ يەردىن يېرۇسالېمغا توشۇپ كەتسىلە بولىدۇ» دېدى.
17 Atası Davud İsrail torpağında olan bütün qəribləri siyahıya aldıqdan sonra Süleyman onları bir də saydı. Qəriblər yüz əlli üç min altı yüz nəfər idi.
ئاتىسى داۋۇت ئىسرائىل زېمىنىدا تۇرۇشلۇق ياقا يۇرتلۇقلارنى ساناقتىن ئۆتكۈزگەندەك، سۇلايمانمۇ ئۇلارنى ساناقتىن ئۆتكۈزدى. ئۇلار جەمئىي بىر يۈز ئەللىك ئۈچ مىڭ ئالتە يۈز ئادەم چىقتى.
18 Onlardan yetmiş min nəfəri yük daşımağa, səksən min nəfəri dağlarda daş yonmağa qoydu. Üç min altı yüz adamı da xalqı işlətmək üçün nəzarətçi qoydu.
ئۇ ئۇلاردىن يەتمىش مىڭ كىشىنى ھامماللىققا، سەكسەن مىڭ كىشىنى تاغدا تاش كېسىشكە ۋە ئىش قىلىۋاتقانلار ئۈستىدىن نازارەت قىلىپ تۇرۇشقا ئۈچ مىڭ ئالتە يۈز كىشىنى تەيىنلىدى.

< Ikinci Salnamələr 2 >