< ՅԱՅՏՆՈՒԹԻՒՆ ՅՈՎՀԱՆՆՈՒ 14 >

1 Յետոյ նայեցայ, եւ ահա՛ Գառնուկը կայնած էր Սիոն լերան վրայ, ու անոր հետ՝ հարիւր քառասունչորս հազարը, որոնց ճակատին վրայ գրուած էր (անոր անունը եւ) անոր Հօր անունը:
ئاندىن مەن كۆردۈمكى، مانا، قوزا زىئون تېغى ئۈستىدە تۇراتتى. ئۇنىڭ يېنىدا پېشانىسىگە ئۆز نامى ۋە ئاتىسىنىڭ نامى يېزىلغان بىر يۈز قىرىق تۆت مىڭ كىشى بار ئىدى.
2 Ու լսեցի երկինքէն ձայն մը՝ յորդառատ ջուրերու ձայնի պէս, եւ հզօր որոտումի մը ձայնին պէս. լսած ձայնս կը նմանէր քնարահարներուն նուագած քնարներու ձայնին:
ئاسماندىن خۇددى [شارقىراپ ئېقىۋاتقان] نۇرغۇن سۇلارنىڭ ئاۋازىدەك ۋە قاتتىق گۈلدۈرمامىنىڭ ئاۋازىدەك بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. مەن ئاڭلىغان ئاۋاز يەنە چىلتارچىلار چىلتارلارنى چالغان ئاۋازغا ئوخشايتتى؛
3 Անոնք կ՚երգէին նոր երգ մը՝ գահին, չորս էակներուն ու երէցներուն առջեւ. ո՛չ մէկը կրնար սորվիլ այդ երգը՝ բացի այդ հարիւր քառասունչորս հազարէն, որոնք գնուած էին երկրէն:
ھېلىقى كىشىلەر تەختنىڭ، تۆت ھايات مەخلۇقنىڭ ۋە ئاقساقاللارنىڭ ئالدىدا يېڭى بىر كۈينى ئېيتىشتى. بۇ كۈينى [گۇناھلىرىنىڭ] بەدىلى تۆلىنىپ بۇ دۇنيادىن ئازاد قىلىنغان كىشىلەردىن بىر يۈز قىرىق تۆت مىڭدىن باشقا ھېچكىم ئۆگىنەلمەيتتى.
4 Ասոնք անո՛նք են՝ որ չպղծուեցան կիներու հետ, քանի որ կոյս են: Ասոնք անո՛նք են՝ որ կը հետեւին Գառնուկին, ո՛ւր որ ան երթայ. ասոնք գնուեցան մարդոց մէջէն՝ երախայրիք ըլլալու Աստուծոյ ու Գառնուկին:
ئۇلار ئاياللار تەرىپىدىن گۇناھتا بۇلغانمىغان، چۈنكى ئۇلار پاك ئادەملەردۇر. قوزا نەگە بارسا، ئۇلارمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ شۇ يەرگە بارىدۇ. ئۇلار بەدەل بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدىن خۇداغا ۋە قوزىغا ھوسۇلنىڭ تۇنجى مېۋىسىدەك بولۇش ئۈچۈن سېتىۋېلىنغان.
5 Նենգութիւն չգտնուեցաւ իրենց բերանը, որովհետեւ անարատ են:
ئۇلار ئەيىبسىز بولۇپ، ئاغزىدىن ھېچ يالغان سۆز چىقمايدۇ.
6 Տեսայ նաեւ ուրիշ հրեշտակ մը, որ կը թռչէր երկինքի մէջ եւ ունէր յաւիտենական աւետարանը՝ քարոզելու երկրի վրայ բնակող բոլոր ազգերուն, տոհմերուն, լեզուներուն ու ժողովուրդներուն: (aiōnios g166)
ئاندىن مەن ئاسماننىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇچۇپ يۈرگەن باشقا بىر پەرىشتىنى كۆردۈم. ئۇنىڭغا يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقانلارغا، يەنى ھەربىر ئەل، قەبىلە، ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغانلار، ھەر مىللەتلەرگە ئېلىپ يەتكۈزۈشى ئۈچۈن مەڭگۈلۈك خۇش خەۋەر تاپشۇرۇلدى. (aiōnios g166)
7 Ան բարձրաձայն կ՚ըսէր. «Վախցէ՛ք Աստուծմէ եւ փա՜ռք տուէք անոր, որովհետեւ անոր դատաստանին ժամը հասաւ. երկրպագեցէ՛ք անոր՝ որ ստեղծեց երկինքը, երկիրը, ծովն ու ջուրերուն աղբիւրները»:
ئۇ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: ــ خۇدادىن قورقۇڭلار، ئۇنى ئۇلۇغلاڭلار! چۈنكى ئۇنىڭ سوت قىلىش سائىتى يېتىپ كەلدى؛ ئاسماننى، زېمىننى، دېڭىزنى ۋە سۇ بۇلاقلىرىنى ياراتقۇچىغا سەجدە قىلىڭلار! ــ دەيتتى.
8 Ուրիշ հրեշտակ մը հետեւեցաւ անոր եւ ըսաւ. «Կործանեցա՜ւ, կործանեցա՜ւ մեծ Բաբելոնը, որովհետեւ բոլոր ազգերուն խմցուց իր պոռնկութեան զայրոյթի գինիէն»:
ئۇنىڭ كەينىدىن ئىككىنچى پەرىشتە كېلىپ مۇنداق دېدى: «غۇلىدى! كاتتا شەھەر بابىل غۇلىدى، ئۇ ئۆز زىنا-بۇزۇقلۇقىنىڭ سەۋدالىق شارابىنى پۈتكۈل ئەللەرگە ئىچكۈزگەن».
9 Երրորդ հրեշտակ մըն ալ հետեւեցաւ անոնց ու բարձրաձայն ըսաւ. «Ո՛վ որ երկրպագէ գազանին ու անոր պատկերին, եւ ընդունի անոր դրոշմը իր ճակատին կամ իր ձեռքին վրայ,
ئالدىنقى ئىككى پەرىشتىنىڭ كەينىدىن يەنە بىر پەرىشتە، يەنى ئۈچىنچى پەرىشتە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق دېدى: ــ «كىمدىكىم دىۋىگە ۋە ئۇنىڭ بۇت-ھەيكىلىگە چوقۇنسا، ئۇنىڭ تامغىسىنى پېشانىسىگە ياكى قولىغا قوبۇل قىلسا،
10 անիկա՛ պիտի խմէ Աստուծոյ զայրոյթի գինիէն, որ անխառն լեցուած է անոր բարկութեան բաժակին մէջ, ու կրակով եւ ծծումբով պիտի տանջուի սուրբ հրեշտակներուն առջեւ ու Գառնուկին առջեւ:
خۇدانىڭ قەھرىنىڭ ئەبجەش قىلىنمىغان ساپ شارابىنى ئۇنىڭ غەزىپى بىلەن تولغان قەدەھتە ئىچىدۇ. ئۇ مۇقەددەس پەرىشتىلەرنىڭ ۋە قوزىنىڭ ئالدىدا ئوت ۋە گۈڭگۈرتتە قىينىلىدۇ.
11 Անոնց տանջանքին ծուխը պիտի բարձրանայ դարէ դար՝՝. ցերեկ ու գիշեր հանգստութիւն պիտի չունենան անոնք՝ որ կ՚երկրպագեն գազանին ու անոր պատկերին, եւ ո՛վ որ կ՚ընդունի անոր անունին դրոշմը»: (aiōn g165)
ئۇلارنىڭ قىينىلىشلىرىدىن چىققان ئىس-تۈتەكلەر ئەبەدىلئەبەد پۇرقىراپ تۇرىدۇ؛ دىۋىگە ۋە ئۇنىڭ بۇت-ھەيكىلىگە چوقۇنغانلار ياكى ئۇنىڭ نامىنىڭ تامغىسىنى قوبۇل قىلغانلارغا كېچە-كۈندۈز ئاراملىق بولمايدۇ». (aiōn g165)
12 Հո՛ս է համբերութիւնը սուրբերուն, որոնք կը պահեն Աստուծոյ պատուիրաններն ու Յիսուսի հաւատքը:
مۇقەددەس بەندىلىرىنىڭ سەۋرى-تاقىتى ۋە ئېتىقادى مانا شۇ ئىشلاردا مەلۇم بولىدۇ.
13 Ու լսեցի երկինքէն ձայն մը՝ որ կ՚ըսէր. «Գրէ՛. այժմէ՛ն իսկ երանելի են այն մեռելները՝ որ կը մեռնին Տէրոջմով»: «Այո՛, - կ՚ըսէ Հոգին, - թող հանգչին իրենց աշխատանքէն, քանի որ իրենց գործերը կը հետեւին իրենց»:
مەن يەنە ئاسماندا مۇنداق بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم: ــ «بۇ سۆزنى ياز: «بۇنىڭدىن كېيىن رەبدە ۋاپات بولۇپ ئۆلگەنلەر بەختلىكتۇر! ــ دۇرۇس، دەيدۇ روھ، ــ ئۇلار ھازىر ئۆز ئىشلىرىدىن توختاپ ئارام ئالالايدۇ. چۈنكى قىلغان ئەمەللىرى ئۇلارغا ئەگىشىپ كېلىدۇ»».
14 Ապա նայեցայ, եւ ահա՛ ճերմակ ամպ մը կար, ու ամպին վրայ մէկը բազմած էր՝ մարդու Որդիին նման. իր գլուխը ունէր ոսկիէ պսակ մը, եւ իր ձեռքին մէջ՝ սուր մանգաղ մը:
مەن كۆردۈمكى، مانا بىر پارچە ئاق بۇلۇت، بۇلۇتنىڭ ئۈستىدە بېشىغا ئالتۇن تاج كىيگەن، قولىدا ئۆتكۈر بىر ئورغاق تۇتقان ئىنسانئوغلىغا ئوخشايدىغان بىرسى ئولتۇراتتى.
15 Ուրիշ հրեշտակ մը դուրս ելաւ տաճարէն, ու բարձրաձայն աղաղակեց ամպին վրայ բազմողին. «Ղրկէ՛ քու մանգաղդ եւ հնձէ՛. որովհետեւ հնձելու ժամը հասաւ, քանի որ երկրի հունձքը հասունցած է»:
ئىبادەتخانىدىن باشقا بىر پەرىشتە چىقىپ، بۇلۇتنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغۇچىغا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: ــ ئورغىقىڭنى سال ۋە ئورۇشقا باشلا! چۈنكى ئورما ۋاقتى كەلدى، يەر يۈزىدىكى زىرائەتلەر پىشىپ يېتىلدى، دېدى.
16 Ամպին վրայ կը բազմողն ալ դրաւ իր մանգաղը երկրի վրայ, ու երկիրը հնձուեցաւ:
بۇلۇت ئۈستىدە ئولتۇرغۇچى ئورغىقىنى يەر يۈزىگە سالدى ۋە يەر يۈزىدىكى زىرائەتلەر ئورۇلدى.
17 Ուրիշ հրեշտակ մը դուրս ելաւ երկինքի մէջ եղող տաճարէն. ի՛նք ալ ունէր սուր մանգաղ մը:
ئەرشتە بولغان ئىبادەتخانىدىن يەنە بىر پەرىشتە چىقتى. ئۇنىڭمۇ ئۆتكۈر بىر ئورغىقى بار ئىدى.
18 Նաեւ զոհասեղանէն դուրս ելաւ ուրիշ հրեշտակ մը՝ որ իշխանութիւն ունէր կրակին վրայ. հզօր կանչով գոչեց անոր՝ որ ունէր սուր մանգաղը. «Ղրկէ՛ քու սուր մանգաղդ ու կթէ՛ երկրի այգիին ողկոյզնե՛րը, որովհետեւ անոր խաղողները հասունցած են»:
ئارقىدىنلا، ئوتنى باشقۇرىدىغان يەنە بىر پەرىشتە قۇربانگاھدىن چىقىپ، ئۆتكۈر ئورغاق تۇتقان پەرىشتىگە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: ــ ئۆتكۈر ئورغىقىڭنى سېلىپ، يەر يۈزىدىكى ئۈزۈم تېلىنىڭ ساپاقلىرىنى يىغىۋال، چۈنكى ئۈزۈملىرى پىشىپ يېتىلدى، ــ دېدى.
19 Ուստի այդ հրեշտակը դրաւ իր մանգաղը երկրի վրայ, կթեց երկրի այգիին խաղողները եւ նետեց Աստուծոյ զայրոյթի մեծ հնձանին մէջ:
بۇنىڭ بىلەن پەرىشتە ئورغىقىنى يەر يۈزىگە سالدى ۋە يەردىكى ئۈزۈم تېلىنىڭ مېۋىلىرىنى يىغىپ، خۇدانىڭ قەھرىنىڭ چوڭ شاراب كۆلچىكىگە تاشلىدى.
20 Հնձանը կոխուեցաւ քաղաքէն դուրս, ու արիւն ելաւ հնձանէն՝ մինչեւ ձիերուն սանձերը, հազար վեց հարիւր ասպարէզի տարածութեան վրայ:
شەھەرنىڭ سىرتىدىكى شاراب كۆلچىكىدىكى ئۈزۈملەر دەسسىلىپ، شەربەتلىرى قان بولۇپ، ئاتنىڭ تىزگىنىگە چىقىدىغان ئېگىزلىكتە ئۈچ يۈز چاقىرىم يىراقلىققا ئاقتى.

< ՅԱՅՏՆՈՒԹԻՒՆ ՅՈՎՀԱՆՆՈՒ 14 >