< ԳՈՐԾՔ ԱՌԱՔԵԼՈՑ 19 >

1 Մինչ Ապողոս Կորնթոսի մէջ էր, Պօղոս՝ վերի երկրամասերը շրջելէ ետք՝ հասաւ Եփեսոս, եւ գտնելով քանի մը աշակերտներ՝
ئاپوللوس كورىنت شەھىرىدىكى ۋاقتىدا، پاۋلۇس سەپەر قىلىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇق ئارقىلىق ئەفەسۇس شەھىرىگە كەلدى. ئۇ يەردە بەزى مۇخلىسلار بىلەن ئۇچرىشىپ،
2 ըսաւ անոնց. «Երբ հաւատացիք, արդեօք ստացա՞ք Սուրբ Հոգին»: Անոնք պատասխանեցին իրեն. «Բայց մենք լսած իսկ չենք՝ թէ Սուրբ Հոգի մը կայ»:
ئۇلاردىن: ــ سىلەر ئېتىقاد قىلغىنىڭلاردا، مۇقەددەس روھ سىلەرگە ئاتا قىلىنغانمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ــ ياق، بىز ھەتتا مۇقەددەس روھ بار دېگەننى زادى ئاڭلىماپتىكەنمىز، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار.
3 Ան ալ ըսաւ անոնց. «Հապա ինչո՞վ մկրտուեցաք»: Անոնք պատասխանեցին. «Յովհաննէսի մկրտութեամբ»:
پاۋلۇس يەنە: ــ ئۇنداقتا، سىلەر قانداق چۆمۈلدۈرۈلۈشتە چۆمۈلدۈرۈلگەنسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. ــ بىز يەھيا [پەيغەمبەر] يەتكۈزگەن چۆمۈلدۈرۈلۈشنى قوبۇل قىلدۇق، ــ دېدى ئۇلار.
4 Պօղոս ալ ըսաւ. «Յովհաննէս մկրտեց ապաշխարութեա՛ն մկրտութեամբ, ըսելով ժողովուրդին որ հաւատան անոր՝ որ պիտի գար իրմէ ետք, այսինքն՝ Քրիստոս Յիսուսի»:
پاۋلۇس: ــ يەھيا [پەيغەمبەر] خەلققە يەتكۈزگەن چۆمۈلدۈلۈرۈش بولسا گۇناھلارغا توۋا قىلىشنى بىلدۈرىدىغان چۆمۈلدۈرۈلۈش بولۇپ، ئۇلارغا ئۆزىدىن كېيىن كەلگۈچىگە، يەنى ئەيساغا ئېتىقاد قىلىش كېرەكلىكىنى تاپىلىغانىدى، ــ دېدى.
5 Երբ ասիկա լսեցին՝ մկրտուեցան Տէր Յիսուսի անունով.
ئۇلار بۇنى ئاڭلاپ، رەب ئەيسانىڭ نامىدا چۆمۈلدۈرۈلۈشنى قوبۇل قىلدى.
6 ու երբ Պօղոս ձեռք դրաւ անոնց վրայ՝ Սուրբ Հոգին եկաւ անոնց վրայ, եւ լեզուներ կը խօսէին ու կը մարգարէանային:
پاۋلۇس قولىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تەگكۈزۈپ تۇرۇشى بىلەن، مۇقەددەس روھ ئۇلارغا چۈشتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار نامەلۇم تىللاردا سۆزلەشكە ھەم پەيغەمبەرلەرچە ۋەھىي-بېشارەتلەرنى يەتكۈزۈشكە باشلىدى.
7 Բոլորը գրեթէ տասներկու մարդ էին:
ئۇلار تەخمىنەن ئون ئىككى ئەركەك كىشى ئىدى.
8 Ապա ժողովարանը մտնելով՝ երեք ամիս համարձակութեամբ կը խօսէր Աստուծոյ թագաւորութեան մասին, եւ կը համոզէր:
پاۋلۇس ئۈچ ئاي داۋامىدا [ئەفەسۇس شەھىرىدىكى] سىناگوگقا كىرىپ، يۈرەكلىك بىلەن سۆز قىلىپ، ئۇلار بىلەن خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدىكى ئىشلار توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىپ قايىل قىلىشقا تىرىشتى.
9 Բայց երբ ոմանք կը յամառէին ու չէին անսար՝ անիծելով այդ ճամբան բազմութեան առջեւ, հեռացաւ անոնցմէ, զատեց աշակերտները, եւ ամէն օր կը խօսէր Տիւրան անունով մէկու մը դպրանոցին մէջ:
لېكىن بەزىلىرى جاھىللىق قىلىپ ئىشىنىشنى رەت قىلىپ، خالايىق ئالدىدا [رەبنىڭ] يولىغا ھاقارەت كەلتۈرگەندە، پاۋلۇس ئۇلاردىن چىقىپ، مۇخلىسلارنىمۇ ئايرىپ چىقتى. ئۇ ھەركۈنى تىراننۇس ئىسىملىك ئادەمنىڭ لېكسىيىخانىسىدا مۇنازىرە-مۇزاكىرە ئۆتكۈزدى.
10 Ասիկա տեւեց երկու տարի, այնպէս որ ամբողջ Ասիայի մէջ բնակող Հրեաներն ու Յոյները լսեցին Տէրոջ խօսքը:
بۇ ئىش ئىككى يىل داۋاملاشتى. نەتىجىدە، ئاسىيا ئۆلكىسىدىكى پۈتۈن خەلق، يەھۇدىيلار بولسۇن، گرېكلەر بولسۇن ھەممەيلەن رەبنىڭ سۆز-كالامىنى ئاڭلىدى.
11 Աստուած արտասովոր հրաշքներ կը գործէր Պօղոսի ձեռքով.
خۇدا پاۋلۇسنىڭ قوللىرى ئارقىلىق كارامەت مۆجىزىلەرنى ياراتتى.
12 մինչեւ իսկ անոր մարմինէն թաշկինակներ ու գոգնոցներ կը տարուէին հիւանդներուն, որոնք կ՚ազատէին իրենց ախտերէն ու չար ոգիները դուրս կ՚ելլէին:
كىشىلەر ھەتتا قول ياغلىق ۋە پەرتۇقلارنى پاۋلۇسنىڭ تېنىگە تەگكۈزۈپ، ئاندىن كېسەللەرنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ياپاتتى. نەتىجىدە، كېسەللەر ساقىيىپ، يامان روھلار ئۇلاردىن چىقىپ كېتەتتى.
13 Ուստի թափառաշրջիկ Հրեաներէն ոմանք, որոնք ոգիներ կը հանէին՝՝, փորձեցին Տէր Յիսուսի անունը կանչել չար ոգիներ ունեցողներուն վրայ՝ ըսելով. «Կ՚երդմնեցնենք ձեզ Յիսուսով՝ որ Պօղոս կը քարոզէ»:
لېكىن شۇ ئەتراپتا يۈرىدىغان، «جىنكەش» يەھۇدىيلارىن بەزىلىرىمۇ رەب ئەيسانىڭ نامىنى ئىشلىتىپ باققۇسى كېلىپ، جىن چاپلاشقانلار ئۈستىدە تۇرۇپ جىنلارغا: «پاۋلۇس جاكارلاۋاتقان ئەيسانىڭ نامىدىن ساڭا قاتتىق بۇيرۇق بېرىمەن!» دەيدىغان بولدى.
14 Այս բանը ընողները՝ Սկեւա կոչուած հրեայ քահանայապետի մը եօթը որդիներն էին:
بۇ ئىشنى قىلىدىغانلارنىڭ ئارىسىدا سكېۋا ئىسىملىك بىر يەھۇدىي باش كاھىننىڭ يەتتە ئوغلىمۇ بار ئىدى.
15 Չար ոգին պատասխանեց անոնց. «Կը ճանչնամ Յիսուսը ու գիտեմ Պօղոսը, բայց դուք ո՞վ էք»:
لېكىن [ئۇلار قوغلىۋەتمەكچى بولغان] يامان روھ ئۇلارغا جاۋابەن: ــ ئەيسانى تونۇيمەن، پاۋلۇستىن خەۋىرىم بار، بىراق ئۆزۈڭلار كىم بولىسىلەر؟! ــ دېۋىدى،
16 Եւ այդ մարդը՝ որուն մէջ էր չար ոգին, ցատկեց անոնց վրայ, տիրապետեց ու յաղթեց անոնց, այնպէս որ դուրս փախան այդ տունէն՝ մերկ եւ վիրաւոր:
يامان روھ چاپلىشىۋالغان كىشى ئۇلارغا ئېتىلىپ چىقىپ، ئۇلارنى ئۇرۇپ شاما قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب كەلدى. ئۇلار يالىڭاچ ۋە يارىلانغان ھالدا ئۆيدىن قېچىپ چىقىپ كەتتى.
17 Եփեսոս բնակող բոլոր Հրեաներն ու Յոյները գիտցան այս բանը. վախը համակեց զանոնք բոլորը՝՝, եւ Տէր Յիսուսի անունը կը մեծարուէր:
بۇ ئىش ئەفەسۇس شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان بارلىق يەھۇدىيلار ۋە گرېكلەرگىمۇ مەلۇم بولۇپ، قورقۇنچ ھەممىسىنى باستى ۋە رەب ئەيسانىڭ نامى ئۇلۇغلاندى.
18 Հաւատացեալներէն շատեր կու գային, կը խոստովանէին ու կը յայտարարէին իրենց արարքները:
نەتىجىدە، نۇرغۇن ئېتىقادچىلار بۇرۇنقى قىلغانلىرىنى ئىقرار قىلىپ، ئالدىغا چىقتى.
19 Դիւթութիւն կիրարկողներէն շատեր՝ միասին կը բերէին իրենց գիրքերը, ու կ՚այրէին բոլորին առջեւ: Երբ հաշուեցին անոնց գինը, գտան թէ յիսուն հազար կտոր արծաթ կ՚արժէր:
سېھىرگەرلىك قىلغانلاردىن نۇرغۇن ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ سېھىرگەرلىك كىتاب-پالنامىلىرىنى ئەكېلىپ [بىر يەرگە دۆۋىلەپ]، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا كۆيدۈرۈشتى. بۇ كىتابلارنىڭ قىممىتى جەمئىي ئەللىك مىڭ كۈمۈش تەڭگىگە يېتەتتى.
20 Այսպէս՝ Տէրոջ խօսքը մեծապէս կ՚աճէր ու կը զօրանար:
شۇنداق قىلىپ، رەبنىڭ سۆز-كالامى كۈچگە ئىگە بولۇپ، بەرق ئۇرۇپ ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى.
21 Երբ այս բաները կատարուեցան, Պօղոս հոգիին մէջ որոշեց Երուսաղէմ երթալ՝ Մակեդոնիայէն եւ Աքայիայէն անցնելով, ու կ՚ըսէր. «Հոն ըլլալէս ետք՝ պէտք է Հռոմն ալ տեսնեմ»:
بۇ ئىشلار يۈز بەرگەندىن كېيىن، پاۋلۇس كۆڭلىدە، ماكېدونىيە ۋە ئاخايا ئۆلكىسىدىن ئۆتۈپ يېرۇسالېمغا بېرىشقا نىيەت باغلىدى. ئۇ: ــ ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن، رىم شەھىرىنى كۆرۈپ كېلىشىم كېرەك، ــ دېدى.
22 Իրեն սպասարկողներէն երկուքը, Տիմոթէոսն ու Երաստոսը, ղրկեց Մակեդոնիա, եւ ինք ժամանակ մըն ալ Ասիա մնաց:
شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئۆزىگە ياردەمدە بولۇۋاتقانلاردىن تىموتىي بىلەن ئېراستۇس ئىككىيلەننى ماكېدونىيەگە ئەۋەتىۋېتىپ، ئۆزى يەنە بىر مەزگىل ئاسىيا ئۆلكىسىدە تۇردى.
23 Այդ ատեն մեծ խլրտում եղաւ՝ Տէրոջ ճամբային համար:
دەل شۇ چاغدا، [ئەفەسۇس شەھىرىدە] [رەبنىڭ] يولى توغرۇلۇق ئېغىر مالىماچىلىق كۆتۈرۈلدى.
24 Որովհետեւ Դեմետրիոս անունով արծաթագործ մը, որ կը շինէր Արտեմիսի փոքրիկ արծաթէ տաճարներ ու մեծ վաստակ կը բերէր արհեստաւորներուն,
ئايال ئىلاھ ئارتېمىسنى سۈرەتلەپ كۈمۈش تەكچە-ھەيكەللەرنى ياسىغۇچى دىمىترىي ئىسىملىك بىر زەرگەر بار ئىدى. ئۇنىڭ بۇ ئىشى ھۈنەرۋەنلەرگە كۆپ پايدا تاپقۇزاتتى.
25 համախմբեց զանոնք՝ նոյն արհեստին գործաւորներուն հետ, եւ ըսաւ. «Մարդի՛կ, դուք գիտէք թէ այս գործէ՛ն է մեր եկամուտը.
دىمىترىي ھۈنەرۋەنلەرنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان باشقا ئۇستىلارنى يىغىپ، ئۇلارغا: ــ بۇرادەرلەر، بىزنىڭ گۈللىنىشىمىزنىڭ بۇ ئىش بىلەن باغلىق ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر؛
26 ու կը տեսնէք եւ կը լսէք թէ այս Պօղոսը ո՛չ միայն Եփեսոսի մէջ, այլ նաեւ գրեթէ ամբողջ Ասիայի մէջ մեծ բազմութիւն մը համոզեց ու մոլորեցուց, ըսելով թէ “ձեռքով շինուածները աստուածներ չեն”:
ھازىر ھېلىقى پاۋلۇسنىڭ نېمە ئىشلارنى قىلىپ يۈرگەنلىكىنى ئاڭلىغان ھەم كۆرگەن بولۇشۇڭلار كېرەك. ئۇ: «قول بىلەن ياسىۋالغان نەرسىلەر ئىلاھلار ئەمەس» دېيىش بىلەن، پەقەت ئەفەسۇستا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئاسىيا ئۆلكىسىدە دېگۈدەك نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى قايىل قىلىپ، ئازدۇرۇپ بۇراۋاتىدۇ.
27 Ուստի վտանգ կայ, որ ո՛չ միայն այս մեր կողմը անարգուի, այլ մեծ աստուածուհիին՝ Արտեմիսի տաճա՛րն ալ ոչինչ սեպուի, եւ խորտակուի մեծափառութիւնը անո՛ր՝ որ ամբողջ Ասիան ու երկրագունդը կը պաշտեն»:
ئەمدى ھازىر بىزنىڭ بۇ سودىمىزغا بەتنام چاپلاش خەۋپى بولۇپلا قالماي، بەلكى بۈيۈك ئايال ئىلاھ ئارتېمىسنىڭ بۇتخانىسىمۇ ئەرزىمەس دەپ قارىلىپ، ھەتتا ئاسىيا ئۆلكىسى ۋە پۈتكۈل جاھان ئىبادەت قىلىدىغان [بۇ ئايال ئىلاھىمىزنىڭ] شان-شەرىپىمۇ يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ! ــ دېدى.
28 Երբ լսեցին ասիկա, զայրոյթով լեցուած կ՚աղաղակէին. «Մե՜ծ է Եփեսացիներուն Արտեմիսը»:
بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان كۆپچىلىك غەزەپكە چۆمۈپ، قايتا-قايتا: ــ ئەفەسۇسلۇقلارنىڭ ئارتېمىسىمىز بۈيۈكتۇر! ــ دەپ چۇقان كۆتۈرۈشكە باشلىدى.
29 Ամբողջ քաղաքը լեցուեցաւ խառնաշփոթութեամբ, ու յափշտակելով Գայիոս եւ Արիստարքոս Մակեդոնացիները՝ Պօղոսի ճամբորդակիցները՝ բոլորը միաբանութեամբ վազեցին թատրոնը:
بۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل شەھەرمالىماتاڭ بولۇپ كەتتى. خالايىق پاۋلۇسنىڭ سەپەرداشلىرىدىن ماكېدونىيەلىك گايۇس ۋە ئارىستارخۇسلارنى تۇتۇپ سۆرەپ، سېرك مەيدانىغا تەڭلا يوپۇرۇلۇپ ماڭدى.
30 Իսկ երբ Պօղոս ուզեց մտնել ամբոխին մէջ, աշակերտները չթոյլատրեցին իրեն:
پاۋلۇس خالايىق ئارىسىغا كىرمەكچى بولغانىدى، لېكىن مۇخلىسلار ئۇنىڭ كىرىشىگە يول قويمىدى.
31 Ասիապետներէն ոմանք ալ, որ իր բարեկամներն էին, մարդ ղրկելով իրեն՝ կ՚աղաչէին որ չյանդգնի երթալ թատրոնը:
ھەتتا پاۋلۇسنىڭ دوستلىرى بولغان ئۆلكە ئەمەلدارلىرىدىن بەزىلىرىمۇ ئۇنىڭغا خەۋەر يەتكۈزۈپ، ئۇنى سېرك مەيدانىغا بېرىشقا تەۋەككۈل قىلماسلىققا جېكىلىدى.
32 Ուստի ոմանք բան մը կ՚աղաղակէին, ուրիշներ՝ ուրիշ բան, որովհետեւ համախմբումը շփոթած էր. շատեր ալ չէին գիտեր թէ ինչո՛ւ համախմբուած են:
ئەمدى بەزىلەر بۇنى دەپ ۋارقىرىسا، بەزىلەر ئۇنى دەپ ۋارقىرىشىپ، پۈتۈن سورۇن ۋاراڭ-چۇرۇڭغا تولدى؛ كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزلىرىنىڭ نېمىگە يىغىلغانلىقىنىمۇ بىلمەيتتى.
33 Ապա բազմութեան մէջէն դուրս քաշեցին Աղեքսանդրոսը, որ Հրեաները յառաջ քշեցին. Աղեքսանդրոս ալ՝ ձեռքը շարժելով՝ կ՚ուզէր ջատագովել ինքզինք ամբոխին առջեւ:
يەھۇدىيلار ئىسكەندەر ئىسىملىك ئادەمنى ئالدىغا ئىتتىرىپ چىقىرىۋىدى، كۆپچىلىك ئۇنى ئالدىغا تۇرغۇزدى. ئىسكەندەر كۆپچىلىككە قول ئىشارىتى قىلىپ، [يەھۇدىيلارنى] ئاقلىماقچى بولدى.
34 Երբ գիտցան թէ ան Հրեայ է, բոլորը միաբերան՝ գրեթէ երկու ժամ աղաղակեցին. «Մե՜ծ է Եփեսացիներուն Արտեմիսը»:
بىراق كۆپچىلىك ئۇنىڭ يەھۇدىي ئىكەنلىكىنى بىلىپ قېلىپ، ھەممىسى تەڭلا: ــ ئەفەسۇسلۇقلارنىڭ ئارتېمىسىمىز بۈيۈكتۇر! ــ دەپ ئىككى سائەتچە چۇقان كۆتۈرۈپ تۇرۇشتى.
35 Սակայն ատենադպիրը՝ հանդարտեցնելով բազմութիւնը՝ ըսաւ. «Եփեսացի՛ մարդիկ, ո՞վ է այն մարդը որ չի գիտեր թէ Եփեսացիներուն քաղաքը՝ պահապանն է մեծ Արտեմիսի ու Դիոսէ ինկած կուռքին տաճարին:
ئاخىردا، شەھەرنىڭ باش مىرزىسى خالايىقنى تىنچلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: ــ ئەي ئەفەسۇسلۇقلار! بىز ئەفەسۇسلۇقلارنىڭ شەھىرىنىڭ بۈيۈك ئارتېمىسنىڭ بۇتخانىسىنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئاسماندىن چۈشكەن سۈرىتىنىڭ قوغدىغۇچىسى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان كىم بار!
36 Ուրեմն, նկատելով որ այս բաները անվիճելի են, դուք պէտք է հանդարտ կենաք եւ յանդգնութեամբ ոչի՛նչ ընէք:
بۇ ئىشلارنى ئىنكار قىلالمىغانىكەن، ئۆزۈڭلارنى بېسىۋېلىشىڭلار، باشباشتاقلىق قىلماسلىقىڭلار كېرەك.
37 Քանի որ դուք հոս բերիք այդ մարդիկը, որոնք ո՛չ տաճար կողոպտողներ են, ո՛չ ալ ձեր աստուածուհիին հայհոյողներ:
چۈنكى سىلەر بۇ كىشىلەرنى بۇ يەرگە [سوراققا تارتىشقا] ئېلىپ كەلدىڭلار؛ لېكىن ئۇلار يا بۇتخانىلارنى بۇلغۇچىلار يا بىزنىڭ ئايال ئىلاھىمىزغا كۇپۇرلۇق قىلغۇچىلاردىن ئەمەس.
38 Ուրեմն, եթէ Դեմետրիոս եւ իրեն հետ եղող արհեստաւորները բան մը ունին ոեւէ մէկուն դէմ, դատի օրեր կան ու փոխ-հիւպատոսներ. թող ամբաստանեն զիրար:
ئەگەر دىمىترىي ۋە ئۇنىڭغا قوشۇلغان ھۈنەرۋەنلەرنىڭ مەلۇم بىر كىشىنىڭ ئۈستىدىن شىكايىتى بولسا، سوراقخانىلار ئوچۇق تۇرماقتا ۋە سوراقچى ۋالىيلارمۇ بار. ئۇلار شۇ يەرلەردە بىر-بىرى بىلەن دەۋالاشسۇن؛
39 Իսկ եթէ ձեր պահանջը ուրիշ բանի մը մասին է, թող բացատրուի օրինաւոր համախմբումի մէջ:
ۋە باشقا بىرەر مەسىلىلىرىڭلار بولسا، رەسمىي سورۇندا بىر تەرەپ قىلىنىشى لازىم.
40 Որովհետեւ մենք ալ այսօրուան եղածին համար՝ իբր ապստամբ ամբաստանուելու վտանգին մէջ ենք, քանի որ պատճառ մը չկայ՝ որով կարենանք հաշիւ տալ այս խառնիճաղանճին համար»:
بىز ئەمدى يەنە بۈگۈنكى ۋەقەنى توپىلاڭ دەپ ئەرز قىلىنىش خەۋپىدە تۇرۇۋاتىمىز؛ چۈنكى بۇ مالىمانچلىقنىڭ ھېچ سەۋەبى كۆرسىتىلمىگەچكە، ھېسابىنىمۇ بېرەلمەيمىز-دە!
41 Ու երբ այսպէս խօսեցաւ՝ արձակեց համախմբումը:
بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولۇپ، ئۇ يىغىلغان خالايىقنى تارقىتىۋەتتى.

< ԳՈՐԾՔ ԱՌԱՔԵԼՈՑ 19 >