< ԾՆՆԴՈՑ 6 >
1 Երբ սկսեցին մարդիկ բազմանալ երկրի վրայ եւ դուստրեր ունեցան,
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئىنسانلار يەر يۈزىدە كۆپىيىشكە باشلىغاندا، شۇنداقلا قىزلارمۇ كۆپلەپ تۇغۇلغاندا، | |
2 Աստծու որդիները, տեսնելով որ մարդկանց դուստրերը գեղեցիկ են, կին առան նրանց, ում ընտրեցին:
خۇدانىڭ ئوغۇللىرى ئىنسانلارنىڭ قىزلىرىنىڭ چىرايلىقلىقىنى كۆرۈپ، خالىغانچە تاللاپ، ئۆزلىرىگە خوتۇن قىلىشقا باشلىدى. | |
3 Տէր Աստուած ասաց. «Իմ ոգին յաւիտեան թող չմնայ այդ մարդկանց մէջ, որովհետեւ նրանք մարմնաւոր են: Նրանց կեանքի սահմանը թող լինի հարիւր քսան տարի»:
ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار سۆز قىلىپ: ــ ــ مېنىڭ روھىم ئىنسانلار بىلەن مەڭگۈ كۈرەش قىلىۋەرمەيدۇ؛ چۈنكى ئىنسان ئەتتۇر، خالاس. كەلگۈسىدە ئۇلارنىڭ ئۆمرى پەقەت بىر يۈز يىگىرمە ياشتىن ئاشمىسۇن! ــ دېدى. | |
4 Այդ օրերին հսկաներ էին ապրում երկրի վրայ: Երբ Աստծու որդիները մարդկանց դուստրերի հետ պառկեցին, իրենց համար որդիներ ծնեցին: Նրանք այն հսկաներն էին, որոնք հնուց ի վեր անուանի մարդիկ էին:
شۇ كۈنلەردە (ۋە شۇنداقلا كېيىنكى كۈنلەردىمۇ)، خۇدانىڭ ئوغۇللىرى ئىنسانلارنىڭ قىزلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلاردىن بالىلارنى تاپقىنىدا، گىگانتلار يەر يۈزىدە پەيدا بولدى. بۇلار بولسا قەدىمكى زامانلاردىكى داڭلىق پالۋان-باتۇرلار ئىدى. | |
5 Երբ Տէր Աստուած տեսաւ, որ մարդկանց չարագործութիւնները բազմանում են երկրի վրայ, եւ ամէն ոք իր մտքում ամէն օր խնամքով չարագործութիւններ է նիւթում,
پەرۋەردىگار ئىنساننىڭ ئۆتكۈزۈۋاتقان رەزىللىكى يەر يۈزىدە كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى نىيەتلىرىنىڭ ھەرقاچان يامان بولۇۋاتقىنىنى كۆردى. | |
6 զղջաց Աստուած, որ մարդ է ստեղծել երկրի վրայ, եւ տրտմեց իր հոգու խորքում:
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار يەر يۈزىدە ئادەمنى ئاپىرىدە قىلغىنىغا پۇشايمان قىلىپ، كۆڭلىدە ئازابلاندى. | |
7 Տէր Աստուած ասաց. «Երկրի երեսից վերացնելու եմ իմ ստեղծած ամէն մի էակ՝ մարդուց մինչեւ անասուն եւ սողուններից մինչեւ երկնքի թռչունները, որովհետեւ զղջացել եմ, որ ստեղծել եմ նրանց»:
بۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار: ــ ئۆزۈم ياراتقان ئىنساننى يەر يۈزىدىن يوقىتىمەن ــ ئىنساندىن تارتىپ مال-چارۋىلارغىچە، ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلاردىن ئاسماندىكى قۇشلارغىچە، ھەممىسىنى يوق قىلىمەن؛ چۈنكى مەن ئۇلارنى ياراتقىنىمغا پۇشايمەن قىلدىم، ــ دېدى. | |
8 Նոյը, սակայն, արժանացել էր Տէր Աստծու սիրուն:
لېكىن نۇھ بولسا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە شەپقەت تاپقانىدى. | |
9 Այս է Նոյի պատմութիւնը: Նոյը կատարեալ եւ արդար մարդ էր իր ազգի մէջ: Նոյը սիրելի եղաւ Աստծուն:
نۇھ ۋە ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرى تۆۋەندىكىچە: ــ نۇھ ھەققانىي، ئۆز دەۋرىدىكىلەر ئارىسىدا ئەيىبسىز ئادەم ئىدى؛ نۇھ خۇدا بىلەن بىر يولدا مېڭىپ ياشايتتى. | |
10 Նոյը ծնեց երեք որդի. Սէմին, Քամին, Յաբէթին:
نۇھتىن شەم، ھام، يافەت دېگەن ئۈچ ئوغۇل تۆرەلدى. | |
11 Ապականուեց երկիրն Աստծու առաջ, աշխարհը լցուեց անարդարութեամբ:
پۈتكۈل جاھان خۇدانىڭ ئالدىدا رەزىللىشىپ، ھەممە يەر زوراۋانلىققا تولۇپ كەتكەنىدى. | |
12 Տէր Աստուած տեսաւ, որ երկիրն ապականուած է, որովհետեւ երկրի վրայ ամէն էակ ապականել էր իր ճանապարհը:
خۇدا يەر يۈزىگە نەزەر سېلىۋىدى، مانا، جاھان رەزىللەشكەنىدى؛ چۈنكى بارلىق ئەت ئىگىلىرىنىڭ يەر يۈزىدە قىلىۋاتقىنى يۇزۇقچىلىق ئىدى. | |
13 Տէր Աստուած ասաց Նոյին. «Բոլոր մարդկանց վերջը հասել է, որովհետեւ երկիրը լցուել է նրանց անիրաւութիւններով: Ես կ՚ոչնչացնեմ նրանց ու երկիրը:
شۇنىڭ بىلەن خۇدا نۇھقا: ــ مانا، ئالدىمغا بارلىق ئەت ئىگىلىرىنىڭ زاۋاللىقى يېتىپ كەلدى؛ چۈنكى پۈتكۈل يەر-جاھاننى ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن زوراۋانلىق قاپلىدى. مانا، مەن ئۇلارنى يەر بىلەن قوشۇپ ھالاك قىلىمەن. | |
14 Արդ, դու քեզ համար քառակուսի փայտից տապան կը շինես: Տապանը բաժանմունքներով կը պատրաստես եւ ներսից ու դրսից կուպրով կը ծեփես:
ئەمدى سەن ئۆزۈڭگە گوفەر ياغىچىدىن بىر كېمە ياساپ، كېمىنىڭ ئىچىدە بۆلمە-خانىلارنى قىلىپ، ئىچى-تېشىنى قارىماي بىلەن سۇۋا. | |
15 Տապանն այսպէս կը շինես. թող երեք հարիւր կանգուն լինի տապանի երկարութիւնը, յիսուն կանգուն՝ լայնութիւնը, եւ երեսուն կանգուն՝ բարձրութիւնը:
سەن ئۇنى شۇنداق ياسىغىن: ــ ئۇزۇنلۇقى ئۈچ يۈز گەز، كەڭلىكى ئەللىك گەز ۋە ئېگىزلىكى ئوتتۇز گەز بولسۇن. | |
16 Տապանն աստիճանաբար նեղացնելով կը շինես, այնպէս, որ նրա ծածկը մի կանգուն լինի: Տապանի դուռը կողքից կ՚անես. ներքնայարկ, միջնայարկ ու վերնայարկ թող ունենայ տապանը:
كېمىنىڭ پېشايۋىنى ئاستىغا بىر ئوچۇقچىلىق ياسا، ئۇنىڭ ئېگىزلىكى بىر گەز بولسۇن؛ ئىشىكىنى كېمىنىڭ يېنىفا ئورۇنلاشتۇر؛ كېمىنى ئاستى، ئوتتۇرا ۋە ئۈستى قىلىپ ئۈچ قەۋەت ياسا. | |
17 Իսկ ես, ահա, ջրով կը հեղեղեմ երկիրը՝ ոչնչացնելու համար երկնքի տակ գտնուող ամէն մի շնչաւոր էակ. եւ այն ամէնը, ինչ կայ երկրի վրայ, կ՚ոչնչանայ:
چۈنكى مانا، مەن ئۆزۈم ئاسماننىڭ ئاستىدىكى ھاياتلىق تىنىقى بارلىكى ھەربىر ئەت ئىگىسىنى ھالاك قىلىدىغان سۇ توپاننى يەر يۈزىگە كەلتۈرىمەن؛ بۇنىڭ بىلەن يەر يۈزىدىكى بارلىق مەخلۇقلار تىنىقىدىن توختايدۇ. | |
18 Ես իմ ուխտը կը հաստատեմ քեզ հետ, եւ տապան կը մտնես դու, քեզ հետ նաեւ՝ քո որդիները, քո կինը եւ քո որդիների կանայք:
لېكىن سەن بىلەن ئەھدەمنى تۈزىمەن. سەن ئۆزۈڭ، ئوغۇللىرىڭ، ئايالىڭ ۋە كېلىنلىرىڭنى ئېلىپ بىرلىكتە كېمىگە كىرىڭلار. | |
19 Բոլոր կենդանիներից, բոլոր գազաններից ու բոլոր էակներից երկու-երկու կը մտցնես տապան, որ նրանք կերակրուեն քեզ հետ: Թող դրանք արու եւ էգ լինեն:
ئۆزۈڭ بىلەن تەڭ تىرىك ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، بارلىق جاندارلاردىن ھەرقايسىسىدىن بىر جۈپ، يەنى ئەركىكىدىن بىرىنى، چىشىدىن بىرىنى كېمىگە ئېلىپ كىرگىن؛ | |
20 Ամէն տեսակ թռչուններից, ամէն տեսակ կենդանիներից, երկրի ամէն տեսակ սողուններից՝ բոլորից երկու-երկու, արու եւ էգ, թող մտնեն քեզ հետ, որ կերակրուեն քեզ հետ:
تىرىك قېلىش ئۈچۈن قۇشلارنىڭ ھەربىر تۈرلىرىدىن، مال-چارۋىلارنىڭ ھەربىر تۈرلىرىدىن ۋە يەردە ئۆمىلىگۈچى جانىۋارلارنىڭ ھەربىر تۈرلىرىدىن بىر جۈپى قېشىڭغا كىرىدۇ. | |
21 Եւ դու կը վերցնես բոլոր այն ուտելիքներից, որոնցով պիտի սնուէք: Դրանք կը կուտակես քեզ մօտ, որպէսզի քեզ ու նրանց համար կերակուր լինեն»:
ئۆزۈڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئوزۇقلۇقى ئۈچۈن ھەرخىل يېمەكلىكلەردىن ئېلىپ، يېنىڭغا غەملىگىن، ــ دېدى. | |
22 Եւ Նոյն արեց այն ամէնը, ինչ պատուիրեց նրան Տէր Աստուած: Նա այդպէս էլ արեց:
نۇھ شۇنداق قىلدى؛ خۇدا ئۆزىگە بۇيرۇغان ھەممە ئىشنى ئۇ بەجا كەلتۈردى. | |
The World is Destroyed by Water