< ܒ-ܛܝܡܬܐܘܣ 3 >

ܗܕܐ ܕܝܢ ܗܘܝܬ ܝܕܥ ܕܒܝܘܡܬܐ ܐܚܪܝܐ ܢܐܬܘܢ ܙܒܢܐ ܩܫܝܐ 1
ئەمما شۇنىمۇ بىلگىنكى، ئاخىر زامانلاردا ئېغىر كۈنلەر بولىدۇ.
ܘܢܗܘܘܢ ܒܢܝܢܫܐ ܪܚܡܝ ܢܦܫܗܘܢ ܘܪܚܡܝ ܟܤܦܐ ܫܒܗܪܢܐ ܪܡܐ ܡܓܕܦܢܐ ܕܠܐܢܫܝܗܘܢ ܠܐ ܡܬܛܦܝܤܝܢ ܟܦܪܝ ܒܛܝܒܘܬܐ ܪܫܝܥܐ 2
ئۇ چاغدىكى ئىنسانلار ئۆزىنىلا ئويلايدىغان، پۇلپەرەس، مەنمەنچى، ھاكاۋۇر، كۇپۇرلۇق قىلىدىغان، ئاتا-ئانىسىنىڭ سۆزىنى تىڭشىمايدىغان، تۇزكور، ئىپلاس،
ܐܟܠܝ ܩܪܨܐ ܡܫܥܒܕܝ ܠܪܓܬܐ ܒܥܪܝܪܝܐ ܤܢܝܝ ܛܒܬܐ 3
كۆيۈمسىز، كەچۈرۈمسىز، تۆھمەتخور، ئۆزىنى تۇتالمايدىغان، ۋەھشىي، خەير-ساخاۋەتلىككە دۈشمەن،
ܡܫܠܡܢܐ ܡܤܪܗܒܐ ܚܬܝܪܐ ܪܚܡܝ ܪܓܝܓܬܐ ܛܒ ܡܢ ܚܘܒܗ ܕܐܠܗܐ 4
ساتقۇن، تەلۋە، شۆھرەتپەرەس، ھۇزۇر-ھالاۋەتنى خۇدادىن ياخشى كۆرىدىغان،
ܕܐܝܬ ܠܗܘܢ ܐܤܟܡܐ ܕܕܚܠܬ ܐܠܗܐ ܘܡܢ ܚܝܠܗ ܪܚܝܩܝܢ ܐܝܠܝܢ ܕܗܟܢܐ ܐܢܘܢ ܕܚܘܩ ܐܢܘܢ ܡܢܟ 5
سىرتقى قىياپەتتە ئىخلاسمەن بولۇۋېلىپ، ئەمەلىيەتتە ئىخلاسمەنلىكنىڭ قۇدرىتىنى ئىنكار قىلىدىغان بولىدۇ. بۇنداقلاردىن يىراق تۇر.
ܡܢܗܘܢ ܐܢܘܢ ܓܝܪ ܗܠܝܢ ܕܡܚܠܕܝܢ ܒܝܬ ܒܬܐ ܘܫܒܝܢ ܢܫܐ ܕܛܡܝܪܢ ܒܚܛܗܐ ܘܡܬܕܒܪܢ ܠܪܓܝܓܬܐ ܡܫܚܠܦܬܐ 6
چۈنكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بەزىلەر ئۆيمۇ-ئۆي سوقۇنۇپ كىرىپ، گۇناھلار بىلەن بېسىلغان، ھەرخىل شەھۋەت-ھەۋەسلەرنىڭ قۇلى بولۇپ قالغان نادان ئاياللارنى ئازدۇرۇپ ئۆزىگە ئەسىر قىلىدۇ.
ܕܒܟܠܙܒܢ ܝܠܦܢ ܘܡܡܬܘܡ ܠܝܕܥܬܐ ܕܫܪܪܐ ܠܡܐܬܐ ܠܐ ܡܫܟܚܝܢ 7
بۇنداق ئاياللار دائىم تەلىم ئالسىمۇ، ھەرگىز ھەقىقەتنى تونۇپ يېتەلمەيدۇ.
ܐܝܟܢܐ ܕܝܢ ܕܝܢܤ ܘܝܡܒܪܝܤ ܩܡܘ ܠܘܩܒܠ ܡܘܫܐ ܗܟܢܐ ܐܦ ܗܢܘܢ ܩܝܡܝܢ ܠܘܩܒܠ ܫܪܪܐ ܐܢܫܐ ܕܡܚܒܠ ܪܥܝܢܗܘܢ ܘܤܠܝܢ ܡܢ ܗܝܡܢܘܬܐ 8
ئەمدى ياننىس بىلەن يامبرىس مۇسا پەيغەمبەرگە قانداق قارشى چىققان بولسا، بۇ [ئازدۇرغۇچىلارمۇ] ھەقىقەتكە شۇنداق قارشى چىقىدۇ. ئۇلار زېھىن-كۆڭۈللىرى چىرىگەن، ئېتىقاد جەھەتتە داشقال دەپ ئىسپاتلانغان كىشىلەردۇر.
ܐܠܐ ܠܐ ܢܐܬܘܢ ܠܩܕܡܝܗܘܢ ܫܛܝܘܬܗܘܢ ܓܝܪ ܡܬܝܕܥܐ ܗܝ ܠܟܠܢܫ ܐܝܟܢܐ ܕܐܦ ܕܗܢܘܢ ܐܬܝܕܥܬ 9
لېكىن ئەمدى ئۇلار بۇ يولدا ئالغا ئىلگىرىلىيەلمەيدۇ؛ چۈنكى [ياننىس بىلەن يامبرىس]نىڭ ھاماقەتلىكى ئوچۇق كۆرۈنگەندەك، بۇلارنىڭمۇ ھەممىگە كۆرۈنىدۇ.
ܐܢܬ ܕܝܢ ܐܬܝܬ ܒܬܪ ܝܘܠܦܢܝ ܘܒܬܪ ܕܘܒܪܝ ܘܒܬܪ ܨܒܝܢܝ ܘܒܬܪ ܗܝܡܢܘܬܝ ܘܒܬܪ ܢܓܝܪܘܬ ܪܘܚܝ ܘܒܬܪ ܚܘܒܝ ܘܒܬܪ ܡܤܝܒܪܢܘܬܝ 10
لېكىن سەن بولساڭ مېنىڭ تەلىمىم، يۈرۈش-تۇرۇشۇم، مەقسەت-ئىرادىلىرىم، ئىشەنچ-ئېتىقادىم، سەۋر-تاقىتىم، مېھىر-مۇھەببىتىم، چىداملىقىم، مەن ئۇچرىغان زىيانكەشلىكلەر ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە، جۈملىدىن ئانتاكيا، كونىيا ۋە لىسترا شەھەرلىرىدە يۈز بەرگەنلەرگە تولىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدىڭ، شۇنداقلا مەن بەرداشلىق بەرگەن شۇنچە زىيانكەشلىكلەردىن تولۇق خەۋىرىڭ بار؛ رەب ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن مېنى قۇتقۇزدى.
ܘܒܬܪ ܪܕܝܦܘܬܝ ܘܒܬܪ ܚܫܝ ܘܝܕܥ ܐܢܬ ܐܝܠܝܢ ܤܝܒܪܬ ܒܐܢܛܝܟܝܐ ܘܒܐܝܩܢܘܢ ܘܒܠܘܤܛܪܐ ܐܝܕܐ ܪܕܝܦܘܬܐ ܤܝܒܪܬ ܘܡܢ ܟܠܗܝܢ ܦܨܝܢܝ ܡܪܝ 11
ܘܟܠܗܘܢ ܕܝܢ ܐܝܠܝܢ ܕܨܒܝܢ ܒܕܚܠܬ ܐܠܗܐ ܕܢܚܘܢ ܒܝܫܘܥ ܡܫܝܚܐ ܡܬܪܕܦܝܢ 12
دەرۋەقە، مەسىھ ئەيسادا ئىخلاسمەن ھايات كەچۈرۈشكە ئىرادە تىكلىگەنلەرنىڭ ھەممىسى زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ.
ܒܢܝܢܫܐ ܕܝܢ ܒܝܫܐ ܘܡܛܥܝܢܐ ܢܘܤܦܘܢ ܥܠ ܒܝܫܘܬܗܘܢ ܟܕ ܛܥܝܢ ܘܡܛܥܝܢ 13
لېكىن رەزىل ئادەملەر ۋە ئېزىتقۇ-كاززاپلار بەرىبىر باشقىلارنىمۇ ئالداپ، ئۆزىمۇ ئالدىنىپ، بارغانسېرى ئەسەبىيلىشىدۇ.
ܐܢܬ ܕܝܢ ܩܘܐ ܒܐܝܠܝܢ ܕܝܠܦܬ ܘܐܫܬܪܪܬ ܝܕܥ ܐܢܬ ܓܝܪ ܡܢ ܡܢܘ ܝܠܦܬ 14
لېكىن سەن بولساڭ، ئۆگەنگەن ۋە تولۇق ئىشەندۈرۈلگەن ھەقىقەتلەردە چىڭ تۇر؛ چۈنكى بۇلارنى كىمدىن ئۆگەنگەنلىكىڭنى بىلىسەن،
ܘܕܡܢ ܛܠܝܘܬܟ ܤܦܪܐ ܩܕܝܫܐ ܝܠܝܦ ܐܢܬ ܕܡܫܟܚܝܢ ܕܢܚܟܡܘܢܟ ܠܚܝܐ ܒܗܝܡܢܘܬܐ ܕܝܫܘܥ ܡܫܝܚܐ 15
ھەمدە بالىلىق چاغلىرىڭدىن تارتىپلا مۇقەددەس يازمىلارنى بىلىپ كەلدىڭ؛ بۇلارنىڭ ساڭا مەسىھ ئەيساغا باغلانغان ئېتىقاد ئارقىلىق بولغان نىجات توغرۇلۇق سېنى دانا قىلالايدىغانلىقىنى بىلىسەن.
ܟܠ ܟܬܒ ܕܒܪܘܚܐ ܐܬܟܬܒ ܡܘܬܪܢܐ ܗܘ ܠܝܘܠܦܢܐ ܘܠܟܘܘܢܐ ܘܠܬܘܪܨܐ ܘܠܡܪܕܘܬܐ ܕܒܟܐܢܘܬܐ 16
پۈتكۈل مۇقەددەس يازمىلارنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ روھىنىڭ يوليورۇق-ئىلھامى بىلەن يېزىلغان بولۇپ، ئۇ تەلىم بېرىش، تەنبىھ بېرىش، خاتالىقلارنى تۈزىتىش ۋە كىشىلەرنى ھەققانىيەت يولىغا باشلاشقا پايدىلىقتۇر.
ܕܢܗܘܐ ܓܡܝܪ ܒܪܢܫܐ ܕܐܠܗܐ ܘܠܟܠ ܥܒܕ ܛܒ ܡܫܠܡܢ 17
بۇلار ئارقىلىق خۇدانىڭ ئادىمى تولۇق قوراللىنىپ، بارلىق ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا تەييار بولالايدۇ.

< ܒ-ܛܝܡܬܐܘܣ 3 >