وَكَانَ كَلَامُ رَبِّ ٱلْجُنُودِ قَائِلًا: | ١ 1 |
ۋە ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ |
«هَكَذَا قَالَ رَبُّ ٱلْجُنُودِ: غِرْتُ عَلَى صِهْيَوْنَ غَيْرَةً عَظِيمَةً، وَبِسَخَطٍ عَظِيمٍ غِرْتُ عَلَيْهَا. | ٢ 2 |
«ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ زىئونغا باغلىغان ئوتلۇق مۇھەببىتىم قايناپ تاشتى؛ مېنىڭ ئۇنىڭغا باغلىغان ئوتلۇق مۇھەببىتىم تۈپەيلىدىن [ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىگە] غەزىپىم قايناپ تاشتى. |
هَكَذَا قَالَ ٱلرَّبُّ: قَدْ رَجَعْتُ إِلَى صِهْيَوْنَ وَأَسْكُنُ فِي وَسَطِ أُورُشَلِيمَ، فَتُدْعَى أُورُشَلِيمُ مَدِينَةَ ٱلْحَقِّ، وَجَبَلُ رَبِّ ٱلْجُنُودِ ٱلْجَبَلَ ٱلْمُقَدَّسَ. | ٣ 3 |
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن زىئونغا قايتىپ كەلدىم، يېرۇسالېمنىڭ ئوتتۇرىسىدا ماكانلىشىمەن؛ يېرۇسالېم «ھەقىقەت شەھىرى» دەپ ئاتىلىدۇ، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ تېغى «مۇقەددەس تاغ» دەپ ئاتىلىدۇ. |
«هَكَذَا قَالَ رَبُّ ٱلْجُنُودِ: سَيَجْلِسُ بَعْدُ ٱلشُّيُوخُ وَٱلشَّيْخَاتُ فِي أَسْوَاقِ أُورُشَلِيمَ، كُلُّ إِنْسَانٍ مِنْهُمْ عَصَاهُ بِيَدِهِ مِنْ كَثْرَةِ ٱلْأَيَّامِ. | ٤ 4 |
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «قېرى بوۋاي-مومايلار يەنە يېرۇسالېمنىڭ كوچىلىرىدا ئولتۇرىدىغان بولىدۇ؛ كۈنلىرى ئۇزۇن بولۇپ، ھەربىرى ھاسىسىنى قولىدا تۇتۇپ ئولتۇرىدۇ؛ |
وَتَمْتَلِئُ أَسْوَاقُ ٱلْمَدِينَةِ مِنَ ٱلصِّبْيَانِ وَٱلْبَنَاتِ لَاعِبِينَ فِي أَسْوَاقِهَا. | ٥ 5 |
شەھەرنىڭ كوچىلىرى ئويناۋاتقان ئوغۇل-قىز بالىلار بىلەن لىق تولىدۇ. |
«هَكَذَا قَالَ رَبُّ ٱلْجُنُودِ: إِنْ يَكُنْ ذَلِكَ عَجِيبًا فِي أَعْيُنِ بَقِيَّةِ هَذَا ٱلشَّعْبِ فِي هَذِهِ ٱلْأَيَّامِ، أَفَيَكُونُ أَيْضًا عَجِيبًا فِي عَيْنَيَّ؟ يَقُولُ رَبُّ ٱلْجُنُودِ. | ٦ 6 |
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «بۇ ئىش شۇ كۈنلەردە بۇ خەلقنىڭ قالدىسىنىڭ كۆزىگە ئاجايىب كارامەت كۆرۈنىدىغىنى بىلەن، ئۇ مېنىڭ كۆزۈمگە كارامەت كۆرۈنەمدۇ؟» ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. |
«هَكَذَا قَالَ رَبُّ ٱلْجُنُودِ: هَأَنَذَا أُخَلِّصُ شَعْبِي مِنْ أَرْضِ ٱلْمَشْرِقِ وَمِنْ أَرْضِ مَغْرِبِ ٱلشَّمْسِ. | ٧ 7 |
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مانا، مەن ئۆز خەلقىمنى شەرقىي زېمىنلاردىن، غەربىي زېمىنلاردىن قۇتقۇزىمەن؛ |
وَآتِي بِهِمْ فَيَسْكُنُونَ فِي وَسَطِ أُورُشَلِيمَ، وَيَكُونُونَ لِي شَعْبًا،وَأَنَا أَكُونُ لَهُمْ إِلَهًا بِٱلْحَقِّ وَٱلْبِرِّ. | ٨ 8 |
مەن ئۇلارنى ئېلىپ كېلىمەن، ئۇلار يېرۇسالېمدا ماكانلىشىدۇ؛ ئۇلار مېنىڭ خەلقىم، مەن ھەقىقەت ۋە ھەققانىيلىقتا ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن». |
«هَكَذَا قَالَ رَبُّ ٱلْجُنُودِ: لِتَتَشَدَّدْ أَيْدِيكُمْ أَيُّهَا ٱلسَّامِعُونَ فِي هَذِهِ ٱلْأَيَّامِ هَذَا ٱلْكَلَامَ مِنْ أَفْوَاهِ ٱلْأَنْبِيَاءِ ٱلَّذِي كَانَ يَوْمَ أُسِّسَ بَيْتُ رَبِّ ٱلْجُنُودِ لِبِنَاءِ ٱلْهَيْكَلِ. | ٩ 9 |
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئۇلى سېلىنغان كۈنىدە ھازىر بولغان پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاغزىدىن مۇشۇ كۈنلەردە بايان قىلىنىۋاتقان مۇنۇ سۆزلەرنى ئىشىتىۋاتىسىلەر، مۇقەددەس ئىبادەتخانىنىڭ قۇرۇلۇشىغا قولۇڭلار كۈچلۈك قىلىنسۇن! |
لِأَنَّهُ قَبْلَ هَذِهِ ٱلْأَيَّامِ لَمْ تَكُنْ لِلْإِنْسَانِ أُجْرَةٌ وَلَا لِلْبَهِيمَةِ أُجْرَةٌ، وَلَا سَلَامٌ لِمَنْ خَرَجَ أَوْ دَخَلَ مِنْ قِبَلِ ٱلضِّيقِ. وَأَطْلَقْتُ كُلَّ إِنْسَانٍ، ٱلرَّجُلَ عَلَى قَرِيبِهِ. | ١٠ 10 |
چۈنكى شۇ كۈنلەردىن ئىلگىرى ئىنسان ئۈچۈن ئىش ھەققى يوق، ئات-ئۇلاغ ئۈچۈنمۇ ئىش ھەققى يوق ئىدى؛ جەبىر-زۇلۇم تۈپەيلىدىن چىققۇچى ياكى كىرگۈچى ئۈچۈن ئامان-ئېسەنلىك يوق ئىدى؛ چۈنكى مەن ھەربىر ئادەمنى ئۆز يېقىنىغا دۈشمەنلەشتۈردۈم؛ |
أَمَّا ٱلْآنَ فَلَا أَكُونُ أَنَا لِبَقِيَّةِ هَذَا ٱلشَّعْبِ كَمَا فِي ٱلْأَيَّامِ ٱلْأُولَى، يَقُولُ رَبُّ ٱلْجُنُودِ. | ١١ 11 |
بىراق مەن بۇ خەلقنىڭ قالدىسىغا بۇرۇنقى كۈنلەردىكىدەك بولمايمەن، دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار؛ |
بَلْ زَرْعُ ٱلسَّلَامِ، ٱلْكَرْمُ يُعْطِي ثَمَرَهُ، وَٱلْأَرْضُ تُعْطِي غَلَّتَهَا، وَٱلسَّمَاوَاتُ تُعْطِي نَدَاهَا، وَأُمَلِّكُ بَقِيَّةَ هَذَا ٱلشَّعْبِ هَذِهِ كُلَّهَا. | ١٢ 12 |
چۈنكى ئۇرۇق ھوسۇللۇق بولىدۇ، ئۈزۈم تېلى مېۋىلەيدۇ، تۇپراق ئۈندۈرمىلىرىنى بېرىدۇ، ئاسمانلار شەبنەملىرىنى بېرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ خەلقنىڭ قالدىسىغا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئىگە قىلدۇرىمەن. |
وَيَكُونُ كَمَا أَنَّكُمْ كُنْتُمْ لَعْنَةً بَيْنَ ٱلْأُمَمِ يَا بَيْتَ يَهُوذَا وَيَا بَيْتَ إِسْرَائِيلَ، كَذَلِكَ أُخَلِّصُكُمْ فَتَكُونُونَ بَرَكَةً فَلَا تَخَافُوا. لِتَتَشَدَّدْ أَيْدِيكُمْ. | ١٣ 13 |
شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، سىلەر ئەللەر ئارىسىدا لەنەت بولۇپ قالغىنىڭلارنىڭ ئەكسىچە، ئى يەھۇدا جەمەتى ۋە ئىسرائىل جەمەتى، مەن سىلەرنى قۇتقۇزىمەن، سىلەر [ئۇلارغا] بەخت-بەرىكەت بولىسىلەر؛ قورقماڭلار، قوللىرىڭلار كۈچلۈك قىلىنسۇن! |
«لِأَنَّهُ هَكَذَا قَالَ رَبُّ ٱلْجُنُودِ: كَمَا أَنِّي فَكَّرْتُ فِي أَنْ أُسِيءَ إِلَيْكُمْ حِينَ أَغْضَبَنِي آبَاؤُكُمْ، قَالَ رَبُّ ٱلْجُنُودِ، وَلَمْ أَنْدَمْ. | ١٤ 14 |
چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەرنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىڭلار مېنىڭ غەزىپىمنى قوزغىغاندا مېنىڭ سىلەرگە يامانلىق يەتكۈزۈش ئويىدا بولغىنىم ۋە شۇ [جازا] يولىدىن يانمىغىنىمدەك ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ |
هَكَذَا عُدْتُ وَفَكَّرْتُ فِي هَذِهِ ٱلْأَيَّامِ فِي أَنْ أُحْسِنَ إِلَى أُورُشَلِيمَ وَبَيْتِ يَهُوذَا. لَا تَخَافُوا. | ١٥ 15 |
مەن ھازىر، مۇشۇ كۈنلەردە يەنە يېرۇسالېم ۋە يەھۇدا جەمەتىگە ياخشىلىق يەتكۈزۈش ئويىدا بولدۇم؛ قورقماڭلار. |
هَذِهِ هِيَ ٱلْأُمُورُ ٱلَّتِي تَفْعَلُونَهَا. لِيُكَلِّمْ كُلُّ إِنْسَانٍ قَرِيبَهُ بِٱلْحَقِّ. ٱقْضُوا بِٱلْحَقِّ وَقَضَاءِ ٱلسَّلَامِ فِي أَبْوَابِكُمْ. | ١٦ 16 |
مۇشۇ ئىشلارغا ئەمەل قىلىڭلار: ــ ھەربىرىڭلار ئۆز يېقىنىڭلارغا ھەقىقەتنى سۆزلەڭلار؛ دەرۋازىلىرىڭلاردا ھەقىقەتكە، ئامان-تىنچلىققا ئۇيغۇن ھۆكۈملەرنى يۈرگۈزۈڭلار؛ |
وَلَا يُفَكِّرَنَّ أَحَدٌ فِي ٱلسُّوءِ عَلَى قَرِيبِهِ فِي قُلُوبِكُمْ. وَلَا تُحِبُّوا يَمِينَ ٱلزُّورِ. لِأَنَّ هَذِهِ جَمِيعَهَا أَكْرَهُهَا، يَقُولُ ٱلرَّبُّ». | ١٧ 17 |
ھېچكىم كۆڭلىدە ئۆز يېقىنىغا يامانلىق ئويلىمىسۇن؛ ھېچقانداق يالغان قەسەمگە شېرىك بولماڭلار؛ چۈنكى مەن دەل بۇلارنىڭ ھەممىسىگە نەپرەتلىنىمەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار. |
وَكَانَ إِلَيَّ كَلَامُ رَبِّ ٱلْجُنُودِ قَائِلًا: | ١٨ 18 |
ۋە ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ |
«هَكَذَا قَالَ رَبُّ ٱلْجُنُودِ: إِنَّ صَوْمَ ٱلشَّهْرِ ٱلرَّابِعِ وَصَوْمَ ٱلْخَامِسِ وَصَوْمَ ٱلسَّابِعِ وَصَوْمَ ٱلْعَاشِرِ يَكُونُ لِبَيْتِ يَهُوذَا ٱبْتِهَاجًا وَفَرَحًا وَأَعْيَادًا طَيِّبَةً. فَأَحِبُّوا ٱلْحَقَّ وَٱلسَّلَامَ. | ١٩ 19 |
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «تۆتىنچى ئايدىكى روزا، بەشىنچى ئايدىكى روزا، يەتتىنچى ئايدىكى روزا ۋە ئونىنچى ئايدىكى روزا يەھۇدا جەمەتىگە خۇشاللىق ۋە شاد-خۇراملىق، بەختلىك ئىبادەت سورۇنلىرى بولىدۇ؛ شۇڭا ھەقىقەت ۋە خاتىرجەملىك-تىنچلىقنى سۆيۈڭلار. |
هَكَذَا قَالَ رَبُّ ٱلْجُنُودِ: سَيَأْتِي شُعُوبٌ بَعْدُ، وَسُكَّانُ مُدُنٍ كَثِيرَةٍ. | ٢٠ 20 |
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «نۇرغۇن قوۋملار ۋە كۆپ شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسى يەنە مۇشۇ يەرگە كېلىدۇ؛ |
وَسُكَّانُ وَاحِدَةٍ يَسِيرُونَ إِلَى أُخْرَى قَائِلِينَ: لِنَذْهَبْ ذَهَابًا لِنَتَرَضَّى وَجْهَ ٱلرَّبِّ وَنَطْلُبَ رَبَّ ٱلْجُنُودِ. أَنَا أَيْضًا أَذْهَبُ. | ٢١ 21 |
بىر شەھەردە تۇرۇۋاتقانلار باشقا بىر شەھەرگە بېرىپ ئۇلارغا: «پەرۋەردىگاردىن ئىلتىپات تىلەشكە، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنى ئىزدەشكە تېز بارايلى؛ مەنمۇ بارىمەن!» ــ دەيدىغان بولىدۇ. |
فَتَأْتِي شُعُوبٌ كَثِيرَةٌ وَأُمَمٌ قَوِيَّةٌ لِيَطْلُبُوا رَبَّ ٱلْجُنُودِ فِي أُورُشَلِيمَ، وَلْيَتَرَضَّوْا وَجْهَ ٱلرَّبِّ. | ٢٢ 22 |
كۆپ قوۋملار ۋە كۈچلۈك ئەللەر پەرۋەردىگاردىن ئىلتىپات تىلەشكە، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنى ئىزدەشكە يېرۇسالېمغا كېلىدۇ. |
«هَكَذَا قَالَ رَبُّ ٱلْجُنُودِ: فِي تِلْكَ ٱلْأَيَّامِ يُمْسِكُ عَشَرَةُ رِجَالٍ مِنْ جَمِيعِ أَلْسِنَةِ ٱلْأُمَمِ يَتَمَسَّكُونَ بِذَيْلِ رَجُلٍ يَهُودِيٍّ قَائِلِينَ: نَذْهَبُ مَعَكُمْ لِأَنَّنَا سَمِعْنَا أَنَّ ٱللهَ مَعَكُمْ». | ٢٣ 23 |
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «شۇ كۈنلەردە ھەرخىل تىلدا سۆزلەيدىغان ئەللەردىن ئون نەپەر ئادەم چىقىپ يەھۇدىي بىر ئادەمنىڭ تونىنىڭ ئېتىكىنى تۇتۇۋېلىپ ئۇنىڭغا: «بىز سەن بىلەن بارايلى؛ چۈنكى خۇدانى سەن بىلەن بىللىدۇر، دەپ ئاڭلىدۇق» ــ دەيدۇ. |