قَدْ دَخَلْتُ جَنَّتِي يَا أُخْتِي ٱلْعَرُوسُ. قَطَفْتُ مُرِّي مَعَ طِيبِي. أَكَلْتُ شَهْدِي مَعَ عَسَلِي. شَرِبْتُ خَمْرِي مَعَ لَبَنِي. كُلُوا أَيُّهَا ٱلْأَصْحَابُ. ٱشْرَبُوا وَٱسْكَرُوا أَيُّهَا ٱلْأَحِبَّاءُ. | ١ 1 |
«مەن ئۆز بېغىمغا كىردىم، مېنىڭ سىڭلىم، مېنىڭ جۆرەم؛ مۇرمەككەمنى تېتىتقۇلىرىم بىلەن يىغدىم، ھەرە كۆنىكىمنى ھەسىلىم بىلەن يېدىم؛ شارابىمنى سۈتلىرىم بىلەن ئىچتىم». «دوستلىرىم، يەڭلار! ئىچىڭلار، كۆڭلۈڭلەر خالىغانچە ئىچىڭلار، ئى ئاشىق-مەشۇقلار!» |
أَنَا نَائِمَةٌ وَقَلْبِي مُسْتَيْقِظٌ. صَوْتُ حَبِيبِي قَارِعًا: «اِفْتَحِي لِي يَا أُخْتِي، يَا حَبِيبَتِي، يَاحَمَامَتِي، يَا كَامِلَتِي! لِأَنَّ رَأْسِي ٱمْتَلَأَ مِنَ ٱلطَّلِّ، وَقُصَصِي مِنْ نُدَى ٱللَّيْلِ». | ٢ 2 |
«مەن ئۇخلاۋاتاتتىم، بىراق كۆڭلۈم ئويغاق ئىدى: ــ ــ سۆيۈملۈكۈمنىڭ ئاۋازى! مانا، ئۇ ئىشىكنى قېقىۋاتىدۇ: ــ ــ «ماڭا ئېچىپ بەر، ئى سىڭلىم، ئى ئامرىقىم؛ مېنىڭ پاختىكىم، مېنىڭ غۇبارسىزىم؛ چۈنكى بېشىم شەبنەم بىلەن، چاچلىرىم كېچىدىكى نەملىك بىلەن ھۆل-ھۆل بولۇپ كەتتى!» |
قَدْ خَلَعْتُ ثَوْبِي، فَكَيْفَ أَلْبَسُهُ؟ قَدْ غَسَلْتُ رِجْلَيَّ، فَكَيْفَ أُوَسِّخُهُمَا؟ | ٣ 3 |
«مەن تۆشەك كىيىملىرىمنى سېلىۋەتكەن، قانداقمۇ ئۇنى يەنە كىيىۋالاي؟ مەن پۇتلىرىمنى يۇدۇم، قانداقمۇ ئۇلارنى يەنە بۇلغاي؟» |
حَبِيبِي مَدَّ يَدَهُ مِنَ ٱلْكَوَّةِ، فَأَنَّتْ عَلَيْهِ أَحْشَائِي. | ٤ 4 |
سۆيۈملۈكۈم قولىنى ئىشىك تۆشۈكىدىن تىقتى؛ مېنىڭ ئىچ-باغرىلىرىم ئۇنىڭغا تەلمۈرۈپ كەتتى؛ |
قُمْتُ لِأَفْتَحَ لِحَبِيبِي وَيَدَايَ تَقْطُرَانِ مُرًّا، وَأَصَابِعِي مُرٌّ قَاطِرٌ عَلَى مَقْبَضِ ٱلْقُفْلِ. | ٥ 5 |
سۆيۈملۈكۈمگە ئېچىشقا قوپتۇم؛ قوللىرىمدىن مۇرمەككى، بارماقلىرىمدىن سۇيۇق مۇرمەككى تېمىدى، تاقاقنىڭ تۇتقۇچلىرى ئۈستىگە تېمىدى؛ |
فَتَحْتُ لِحَبِيبِي، لَكِنَّ حَبِيبِي تَحَوَّلَ وَعَبَرَ. نَفْسِي خَرَجَتْ عِنْدَمَا أَدْبَرَ. طَلَبْتُهُ فَمَا وَجَدْتُهُ. دَعَوْتُهُ فَمَا أَجَابَنِي. | ٦ 6 |
سۆيۈملۈكۈمگە ئاچتىم؛ بىراق سۆيۈملۈكۈم بۇرۇلۇپ، كېتىپ قالغانىدى. ئۇ سۆز قىلغاندا روھىم چىقىپ كەتكەنىدى؛ ئۇنى ئىزدىدىم، بىراق تاپالمىدىم؛ ئۇنى چاقىردىم، بىراق ئۇ جاۋاب بەرمىدى؛ |
وَجَدَنِي ٱلْحَرَسُ ٱلطَّائِفُ فِي ٱلْمَدِينَةِ. ضَرَبُونِي. جَرَحُونِي. حَفَظَةُ ٱلْأَسْوَارِ رَفَعُوا إِزَارِي عَنِّي. | ٧ 7 |
شەھەرنى ئايلىنىدىغان جېسەكچىلەر مېنى ئۇچرىتىپ مېنى ئۇردى، مېنى يارىلاندۇردى؛ سېپىللاردىكى كۆزەتچىلەر چۈمپەردەمنى مەندىن تارتىۋالدى. |
أُحَلِّفُكُنَّ يَا بَنَاتِ أُورُشَلِيمَ إِنْ وَجَدْتُنَّ حَبِيبِي أَنْ تُخْبِرْنَهُ بِأَنِّي مَرِيضَةٌ حُبًّا. | ٨ 8 |
ئى يېرۇسالېم قىزلىرى، سۆيۈملۈكۈمنى تاپساڭلار، ئۇنىڭغا نېمە دەيسىلەر؟ ئۇنىڭغا، سۆيگىنىڭ: «مەن مۇھەببەتتىن زەئىپلىشىپ كەتتىم! ــ دېدى، دەڭلار». |
مَا حَبِيبُكِ مِنْ حَبِيبٍ أَيَّتُهَا ٱلْجَمِيلَةُ بَيْنَ ٱلنِّسَاءِ! مَا حَبِيبُكِ مِنْ حَبِيبٍ حَتَّى تُحَلِّفِينَا هَكَذَا! | ٩ 9 |
«سېنىڭ سۆيۈملۈكۈڭنىڭ باشقا بىر سۆيۈملۈكتىن قانداق ئارتۇق يېرى بار، ئى، ئاياللار ئارىسىدىكى ئەڭ گۈزىلى؟ سېنىڭ سۆيۈملۈكۈڭنىڭ باشقا بىر سۆيۈملۈكتىن قانداق ئارتۇق يېرى بار؟ ــ سەن بىزگە شۇنداق تاپىلىغانغۇ؟». |
حَبِيبِي أَبْيَضُ وَأَحْمَرُ. مُعْلَمٌ بَيْنَ رَبْوَةٍ. | ١٠ 10 |
«مېنىڭ سۆيۈملۈكۈم ئاپئاق ۋە پارقىراق، يۈرەكلىك ئەزىمەت، ئون مىڭ ئارىسىدا تۇغدەك كۆرۈنەرلىكتۇر؛ |
رَأْسُهُ ذَهَبٌ إِبْرِيزٌ. قُصَصُهُ مُسْتَرْسِلَةٌ حَالِكَةٌ كَٱلْغُرَابِ. | ١١ 11 |
ئۇنىڭ بېشى ساپ ئالتۇندىندۇر، بۇدۇر چاچلىرى ئاتنىڭ يايلىدەك، تاغ قاغىسىدەك قارا. |
عَيْنَاهُ كَٱلْحَمَامِ عَلَى مَجَارِي ٱلْمِيَاهِ، مَغْسُولَتَانِ بِٱللَّبَنِ، جَالِسَتَانِ فِي وَقْبَيْهِمَا. | ١٢ 12 |
ئۇنىڭ كۆزلىرى ئېقىنلار بويىدىكى پاختەكلەردەك، سۈت بىلەن يۇيۇلغان، يارىشىقىدا قويۇلغان؛ |
خَدَّاهُ كَخَمِيلَةِ ٱلطِّيبِ وَأَتْلَامِ رَيَاحِينَ ذَكِيَّةٍ. شَفَتَاهُ سُوْسَنٌ تَقْطُرَانِ مُرًّا مَائِعًا. | ١٣ 13 |
ئۇنىڭ مەڭزىلىرى بىر تەشتەك پۇراقلىق ئۆسۈملۈكتەكتۇر؛ ئاينىغان يېقىملىق گۈللۈكتەك؛ ئۇنىڭ لەۋلىرى نىلۇپەر، ئۇلار سۇيۇق مۇرمەككىنى تېمىتىدۇ؛ |
يَدَاهُ حَلْقَتَانِ مِنْ ذَهَبٍ، مُرَصَّعَتَانِ بِٱلزَّبَرْجَدِ. بَطْنُهُ عَاجٌ أَبْيَضُ مُغَلَّفٌ بِٱلْيَاقُوتِ ٱلْأَزْرَقِ. | ١٤ 14 |
ئۇنىڭ قوللىرى ئالتۇن تۇرۇبىلار، ئىچىگە بېرىل ياقۇتلار قۇيۇلغان. قورسىقى نەقىشلىك پىل چىشلىرىدىن ياسالغان، كۆك ياقۇتلار بىلەن بېزەلگەن. |
سَاقَاهُ عَمُودَا رُخَامٍ، مُؤَسَّسَتَانِ عَلَى قَاعِدَتَيْنِ مِنْ إِبْرِيزٍ. طَلْعَتُهُ كَلُبْنَانَ. فَتًى كَٱلْأَرْزِ. | ١٥ 15 |
ئۇنىڭ پۇتلىرى مەرمەر تۈۋرۈكلەر، ئالتۇن ئۈستىگە تىكلەنگەن. ئۇنىڭ سالاپىتى لىۋاننىڭكىدەك، كېدىر دەرەخلىرىدەك كۆركەم-ھەيۋەتلىكتۇر. |
حَلْقُهُ حَلَاوَةٌ وَكُلُّهُ مُشْتَهَيَاتٌ. هَذَا حَبِيبِي، وَهَذَا خَلِيلِي، يَا بَنَاتِ أُورُشَلِيمَ. | ١٦ 16 |
ئۇنىڭ ئاغزى بەكمۇ شېرىندۇر؛ بەرھەق، ئۇ پۈتۈنلەي گۈزەلدۇر؛ بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈكۈم، ــ بەرھەق، بۇ مېنىڭ ئامرىقىم، ئى يېرۇسالېم قىزلىرى!» |