فَمَاذَا نَقُولُ؟ أَنَبْقَى فِي ٱلْخَطِيَّةِ لِكَيْ تَكْثُرَ ٱلنِّعْمَةُ؟ | ١ 1 |
ئۇنداقتا، نېمە دېگۈلۈك؟ خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى تېخىمۇ ئاشسۇن دەپ گۇناھ ئىچىدە ياشاۋېرەمدۇق؟ |
حَاشَا! نَحْنُ ٱلَّذِينَ مُتْنَا عَنِ ٱلْخَطِيَّةِ، كَيْفَ نَعِيشُ بَعْدُ فِيهَا؟ | ٢ 2 |
ياق، ھەرگىز! گۇناھقا نىسبەتەن ئۆلگەن بىزلەر قانداقمۇ ئۇنىڭ ئىچىدە ياشاۋېرىمىز؟ |
أَمْ تَجْهَلُونَ أَنَّنَا كُلَّ مَنِ ٱعْتَمَدَ لِيَسُوعَ ٱلْمَسِيحِ ٱعْتَمَدْنَا لِمَوْتِهِ، | ٣ 3 |
ياكى سىلەر بىلمەمسىلەر؟ ھەرقايسىمىز مەسىھ ئەيساغا كىرىشكە چۆمۈلدۈرۈلگەن بولساق، ئۇنىڭ ئۆلۈمى ئىچىگە چۆمۈلدۈرۈلدۇق؟ |
فَدُفِنَّا مَعَهُ بِٱلْمَعْمُودِيَّةِ لِلْمَوْتِ، حَتَّى كَمَا أُقِيمَ ٱلْمَسِيحُ مِنَ ٱلْأَمْوَاتِ، بِمَجْدِ ٱلْآبِ، هَكَذَا نَسْلُكُ نَحْنُ أَيْضًا فِي جِدَّةِ ٱلْحَيَاةِ؟ | ٤ 4 |
بىز چۆمۈلدۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۆلۈمى ئىچىگە كىرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە كۆمۈلدۇق؛ بۇنىڭ مەقسىتى، مەسىھ ئاتىنىڭ شان-شەرىپى ئارقىلىق ئۆلۈمدىن تىرىلگىنىدەك، بىزنىڭمۇ يېڭى ھاياتتا مېڭىشىمىز ئۈچۈندۇر. |
لِأَنَّهُ إِنْ كُنَّا قَدْ صِرْنَا مُتَّحِدِينَ مَعَهُ بِشِبْهِ مَوْتِهِ، نَصِيرُ أَيْضًا بِقِيَامَتِهِ. | ٥ 5 |
چۈنكى [مەسىھنىڭ] ئۆلۈمىگە ئوخشاش بىر ئۆلۈمدە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە باغلانغانىكەنمىز، ئەمدى بىز چوقۇم ئۇنىڭ تىرىلىشىگە ئوخشاش بىر تىرىلىشتىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولىمىز. |
عَالِمِينَ هَذَا: أَنَّ إِنْسَانَنَا ٱلْعَتِيقَ قَدْ صُلِبَ مَعَهُ لِيُبْطَلَ جَسَدُ ٱلْخَطِيَّةِ، كَيْ لَا نَعُودَ نُسْتَعْبَدُ أَيْضًا لِلْخَطِيَّةِ. | ٦ 6 |
شۇنى بىلىمىزكى، گۇناھنىڭ ماكانى بولغان تېنىمىز كاردىن چىقىرىلىپ، گۇناھنىڭ قۇللۇقىدا يەنە بولماسلىقىمىز ئۈچۈن، «كونا ئادەم»ىمىز مەسىھ بىلەن بىللە كرېستلىنىپ ئۆلگەن |
لِأَنَّ ٱلَّذِي مَاتَ قَدْ تَبَرَّأَ مِنَ ٱلْخَطِيَّةِ. | ٧ 7 |
(چۈنكى ئۆلگەن كىشى گۇناھتىن خالاس بولغان بولىدۇ). |
فَإِنْ كُنَّا قَدْ مُتْنَا مَعَ ٱلْمَسِيحِ، نُؤْمِنُ أَنَّنَا سَنَحْيَا أَيْضًا مَعَهُ. | ٨ 8 |
مەسىھ بىلەن بىللە ئۆلگەن بولساق، ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ياشايدىغانلىقىمىزغىمۇ ئىشىنىمىز. |
عَالِمِينَ أَنَّ ٱلْمَسِيحَ بَعْدَمَا أُقِيمَ مِنَ ٱلْأَمْوَاتِ لَا يَمُوتُ أَيْضًا. لَا يَسُودُ عَلَيْهِ ٱلْمَوْتُ بَعْدُ. | ٩ 9 |
چۈنكى مەسىھنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلگەندىن كېيىن قايتا ئۆلمەيدىغانلىقى، ئۆلۈمنىڭ ئەمدى ئۇنىڭ ئۈستىدىن يەنە ھۆكۈمرانلىق قىلالمايدىغانلىقى بىزگە مەلۇم. |
لِأَنَّ ٱلْمَوْتَ ٱلَّذِي مَاتَهُ قَدْ مَاتَهُ لِلْخَطِيَّةِ مَرَّةً وَاحِدَةً، وَٱلْحَيَاةُ ٱلَّتِي يَحْيَاهَا فَيَحْيَاهَا لِلهِ. | ١٠ 10 |
چۈنكى ئۇنىڭ ئۆلۈمى، ئۇ گۇناھنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن پەقەت بىر قېتىملىق ئۆلدى؛ ئۇنىڭ ھازىر ياشاۋاتقان ھاياتى بولسا، ئۇ خۇداغا يۈزلىنىپ ياشاۋاتقان ھاياتتۇر. |
كَذَلِكَ أَنْتُمْ أَيْضًا ٱحْسِبُوا أَنْفُسَكُمْ أَمْوَاتًا عَنِ ٱلْخَطِيَّةِ، وَلَكِنْ أَحْيَاءً لِلهِ بِٱلْمَسِيحِ يَسُوعَ رَبِّنَا. | ١١ 11 |
شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ئۆزۈڭلارنى گۇناھقا نىسبەتەن ئۆلگەن، ئەمما مەسىھ ئەيسادا بولۇپ خۇداغا يۈزلىنىپ تىرىك دەپ ھېسابلاڭلار. |
إِذًا لَا تَمْلِكَنَّ ٱلْخَطِيَّةُ فِي جَسَدِكُمُ ٱلْمَائِتِ لِكَيْ تُطِيعُوهَا فِي شَهَوَاتِهِ، | ١٢ 12 |
شۇڭا گۇناھنىڭ ئۆلىدىغان تېنىڭلاردا ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا يول قويماڭلار، ئۇنىڭ رەزىل ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە بويسۇنماڭلار، |
وَلَا تُقَدِّمُوا أَعْضَاءَكُمْ آلَاتِ إِثْمٍ لِلْخَطِيَّةِ، بَلْ قَدِّمُوا ذَوَاتِكُمْ لِلهِ كَأَحْيَاءٍ مِنَ ٱلْأَمْوَاتِ وَأَعْضَاءَكُمْ آلَاتِ بِرٍّ لِلهِ. | ١٣ 13 |
شۇنىڭدەك تېنىڭلارنىڭ ھېچ ئەزاسىنى ھەققانىيەتسىزلىققا قورال قىلىپ گۇناھقا تۇتۇپ بەرمەڭلار. ئەكسىچە، ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلگەنلەردەك، ئۆزۈڭلارنى خۇداغا ئاتاڭلار ھەمدە تېنىڭلاردىكى ئەزالارنى ھەققانىيەتنىڭ قورالى قىلىپ خۇداغا ئاتاڭلار. |
فَإِنَّ ٱلْخَطِيَّةَ لَنْ تَسُودَكُمْ، لِأَنَّكُمْ لَسْتُمْ تَحْتَ ٱلنَّامُوسِ بَلْ تَحْتَ ٱلنِّعْمَةِ. | ١٤ 14 |
گۇناھ سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلارغا ھېچ ھۆكۈمرانلىق قىلمايدۇ؛ چۈنكى سىلەر تەۋرات قانۇنىنىڭ ئاستىدا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ئاستىدا ياشاۋاتىسىلەر. |
فَمَاذَا إِذًا؟ أَنُخْطِئُ لِأَنَّنَا لَسْنَا تَحْتَ ٱلنَّامُوسِ بَلْ تَحْتَ ٱلنِّعْمَةِ؟ حَاشَا! | ١٥ 15 |
ئۇنداقتا، قانداق قىلىش كېرەك؟ قانۇننىڭ ئاستىدا ئەمەس، مېھىر-شەپقەت ئاستىدا بولغانلىقىمىز ئۈچۈن گۇناھ سادىر قىلىۋەرسەك بولامدۇ؟ ياق، ھەرگىز! |
أَلَسْتُمْ تَعْلَمُونَ أَنَّ ٱلَّذِي تُقَدِّمُونَ ذَوَاتِكُمْ لَهُ عَبِيدًا لِلطَّاعَةِ، أَنْتُمْ عَبِيدٌ لِلَّذِي تُطِيعُونَهُ: إِمَّا لِلْخَطِيَّةِ لِلْمَوْتِ أَوْ لِلطَّاعَةِ لِلْبِرِّ؟ | ١٦ 16 |
ئۆزلىرىڭلارنى ئىتائەتمەن قۇللاردەك بىرىگە تۇتۇپ بەرسەڭلار، شۇ كىشىنىڭ قۇلى بولغانلىقىڭلارنى بىلمەمسىلەر ــ ياكى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان گۇناھنىڭ قۇللىرى، ياكى خۇدا ئالدىدا ھەققانىيلىققا ئېلىپ بارىدىغان ئىتائەتمەنلىكنىڭ قۇللىرى بولۇشۇڭلار مۇخەررەر. |
فَشُكْرًا لِلهِ، أَنَّكُمْ كُنْتُمْ عَبِيدًا لِلْخَطِيَّةِ، وَلَكِنَّكُمْ أَطَعْتُمْ مِنَ ٱلْقَلْبِ صُورَةَ ٱلتَّعْلِيمِ ٱلَّتِي تَسَلَّمْتُمُوهَا. | ١٧ 17 |
خۇداغا تەشەككۈر! بۇرۇن گۇناھنىڭ قۇلى بولغانسىلەر، بىراق [مەسىھنىڭ] تەلىمىگە باشلىنىپ، بۇ تەلىم كۆرسەتكەن نەمۇنىگە چىن دىلىڭلاردىن ئىتائەت قىلدىڭلار. |
وَإِذْ أُعْتِقْتُمْ مِنَ ٱلْخَطِيَّةِ صِرْتُمْ عَبِيدًا لِلْبِرِّ. | ١٨ 18 |
سىلەر گۇناھنىڭ كۈچىدىن قۇتۇلدۇرۇلۇپ، ھەققانىيلىقنىڭ قۇللىرى بولدۇڭلار. |
أَتَكَلَّمُ إِنْسَانِيًّا مِنْ أَجْلِ ضَعْفِ جَسَدِكُمْ. لِأَنَّهُ كَمَا قَدَّمْتُمْ أَعْضَاءَكُمْ عَبِيدًا لِلنَّجَاسَةِ وَٱلْإِثْمِ لِلْإِثْمِ، هَكَذَا ٱلْآنَ قَدِّمُوا أَعْضَاءَكُمْ عَبِيدًا لِلْبِرِّ لِلْقَدَاسَةِ. | ١٩ 19 |
ئەتلىرىڭلار ئاجىز بولغاچقا، سىلەرگە ئىنسانچە سۆزلەۋاتىمەن: ــ ئىلگىرى سىلەر تەن ئەزايىڭلارنى ناپاك ئىشلارغا ۋە ئەخلاقسىزلىققا قۇللاردەك تۇتۇپ بېرىشىڭلار بىلەن تېخىمۇ ئەخلاقسىزلىقلارنى قىلغاندەك، ئەمدى ھازىر تەن-ئەزالىرىڭلارنى پاك-مۇقەددەسلىككە باشلايدىغان ھەققانىيلىققا قۇللاردەك تۇتۇپ بېرىڭلار. |
لِأَنَّكُمْ لَمَّا كُنْتُمْ عَبِيدَ ٱلْخَطِيَّةِ، كُنْتُمْ أَحْرَارًا مِنَ ٱلْبِرِّ. | ٢٠ 20 |
سىلەر گۇناھنىڭ قۇللىرى بولغان ۋاقتىڭلاردا، ھەققانىيلىقنىڭ ئىلكىدە ئەمەس ئىدىڭلار. |
فَأَيُّ ثَمَرٍ كَانَ لَكُمْ حِينَئِذٍ مِنَ ٱلْأُمُورِ ٱلَّتِي تَسْتَحُونَ بِهَا ٱلْآنَ؟ لِأَنَّ نِهَايَةَ تِلْكَ ٱلْأُمُورِ هِيَ ٱلْمَوْتُ. | ٢١ 21 |
ھازىر نومۇس دەپ قارىغان بۇرۇنقى ئىشلاردىن شۇ چاغدا سىلەر زادى قانداق مېۋە كۆردۈڭلار؟ ئۇ ئىشلارنىڭ ئاقىۋېتى ئۆلۈمدۈر. |
وَأَمَّا ٱلْآنَ إِذْ أُعْتِقْتُمْ مِنَ ٱلْخَطِيَّةِ، وَصِرْتُمْ عَبِيدًا لِلهِ، فَلَكُمْ ثَمَرُكُمْ لِلْقَدَاسَةِ، وَٱلنِّهَايَةُ حَيَاةٌ أَبَدِيَّةٌ. (aiōnios g166) | ٢٢ 22 |
بىراق، ھازىر سىلەر گۇناھتىن ئەركىن قىلىنىپ، خۇدانىڭ قۇللىرى بولغان ئىكەنسىلەر، سىلەردە ئۆزۈڭلارنى پاك-مۇقەددەسلىككە ئېلىپ بارىدىغان مېۋە بار، ئۇنىڭ نەتىجىسى مەڭگۈلۈك ھاياتتۇر. (aiōnios g166) |