مَزْمُورٌ لِآسَافَ ٱللهُ قَائِمٌ فِي مَجْمَعِ ٱللهِ. فِي وَسْطِ ٱلْآلِهَةِ يَقْضِي: | ١ 1 |
ئاساف يازغان كۈي: ــ خۇدا ئۆز ئىلاھىي مەجلىسىدە تۇرۇپ رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، ئۇ ئىلاھلار ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛ |
«حَتَّى مَتَى تَقْضُونَ جَوْرًا وَتَرْفَعُونَ وُجُوهَ ٱلْأَشْرَارِ؟ سِلَاهْ. | ٢ 2 |
ــ قاچانغىچە سىلەر ناھەق ھۆكۈم چىقىرىسىلەر، قاچانغىچە رەزىللەرگە يۈز-خاتىرە قىلىسىلەر؟ سېلاھ. |
اِقْضُوا لِلذَّلِيلِ وَلِلْيَتِيمِ. أَنْصِفُوا ٱلْمِسْكِينَ وَٱلْبَائِسَ. | ٣ 3 |
گادايلار ۋە يېتىم-يېسىرلارنىڭ دەۋاسىنى سوراڭلار، ئېزىلگەنلەر ھەم ھاجەتمەنلەرگە ئادالەتنى كۆرسىتىڭلار؛ |
نَجُّوا ٱلْمِسْكِينَ وَٱلْفَقِيرَ. مِنْ يَدِ ٱلْأَشْرَارِ أَنْقِذُوا. | ٤ 4 |
مىسكىنلەر ھەم نامراتلارنى قۇتقۇزۇڭلار، ئۇلارنى رەزىللەرنىڭ چاڭگىلىدىن ئازاد قىلىڭلار! |
«لَا يَعْلَمُونَ وَلَا يَفْهَمُونَ. فِي ٱلظُّلْمَةِ يَتَمَشَّوْنَ. تَتَزَعْزَعُ كُلُّ أُسُسِ ٱلْأَرْضِ. | ٥ 5 |
ئۇلار بۇلارنى بىلمەي ۋە چۈشەنمەي زۇلمەتتە كېزىپ يۈرمەكتە، شۇڭا يەرنىڭ ئۇللىرى تەۋرەنمەكتە. |
أَنَا قُلْتُ: إِنَّكُمْ آلِهَةٌ وَبَنُو ٱلْعَلِيِّ كُلُّكُمْ. | ٦ 6 |
مەن ئېيتتىم: ــ «سىلەر ئىلاھلارسىلەر، ھەممىڭلار ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئوغۇللىرى سىلەر؛ |
لَكِنْ مِثْلَ ٱلنَّاسِ تَمُوتُونَ وَكَأَحَدِ ٱلرُّؤَسَاءِ تَسْقُطُونَ». | ٧ 7 |
شۇنداق بولسىمۇ سىلەر ئىنسانغا ئوخشاش ئۆلىسىلەر، ھەرقانداق ئەمىر-بەگكە ئوخشاشلا يىقىلىسىلەر». |
قُمْ يَا ٱللهُ. دِنِ ٱلْأَرْضَ، لِأَنَّكَ أَنْتَ تَمْتَلِكُ كُلَّ ٱلْأُمَمِ. | ٨ 8 |
ــ تۇرغىن، ئى خۇدا، يەر-يۈزىنى سوراق قىلغايسەن! چۈنكى سەن بارلىق ئەللەرگە ۋارىس بولغۇچىسەن! |