لِإِمَامِ ٱلْمُغَنِّينَ. قَصِيدَةٌ لِدَاوُدَ عِنْدَمَا جَاءَ دُوَاغُ اَلْأَدُومِيُّ وَأَخْبَرَ شَاوُلَ وَقَالَ لَهُ: «جَاءَ دَاوُدُ إِلَى بَيْتِ أَخِيمَالِكَ». لِمَاذَا تَفْتَخِرُ بِٱلشَّرِّ أَيُّهَا ٱلْجَبَّارُ؟ رَحْمَةُ ٱللهِ هِيَ كُلَّ يَوْمٍ! | ١ 1 |
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان «ماسقىل»؛ ئېدوملۇق دوئەگ سائۇل پادىشاھنىڭ يېنىغا بېرىپ: «داۋۇت ئاخىمەلەكنىڭ ئۆيىگە كىردى» دەپ ئايغاقچىلىق قىلغاندىن كېيىن يېزىلغان: ــ ئى نوچى باتۇر، نېمە ئۈچۈن رەزىللىكىڭدىن ماختىنىسەن؟ تەڭرىنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر. |
لِسَانُكَ يَخْتَرِعُ مَفَاسِدَ. كَمُوسَى مَسْنُونَةٍ يَعْمَلُ بِٱلْغِشِّ. | ٢ 2 |
ئۆتكۈر ئۇستىرا كەبى، تىلىڭ زەھەر چاچماقچى، ئۇ يالغانچىلىق توقۇۋاتىدۇ. |
أَحْبَبْتَ ٱلشَّرَّ أَكْثَرَ مِنَ ٱلْخَيْرِ، ٱلْكَذِبَ أَكْثَرَ مِنَ ٱلتَّكَلُّمِ بِٱلصِّدْقِ. سِلَاهْ. | ٣ 3 |
سەن ياخشىلىقنىڭ ئورنىدا يامانلىقنى، ھەق سۆزلەشنىڭ ئورنىدا يالغانچىلىقنى ياخشى كۆرىسەن؛ |
أَحْبَبْتَ كُلَّ كَلَامٍ مُهْلِكٍ، وَلِسَانِ غِشٍّ. | ٤ 4 |
ھامان ئادەمنى نابۇت قىلىدىغان سۆزلەرنى ياخشى كۆرىسەن، ئى ئالدامچى تىل! |
أَيْضًا يَهْدِمُكَ ٱللهُ إِلَى ٱلْأَبَدِ. يَخْطَفُكَ وَيَقْلَعُكَ مِنْ مَسْكَنِكَ، وَيَسْتَأْصِلُكَ مِنْ أَرْضِ ٱلْأَحْيَاءِ. سِلَاهْ. | ٥ 5 |
بەرھەق، تەڭرى ئوخشاشلا سېنى مەڭگۈگە يوقىتىدۇ؛ ئۇ سېنى تۇتۇۋالىدۇ، يەنى ئۆز چېدىرىڭدىن تارتىپ چىقىدۇ؛ تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدىن سېنى يىلتىزىڭدىن قومۇرۇپ تاشلايدۇ. سېلاھ. |
فَيَرَى ٱلصِّدِّيقُونَ وَيَخَافُونَ، وَعَلَيْهِ يَضْحَكُونَ: | ٦ 6 |
ھەققانىيلار بۇنى كۆرۈپ قورقۇشىدۇ، ۋە ئۇنى مەسخىرە قىلىپ كۈلۈپ: ــ |
«هُوَذَا ٱلْإِنْسَانُ ٱلَّذِي لَمْ يَجْعَلِ ٱللهَ حِصْنَهُ، بَلِ ٱتَّكَلَ عَلَى كَثْرَةِ غِنَاهُ وَٱعْتَزَّ بِفَسَادِهِ». | ٧ 7 |
«قاراڭلار، خۇدانى ئۆز يۆلەنچىسى قىلمىغان ئادەم، پەقەت ئۆز بايلىقلىرىنىڭ كۆپلۈكىگە تايانغان ئادەم؛ ئۇ ئاچ كۆزلۈكى بىلەن كۈچلەندى» ــ دەيدۇ. |
أَمَّا أَنَا فَمِثْلُ زَيْتُونَةٍ خَضْرَاءَ فِي بَيْتِ ٱللهِ. تَوَكَّلْتُ عَلَى رَحْمَةِ ٱللهِ إِلَى ٱلدَّهْرِ وَٱلْأَبَدِ. | ٨ 8 |
مەن بولسام خۇدانىڭ ئۆيىدە ئۆسكەن باراقسان زەيتۇن دەرەختەكمەن، مەن خۇدانىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىگە مەڭگۈگە تايىنىمەن. |
أَحْمَدُكَ إِلَى ٱلدَّهْرِ لِأَنَّكَ فَعَلْتَ، وَأَنْتَظِرُ ٱسْمَكَ فَإِنَّهُ صَالِحٌ قُدَّامَ أَتْقِيَائِكَ. | ٩ 9 |
مەن ساڭا ئەبەدىلئەبەد تەشەككۈر ئېيتىمەن؛ چۈنكى سەن بۇ ئىشلارنى قىلدىڭسەن؛ مۆمىن بەندىلىرىڭ ئالدىدا نامىڭغا تەلمۈرۈپ كۈتىمەن؛ مۇشۇنداق قىلىش ئەلادۇر. |