لِدَاوُدَ خَاصِمْ يَارَبُّ مُخَاصِمِيَّ. قَاتِلْ مُقَاتِلِيَّ. | ١ 1 |
داۋۇت يازغان كۈي: ــ ئى پەرۋەردىگار، مەن بىلەن ئېلىشقانلار بىلەن ئېلىشقايسەن؛ ماڭا جەڭ قىلغانلارغا جەڭ قىلغايسەن! |
أَمْسِكْ مِجَنًّا وَتُرْسًا وَٱنْهَضْ إِلَى مَعُونَتِي، | ٢ 2 |
قولۇڭغا سىپار ۋە قالقان ئالغىن؛ ماڭا ياردەمگە ئورنۇڭدىن تۇرغايسەن؛ |
وَأَشْرِعْ رُمْحًا وَصُدَّ تِلْقَاءَ مُطَارِدِيَّ. قُلْ لِنَفْسِي: «خَلَاصُكِ أَنَا». | ٣ 3 |
نەيزىنى سۇغۇرۇپ، مېنى قوغلاۋاتقانلارنىڭ يولىنى توسقايسەن؛ مېنىڭ جېنىمغا: «مەن سېنىڭ نىجاتلىقىڭدۇرمەن!» ــ دېگەيسەن! |
لِيَخْزَ وَلْيَخْجَلِ ٱلَّذِينَ يَطْلُبُونَ نَفْسِي. لِيَرْتَدَّ إِلَى ٱلْوَرَاءِ وَيَخْجَلِ ٱلْمُتَفَكِّرُونَ بِإِسَاءَتِي. | ٤ 4 |
مېنىڭ ھاياتىمغا چاڭ سالماقچى بولغانلار يەرگە قارىتىلىپ شەرمەندە بولغاي؛ ماڭا قەست ئەيلىگەنلەر كەينىگە ياندۇرۇلۇپ رەسۋا بولغاي. |
لِيَكُونُوا مِثْلَ ٱلْعُصَافَةِ قُدَّامَ ٱلرِّيحِ، وَمَلَاكُ ٱلرَّبِّ دَاحِرُهُمْ. | ٥ 5 |
ئۇلار گويا شامالدا ئۇچقان ساماندەك توزۇپ كەتكەي؛ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇلارنى تارقىتىۋەتكەي! |
لِيَكُنْ طَرِيقُهُمْ ظَلَامًا وَزَلَقًا، وَمَلَاكُ ٱلرَّبِّ طَارِدُهُمْ. | ٦ 6 |
ئۇلارنىڭ يولى قاراڭغۇ ۋە تېيىلغاق بولغاي، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇلارنى قوغلىۋەتكەي! |
لِأَنَّهُمْ بِلَا سَبَبٍ أَخْفَوْا لِي هُوَّةَ شَبَكَتِهِمْ. بِلَا سَبَبٍحَفَرُوا لِنَفْسِي. | ٧ 7 |
چۈنكى ئۇلار ماڭا ئورۇنسىز ئورا-تۇزاق تەييارلىدى؛ جېنىمنى سەۋەبسىز ئېلىشقا ئۇلار ئۇنى كولىدى. |
لِتَأْتِهِ ٱلتَّهْلُكَةُ وَهُوَ لَا يَعْلَمُ، وَلْتَنْشَبْ بِهِ ٱلشَّبَكَةُ ٱلَّتِي أَخْفَاهَا، وَفِي ٱلتَّهْلُكَةِ نَفْسِهَا لِيَقَعْ. | ٨ 8 |
ھالاكەت تۇيدۇرماستىن ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشكەي، ئۆزى يوشۇرۇن قۇرغان تورغا ئۆزى چۈشكەي، ھالاكەتكە يىقىلغاي. |
أَمَّا نَفْسِي فَتَفْرَحُ بِٱلرَّبِّ وَتَبْتَهِجُ بِخَلَاصِهِ. | ٩ 9 |
ئۇ چاغدا جېنىم پەرۋەردىگاردىن سۆيۈنىدۇ، ئۇنىڭ نىجاتلىق-قۇتقۇزۇشىدىن شادلىنىدۇ! |
جَمِيعُ عِظَامِي تَقُولُ: «يَارَبُّ، مَنْ مِثْلُكَ ٱلْمُنْقِذُ ٱلْمِسْكِينَ مِمَّنْ هُوَ أَقْوَى مِنْهُ، وَٱلْفَقِيرَ وَٱلْبَائِسَ مِنْ سَالِبِهِ؟». | ١٠ 10 |
مېنىڭ ھەممە ئۇستىخانلىرىم: ــ «ئى پەرۋەردىگار، كىممۇ ساڭا تەڭداش كېلەلىسۇن؟» ــ دەيدۇ، ــ «سەن ئېزىلگەن مۆمىنلەرنى كۈچلۈكلەرنىڭ چاڭگىلىدىن، ئېزىلگەنلەر ھەم يوقسۇللارنى ئۇلارنى بۇلىغۇچىلاردىن تارتىۋېلىپ قۇتقۇزىسەن». |
شُهُودُ زُورٍ يَقُومُونَ، وَعَمَّا لَمْ أَعْلَمْ يَسْأَلُونَنِي. | ١١ 11 |
ياۋۇز، يالغان گۇۋاھچىلار قوپۇپ، خەۋىرىم بولمىغان گۇناھلار بىلەن ئۈستۈمدىن شىكايەت قىلماقتا. |
يُجَازُونَنِي عَنِ ٱلْخَيْرِ شَرًّا، ثَكَلًا لِنَفْسِي. | ١٢ 12 |
ئۇلار مېنىڭ ياخشىلىقىمغا يامانلىق قىلىپ، مېنى پاناھسىز يېتىم قىلىپ قويغانىدى! |
أَمَّا أَنَا فَفِي مَرَضِهِمْ كَانَ لِبَاسِي مِسْحًا. أَذْلَلْتُ بِٱلصَّوْمِ نَفْسِي، وَصَلَاتِي إِلَى حِضْنِي تَرْجِعُ. | ١٣ 13 |
لېكىن مەن بولسام، ئۇلار كېسەل بولغاندا، بۆزنى يۆگەپ كىيىۋالدىم؛ ئۇلارنى دەپ روزا تۇتۇپ، ئۆزۈمنى تۆۋەن قىلدىم؛ ئەمدى دۇئايىم بولسا ھازىر باغرىمغا يېنىپ كەلدى! |
كَأَنَّهُ قَرِيبٌ، كَأَنَّهُ أَخِي كُنْتُ أَتَمَشَّى. كَمَنْ يَنُوحُ عَلَى أُمِّهِ ٱنْحَنَيْتُ حَزِينًا. | ١٤ 14 |
مەن بۇ ئىشلاردىن دوست ياكى قېرىندىشىمنىڭ بېشىغا چۈشكەن ئىشقا ئوخشاش مەيۈسلىنىپ يۈردۇم، مەن ئۆز ئانىسىغا ھازا تۇتقاندەك، بېشىمنى سېلىپ يۈردۈم. |
وَلَكِنَّهُمْ فِي ظَلْعِي فَرِحُوا وَٱجْتَمَعُوا. ٱجْتَمَعُوا عَلَيَّ شَاتِمِينَ وَلَمْ أَعْلَمْ. مَزَّقُوا وَلَمْ يَكُفُّوا. | ١٥ 15 |
بىراق مەن پۇتلىشىپ كەتكىنىمدە، ئۇلار خۇشال بولۇشۇپ كەتكەنىدى، بىر يەرگە جەم بولدى؛ دەرۋەقە جەم بولۇشۇپ مۇشۇ زوراۋانلار ماڭا قارشى چىقىشتى، بىراق خەۋىرىم يوق ئىدى. ئۇلار مېنى پارە-پارە قىلىش ئۈچۈن توختىماي زەربە بېرىشتى. |
بَيْنَ ٱلْفُجَّارِ ٱلْمُجَّانِ لِأَجْلِ كَعْكَةٍ حَرَّقُوا عَلَيَّ أَسْنَانَهُمْ. | ١٦ 16 |
خۇددى بىر چىشلەم پوشكال ئۈستىدە چاقچاق ۋە تالاش قىلغان خۇداسىزلاردەك، ئۇلار ماڭا چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ خىرىس قىلىشتى. |
يَارَبُّ، إِلَى مَتَى تَنْظُرُ؟ ٱسْتَرِدَّ نَفْسِي مِنْ تَهْلُكَاتِهِمْ، وَحِيدَتِي مِنَ ٱلْأَشْبَالِ. | ١٧ 17 |
ئى رەب، قاچانغىچە پەرۋا قىلمايسەن؟ جېنىمنى ئۇلارنىڭ ھالاكىتىدىن قۇتقۇزغايسەن، مېنىڭ بىردىنبىر ھاياتىمنى [مۇشۇ] يىرتقۇچ شىرلارنىڭ ئاغزىدىن تارتىۋالغايسەن! |
أَحْمَدُكَ فِي ٱلْجَمَاعَةِ ٱلْكَثِيرَةِ. فِي شَعْبٍ عَظِيمٍ أُسَبِّحُكَ. | ١٨ 18 |
زور جامائەت ئارىسىدا مەن ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمەن؛ نۇرغۇنلىغان خەلق ئارىسىدا سېنى مەدھىيىلەيمەن. |
لَا يَشْمَتْ بِي ٱلَّذِينَ هُمْ أَعْدَائِي بَاطِلًا، وَلَا يَتَغَامَزْ بِٱلْعَيْنِ ٱلَّذِينَ يُبْغِضُونَنِي بِلَا سَبَبٍ. | ١٩ 19 |
يالغان سەۋەب بىلەن ماڭا رەقىب بولغانلارنى ئۈستۈمدىن شادلاندۇرمىغايسەن؛ مەندىن سەۋەبسىز نەپرەتلەنگەنلەرنى ئۆزئارا كۆز قىسىشتۇرمىغايسەن! |
لِأَنَّهُمْ لَا يَتَكَلَّمُونَ بِٱلسَّلَامِ، وَعَلَى ٱلْهَادِئِينَ فِي ٱلْأَرْضِ يَتَفَكَّرُونَ بِكَلَامِ مَكْرٍ. | ٢٠ 20 |
ئۇلار دوستانە سۆز قىلمايدۇ، زېمىندىكى تىنچلىقپەرۋەرلەرگە پىتنە-ئىغۋا توقۇماقتا. |
فَغَرُوا عَلَيَّ أَفْوَاهَهُمْ. قَالُوا: «هَهْ! هَهْ!قَدْ رَأَتْ أَعْيُنُنَا». | ٢١ 21 |
ئۇلار ماڭا قاراپ ئېغىزىنى يوغان ئېچىپ: «ۋاي-ۋاي! كۈتكۈنىمىزنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈۋالدۇق!» ــ دېيىشىدۇ. |
قَدْ رَأَيْتَ يَارَبُّ، لَا تَسْكُتْ. يَا سَيِّدُ، لَا تَبْتَعِدْ عَنِّي. | ٢٢ 22 |
ئى پەرۋەردىگار، سەن بۇلارنى كۆرۈپ چىقتىڭ، سۈكۈت قىلمىغايسەن؛ ئى رەب، مەندىن ئۆزۈڭنى يىراقلاشتۇرمىغايسەن؛ |
ٱسْتَيْقِظْ وَٱنْتَبِهْ إِلَى حُكْمِي، يَا إِلَهِي وَسَيِّدِي إِلَى دَعْوَايَ. | ٢٣ 23 |
قوزغالغايسەن، مەن ئۈچۈن ھۆكۈم چىقىرىشقا ئويغانغايسەن، ئى مېنىڭ خۇدايىم ــ رەببىم! |
ٱقْضِ لِي حَسَبَ عَدْلِكَ يَارَبُّ إِلَهِي، فَلَا يَشْمَتُوا بِي. | ٢٤ 24 |
مېنىڭ ئىشىم ئۈستىدە ئۆز ھەققانىيلىقىڭ بويىچە ھۆكۈم چىقارغايسەن، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم؛ ئۇلارنى مېنىڭ [ئوڭۇشسىزلىقىمدىن] شادلاندۇرمىغايسەن! |
لَا يَقُولُوا فِي قُلُوبِهِمْ: «هَهْ! شَهْوَتُنَا». لَا يَقُولُوا: «قَدِ ٱبْتَلَعْنَاهُ!». | ٢٥ 25 |
ئۇلار كۆڭلىدە: «ۋاھ! ۋاھ! ئەجەب ئوبدان بولدى!» ــ دېيىشمىسۇن؛ ياكى: «ئۇنى يۇتۇۋەتتۇق!» ــ دېيىشمىسۇن. |
لِيَخْزَ وَلْيَخْجَلْ مَعًا ٱلْفَرِحُونَ بِمُصِيبَتِي. لِيَلْبِسِ ٱلْخِزْيَ وَٱلْخَجَلَ ٱلْمُتَعَظِّمُونَ عَلَيَّ. | ٢٦ 26 |
مېنىڭ زىيىنىمدىن خۇشال بولغانلار يەرگە قارىتىلىپ شەرمەندە بولغاي؛ مېنىڭدىن ئۆزلىرىنى ئۈستۈن تۇتقۇچىلارنىڭ كىيىم-كېچىكى خىجالەت ۋە نومۇسسۇزلۇق بولسۇن! |
لِيَهْتِفْ وَيَفْرَحِ ٱلْمُبْتَغُونَ حَقِّي، وَلْيَقُولُوا دَائِمًا: «لِيَتَعَظَّمِ ٱلرَّبُّ ٱلْمَسْرُورُ بِسَلَامَةِ عَبْدِهِ». | ٢٧ 27 |
مېنىڭ ھەققانىيلىقىمدىن سۆيۈنگەنلەر تەنتەنە قىلىپ شادلانسۇن! ئۇلار ھەمىشە: «ئۆز قۇلىنىڭ ئامان-ئېسەنلىكىگە سۆيۈنگەن پەرۋەردىگار ئۇلۇغلانسۇن!» ــ دېگەي. |
وَلِسَانِي يَلْهَجُ بِعَدْلِكَ. ٱلْيَوْمَ كُلَّهُ بِحَمْدِكَ. | ٢٨ 28 |
شۇ چاغدا مېنىڭ تىلىم كۈن بويى ھەققانىيلىقىڭ توغرۇلۇق سۆزلەيدۇ، مەدھىيىلەرنى ياڭرىتىدۇ. |