لِإِمَامِ ٱلْمُغَنِّينَ. مَزْمُورٌ لِدَاوُدَ اَلسَّمَاوَاتُ تُحَدِّثُ بِمَجْدِ ٱللهِ، وَٱلْفَلَكُ يُخْبِرُ بِعَمَلِ يَدَيْهِ. | ١ 1 |
داۋۇت يازغان كۈي: ــ ئەرشلەر تەڭرىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى جاكارلايدۇ، ئاسمان گۈمبىزى ئۇنىڭ قولى ياسىغانلىرىنى نامايان قىلىدۇ؛ |
يَوْمٌ إِلَى يَوْمٍ يُذِيعُ كَلَامًا، وَلَيْلٌ إِلَى لَيْلٍ يُبْدِي عِلْمًا. | ٢ 2 |
ئۇلارنىڭ سۆزلىرى كۈن-كۈنلەر دەريادەك ئېقىۋاتىدۇ؛ كېچە-كېچىلەپ ئۇلار بىلىمنى ئايان قىلىۋاتىدۇ. |
لَا قَوْلَ وَلَا كَلَامَ. لَا يُسْمَعُ صَوْتُهُمْ. | ٣ 3 |
تىلسىز ھەم ئاۋازسىز بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ساداسى [ئالەمگە] ئاڭلانماقتا. |
فِي كُلِّ ٱلْأَرْضِ خَرَجَ مَنْطِقُهُمْ، وَإِلَى أَقْصَى ٱلْمَسْكُونَةِ كَلِمَاتُهُمْ. جَعَلَ لِلشَّمْسِ مَسْكَنًا فِيهَا، | ٤ 4 |
ئۇلارنىڭ ئۆلچەم تانىسى يەر يۈزىدە تارتىلماقتا؛ ئۇلارنىڭ سۆزلىرى ئالەمنىڭ چېتىگىچە يەتمەكتە. ئۇلارنىڭ ئىچىدە [خۇدا] قۇياش ئۈچۈن چېدىر تىككەن، |
وَهِيَ مِثْلُ ٱلْعَرُوسِ ٱلْخَارِجِ مِنْ حَجَلَتِهِ. يَبْتَهِجُ مِثْلَ ٱلْجَبَّارِ لِلسِّبَاقِ فِي ٱلطَّرِيقِ. | ٥ 5 |
[قۇياش] ھۇجرىسىدىن تويغا چىققان يىگىتتەك چىقىدۇ، بەيگىگە چۈشىدىغان پالۋاندەك شادلىنىدۇ؛ |
مِنْ أَقْصَى ٱلسَّمَاوَاتِ خُرُوجُهَا، وَمَدَارُهَا إِلَى أَقَاصِيهَا، وَلَا شَيْءَ يَخْتَفِي مِنْ حَرِّهَا. | ٦ 6 |
ئاسمانلارنىڭ بىر چېتىدىن ئۆرلەيدۇ، جاھاننىڭ ئۇ چېتىگىچە چۆرگىلەيدۇ، ئۇنىڭ ھارارىتىدىن ھېچقانداق مەخلۇقات يوشۇرۇنالمايدۇ. |
نَامُوسُ ٱلرَّبِّ كَامِلٌ يَرُدُّ ٱلنَّفْسَ. شَهَادَاتُ ٱلرَّبِّ صَادِقَةٌ تُصَيِّرُ ٱلْجَاهِلَ حَكِيمًا. | ٧ 7 |
پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات-قانۇنى مۇكەممەلدۇر، ئۇ ئىنسان ۋۇجۇدىنى يېڭىلايدۇ؛ پەرۋەردىگار بەرگەن ھۆكۈم-گۇۋاھلار مۇقىم-ئىشەنچلىك ، ئۇ نادانلارنى دانا قىلىدۇ. |
وَصَايَا ٱلرَّبِّ مُسْتَقِيمَةٌ تُفَرِّحُ ٱلْقَلْبَ. أَمْرُ ٱلرَّبِّ طَاهِرٌ يُنِيرُ ٱلْعَيْنَيْنِ. | ٨ 8 |
پەرۋەردىگارنىڭ كۆرسەتمىلىرى دۇرۇس، ئۇ قەلبنى شادلاندۇرىدۇ؛ پەرۋەردىگارنىڭ پەرمانلىرى يورۇقلۇقتۇر، ئۇ كۆزلەرنى نۇرلاندۇرىدۇ. |
خَوْفُ ٱلرَّبِّ نَقِيٌّ ثَابِتٌ إِلَى ٱلْأَبَدِ. أَحْكَامُ ٱلرَّبِّ حَقٌّ عَادِلَةٌ كُلُّهَا. | ٩ 9 |
پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش پاك ئىشتۇر، ئۇ مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ؛ پەرۋەردىگارنىڭ ھۆكۈملىرى ھەقتۇر، ھەربىرى تامامەن ھەققانىيەتتۇر. |
أَشْهَى مِنَ ٱلذَّهَبِ وَٱلْإِبْرِيزِ ٱلْكَثِيرِ، وَأَحْلَى مِنَ ٱلْعَسَلِ وَقَطْرِ ٱلشِّهَادِ. | ١٠ 10 |
ئۇلار ئالتۇندىن، بەرھەق كۆپ ساپ ئالتۇندىن قىممەتلىكتۇر؛ ھەسەلدىن، ھەسەل جەۋھىرىدىن شېرىندۇر؛ |
أَيْضًا عَبْدُكَ يُحَذَّرُ بِهَا، وَفِي حِفْظِهَا ثَوَابٌ عَظِيمٌ. | ١١ 11 |
ئۇلار بىلەن قۇلۇڭ ئويغىتىلىدۇ؛ ئىنسان ئۇلارغا رىئايە قىلىشتا چىڭ تۇرسا چوڭ مۇكاپات باردۇر. |
اَلسَّهَوَاتُ مَنْ يَشْعُرُ بِهَا؟ مِنَ ٱلْخَطَايَا ٱلْمُسْتَتِرَةِ أَبْرِئْنِي. | ١٢ 12 |
كىم ئۆز خاتالىقلىرىنى بىلىپ يېتەلىسۇن؟ مېنى بىلىپ-بىلمەي قىلغان گۇناھلىرىمدىن ساقىت قىلغايسەن؛ |
أَيْضًا مِنَ ٱلْمُتَكَبِّرِينَ ٱحْفَظْ عَبْدَكَ فَلَا يَتَسَلَّطُوا عَلَيَّ. حِينَئِذٍ أَكُونُ كَامِلًا وَأَتَبَرَّأُ مِنْ ذَنْبٍ عَظِيمٍ. | ١٣ 13 |
ئۆز قۇل-چاكارىڭنى باشباشتاق گۇناھلاردىن تارتقايسەن؛ بۇ گۇناھلارنى ماڭا خوجايىن قىلدۇرمىغايسەن؛ شۇنىڭ بىلەن مەن قۇسۇرسىز بولىمەن، ئېغىر گۇناھتىن خالىي بولغايمەن. |
لِتَكُنْ أَقْوَالُ فَمِي وَفِكْرُ قَلْبِي مَرْضِيَّةً أَمَامَكَ يَارَبُّ، صَخْرَتِي وَوَلِيِّي. | ١٤ 14 |
ئى پەرۋەردىگار، مېنىڭ قورام تېشىم ۋە ھەمجەمەت-نىجاتكارىم، ئاغزىمدىكى سۆزلەر، قەلبىمدىكى ئويلىنىشلار نەزىرىڭدە مەقبۇل بولغاي! |