مَزْمُورٌ لِدَاوُدَ يَارَبُّ، ٱسْمَعْ صَلَاتِي، وَأَصْغِ إِلَى تَضَرُّعَاتِي. بِأَمَانَتِكَ ٱسْتَجِبْ لِي، بِعَدْلِكَ. | ١ 1 |
داۋۇت يازغان كۈي: ــ پەرۋەردىگار، دۇئايىمنى ئاڭلىغايسەن؛ يېلىنىشلىرىمغا قۇلاق سالغايسەن؛ ھەقىقەت-ساداقىتىڭدە ھەم ھەققانىيىتىڭدە ماڭا جاۋاب بەرگەيسەن. |
وَلَا تَدْخُلْ فِي ٱلْمُحَاكَمَةِ مَعَ عَبْدِكَ، فَإِنَّهُ لَنْ يَتَبَرَّرَ قُدَّامَكَ حَيٌّ. | ٢ 2 |
ئۆز قۇلۇڭنى سوراققا تارتىشقا تۇرمىغايسەن؛ چۈنكى نەزىرىڭدە تىرىكلەرنىڭ ھېچبىرى ھەققانىي ئىسپاتلانمايدۇ. |
لِأَنَّ ٱلْعَدُوَّ قَدِ ٱضْطَهَدَ نَفْسِي. سَحَقَ إِلَى ٱلْأَرْضِ حَيَاتِي. أَجْلَسَنِي فِي ٱلظُّلُمَاتِ مِثْلَ ٱلْمَوْتَى مُنْذُ ٱلدَّهْرِ. | ٣ 3 |
چۈنكى دۈشمەن جېنىمغا زىيانكەشلىك قىلماقتا، ئۇ ھاياتىمنى دەپسەندە قىلدى؛ مېنى خۇددى ئۆلگىلى ئۇزۇن بولغانلاردەك، قاراڭغۇ جايلاردا تۇرۇشقا مەجبۇر قىلىدۇ. |
أَعْيَتْ فِيَّ رُوحِي. تَحَيَّرَ فِي دَاخِلِي قَلْبِي. | ٤ 4 |
شۇڭا روھىم ئىچىمدە تۈگىشەي دەپ قالدى؛ ئىچىمدە قەلبىم سۇندى. |
تَذَكَّرْتُ أَيَّامَ ٱلْقِدَمِ. لَهِجْتُ بِكُلِّ أَعْمَالِكَ. بِصَنَائِعِ يَدَيْكَ أَتَأَمَّلُ. | ٥ 5 |
مەن قەدىمكى كۈنلەرنى ئەسلەيمەن؛ سېنىڭ بارلىق قىلغانلىرىڭ ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلىنىمەن؛ قوللىرىڭ ئىشلىگەنلىرىنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزىمەن. |
بَسَطْتُ إِلَيْكَ يَدَيَّ، نَفْسِي نَحْوَكَ كَأَرْضٍ يَابِسَةٍ. سِلَاهْ. | ٦ 6 |
قوللىرىمنى ساڭا قاراپ سوزۇپ ئىنتىلىمەن؛ جېنىم چاڭقىغان زېمىندەك ساڭا تەشنادۇر. سېلاھ. |
أَسْرِعْ أَجِبْنِي يَارَبُّ. فَنِيَتْ رُوحِي. لَا تَحْجُبْ وَجْهَكَ عَنِّي، فَأُشْبِهَ ٱلْهَابِطِينَ فِي ٱلْجُبِّ. | ٧ 7 |
ماڭا تېزدىن جاۋاب بەرگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ روھىم ھالىدىن كېتىدۇ؛ دىدارىڭنى مەندىن يوشۇرمىغايسەن؛ بولمىسا مەن ھاڭغا چۈشىدىغانلاردەك بولىمەن. |
أَسْمِعْنِي رَحْمَتَكَ فِي ٱلْغَدَاةِ، لِأَنِّي عَلَيْكَ تَوَكَّلْتُ. عَرِّفْنِي ٱلطَّرِيقَ ٱلَّتِي أَسْلُكُ فِيهَا، لِأَنِّي إِلَيْكَ رَفَعْتُ نَفْسِي. | ٨ 8 |
مېھىر-مۇھەببىتىڭنى تاڭ سەھەردە ئاڭلاتقايسەن؛ چۈنكى تايانغىنىم سەن؛ مېڭىشىم كېرەك بولغان يولنى ماڭا بىلدۈرگەيسەن؛ چۈنكى جېنىم ساڭا تەلمۈرۈپ قارايدۇ؛ |
أَنْقِذْنِي مِنْ أَعْدَائِي يَارَبُّ. إِلَيْكَ ٱلْتَجَأْتُ. | ٩ 9 |
مېنى قۇتۇلدۇرغايسەن، ئى پەرۋەردىگار، دۈشمەنلىرىمدىن؛ باشپاناھ ئىزدەپ سېنىڭ يېنىڭغا قاچىمەن. |
عَلِّمْنِي أَنْ أَعْمَلَ رِضَاكَ، لِأَنَّكَ أَنْتَ إِلَهِي. رُوحُكَ ٱلصَّالِحُ يَهْدِينِي فِي أَرْضٍ مُسْتَوِيَةٍ. | ١٠ 10 |
ئۆز ئىرادەڭگە ئەمەل قىلىشىمقا مېنى ئۆگەتكەيسەن؛ چۈنكى سەن مېنىڭ خۇدايىمدۇرسەن؛ سېنىڭ مېھرىبان روھىڭ مېنى تۈپتۈز زېمىندا يېتەكلىگەي؛ |
مِنْ أَجْلِ ٱسْمِكَ يَارَبُّ تُحْيِينِي. بِعَدْلِكَ تُخْرِجُ مِنَ ٱلضِّيقِ نَفْسِي، | ١١ 11 |
ئۆز نام-شۆھرىتىڭ ئۈچۈن مېنى جانلاندۇرغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ ئۆز ھەققانىيىتىڭدە جېنىمنى ئاۋارىچىلىكتىن ئازاد قىلغايسەن. |
وَبِرَحْمَتِكَ تَسْتَأْصِلُ أَعْدَائِي، وَتُبِيدُ كُلَّ مُضَايِقِي نَفْسِي، لِأَنِّي أَنَا عَبْدُكَ. | ١٢ 12 |
ھەم مېھىر-شەپقىتىڭدە دۈشمەنلىرىمنى ئۈزۈپ تاشلىۋەتكەيسەن؛ جېنىمنى خار قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى ھالاك قىلغايسەن؛ چۈنكى مەن سېنىڭ قۇلۇڭدۇرمەن. |