ثُمَّ كَلَّمَ ٱلرَّبُّ مُوسَى قَائِلًا: | ١ 1 |
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: — |
«أَرْسِلْ رِجَالًا لِيَتَجَسَّسُوا أَرْضَ كَنْعَانَ ٱلَّتِي أَنَا مُعْطِيهَا لِبَنِي إِسْرَائِيلَ. رَجُلًا وَاحِدًا لِكُلِّ سِبْطٍ مِنْ آبَائِهِ تُرْسِلُونَ. كُلُّ وَاحِدٍ رَئِيسٌ فِيهِمْ». | ٢ 2 |
مەن ئىسرائىللارغا مىراس قىلىپ بەرگەن قانائان زېمىنىنى چارلاپ كېلىشكە ئادەملەرنى ئەۋەتكىن؛ ھەربىر ئاتا جەمەتكە تەۋە قەبىلىدىن بىردىن ئادەم چىقىرىلسۇن، ئۇلار ئۆز قەبىلىسىدىكى ئەمىر بولسۇن، — دېدى. |
فَأَرْسَلَهُمْ مُوسَى مِنْ بَرِّيَّةِ فَارَانَ حَسَبَ قَوْلِ ٱلرَّبِّ. كُلُّهُمْ رِجَالٌ هُمْ رُؤَسَاءُ بَنِي إِسْرَائِيلَ، | ٣ 3 |
مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە، ئۇلارنى پاران چۆلىدىن يولغا سالدى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسرائىللارنىڭ باشلىرى ئىدى. |
وَهَذِهِ أَسْمَاؤُهُمْ: مِنْ سِبْطِ رَأُوبَيْنَ شَمُّوعُ بْنُ زَكُّورَ. | ٤ 4 |
تۆۋەندىكىلەر ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى: — رۇبەن قەبىلىسىدىن زاككۇرنىڭ ئوغلى شاممۇيا، |
مِنْ سِبْطِ شِمْعُونَ شَافَاطُ ٱبْنُ حُورِي. | ٥ 5 |
شىمېئون قەبىلىسىدىن خورىنىڭ ئوغلى شافات، |
مِنْ سِبْطِ يَهُوذَا كَالِبُ بْنُ يَفُنَّةَ. | ٦ 6 |
يەھۇدا قەبىلىسىدىن يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەب، |
مِنْ سِبْطِ يَسَّاكَرَ يَجْآلُ بْنُ يُوسُفَ. | ٧ 7 |
ئىسساكار قەبىلىسىدىن يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئىگال، |
مِنْ سِبْطِ أَفْرَايِمَ هُوشَعُ بْنُ نُونَ. | ٨ 8 |
ئەفرائىم قەبىلىسىدىن نۇننىڭ ئوغلى ھوشىيا، |
مِنْ سِبْطِ بَنْيَامِينَ فَلْطِي بْنُ رَافُو. | ٩ 9 |
بىنيامىن قەبىلىسىدىن رافۇنىڭ ئوغلى پالتى، |
مِنْ سِبْطِ زَبُولُونَ جَدِّيئِيلُ بْنُ سُودِي. | ١٠ 10 |
زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن سودىنىڭ ئوغلى گاددىيەل، |
مِنْ سِبْطِ يُوسُفَ مِنْ سِبْطِ مَنَسَّى جِدِّي بْنُ سُوسِي. | ١١ 11 |
يۈسۈپ قەبىلىسىدىن، يەنى ماناسسەھ قەبىلىسىدىن سۇسىنىڭ ئوغلى گاددى، |
مِنْ سِبْطِ دَانَ عَمِّيئِيلُ بْنُ جَمَلِّي. | ١٢ 12 |
دان قەبىلىسىدىن گىماللىنىڭ ئوغلى ئاممىيەل، |
مِنْ سِبْطِ أَشِيرَ سَتُورُ بْنُ مِيخَائِيلَ. | ١٣ 13 |
ئاشىر قەبىلىسىدىن مىكائىلنىڭ ئوغلى سەتۇر، |
مِنْ سِبْطِ نَفْتَالِي نَحْبِي بْنُ وَفْسِي. | ١٤ 14 |
نافتالى قەبىلىسىدىن ۋوفسىنىڭ ئوغلى ناھبى، |
مِنْ سِبْطِ جَادَ جَأُوئِيلُ بْنُ مَاكِي. | ١٥ 15 |
گاد قەبىلىسىدىن ماكىنىڭ ئوغلى گېئۇئەل. |
هَذِهِ أَسْمَاءُ ٱلرِّجَالِ ٱلَّذِينَ أَرْسَلَهُمْ مُوسَى لِيَتَجَسَّسُوا ٱلْأَرْضَ. وَدَعَا مُوسَى هُوشَعَ بْنَ نُونَ «يَشُوعَ». | ١٦ 16 |
مانا بۇلار مۇسا چارلاپ كېلىڭلار دەپ قانائان زېمىنىغا ئەۋەتكەن ئادەملەرنىڭ ئىسمى. مۇسا نۇننىڭ ئوغلى ھوشىيانى يەھوشۇيا دەپ ئاتىدى. |
فَأَرْسَلَهُمْ مُوسَى لِيَتَجَسَّسُوا أَرْضَ كَنْعَانَ، وَقَالَ لَهُمُ: «ٱصْعَدُوا مِنْ هُنَا إِلَى ٱلْجَنُوبِ وَٱطْلَعُوا إِلَى ٱلْجَبَلِ، | ١٧ 17 |
مۇسا ئۇلارنى چارلاپ كېلىشكە قانائانغا سەپەرۋەر قىلىپ: — سىلەر مۇشۇ يەردىن نەگەۋ چۆلى تەرەپكە قاراپ مېڭىڭلار، ئاندىن تاغلىق رايونغا چىقىڭلار. |
وَٱنْظُرُوا ٱلْأَرْضَ، مَا هِيَ: وَٱلشَّعْبَ ٱلسَّاكِنَ فِيهَا، أَقَوِيٌّ هُوَ أَمْ ضَعِيفٌ؟ قَلِيلٌ أَمْ كَثِيرٌ؟ | ١٨ 18 |
ئۇ يەرنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى، ئۇ يەردىكىلەرنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقىنى، ئاز ياكى كۆپلۈكىنى كۆرۈپ بېقىڭلار؛ |
وَكَيْفَ هِيَ ٱلْأَرْضُ ٱلَّتِي هُوَ سَاكِنٌ فِيهَا، أَجَيِّدَةٌ أَمْ رَدِيَّةٌ؟ وَمَا هِيَ ٱلْمُدُنُ ٱلَّتِي هُوَ سَاكِنٌ فِيهَا، أَمُخَيَّمَاتٌ أَمْ حُصُونٌ؟ | ١٩ 19 |
ئۇلار تۇرۇۋاتقان يەرنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى، ياخشى-يامانلىقىنى كۆرۈڭلار؛ ئۇلار تۇرۇۋاتقان شەھەرلەرنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى، بارگاھلىق شەھەر ياكى سېپىل-قەلئەلىك شەھەر ئىكەنلىكىنى؛ |
وَكَيْفَ هِيَ ٱلْأَرْضُ، أَسَمِينَةٌ أَمْ هَزِيلَةٌ؟ أَفِيهَا شَجَرٌ أَمْ لَا؟ وَتَشَدَّدُوا فَخُذُوا مِنْ ثَمَرِ ٱلْأَرْضِ». وَأَمَّا ٱلْأَيَّامُ فَكَانَتْ أَيَّامَ بَاكُورَاتِ ٱلْعِنَبِ. | ٢٠ 20 |
ئۇ يەرنىڭ مۇنبەت ياكى مۇنبەتسىز ئىكەنلىكىنى، دەل-دەرەخلىرىنىڭ بار-يوقلۇقىنى كۆرۈپ كېلىڭلار. يۈرەكلىكرەك بولۇپ، مېۋە-چىۋىلىرىدىن ئالغاچ كېلىڭلار، — دېدى. بۇ چاغ دەل ئۈزۈم پىشىپ قالغان ۋاقىت ئىدى. |
فَصَعِدُوا وَتَجَسَّسُوا ٱلْأَرْضَ مِنْ بَرِّيَّةِ صِينَ إِلَى رَحُوبَ فِي مَدْخَلِ حَمَاةَ. | ٢١ 21 |
ئۇلار شۇ تەرەپلەرگە چىقىپ، زېمىننى زىن چۆلىدىن تارتىپ تاكى ھامات ئېغىزىنىڭ يېنىدىكى رەھوبقىچە بېرىپ چارلاشتى. |
صَعِدُوا إِلَى ٱلْجَنُوبِ وَأَتَوْا إِلَى حَبْرُونَ. وَكَانَ هُنَاكَ أَخِيمَانُ وَشِيشَايُ وَتَلْمَايُ بَنُو عَنَاقٍ. وَأَمَّا حَبْرُونُ فَبُنِيَتْ قَبْلَ صُوعَنِ مِصْرَ بِسَبْعِ سِنِينَ. | ٢٢ 22 |
ئۇلار جەنۇب تەرەپتە ھېبرونغا باردى، ئۇ يەرلەردە ئاناقىيلارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئاھىمان، شىشاي، تالماي دېگەنلەر ئولتۇرۇشلۇق ئىدى. ئەسلىدە ھېبرون شەھىرى مىسىردىكى زوئان شەھىرىدىن يەتتە يىل ئىلگىرى ياسالغانىدى. |
وَأَتَوْا إِلَى وَادِي أَشْكُولَ، وَقَطَفُوا مِنْ هُنَاكَ زَرَجُونَةً بِعُنْقُودٍ وَاحِدٍ مِنَ ٱلْعِنَبِ، وَحَمَلُوهُ بِٱلدُّقْرَانَةِ بَيْنَ ٱثْنَيْنِ، مَعَ شَيْءٍ مِنَ ٱلرُّمَّانِ وَٱلتِّينِ. | ٢٣ 23 |
ئۇلار «ئەشكول جىلغىسى»غا كەلدى، ئۇ يەردە بىر ساپ ئۈزۈمى بار بىر ئۈزۈم شېخىنى كېسىپ، بىر بالداققا ئېسىپ ئىككى ئادەمگە كۆتۈرگۈزۈپ ماڭدى؛ ئۇلار ئازراق ئانار بىلەن ئەنجۈرمۇ ئېلىپ قايتىپ كەلدى. |
فَدُعِيَ ذَلِكَ ٱلْمَوْضِعُ «وَادِيَ أَشْكُولَ» بِسَبَبِ ٱلْعُنْقُودِ ٱلَّذِي قَطَعَهُ بَنُو إِسْرَائِيلَ مِنْ هُنَاكَ. | ٢٤ 24 |
ئىسرائىللار شۇ يەردە كېسىۋالغان ئەشۇ ئۈزۈم سەۋەبىدىن ئۇ يەر «ئەشكول جىلغىسى» ‹«[ئۈزۈم ساپىقى جىلغىسى]»› دەپ ئاتالدى. |
ثُمَّ رَجَعُوا مِنْ تَجَسُّسِ ٱلْأَرْضِ بَعْدَ أَرْبَعِينَ يَوْمًا. | ٢٥ 25 |
ئۇلار قىرىق كۈندىن كېيىن ئۇ يەرلەرنى چارلاپ تۈگىتىپ، قايتىپ كەلدى. |
فَسَارُوا حَتَّى أَتَوْا إِلَى مُوسَى وَهَارُونَ وَكُلِّ جَمَاعَةِ بَنِي إِسْرَائِيلَ، إِلَى بَرِّيَّةِ فَارَانَ، إِلَى قَادَشَ، وَرَدُّوا إِلَيْهِمَا خَبَرًا وَإِلَى كُلِّ ٱلْجَمَاعَةِ وَأَرَوْهُمْ ثَمَرَ ٱلْأَرْضِ. | ٢٦ 26 |
ئۇلار كېلىپ، پاران چۆللۈكىدىكى قادەشتە مۇسا، ھارۇن ۋە پۈتۈن ئىسرائىل جامائىتى بىلەن كۆرۈشتى. ئۇلار ئىككىيلەنگە ھەم پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتىگە مەلۇمات بەردى ھەم زېمىننىڭ مېۋىلىرىنى ئۇلارغا كۆرسەتتى. |
وَأَخْبَرُوهُ وَقَالُوا: «قَدْ ذَهَبْنَا إِلَى ٱلْأَرْضِ ٱلَّتِي أَرْسَلْتَنَا إِلَيْهَا، وَحَقًّا إِنَّهَا تَفِيضُ لَبَنًا وَعَسَلًا، وَهَذَا ثَمَرُهَا. | ٢٧ 27 |
ئۇلار مۇساغا مەلۇمات بېرىپ: — بىز ئۆزلىرى بېرىڭلار دېگەن يەرلەرگە باردۇق، راستتىنلا سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان يەر ئىكەن، مانا بۇلار شۇ يەرنىڭ مېۋىلىرى. |
غَيْرَ أَنَّ ٱلشَّعْبَ ٱلسَّاكِنَ فِي ٱلْأَرْضِ مُعْتَزٌّ، وَٱلْمُدُنُ حَصِينَةٌ عَظِيمَةٌ جِدًّا. وَأَيْضًا قَدْ رَأَيْنَا بَنِي عَنَاقَ هُنَاكَ. | ٢٨ 28 |
بىراق ئۇ يەردىكىلەر بەك كۈچتۈڭگۈر ئىكەن، شەھەرلەر سېپىللىق بولۇپ ھەم پۇختا-ھەيۋەتلىك ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىز ئۇ يەردە ئاناقىيلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىمۇ كۆردۇق. |
ٱلْعَمَالِقَةُ سَاكِنُونَ فِي أَرْضِ ٱلْجَنُوبِ، وَٱلْحِثِّيُّونَ وَٱلْيَبُوسِيُّونَ وَٱلْأَمُورِيُّونَ سَاكِنُونَ فِي ٱلْجَبَلِ، وَٱلْكَنْعَانِيُّونَ سَاكِنُونَ عِنْدَ ٱلْبَحْرِ وَعَلَى جَانِبِ ٱلْأُرْدُنِّ». | ٢٩ 29 |
ئامالەكلەر جەنۇب تەرەپتە تۇرىدىكەن؛ ھىتتىيلار، يەبۇسىيلار، ئامورىيلار تاغلاردا تۇرىدىكەن؛ قانائانىيلار دېڭىز بويلىرىدا ۋە ئىئوردان دەرياسى بويلىرىدا تۇرىدىكەن، — دېدى. |
لَكِنْ كَالِبُ أَنْصَتَ ٱلشَّعْبَ إِلَى مُوسَى وَقَالَ: «إِنَّنَا نَصْعَدُ وَنَمْتَلِكُهَا لِأَنَّنَا قَادِرُونَ عَلَيْهَا». | ٣٠ 30 |
كالەب مۇسانىڭ ئالدىدا كۆپچىلىكنى تىنچىتىپ: — بىز دەرھال ئاتلىنىپ بېرىپ ئۇ يەرنى ئىگىلەيلى! چۈنكى بىز چوقۇم غالىپ كېلىمىز — دېدى. |
وَأَمَّا ٱلرِّجَالُ ٱلَّذِينَ صَعِدُوا مَعَهُ فَقَالُوا: «لَا نَقْدِرْ أَنْ نَصْعَدَ إِلَى ٱلشَّعْبِ، لِأَنَّهُمْ أَشَدُّ مِنَّا». | ٣١ 31 |
لېكىن ئۇنىڭ بىلەن بىللە چىققان باشقىلار بولسا: — ئۇلار بىزدىن كۈچلۈك ئىكەن، شۇڭا ئۇلارغا ھۇجۇم قىلساق بولمايدۇ، — دېيىشتى. |
فَأَشَاعُوا مَذَمَّةَ ٱلْأَرْضِ ٱلَّتِي تَجَسَّسُوهَا، فِي بَنِي إِسْرَائِيلَ قَائِلِينَ: «ٱلْأَرْضُ ٱلَّتِي مَرَرْنَا فِيهَا لِنَتَجَسَّسَهَا هِيَ أَرْضٌ تَأْكُلُ سُكَّانَهَا، وَجَمِيعُ ٱلشَّعْبِ ٱلَّذِي رَأَيْنَا فِيهَا أُنَاسٌ طِوَالُ ٱلْقَامَةِ. | ٣٢ 32 |
ئاندىن چارلىغۇچىلار ئۆزلىرى چارلاپ كەلگەن زېمىننىڭ ئەھۋالىدىن ئىسرائىللارغا يامان مەلۇمات بېرىپ: — بىز كىرىپ چارلاپ ئۆتكەن زېمىن بولسا ئۆز ئاھالىسىنى يەيدىغان زېمىن ئىكەن؛ بىز ئۇ يەردە كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى يوغان ئادەملەر ئىكەن. |
وَقَدْ رَأَيْنَا هُنَاكَ ٱلْجَبَابِرَةَ، بَنِي عَنَاقٍ مِنَ ٱلْجَبَابِرَةِ. فَكُنَّا فِي أَعْيُنِنَا كَٱلْجَرَادِ، وَهَكَذَا كُنَّا فِي أَعْيُنِهِمْ». | ٣٣ 33 |
بىز ئۇ يەرلەردە «نەفىلىيلەر» دېگەن [گىگانت] ئادەملەرنى كۆردۇق ‹دەرۋەقە ئاناقىيلارنىڭ ئەۋلادلىرى نەفىلىيلەردىن چىققاندۇر›؛ بىز ئۆزىمىزگە قارىساق چېكەتكىدەك تۇرىدىكەنمىز، بىز ئۇلارغىمۇ شۇنداق كۆرىنىدىكەنمىز، — دېدى. |