وَقَالَ لَهُمُ: «ٱلْحَقَّ أَقُولُ لَكُمْ: إِنَّ مِنَ ٱلْقِيَامِ هَهُنَا قَوْمًا لَا يَذُوقُونَ ٱلْمَوْتَ حَتَّى يَرَوْا مَلَكُوتَ ٱللهِ قَدْ أَتَى بِقُوَّةٍ». | ١ 1 |
ئۇ ئۇلارغا يەنە: ــ مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، بۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىشتىن بۇرۇن جەزمەن خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ كۈچ-قۇدرەت بىلەن كەلگەنلىكىنى كۆرىدىغانلار باردۇر. |
وَبَعْدَ سِتَّةِ أَيَّامٍ أَخَذَ يَسُوعُ بُطْرُسَ وَيَعْقُوبَ وَيُوحَنَّا، وَصَعِدَ بِهِمْ إِلَى جَبَلٍ عَالٍ مُنْفَرِدِينَ وَحْدَهُمْ. وَتَغَيَّرَتْ هَيْئَتُهُ قُدَّامَهُمْ، | ٢ 2 |
ۋە ئالتە كۈندىن كېيىن، ئەيسا پېترۇس، ياقۇپ ۋە يۇھاننانى ئايرىپ ئېلىپ، ئېگىز بىر تاغقا چىقتى. ئۇ يەردە ئۇنىڭ سىياقى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۆزگىرىپ، |
وَصَارَتْ ثِيَابُهُ تَلْمَعُ بَيْضَاءَ جِدًّا كَٱلثَّلْجِ، لَا يَقْدِرُ قَصَّارٌ عَلَى ٱلْأَرْضِ أَنْ يُبَيِّضَ مِثْلَ ذَلِكَ. | ٣ 3 |
كىيىملىرى يەر يۈزىدىكى ھېچبىر ئاقارتقۇچىمۇ ئاقارتالمىغۇدەك دەرىجىدە پارقىراپ قاردەك ئاپئاق بولدى. |
وَظَهَرَ لَهُمْ إِيلِيَّا مَعَ مُوسَى، وَكَانَا يَتَكَلَّمَانِ مَعَ يَسُوعَ. | ٤ 4 |
ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا مۇسا ۋە ئىلياس [پەيغەمبەرلەر] تۇيۇقسىز كۆرۈندى؛ ئۇلار ئەيسا بىلەن سۆزلىشىۋاتقانىدى. |
فَجَعَلَ بُطْرُسُ يَقولُ لِيَسُوعَ: «يَا سَيِّدِي، جَيِّدٌ أَنْ نَكُونَ هَهُنَا. فَلْنَصْنَعْ ثَلَاثَ مَظَالَّ: لَكَ وَاحِدَةً، وَلِمُوسَى وَاحِدَةً، وَلِإِيلِيَّا وَاحِدَةً». | ٥ 5 |
پېترۇس بۇ ئىشقا جاۋابەن ئەيساغا: ــ ئۇستاز، بۇ يەردە بولغىنىمىز ئىنتايىن ياخشى بولدى! بىرىنى ساڭا، بىرىنى مۇساغا، يەنە بىرىنى ئىلياسقا ئاتاپ بۇ يەرگە ئۈچ كەپە ياسايلى! ــ دېدى |
لِأَنَّهُ لَمْ يَكُنْ يَعْلَمُ مَا يَتَكَلَّمُ بِهِ إِذْ كَانُوا مُرْتَعِبِينَ. | ٦ 6 |
(چۈنكى پېترۇس نېمە دېيىشىنى بىلمەي قالغانىدى، چۈنكى ئۇلار قورقۇنچقا چۆمۈپ كەتكەنىدى). |
وَكَانَتْ سَحَابَةٌ تُظَلِّلُهُمْ. فَجَاءَ صَوْتٌ مِنَ ٱلسَّحَابَةِ قَائِلًا: «هَذَا هُوَ ٱبْنِي ٱلْحَبِيبُ. لَهُ ٱسْمَعُوا». | ٧ 7 |
تۇيۇقسىز بىر پارچە بۇلۇت ئۇلارنى قاپلىۋالدى ۋە بۇلۇتتىن: «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇمدۇر؛ ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار!» دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. |
فَنَظَرُوا حَوْلَهُمْ بَغْتَةً وَلَمْ يَرَوْا أَحَدًا غَيْرَ يَسُوعَ وَحْدَهُ مَعَهُمْ. | ٨ 8 |
ئۇلار لاپپىدە ئەتراپىغا قارىشىۋىدى، لېكىن يەنە ھېچكىمنى كۆرمىدى، ئۆز يېنىدا پەقەت ئەيسانىلا كۆردى. |
وَفِيمَا هُمْ نَازِلُونَ مِنَ ٱلْجَبَلِ، أَوْصَاهُمْ أَنْ لَا يُحَدِّثُوا أَحَدًا بِمَا أَبْصَرُوا، إِلَّا مَتَى قَامَ ٱبْنُ ٱلْإِنْسَانِ مِنَ ٱلْأَمْوَاتِ. | ٩ 9 |
ئۇلار تاغدىن چۈشۈۋاتقاندا، ئەيسا ئۇلارغا، ئىنسانئوغلى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلمىگۈچە، كۆرگەنلىرىنى ھېچكىمگە ئېيتماسلىقنى ئەمر قىلىپ تاپىلىدى. |
فَحَفِظُوا ٱلْكَلِمَةَ لِأَنْفُسِهِمْ يَتَسَاءَلُونَ: «مَا هُوَ ٱلْقِيَامُ مِنَ ٱلْأَمْوَاتِ؟». | ١٠ 10 |
ئۇلار ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، «ئۆلۈمدىن تىرىلىش» دېگەننىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۆزئارا مۇلاھىزىلەشتى. |
فَسَأَلُوهُ قَائِليِنَ: «لِمَاذَا يَقُولُ ٱلْكَتَبَةُ: إِنَّ إِيلِيَّا يَنْبَغِي أَنْ يَأْتِيَ أَوَّلًا؟». | ١١ 11 |
ئۇلار ئۇنىڭدىن يەنە: ــ تەۋرات ئۇستازلىرى نېمە ئۈچۈن: «ئىلياس [پەيغەمبەر مەسىھ كېلىشتىن] ئاۋۋال قايتىپ كېلىشى كېرەك» دېيىشىدۇ؟ ــ دەپ سوراشتى. |
فَأَجَابَ وَقَالَ لَهُمْ: «إِنَّ إِيلِيَّا يَأْتِي أَوَّلًا وَيَرُدُّ كُلَّ شَيْءٍ. وَكَيْفَ هُوَ مَكْتُوبٌ عَنِ ٱبْنِ ٱلْإِنْسَانِ أَنْ يَتَأَلَّمَ كَثِيرًا وَيُرْذَلَ. | ١٢ 12 |
ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن: ــ ئىلياس [پەيغەمبەر] دەرۋەقە [مەسىھتىن] ئاۋۋال كېلىدۇ، ئاندىن ھەممە ئىشنى ئورنىغا كەلتۈرىدۇ؛ ئەمدى نېمىشقا مۇقەددەس يازمىلاردا ئىنسانئوغلى كۆپ ئازاب-ئوقۇبەت چېكىدۇ ۋە خورلىنىدۇ، دەپ پۈتۈلگەن؟ |
لَكِنْ أَقُولُ لَكُمْ: إِنَّ إِيلِيَّا أَيْضًا قَدْ أَتَى، وَعَمِلُوا بِهِ كُلَّ مَا أَرَادُوا، كَمَا هُوَ مَكْتُوبٌ عَنْهُ». | ١٣ 13 |
لېكىن مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، ئىلياس [پەيغەمبەر] دەرھەقىقەت كەلدى ۋە دەل مۇقەددەس يازمىلاردا ئۇ ھەققىدە پۈتۈلگەندەك، كىشىلەر ئۇنىڭغا نېمىنى خالىسا شۇنداق قىلدى. |
وَلَمَّا جَاءَ إِلَى ٱلتَّلَامِيذِ رَأَى جَمْعًا كَثِيرًا حَوْلَهُمْ وَكَتَبَةً يُحَاوِرُونَهُمْ. | ١٤ 14 |
ئۇلار مۇخلىسلارنىڭ يېنىغا قايتىپ بارغىنىدا، زور بىر توپ ئادەملەرنىڭ ئۇلارنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋالغانلىقىنى، بىرنەچچە تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭ ئۇلار بىلەن مۇنازىرە قىلىشىۋاتقانلىقىنى كۆردى. |
وَلِلْوَقْتِ كُلُّ ٱلْجَمْعِ لَمَّا رَأَوْهُ تَحَيَّرُوا، وَرَكَضُوا وَسَلَّمُوا عَلَيْهِ. | ١٥ 15 |
ئۇنى كۆرگەن پۈتۈن خالايىق ئىنتايىن ھەيران بولۇشتى ۋە يۈگۈرۈپ كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن سالاملاشتى. |
فَسَأَلَ ٱلْكَتَبَةَ: «بِمَاذَا تُحَاوِرُونَهُمْ؟» | ١٦ 16 |
ئۇ ئۇلاردىن: ــ ئۇلار بىلەن نېمە توغرۇلۇق مۇنازىرە قىلىشىۋاتىسىلەر، ــ دەپ سورىدى. |
فَأَجَابَ وَاحِدٌ مِنَ ٱلْجَمْعِ وَقَالَ: «يَا مُعَلِّمُ، قَدْ قَدَّمْتُ إِلَيْكَ ٱبْنِي بِهِ رُوحٌ أَخْرَسُ، | ١٧ 17 |
خالايىقتىن بىرەيلەن ئۇنىڭغا: ــ ئۇستاز، مەن ئوغلۇمنى سېنىڭ ئالدىڭغا ئېلىپ كەلدىم، چۈنكى ئۇنىڭغا گاچا قىلغۇچى بىر روھ چاپلىشىۋالغان. |
وَحَيْثُمَا أَدْرَكَهُ يُمَزِّقْهُ فَيُزْبِدُ وَيَصِرُّ بِأَسْنَانِهِ وَيَيْبَسُ. فَقُلْتُ لِتَلَامِيذِكَ أَنْ يُخْرِجُوهُ فَلَمْ يَقْدِرُوا». | ١٨ 18 |
ھەر قېتىم روھ ئۇنى چىرمىۋالسا، ئۇنى تارتىشتۇرۇپ يىقىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بالىنىڭ ئاغزى كۆپۈكلىشىپ، چىشلىرى كىرىشىپ كېتىدۇ؛ قاقشال بولۇپ قالىدۇ. مۇخلىسلىرىڭدىن جىننى ھەيدىۋەتكەيسىلەر دەپ تىلىدىم، بىراق ئۇلار قىلالمىدى، ــ دېدى. |
فَأَجَابَ وَقَالَ لَهُمْ: «أَيُّهَا ٱلْجِيلُ غَيْرُ ٱلْمُؤْمِنِ، إِلَى مَتَى أَكُونُ مَعَكُمْ؟ إِلَى مَتَى أَحْتَمِلُكُمْ؟ قَدِّمُوهُ إِلَيَّ!». | ١٩ 19 |
ئۇ جاۋابەن: ــ ئەي ئېتىقادسىز دەۋر، سىلەر بىلەن قاچانغىچە تۇراي؟! مەن سىلەرگە يەنە قاچانغىچە سەۋر قىلاي؟ ــ بالىنى ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار ــ دېدى. |
فَقَدَّمُوهُ إِلَيْهِ. فَلَمَّا رَآهُ لِلْوَقْتِ صَرَعَهُ ٱلرُّوحُ، فَوَقَعَ عَلَى ٱلْأَرْضِ يَتَمَرَّغُ وَيُزْبِدُ. | ٢٠ 20 |
ئۇلار بالىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ئەيسانى كۆرۈش بىلەنلا روھ بالىنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى تارتىشتۇرۇۋەتتى. بالا يىقىلىپ، ئاغزىدىن كۆپۈك چىققان پېتى يەردە يۇمىلاپ كەتتى. |
فَسَأَلَ أَبَاهُ: «كَمْ مِنَ ٱلزَّمَانِ مُنْذُ أَصَابَهُ هَذَا؟». فَقَالَ: «مُنْذُ صِبَاهُ. | ٢١ 21 |
ئۇ بالىنىڭ ئاتىسىدىن: ــ بۇ ئىش بېشىغا كەلگىنىگە قانچە ئۇزۇن بولدى؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ كىچىكىدىن تارتىپ شۇنداق، |
وَكَثِيرًا مَا أَلْقَاهُ فِي ٱلنَّارِ وَفِي ٱلْمَاءِ لِيُهْلِكَهُ. لَكِنْ إِنْ كُنْتَ تَسْتَطِيعُ شَيْئًا فَتَحَنَّنْ عَلَيْنَا وَأَعِنَّا». | ٢٢ 22 |
جىن ئۇنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن كۆپ قېتىم ئوتقا ۋە سۇغا تاشلىدى. ئەمدى بىر ئامال قىلالىساڭ، بىزگە ئىچ ئاغرىتىپ شاپائەت قىلغايسەن! ــ دېدى. |
فَقَالَ لَهُ يَسُوعُ: «إِنْ كُنْتَ تَسْتَطِيعُ أَنْ تُؤْمِنَ. كُلُّ شَيْءٍ مُسْتَطَاعٌ لِلْمُؤْمِنِ». | ٢٣ 23 |
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ «قىلالىساڭ!» دەيسەنغۇ! ئىشەنچتە بولغان ئادەمگە ھەممە ئىش مۇمكىندۇر! ــ دېدى. |
فَلِلْوَقْتِ صَرَخَ أَبُو ٱلْوَلَدِ بِدُمُوعٍ وَقَالَ: «أُومِنُ يَا سَيِّدُ، فَأَعِنْ عَدَمَ إِيمَانِي». | ٢٤ 24 |
بالىنىڭ ئاتىسى دەرھال: ــ مەن ئىشىنىمەن؛ ئىشەنچسىزلىكىمگە مەدەت قىلغايسەن! ــ دېدى يىغلاپ نىدا قىلىپ. |
فَلَمَّا رَأَى يَسُوعُ أَنَّ ٱلْجَمْعَ يَتَرَاكَضُونَ، ٱنْتَهَرَ ٱلرُّوحَ ٱلنَّجِسَ قَائِلًا لَهُ: «أَيُّهَا ٱلرُّوحُ ٱلْأَخْرَسُ ٱلْأَصَمُّ، أَنَا آمُرُكَ: ٱخْرُجْ مِنْهُ وَلَا تَدْخُلْهُ أَيْضًا!». | ٢٥ 25 |
ئەمدى ئەيسا كۆپچىلىكنىڭ يۈگۈرۈشۈپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ھېلىقى ناپاك روھقا تەنبىھ بېرىپ: ــ ئەي ئادەمنى گاس ۋە گاچا قىلغۇچى روھ! بۇيرۇق قىلىمەنكى، ئۇنىڭدىن چىق، ئىككىنچى كىرگۈچى بولما! ــ دېدى. |
فَصَرَخَ وَصَرَعَهُ شَدِيدًا وَخَرَجَ. فَصَارَ كَمَيْتٍ، حَتَّى قَالَ كَثِيرُونَ: «إِنَّهُ مَاتَ!». | ٢٦ 26 |
شۇ ھامان جىن بىر چىرقىرىدى-دە، بالىنى دەھشەتلىك تارتىشتۇرۇپ، ئۇنىڭدىن چىقىپ كەتتى. بالا ئۆلۈكتەك يېتىپ قالدى، خالايىقنىڭ كۆپىنچىسى «ئۇ ئۆلدى!» دېيىشتى. |
فَأَمْسَكَهُ يَسُوعُ بِيَدِهِ وَأَقَامَهُ، فَقَامَ. | ٢٧ 27 |
لېكىن ئەيسا بالىنى قولىدىن تۇتۇپ يۆلىدى، بالا ئورنىدىن تۇردى. |
وَلَمَّا دَخَلَ بَيْتًا سَأَلَهُ تَلَامِيذُهُ عَلَى ٱنْفِرَادٍ: «لِمَاذَا لَمْ نَقْدِرْ نَحْنُ أَنْ نُخْرِجَهُ؟». | ٢٨ 28 |
ئەيسا ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، مۇخلىسلىرى ئۇنىڭ بىلەن يالغۇز قالغاندا ئۇنىڭدىن: ــ بىز نېمە ئۈچۈن جىننى ھەيدىۋېتەلمىدۇق؟ ــ دەپ سوراشتى. |
فَقَالَ لَهُمْ: «هَذَا ٱلْجِنْسُ لَا يُمْكِنُ أَنْ يَخْرُجَ بِشَيْءٍ إِلَّا بِٱلصَّلَاةِ وَٱلصَّوْمِ». | ٢٩ 29 |
ئۇ ئۇلارغا: ــ بۇ خىل [جىن] دۇئا ۋە روزىدىن باشقا يول بىلەن چىقىرىلماس، ــ دېدى. |
وَخَرَجُوا مِنْ هُنَاكَ وَٱجْتَازُوا ٱلْجَلِيلَ، وَلَمْ يُرِدْ أَنْ يَعْلَمَ أَحَدٌ، | ٣٠ 30 |
ئۇلار شۇ يەردىن ئايرىلىپ، گالىلىيەدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. بىراق ئۇ بۇنى ھېچكىمنىڭ بىلىشىنى خالىمايتتى. |
لِأَنَّهُ كَانَ يُعَلِّمُ تَلَامِيذَهُ وَيَقُولُ لَهُمْ: «إِنَّ ٱبْنَ ٱلْإِنْسَانِ يُسَلَّمُ إِلَى أَيْدِي ٱلنَّاسِ فَيَقْتُلُونَهُ. وَبَعْدَ أَنْ يُقْتَلَ يَقُومُ فِي ٱلْيَوْمِ ٱلثَّالِثِ». | ٣١ 31 |
چۈنكى ئۇ مۇخلىسلىرىغا: ــ ئىنسانئوغلى ئىنسانلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلۇپ، ئۇلار ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ. ئۆلتۈرۈلۈپ ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۇ تىرىلىدۇ، ــ دېگەن تەلىمنى بېرىۋاتاتتى. |
وَأَمَّا هُمْ فَلَمْ يَفْهَمُوا ٱلْقَوْلَ، وَخَافُوا أَنْ يَسْأَلُوهُ. | ٣٢ 32 |
لېكىن [مۇخلىسلار] بۇ سۆزنى چۈشەنمىدى ھەمدە ئۇنىڭدىن سوراشقىمۇ پېتىنالمىدى. |
وَجَاءَ إِلَى كَفْرِنَاحُومَ. وَإِذْ كَانَ فِي ٱلْبَيْتِ سَأَلَهُمْ: «بِمَاذَا كُنْتُمْ تَتَكَالَمُونَ فِيمَا بَيْنَكُمْ فِي ٱلطَّرِيقِ؟». | ٣٣ 33 |
ئۇ كەپەرناھۇم شەھىرىگە كەلدى. ئۆيگە كىرگەندە ئۇ ئۇلاردىن: ــ يولدا نېمە توغرىسىدا مۇلاھىزىلەشتىڭلار؟ ــ دەپ سورىدى. |
فَسَكَتُوا، لِأَنَّهُمْ تَحَاجُّوا فِي ٱلطَّرِيقِ بَعْضُهُمْ مَعَ بَعْضٍ فِي مَنْ هُوَ أَعْظَمُ. | ٣٤ 34 |
لېكىن ئۇلار شۈك تۇردى، چۈنكى ئۇلار يولدا قايسىمىز ئەڭ ئۇلۇغ دەپ بىر-بىرى بىلەن مۇلاھىزىلەشكەنىدى. |
فَجَلَسَ وَنَادَى ٱلِٱثْنَيْ عَشَرَ وَقَالَ لَهُمْ: «إِذَا أَرَادَ أَحَدٌ أَنْ يَكُونَ أَوَّلًا فَيَكُونُ آخِرَ ٱلْكُلِّ وَخَادِمًا لِلْكُلِّ». | ٣٥ 35 |
ئۇ ئولتۇرۇپ، ئون ئىككەيلەننى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا: ــ كىم بىرىنچى بولۇشنى ئىستىگەن بولسا، شۇ ھەممەيلەننىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى ۋە ھەممەيلەننىڭ خىزمەتكارى بولسۇن، ــ دېدى. |
فَأَخَذَ وَلَدًا وَأَقَامَهُ فِي وَسْطِهِمْ ثُمَّ ٱحْتَضَنَهُ وَقَالَ لَهُمْ: | ٣٦ 36 |
ئاندىن ئۇ كىچىك بىر بالىنى ئوتتۇرىدا تۇرغۇزدى ۋە ئۇنى قۇچىقىغا ئېلىپ تۇرۇپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: |
«مَنْ قَبِلَ وَاحِدًا مِنْ أَوْلَادٍ مِثْلَ هَذَا بِٱسْمِي يَقْبَلُنِي، وَمَنْ قَبِلَنِي فَلَيْسَ يَقْبَلُنِي أَنَا بَلِ ٱلَّذِي أَرْسَلَنِي». | ٣٧ 37 |
ــ كىم مېنىڭ نامىمدا مۇشۇنداق كىچىك بالىنى قوبۇل قىلسا، مېنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ. كىم مېنى قوبۇل قىلسا، ئۇ مېنى ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكۈچىنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ. |
فَأَجَابَهُ يُوحَنَّا قَائِلًا: «يَا مُعَلِّمُ، رَأَيْنَا وَاحِدًا يُخْرِجُ شَيَاطِينَ بِٱسْمِكَ وَهُوَ لَيْسَ يَتْبَعُنَا، فَمَنَعْنَاهُ لِأَنَّهُ لَيْسَ يَتْبَعُنَا». | ٣٨ 38 |
يۇھاننا ئۇنىڭغا: ــ ئۇستاز، سېنىڭ نامىڭ بىلەن جىنلارنى ھەيدەۋاتقان بىرسىنى كۆردۇق. لېكىن ئۇ بىز بىلەن بىرگە ساڭا ئەگەشكەنلەردىن بولمىغاچقا، ئۇنى توستۇق، ــ دېدى. |
فَقَالَ يَسُوعُ: «لَا تَمْنَعُوهُ، لِأَنَّهُ لَيْسَ أَحَدٌ يَصْنَعُ قُوَّةً بِٱسْمِي وَيَسْتَطِيعُ سَرِيعًا أَنْ يَقُولَ عَلَيَّ شَرًّا. | ٣٩ 39 |
لېكىن ئەيسا: ــ ئۇنى توسماڭلار. چۈنكى مېنىڭ نامىم بىلەن بىر مۆجىزە ياراتقان بىرسى ئارقىدىنلا مېنىڭ ئۈستۈمدىن يامان گەپ قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. |
لِأَنَّ مَنْ لَيْسَ عَلَيْنَا فَهُوَ مَعَنَا. | ٤٠ 40 |
چۈنكى بىزگە قارشى تۇرمىغانلار بىزنى قوللىغانلاردۇر. |
لِأَنَّ مَنْ سَقَاكُمْ كَأْسَ مَاءٍ بِٱسْمِي لِأَنَّكُمْ لِلْمَسِيحِ، فَٱلْحَقَّ أَقُولُ لَكُمْ: إِنَّهُ لَا يُضِيعُ أَجْرَهُ. | ٤١ 41 |
چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، مېنىڭ نامىمدا سىلەرگە ھەتتا بىرەر پىيالە سۇ بەرگەن كىشىمۇ ئۆز ئىنئامىغا ئېرىشمەي قالمايدۇ. |
«وَمَنْ أَعْثَرَ أَحَدَ ٱلصِّغَارِ ٱلْمُؤْمِنِينَ بِي، فَخَيْرٌ لَهُ لَوْ طُوِّقَ عُنُقُهُ بِحَجَرِ رَحًى وَطُرِحَ فِي ٱلْبَحْرِ. | ٤٢ 42 |
لېكىن ماڭا ئېتىقاد قىلغان بۇنداق كىچىكلەردىن بىرىنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان ھەرقانداق ئادەمنى، ئۇ بوينىغا يوغان تۈگمەن تېشى ئېسىلغان ھالدا دېڭىزغا تاشلىۋېتىلگىنى ئەۋزەل بولاتتى. |
وَإِنْ أَعْثَرَتْكَ يَدُكَ فَٱقْطَعْهَا. خَيْرٌ لَكَ أَنْ تَدْخُلَ ٱلْحَيَاةَ أَقْطَعَ مِنْ أَنْ تَكُونَ لَكَ يَدَانِ وَتَمْضِيَ إِلَى جَهَنَّمَ، إِلَى ٱلنَّارِ ٱلَّتِي لَا تُطْفَأُ. (Geenna g1067) | ٤٣ 43 |
ئەگەر ئەمدى قولۇڭ سېنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرسا، ئۇنى كېسىپ تاشلىۋەت. چۈنكى ئىككى قولۇڭ بار ھالدا دوزاخقا، يەنى ئۆچۈرۈلمەس ئوتقا كىرگىنىڭدىن كۆرە، چولاق ھالدا ھاياتلىققا كىرگىنىڭ ئەۋزەلدۇر. (Geenna g1067) |
حَيْثُ دُودُهُمْ لَا يَمُوتُ وَٱلنَّارُ لَا تُطْفَأُ. | ٤٤ 44 |
چۈنكى دوزاختا شۇلارنى [يەيدىغان] قۇرت-قوڭغۇزلار ئۆلمەيدۇ، يالقۇنلۇق ئوت ئۆچمەيدۇ. |
وَإِنْ أَعْثَرَتْكَ رِجْلُكَ فَٱقْطَعْهَا. خَيْرٌ لَكَ أَنْ تَدْخُلَ ٱلْحَيَاةَ أَعْرَجَ مِنْ أَنْ تَكُونَ لَكَ رِجْلَانِ وَتُطْرَحَ فِي جَهَنَّمَ فِي ٱلنَّارِ ٱلَّتِي لَا تُطْفَأُ. (Geenna g1067) | ٤٥ 45 |
ئەگەر ئەمدى پۇتۇڭ سېنى [گۇناھقا] پۇتلاشتۇرسا، ئۇنى كېسىپ تاشلىۋەت. چۈنكى ئىككى پۇتۇڭ بار ھالدا دوزاخقا، يەنى ئۆچۈرۈلمەس ئوتقا تاشلانغىنىڭدىن كۆرە، توكۇر ھالدا ھاياتلىققا كىرگىنىڭ ئەۋزەل. (Geenna g1067) |
حَيْثُ دُودُهُمْ لَا يَمُوتُ وَٱلنَّارُ لَا تُطْفَأُ. | ٤٦ 46 |
چۈنكى دوزاختا شۇلارنى [يەيدىغان] قۇرت-قوڭغۇزلار ئۆلمەيدۇ، يالقۇنلۇق ئوت ئۆچمەيدۇ. |
وَإِنْ أَعْثَرَتْكَ عَيْنُكَ فَٱقْلَعْهَا. خَيْرٌ لَكَ أَنْ تَدْخُلَ مَلَكُوتَ ٱللهِ أَعْوَرَ مِنْ أَنْ تَكُونَ لَكَ عَيْنَانِ وَتُطْرَحَ فِي جَهَنَّمِ ٱلنَّارِ. (Geenna g1067) | ٤٧ 47 |
ئەگەر كۆزۈڭ سېنى [گۇناھقا] پۇتلاشتۇرسا، ئۇنى ئويۇپ تاشلىۋەت. ئىككى كۆزۈڭ بار ھالدا ئوتلۇق دوزاخقا تاشلانغىنىڭدىن كۆرە، سىڭار كۆزلۈك بولۇپ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرگىنىڭ ئەۋزەل. (Geenna g1067) |
حَيْثُ دُودُهُمْ لَا يَمُوتُ وَٱلنَّارُ لَا تُطْفَأُ. | ٤٨ 48 |
چۈنكى دوزاختا شۇلارنى [يەيدىغان] قۇرت-قوڭغۇزلار ئۆلمەيدۇ، يالقۇنلۇق ئوت ئۆچمەيدۇ. |
لِأَنَّ كُلَّ وَاحِدٍ يُمَلَّحُ بِنَارٍ، وَكُلَّ ذَبِيحَةٍ تُمَلَّحُ بِمِلْحٍ. | ٤٩ 49 |
ھەممە ئادەم ئوت بىلەن تۇزلىنىدۇ ۋە ھەربىر قۇربانلىق تۇز بىلەن تۇزلىنىدۇ. |
اَلْمِلْحُ جَيِّدٌ. وَلَكِنْ إِذَا صَارَ ٱلْمِلْحُ بِلَا مُلُوحَةٍ، فَبِمَاذَا تُصْلِحُونَهُ؟ لِيَكُنْ لَكُمْ فِي أَنْفُسِكُمْ مِلْحٌ، وَسَالِمُوا بَعْضُكُمْ بَعْضًا». | ٥٠ 50 |
تۇز ياخشى نەرسىدۇر. ھالبۇكى، ئەگەر تۇز ئۆز تۇزلۇقىنى يوقاتسا، ئۇنىڭغا قايتىدىن تۇز تەمىنى قانداقمۇ كىرگۈزگىلى بولىدۇ؟ ئۆزۈڭلاردا تۇز تېپىلسۇن ۋە بىر-بىرىڭلار بىلەن ئىناقلىقتا ئۆتۈڭلار. |