ثُمَّ دَخَلَ كَفْرَنَاحُومَ أَيْضًا بَعْدَ أَيَّامٍ، فَسُمِعَ أَنَّهُ فِي بَيْتٍ. | ١ 1 |
بىرنەچچە كۈندىن كېيىن ئۇ قايتىدىن كەپەرناھۇمغا كىردى. ئۇ ئۆيدىكەن، دېگەن خەۋەر تارقىلىۋىدى، |
وَلِلْوَقْتِ ٱجْتَمَعَ كَثِيرُونَ حَتَّى لَمْ يَعُدْ يَسَعُ وَلَا مَا حَوْلَ ٱلْبَابِ. فَكَانَ يُخَاطِبُهُمْ بِٱلْكَلِمَةِ. | ٢ 2 |
شۇنچە كۆپ ئادەم ئۇ يەرگە يىغىلدىكى، ھەتتا ئىشىك ئالدىدىمۇ پۇت دەسسىگۈدەك يەر قالمىغانىدى. ئۇ ئۇلارغا سۆز-كالام يەتكۈزۈۋاتاتتى. |
وَجَاءُوا إِلَيْهِ مُقَدِّمِينَ مَفْلُوجًا يَحْمِلُهُ أَرْبَعَةٌ. | ٣ 3 |
مانا شۇ ئەسنادا، بىرنەچچە ئادەم ئۇنىڭ ئالدىغا بىر پالەچنى ئېلىپ كەلدى؛ ئۇنى ئۇلاردىن تۆتى كۆتۈرۈپ ئەكەلگەنىدى. |
وَإِذْ لَمْ يَقْدِرُوا أَنْ يَقْتَرِبُوا إِلَيْهِ مِنْ أَجْلِ ٱلْجَمْعِ، كَشَفُوا ٱلسَّقْفَ حَيْثُ كَانَ. وَبَعْدَ مَا نَقَبُوهُ دَلَّوْا ٱلسَّرِيرَ ٱلَّذِي كَانَ ٱلْمَفْلُوجُ مُضْطَجِعًا عَلَيْهِ. | ٤ 4 |
ئادەمنىڭ كۆپلۈكىدىن ئۇنىڭغا يېقىنلىشالماي، ئۇلار ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئۆگزىنى تېشىپ، تۆشۈك ئاچقاندىن كېيىن پالەچنى زەمبىل بىلەن [ئەيسانىڭ ئالدىغا] چۈشۈردى. |
فَلَمَّا رَأَى يَسُوعُ إِيمَانَهُمْ، قَالَ لِلْمَفْلُوجِ: «يَا بُنَيَّ، مَغْفُورَةٌ لَكَ خَطَايَاكَ». | ٥ 5 |
ئەمدى ئەيسا ئۇلارنىڭ ئىشەنچىنى كۆرۈپ پالەچكە: ــ بالام، گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى، ــ دېدى. |
وَكَانَ قَوْمٌ مِنَ ٱلْكَتَبَةِ هُنَاكَ جَالِسِينَ يُفَكِّرُونَ فِي قُلُوبِهِمْ: | ٦ 6 |
لېكىن ئۇ يەردە ئولتۇرغان بەزى تەۋرات ئۇستازلىرى كۆڭلىدە گۇمانىي سوئاللارنى قويۇپ: |
«لِمَاذَا يَتَكَلَّمُ هَذَا هَكَذَا بِتَجَادِيفَ؟ مَنْ يَقْدِرُ أَنْ يَغْفِرَ خَطَايَا إِلَّا ٱللهُ وَحْدَهُ؟». | ٧ 7 |
«بۇ ئادەم نېمە ئۈچۈن مۇنداق دەيدۇ؟ ئۇ كۇپۇرلۇق قىلىۋاتىدىغۇ! خۇدادىن باشقا كىممۇ گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلالىسۇن؟» دېيىشتى. |
فَلِلْوَقْتِ شَعَرَ يَسُوعُ بِرُوحِهِ أَنَّهُمْ يُفَكِّرُونَ هَكَذَا فِي أَنْفُسِهِمْ، فَقَالَ لَهُمْ: «لِمَاذَا تُفَكِّرُونَ بِهَذَا فِي قُلُوبِكُمْ؟ | ٨ 8 |
ئەيسا شۇئان روھىدا ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىدە شۇنداق گۇمانىي سوئاللارنى قويۇۋاتقانلىقىنى بىلىپ يېتىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ سىلەر كۆڭۈلدە نېمىشقا شۇنداق سوئاللارنى قويىسىلەر؟ |
أَيُّمَا أَيْسَرُ، أَنْ يُقَالَ لِلْمَفْلُوجِ: مَغْفُورَةٌ لَكَ خَطَايَاكَ، أَمْ أَنْ يُقَالَ: قُمْ وَٱحْمِلْ سَرِيرَكَ وَٱمْشِ؟ | ٩ 9 |
مۇشۇ پالەچكە: «گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى!» دېيىش ئاسانمۇ، ياكى «ئورنۇڭدىن تۇر، زەمبىل-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ماڭ!» دېيىش ئاسانمۇ؟ |
وَلَكِنْ لِكَيْ تَعْلَمُوا أَنَّ لِٱبْنِ ٱلْإِنْسَانِ سُلْطَانًا عَلَى ٱلْأَرْضِ أَنْ يَغْفِرَ ٱلْخَطَايَا». قَالَ لِلْمَفْلُوجِ: | ١٠ 10 |
ئەمما ھازىر سىلەرنىڭ ئىنسانئوغلىنىڭ يەر يۈزىدە گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، ــ ئۇ پالەچ كېسەلگە: |
«لَكَ أَقُولُ: قُمْ وَٱحْمِلْ سَرِيرَكَ وَٱذْهَبْ إِلَى بَيْتِكَ!». | ١١ 11 |
ــ ساڭا ئېيتايكى، ئورنۇڭدىن تۇر، زەمبىل-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ئۆيۈڭگە قايت! ــ دېدى. |
فَقَامَ لِلْوَقْتِ وَحَمَلَ ٱلسَّرِيرَ وَخَرَجَ قُدَّامَ ٱلْكُلِّ، حَتَّى بُهِتَ ٱلْجَمِيعُ وَمَجَّدُوا ٱللهَ قَائِلِينَ: «مَا رَأَيْنَا مِثْلَ هَذَا قَطُّ!». | ١٢ 12 |
ئۇ دەرھال ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، زەمبىل-كۆرپىسىنى يىغىشتۇردى ۋە ھەممەيلەننىڭ كۆز ئالدىدا [ئۆيدىن] چىقىپ كەتتى. ھەممەيلەن قاتتىق ھەيران قېلىپ خۇدانى ئۇلۇغلىشىپ: ــ مۇشۇنداق ئىشنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغانىدۇق، ــ دېيىشتى. |
ثُمَّ خَرَجَ أَيْضًا إِلَى ٱلْبَحْرِ. وَأَتَى إِلَيْهِ كُلُّ ٱلْجَمْعِ فَعَلَّمَهُمْ. | ١٣ 13 |
ئۇ يەنە دېڭىز بويىغا قاراپ ماڭدى. كىشىلەر توپى ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋالدى. ئۇ ئۇلارغا تەلىم بەردى. |
وَفِيمَا هُوَ مُجْتَازٌ رَأَى لَاوِيَ بْنَ حَلْفَى جَالِسًا عِنْدَ مَكَانِ ٱلْجِبَايَةِ، فَقَالَ لَهُ: «ٱتْبَعْنِي». فَقَامَ وَتَبِعَهُ. | ١٤ 14 |
ئۇ يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، باج ئالىدىغان ئورۇندا ئولتۇرغان ئالفاينىڭ ئوغلى لاۋىينى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا: ــ ماڭا ئەگەشكىن، ــ دېدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئەگەشتى. |
وَفِيمَا هُوَ مُتَّكِئٌ فِي بَيْتِهِ كَانَ كَثِيرُونَ مِنَ ٱلْعَشَّارِينَ وَٱلْخُطَاةِ يَتَّكِئُونَ مَعَ يَسُوعَ وَتَلَامِيذِهِ، لِأَنَّهُمْ كَانُوا كَثِيرِينَ وَتَبِعُوهُ. | ١٥ 15 |
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ [لاۋىينىڭ] ئۆيىدە داستىخاندا ئولتۇرغاندا، نۇرغۇن باجگىرلار ۋە گۇناھكارلار ئەيسا ۋە ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى بىلەن ھەمداستىخان بولدى. بۇنداق كىشىلەر خېلى كۆپ ئىدى، ئۇلارمۇ ئۇنىڭغا ئەگەشكەنىدى. |
وَأَمَّا ٱلْكَتَبَةُ وَٱلْفَرِّيسِيُّونَ فَلَمَّا رَأَوْهُ يَأْكُلُ مَعَ ٱلْعَشَّارِينَ وَٱلْخُطَاةِ، قَالُوا لِتَلَامِيذِهِ: «مَا بَالُهُ يَأْكُلُ وَيَشْرَبُ مَعَ ٱلْعَشَّارِينَ وَٱلْخُطَاةِ؟». | ١٦ 16 |
ئەمدى تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر ئۇنىڭ گۇناھكارلار ۋە باجگىرلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، مۇخلىسلىرىغا: ــ ئۇ نېمىشقا باجگىر ۋە گۇناھكارلار بىلەن بىر داستىخاندا يەپ-ئىچىپ ئولتۇرىدۇ؟! ــ دېيىشتى. |
فَلَمَّا سَمِعَ يَسُوعُ قَالَ لَهُمْ: «لَا يَحْتَاجُ ٱلْأَصِحَّاءُ إِلَى طَبِيبٍ بَلِ ٱلْمَرْضَى. لَمْ آتِ لِأَدْعُوَ أَبْرَارًا بَلْ خُطَاةً إِلَى ٱلتَّوْبَةِ». | ١٧ 17 |
بۇنى ئاڭلىغان ئەيسا ئۇلارغا: ــ ساغلام ئادەم ئەمەس، بەلكى بىمارلار تېۋىپقا موھتاجدۇر. مەن ھەققانىيلارنى ئەمەس، بەلكى گۇناھكارلارنى چاقىرغىلى كەلدىم، ــ دېدى. |
وَكَانَ تَلَامِيذُ يُوحَنَّا وَٱلْفَرِّيسِيِّينَ يَصُومُونَ، فَجَاءُوا وَقَالُوا لَهُ: «لِمَاذَا يَصُومُ تَلَامِيذُ يُوحَنَّا وَٱلْفَرِّيسِيِّينَ، وَأَمَّا تَلَامِيذُكَ فَلَا يَصُومُونَ؟». | ١٨ 18 |
ئەمدى يەھيانىڭ مۇخلىسلىرى بىلەن پەرىسىيلەر روزا تۇتۇۋاتاتتى. بەزىلەر ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ــ نېمىشقا يەھيانىڭ مۇخلىسلىرى ۋە پەرىسىيلەرنىڭ مۇخلىسلىرى روزا تۇتىدۇ، لېكىن سېنىڭ مۇخلىسلىرىڭ تۇتمايدۇ؟ ــ دەپ سوراشتى. |
فَقَالَ لَهُمْ يَسُوعُ: «هَلْ يَسْتَطِيعُ بَنُو ٱلْعُرْسِ أَنْ يَصُومُوا وَٱلْعَرِيسُ مَعَهُمْ؟ مَا دَامَ ٱلْعَرِيسُ مَعَهُمْ لَا يَسْتَطِيعُونَ أَنْ يَصُومُوا. | ١٩ 19 |
ئەيسا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ تويى بولۇۋاتقان يىگىت تېخى تويدا ھەمداستىخان ئولتۇرغان چاغدا، مېھمانلىرى روزا تۇتۇپ ئولتۇرسا قانداق بولىدۇ!؟ تويى بولۇۋاتقان يىگىت تويدا بولسىلا، ئۇلار ھېچقانداق روزا تۇتالمايدۇ. |
وَلَكِنْ سَتَأْتِي أَيَّامٌ حِينَ يُرْفَعُ ٱلْعَرِيسُ عَنْهُمْ، فَحِينَئِذٍ يَصُومُونَ فِي تِلْكَ ٱلْأَيَّامِ. | ٢٠ 20 |
ئەمما شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، يىگىت ئۇلاردىن ئېلىپ كېتىلىدۇ، ئۇلار شۇ كۈندە روزا تۇتىدۇ. |
لَيْسَ أَحَدٌ يَخِيطُ رُقْعَةً مِنْ قِطْعَةٍ جَدِيدَةٍ عَلَى ثَوْبٍ عَتِيقٍ، وَإِلَّا فَٱلْمِلْءُ ٱلْجَدِيدُ يَأْخُذُ مِنَ ٱلْعَتِيقِ فَيَصِيرُ ٱلْخَرْقُ أَرْدَأَ. | ٢١ 21 |
ھېچكىم كونا كۆڭلەككە يېڭى رەختتىن ياماق سالمايدۇ. ئۇنداق قىلسا، يېڭى ياماق [كىرىشىپ]، كونا كىيىمنى تارتىشتۇرۇپ يىرتىۋېتىدۇ. نەتىجىدە، يىرتىق تېخىمۇ يوغىناپ كېتىدۇ. |
وَلَيْسَ أَحَدٌ يَجْعَلُ خَمْرًا جَدِيدَةً فِي زِقَاقٍ عَتِيقَةٍ، لِئَلَّا تَشُقَّ ٱلْخَمْرُ ٱلْجَدِيدَةُ ٱلزِّقَاقَ، فَٱلْخَمْرُ تَنْصَبُّ وَٱلزِّقَاقُ تَتْلَفُ. بَلْ يَجْعَلُونَ خَمْرًا جَدِيدَةً فِي زِقَاقٍ جَدِيدَةٍ». | ٢٢ 22 |
ھېچكىم يېڭى شارابنى كونا تۇلۇملارغا قاچىلىمايدۇ. ئەگەر ئۇنداق قىلسا، شارابنىڭ [ئېچىشى بىلەن] تۇلۇملار يېرىلىپ كېتىدۇ-دە، شارابمۇ تۆكۈلۈپ كېتىدۇ ھەم تۇلۇملارمۇ كاردىن چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يېڭى شاراب يېڭى تۇلۇملارغا قاچىلىنىشى كېرەك. |
وَٱجْتَازَ فِي ٱلسَّبْتِ بَيْنَ ٱلزُّرُوعِ، فَٱبْتَدَأَ تَلَامِيذُهُ يَقْطِفُونَ ٱلسَّنَابِلَ وَهُمْ سَائِرُونَ. | ٢٣ 23 |
بىر شابات كۈنى شۇنداق بولدىكى، ئۇ بۇغدايلىقلاردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى يولدا مېڭىۋاتقاندا باشاقلارنى ئۈزۈشكە باشلىدى. |
فَقَالَ لَهُ ٱلْفَرِّيسِيُّونَ: «ٱنْظُرْ! لِمَاذَا يَفْعَلُونَ فِي ٱلسَّبْتِ مَا لَا يَحِلُّ؟». | ٢٤ 24 |
پەرىسىيلەر ئۇنىڭغا: ــ قارا، ئۇلار نېمىشقا شابات كۈنى [تەۋراتتا] چەكلەنگەن ئىشنى قىلىدۇ؟ ــ دېيىشتى. |
فَقَالَ لَهُمْ: «أَمَا قَرَأْتُمْ قَطُّ مَا فَعَلَهُ دَاوُدُ حِينَ ٱحْتَاجَ وَجَاعَ هُوَ وَٱلَّذِينَ مَعَهُ؟ | ٢٥ 25 |
ئۇ ئۇلارغا: ــ [پادىشاھ] داۋۇتنىڭ ئۆزى ۋە ھەمراھلىرى ھاجەتمەن بولغاندا، يەنى ئاچ قالغاندا نېمە قىلغانلىقىنى [مۇقەددەس يازمىلاردىن] ئوقۇمىغانمۇسىلەر؟ |
كَيْفَ دَخَلَ بَيْتَ ٱللهِ فِي أَيَّامِ أَبِيَأَثَارَ رَئِيسِ ٱلْكَهَنَةِ، وَأَكَلَ خُبْزَ ٱلتَّقْدِمَةِ ٱلَّذِي لَا يَحِلُّ أَكْلُهُ إِلَّا لِلْكَهَنَةِ، وَأَعْطَى ٱلَّذِينَ كَانُوا مَعَهُ أَيْضًا». | ٢٦ 26 |
ــ دېمەك، ئابىياتار باش كاھىن بولغان ۋاقتىدا، ئۇ خۇدانىڭ ئۆيىگە كىرىپ، خۇداغا ئاتالغان، تەۋراتتا پەقەت كاھىنلارنىڭ يېيىشىگىلا بولىدىغان نانلارنى [سوراپ] يېگەن، شۇنداقلا ھەمراھلىرىغىمۇ بەرگەن؟ ــ دېدى. |
ثُمَّ قَالَ لَهُمُ: «ٱلسَّبْتُ إِنَّمَا جُعِلَ لِأَجْلِ ٱلْإِنْسَانِ، لَا ٱلْإِنْسَانُ لِأَجْلِ ٱلسَّبْتِ. | ٢٧ 27 |
ئۇ ئۇلارغا يەنە: ــ ئىنسان شابات كۈنى ئۈچۈن ئەمەس، شابات كۈنى ئىنسان ئۈچۈن يارىتىلدى. |
إِذًا ٱبْنُ ٱلْإِنْسَانِ هُوَ رَبُّ ٱلسَّبْتِ أَيْضًا». | ٢٨ 28 |
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىنسانئوغلى شابات كۈنىنىڭمۇ ئىگىسىدۇر، ــ دېدى. |