وَعَلَى أَثَرِ ذَلِكَ كَانَ يَسِيرُ فِي مَدِينَةٍ وَقَرْيَةٍ يَكْرِزُ وَيُبَشِّرُ بِمَلَكُوتِ ٱللهِ، وَمَعَهُ ٱلِٱثْنَا عَشَرَ. | ١ 1 |
كېيىن، [ئەيسا] شۇ يۇرتلارنى كېزىپ، شەھەرمۇ-شەھەر، يېزىمۇ-يېزا خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ خۇش خەۋىرىنى ئېلان قىلىپ جاكارلىدى؛ ئون ئىككىيلەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە باردى. |
وَبَعْضُ ٱلنِّسَاءِ كُنَّ قَدْ شُفِينَ مِنْ أَرْوَاحٍ شِرِّيرَةٍ وَأَمْرَاضٍ: مَرْيَمُ ٱلَّتِي تُدْعَى ٱلْمَجْدَلِيَّةَ ٱلَّتِي خَرَجَ مِنْهَا سَبْعَةُ شَيَاطِينَ، | ٢ 2 |
ئۇنىڭ بىلەن بىللە بارغانلاردىن يەنە يامان روھلاردىن ۋە ئاغرىق-سىلاقلاردىن ساقايتىلغان بەزى ئاياللارمۇ بار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆزىدىن يەتتە جىن ھەيدەپ چىقىرىلغان مەريەم (ماگداللىق دەپ ئاتالغان)، |
وَيُوَنَّا ٱمْرَأَةُ خُوزِي وَكِيلِ هِيرُودُسَ، وَسُوسَنَّةُ، وَأُخَرُ كَثِيرَاتٌ كُنَّ يَخْدِمْنَهُ مِنْ أَمْوَالِهِنَّ. | ٣ 3 |
ھېرود [خان]نىڭ ساراي غوجىدارى خۇزانىڭ ئايالى يوئاننا، سۇزاننا ۋە باشقا نۇرغۇن ئاياللارمۇ بار ئىدى. بۇلار ئۆز مال-مۈلۈكلىرى بىلەن ئۇ [ۋە ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىنىڭ] ھاجەتلىرىدىن چىقاتتى. |
فَلَمَّا ٱجْتَمَعَ جَمْعٌ كَثِيرٌ أَيْضًا مِنَ ٱلَّذِينَ جَاءُوا إِلَيْهِ مِنْ كُلِّ مَدِينَةٍ، قَالَ بِمَثَلٍ: | ٤ 4 |
چوڭ بىر توپ ئادەملەر يىغىلغاندا، شۇنداقلا ھەرقايسى شەھەرلەردىن كىشىلەر ئۇنىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئۇ ئۇلارغا بىر تەمسىل سۆزلەپ بەردى: |
«خَرَجَ ٱلزَّارِعُ لِيَزْرَعَ زَرْعَهُ. وَفِيمَا هُوَ يَزْرَعُ سَقَطَ بَعْضٌ عَلَى ٱلطَّرِيقِ، فَٱنْدَاسَ وَأَكَلَتْهُ طُيُورُ ٱلسَّمَاءِ. | ٥ 5 |
ــ «ئۇرۇق چاچقۇچى ئۇرۇق چاچقىلى [ئېتىزغا] چىقىپتۇ. ئۇرۇق چاچقاندا، ئۇرۇقلاردىن بەزىلىرى چىغىر يول ئۈستىگە چۈشۈپ، دەسسىلىپ كېتىپتۇ ۋە ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار كېلىپ ئۇلارنى يەپ كېتىپتۇ. |
وَسَقَطَ آخَرُ عَلَى ٱلصَّخْرِ، فَلَمَّا نَبَتَ جَفَّ لِأَنَّهُ لَمْ تَكُنْ لَهُ رُطُوبَةٌ. | ٦ 6 |
باشقا بەزىلىرى تاشلىق يەرگە چۈشۈپتۇ. يەردە نەملىك بولمىغاچقا، ئۈنۈپ چىققىنى بىلەن قۇرۇپ كېتىپتۇ. |
وَسَقَطَ آخَرُ فِي وَسْطِ ٱلشَّوْكِ، فَنَبَتَ مَعَهُ ٱلشَّوْكُ وَخَنَقَهُ. | ٧ 7 |
باشقا بەزىلىرى تىكەنلەرنىڭ ئارىسىغا چۈشۈپتۇ، تىكەنلەر مايسىلار بىلەن تەڭ ئۆسۈپ مايسىلارنى بوغۇۋاپتۇ. |
وَسَقَطَ آخَرُ فِي ٱلْأَرْضِ ٱلصَّالِحَةِ، فَلَمَّا نَبَتَ صَنَعَ ثَمَرًا مِئَةَ ضِعْفٍ». قَالَ هَذَا وَنَادَى: «مَنْ لَهُ أُذْنَانِ لِلسَّمْعِ فَلْيَسْمَعْ!». | ٨ 8 |
باشقا بەزىلىرى بولسا ياخشى تۇپراققا چۈشۈپتۇ. ئۈنگەندىن كېيىن، يۈز ھەسسە ھوسۇل بېرىپتۇ». بۇلارنى دېگەندىن كېيىن ئۇ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: ــ ئاڭلىغۇدەك قۇلىقى بارلار بۇنى ئاڭلىسۇن! دەپ توۋلىدى. |
فَسَأَلَهُ تَلَامِيذُهُ قَائِلِينَ: «مَا عَسَى أَنْ يَكُونَ هَذَا ٱلْمَثَلُ؟». | ٩ 9 |
كېيىن ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى ئۇنىڭدىن: ــ بۇ تەمسىلنىڭ مەنىسى نېمە؟ ــ دەپ سورىدى. |
فَقَالَ: «لَكُمْ قَدْ أُعْطِيَ أَنْ تَعْرِفُوا أَسْرَارَ مَلَكُوتِ ٱللهِ، وَأَمَّا لِلْبَاقِينَ فَبِأَمْثَالٍ، حَتَّى إِنَّهُمْ مُبْصِرِينَ لَا يُبْصِرُونَ، وَسَامِعِينَ لَا يَفْهَمُونَ. | ١٠ 10 |
ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ سىرلىرىنى بىلىش سىلەرگە نېسىپ قىلىندى. بىراق بۇ ئىشلار قالغان باشقىلارغا تەمسىللەر بىلەنلا ئېيتىلىدۇ. مەقسىتى شۇكى، «ئۇلار قارىسىمۇ كۆرمەيدۇ، ئاڭلىسىمۇ چۈشەنمەيدۇ». |
وَهَذَا هُوَ ٱلْمَثَلُ: ٱلزَّرْعُ هُوَ كَلَامُ ٱللهِ، | ١١ 11 |
ئەمدى تەمسىلنىڭ مەنىسى مۇنداق: ــ ئۇرۇق بولسا، خۇدانىڭ سۆز-كالامىدۇر. |
وَٱلَّذِينَ عَلَى ٱلطَّرِيقِ هُمُ ٱلَّذِينَ يَسْمَعُونَ، ثُمَّ يَأْتِي إِبْلِيسُ وَيَنْزِعُ ٱلْكَلِمَةَ مِنْ قُلُوبِهِمْ لِئَلَّا يُؤْمِنُوا فَيَخْلُصُوا. | ١٢ 12 |
چىغىر يول بويىدىكىلەر بولسا مۇشۇلار: ئۇلار سۆز-كالامنى ئاڭلايدۇ؛ لېكىن ئىبلىس كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئىشىنىپ قۇتقۇزۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى سۆزنى ئېلىپ كېتىدۇ. |
وَٱلَّذِينَ عَلَى ٱلصَّخْرِ هُمُ ٱلَّذِينَ مَتَى سَمِعُوا يَقْبَلُونَ ٱلْكَلِمَةَ بِفَرَحٍ، وَهَؤُلَاءِ لَيْسَ لَهُمْ أَصْلٌ، فَيُؤْمِنُونَ إِلَى حِينٍ، وَفِي وَقْتِ ٱلتَّجْرِبَةِ يَرْتَدُّونَ. | ١٣ 13 |
تاشلىق يەرگە چۈشكەن ئۇرۇقلار سۆز-كالامنى ئاڭلىغان ھامان خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغانلارغا تەمسىل قىلىنغان. ئۇلاردا يىلتىز بولمىغاچقا، پەقەت بىر مەھەل ئىشىنىپ، ئاندىن سىناق-مۈشكۈللۈك ۋاقتى كەلگەندە، [ئېتىقادتىن] تېيىلىپ كېتىدۇ. |
وَٱلَّذِي سَقَطَ بَيْنَ ٱلشَّوْكِ هُمُ ٱلَّذِينَ يَسْمَعُونَ، ثُمَّ يَذْهَبُونَ فَيَخْتَنِقُونَ مِنْ هُمُومِ ٱلْحَيَاةِ وَغِنَاهَا وَلَذَّاتِهَا، وَلَا يُنْضِجُونَ ثَمَرًا. | ١٤ 14 |
تىكەنلىككە چۈشكەن ئۇرۇقلار بولسا شۇنداق ئادەملەرنى كۆرسەتكەنكى، سۆزنى ئاڭلىغان بولسىمۇ، يولغا چىققاندىن كېيىن بۇ پانىي ھاياتتىكى ئەندىشىلەر، بايلىقلار ۋە ھالاۋەتلەرنىڭ ئېزىقتۇرۇشلىرى بىلەن بوغۇلۇپ، ئۇرۇق پىشماي ھوسۇل بەرمەيدۇ. |
وَٱلَّذِي فِي ٱلْأَرْضِ ٱلْجَيِّدَةِ، هُوَ ٱلَّذِينَ يَسْمَعُونَ ٱلْكَلِمَةَ فَيَحْفَظُونَهَا فِي قَلْبٍ جَيِّدٍ صَالِحٍ، وَيُثْمِرُونَ بِٱلصَّبْرِ. | ١٥ 15 |
لېكىن ياخشى تۇپراققا چېچىلغان ئۇرۇقلار بولسا ــ سۆز-كالامنى ئاڭلاپ، سەمىمىي ۋە ياخشى قەلبى بىلەن ئۇنى تۇتىدىغانلارنى كۆرسىتىدۇ؛ بۇنداق ئادەملەر سەۋرچانلىق بىلەن ھوسۇل بېرىدۇ. |
«وَلَيْسَ أَحَدٌ يُوقِدُ سِرَاجًا وَيُغَطِّيهِ بِإِنَاءٍ أَوْ يَضَعُهُ تَحْتَ سَرِيرٍ، بَلْ يَضَعُهُ عَلَى مَنَارَةٍ، لِيَنْظُرَ ٱلدَّاخِلُونَ ٱلنُّورَ. | ١٦ 16 |
ھېچكىم چىراغنى يېقىپ قويۇپ ئۈستىگە ئىدىشنى كۆمتۈرۈپ قويماس ياكى كارىۋات ئاستىغا تۇرغۇزماس، بەلكى چىراغداننىڭ ئۈستىگە قويىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن ئۆيگە كىرگەنلەر يورۇقلۇقنى كۆرىدۇ. |
لِأَنَّهُ لَيْسَ خَفِيٌّ لَا يُظْهَرُ، وَلَا مَكْتُومٌ لَا يُعْلَمُ وَيُعْلَنُ. | ١٧ 17 |
چۈنكى يوشۇرۇلغان ھېچقانداق ئىش ئاشكارىلانماي قالمايدۇ، ۋە ھېچقانداق مەخپىي ئىش ئايان بولماي، يورۇقلۇققا چىقماي قالمايدۇ. |
فَٱنْظُرُوا كَيْفَ تَسْمَعُونَ، لِأَنَّ مَنْ لَهُ سَيُعْطَى، وَمَنْ لَيْسَ لَهُ فَٱلَّذِي يَظُنُّهُ لَهُ يُؤْخَذُ مِنْهُ». | ١٨ 18 |
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاڭلىشىڭلارنىڭ قانداق ئىكەنلىكىگە كۆڭۈل قويۇڭلار! چۈنكى كىمدە بار بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ؛ ئەمما كىمدە يوق بولسا، ھەتتا بار دەپ ھاسابلىغىنىمۇ ئۇنىڭدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ. |
وَجَاءَ إِلَيْهِ أُمُّهُ وَإِخْوَتُهُ، وَلَمْ يَقْدِرُوا أَنْ يَصِلُوا إِلَيْهِ لِسَبَبِ ٱلْجَمْعِ. | ١٩ 19 |
ئەمدى ئۇنىڭ ئانىسى ۋە ئىنىلىرى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدى. لېكىن ئادەم نۇرغۇن بولغاچقا، يېنىغا كېلەلمىگەنىدى. |
فَأَخْبَرُوهُ قَائِلِينَ: «أُمُّكَ وَإِخْوَتُكَ وَاقِفُونَ خَارِجًا، يُرِيدُونَ أَنْ يَرَوْكَ». | ٢٠ 20 |
شۇنىڭ بىلەن بىرسى ئۇنىڭغا: ــ ئانىڭىز ۋە ئىنىلىرىڭىز سىز بىلەن كۆرۈشىمىز دەپ، سىرتتا تۇرىدۇ، ــ دېدى. |
فَأَجَابَ وَقَالَ لَهُمْ: «أُمِّي وَإِخْوَتِي هُمُ ٱلَّذِينَ يَسْمَعُونَ كَلِمَةَ ٱللهِ وَيَعْمَلُونَ بِهَا». | ٢١ 21 |
لېكىن ئۇ جاۋابەن: ــ مېنىڭ ئانام ۋە ئاكا-ئۇكا قېرىنداشلىرىم بولسا خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغۇچىلاردۇر، دېدى. |
وَفِي أَحَدِ ٱلْأَيَّامِ دَخَلَ سَفِينَةً هُوَ وَتَلَامِيذُهُ، فَقَالَ لَهُمْ: «لِنَعْبُرْ إِلَى عَبْرِ ٱلْبُحَيْرَةِ». فَأَقْلَعُوا. | ٢٢ 22 |
ۋە شۇنداق بولدىكى، شۇ كۈنلەردىن بىرى، ئۇ مۇخلىسلىرى بىلەن بىر كېمىگە چۈشۈپ، ئۇلارغا: ــ كۆلنىڭ ئۇ قېتىغا بارايلى، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يولغا چىقتى. |
وَفِيمَا هُمْ سَائِرُونَ نَامَ. فَنَزَلَ نَوْءُ رِيحٍ فِي ٱلْبُحَيْرَةِ، وَكَانُوا يَمْتَلِئُونَ مَاءً وَصَارُوا فِي خَطَرٍ. | ٢٣ 23 |
كېمە كېتىۋاتقاندا ئۇ ئۇيقۇغا كەتكەنىدى. كۆلگە تۇيۇقسىز قارا بوران كېلىپ، كېمىگە سۇ توشۇپ كېتىپ، ئۇلار خەۋپتە قالدى. |
فَتَقَدَّمُوا وَأَيْقَظُوهُ قَائِلِينَ: «يَا مُعَلِّمُ، يَا مُعَلِّمُ، إِنَّنَا نَهْلِكُ!». فَقَامَ وَٱنْتَهَرَ ٱلرِّيحَ وَتَمَوُّجَ ٱلْمَاءِ، فَٱنْتَهَيَا وَصَارَ هُدُوُّ. | ٢٤ 24 |
مۇخلىسلار كېلىپ ئۇنى ئويغىتىپ: ــ ئۇستاز، ئۇستاز، تۈگىشىدىغان بولدۇق! ــ دېدى. لېكىن ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، بورانغا ۋە داۋالغۇغان دولقۇنلارغا تەنبىھ بەردى؛ ھەممىسى توختاپ، تىنچ بولدى. |
ثُمَّ قَالَ لَهُمْ: «أَيْنَ إِيمَانُكُمْ؟». فَخَافُوا وَتَعَجَّبُوا قَائِلِينَ فِيمَا بَيْنَهُمْ: «مَنْ هُوَ هَذَا؟ فَإِنَّهُ يَأْمُرُ ٱلرِّيَاحَ أَيْضًا وَٱلْمَاءَ فَتُطِيعُهُ!». | ٢٥ 25 |
ئۇ مۇخلىسلىرىغا قاراپ: ــ ئىشەنچىڭلار نەگە كەتتى؟ ــ دېدى. ئۇلار ھەم قورقۇشۇپ، ھەم بەكمۇ ھەيران بولۇپ، بىر-بىرىگە: ــ بۇ ئادەم زادى كىمدۇ، بۇيرۇق قىلسا، ھەتتا شاماللار ۋە دولقۇنلارمۇ ئۇنىڭغا بويسۇنىدىكەن-ھە! ــ دەپ كېتىشتى. |
وَسَارُوا إِلَى كُورَةِ ٱلْجَدَرِيِّينَ ٱلَّتِي هِيَ مُقَابِلَ ٱلْجَلِيلِ. | ٢٦ 26 |
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار گالىلىيەنىڭ ئۇدۇلىدىكى گېراسالىقلارنىڭ يۇرتىغا يېتىپ باردى. |
وَلَمَّا خَرَجَ إِلَى ٱلْأَرْضِ ٱسْتَقْبَلَهُ رَجُلٌ مِنَ ٱلْمَدِينَةِ كَانَ فِيهِ شَيَاطِينُ مُنْذُ زَمَانٍ طَوِيلٍ، وَكَانَ لَا يَلْبَسُ ثَوْبًا، وَلَا يُقِيمُ فِي بَيْتٍ، بَلْ فِي ٱلْقُبُورِ. | ٢٧ 27 |
ئۇ قىرغاققا چىقىشى بىلەنلا، ئۇزۇندىن بېرى جىنلار چاپلاشقان، شەھەردىن كەلگەن مەلۇم ئادەم ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى. بۇ ئادەم كىيىم كىيمەي، ھېچ ئۆيدە تۇرماي، گۆرلەر ئارىسىدا ياشايتتى. |
فَلَمَّا رَأَى يَسُوعَ صَرَخَ وَخَرَّ لَهُ، وَقَالَ بِصَوْتٍ عَظِيمٍ: «مَا لِي وَلَكَ يَا يَسُوعُ ٱبْنَ ٱللهِ ٱلْعَلِيِّ؟ أَطْلُبُ مِنْكَ أَنْ لَا تُعَذِّبَنِي!». | ٢٨ 28 |
لېكىن ئۇ ئەيسانى كۆرۈپلا ۋارقىراپ، ئۇنىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ قاتتىق ئاۋاز بىلەن: ــ ھەممىدىن ئالىي خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا، سېنىڭ مەن بىلەن نېمە كارىڭ! سەندىن ئۆتۈنىمەنكى، مېنى قىينىما! ــ دەپ توۋلاپ كەتتى. |
لِأَنَّهُ أَمَرَ ٱلرُّوحَ ٱلنَّجِسَ أَنْ يَخْرُجَ مِنَ ٱلْإِنْسَانِ. لِأَنَّهُ مُنْذُ زَمَانٍ كَثِيرٍ كَانَ يَخْطَفُهُ، وَقَدْ رُبِطَ بِسَلَاسِلٍ وَقُيُودٍ مَحْرُوسًا، وَكَانَ يَقْطَعُ ٱلرُّبُطَ وَيُسَاقُ مِنَ ٱلشَّيْطَانِ إِلَى ٱلْبَرَارِي. | ٢٩ 29 |
چۈنكى ئەيسا ناپاك روھنىڭ ئۇنىڭدىن چىقىشىنى بۇيرۇۋاتاتتى (چۈنكى جىن نۇرغۇن قېتىم ئۇنى تۇتۇۋالغانىدى؛ ئۇ چاغلاردا كىشىلەر ئۇنىڭ پۇت-قوللىرىنى كىشەن-زەنجىرلەر بىلەن باغلاپ ئۇنى قاماپ قويغان بولسىمۇ، ئۇ زەنجىرلەرنى ئۈزۈپ قېچىپ چىققان ۋە جىن تەرىپىدىن چۆل-باياۋانلارغا ھەيدىۋېتىلگەنىدى). |
فَسَأَلَهُ يَسُوعُ قَائِلًا: «مَا ٱسْمُكَ؟». فَقَالَ: «لَجِئُونُ». لِأَنَّ شَيَاطِينَ كَثِيرَةً دَخَلَتْ فِيهِ. | ٣٠ 30 |
ئەيسا بۇ ئادەمدىن: ــ ئىسمىڭ نېمە؟ ــ دەپ سورىۋىدى، ئۇ: ــ ئىسمىم «قوشۇن»، ــ دېدى. چۈنكى نۇرغۇن جىنلار ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ چاپلىشىۋالغانىدى. |
وَطَلَبَ إِلَيْهِ أَنْ لَا يَأْمُرَهُمْ بِٱلذَّهَابِ إِلَى ٱلْهَاوِيَةِ. (Abyssos g12) | ٣١ 31 |
ئەمدى ئۇلار ئەيسادىن ئۆزلىرىنى تېگى يوق ھاڭغا كەتكۈزمەسلىكنى ئۆتۈنۈپ يالۋۇردى. (Abyssos g12) |
وَكَانَ هُنَاكَ قَطِيعُ خَنَازِيرَ كَثِيرَةٍ تَرْعَى فِي ٱلْجَبَلِ، فَطَلَبُوا إِلَيْهِ أَنْ يَأْذَنَ لَهُمْ بِٱلدُّخُولِ فِيهَا، فَأَذِنَ لَهُمْ. | ٣٢ 32 |
شۇ يەردە تاغ باغرىدا چوڭ بىر توپ توڭگۇز پادىسى ئوزۇقلىنىۋاتاتتى. جىنلار ئەيساغا يالۋۇرۇپ، توڭگۇزلارنىڭ تېنىگە كىرىشكە ئىجازەت بېرىشىنى ئۆتۈندى. ئۇ ئۇلارغا ئىجازەت بەردى. |
فَخَرَجَتِ ٱلشَّيَاطِينُ مِنَ ٱلْإِنْسَانِ وَدَخَلَتْ فِي ٱلْخَنَازِيرِ، فَٱنْدَفَعَ ٱلْقَطِيعُ مِنْ عَلَى ٱلْجُرُفِ إِلَى ٱلْبُحَيْرَةِ وَٱخْتَنَقَ. | ٣٣ 33 |
جىنلار شۇ ئادەمدىن چىقىپ، توڭگۇزلارنىڭ تېنىگە كىرىۋالدى؛ شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل توڭگۇز پادىسى تىك ياردىن ئېتىلىپ چۈشۈپ، كۆلگە غەرق بولدى. |
فَلَمَّا رَأَى ٱلرُّعَاةُ مَا كَانَ هَرَبُوا وَذَهَبُوا وَأَخْبَرُوا فِي ٱلْمَدِينَةِ وَفِي ٱلضِّيَاعِ، | ٣٤ 34 |
توڭگۇزلارنى باققۇچىلارمۇ بۇ ۋەقەنى كۆرۈپ ئۇ يەردىن قېچىپ، شەھەر-يېزىلاردا بۇ خەۋەرنى تارقاتتى. |
فَخَرَجُوا لِيَرَوْا مَا جَرَى. وَجَاءُوا إِلَى يَسُوعَ فَوَجَدُوا ٱلْإِنْسَانَ ٱلَّذِي كَانَتِ ٱلشَّيَاطِينُ قَدْ خَرَجَتْ مِنْهُ لَابِسًا وَعَاقِلًا، جَالِسًا عِنْدَ قَدَمَيْ يَسُوعَ، فَخَافُوا. | ٣٥ 35 |
خالايىق زادى نېمە ئىش بولغانلىقىنى كۆرگىلى چىقتى؛ ئەيسانىڭ ئالدىغا كەلگەندە، شۇ يەردە ئۆزىدىن جىنلار چىققان ھېلىقى ئادەمنىڭ كىيىم-كېچەكنى كىيىپ، ئەس-ھوشى جايىدا ھالدا ئەيسانىڭ ئايىغى ئالدىدا ئولتۇرغىنىنى كۆردى؛ ئۇلار قورقۇپ كېتىشتى. |
فَأَخْبَرَهُمْ أَيْضًا ٱلَّذِينَ رَأَوْا كَيْفَ خَلَصَ ٱلْمَجْنُونُ. | ٣٦ 36 |
بۇ ۋەقەنى كۆرگەنلەرمۇ جىنلار چاپلاشقان ئادەمنىڭ قانداق ساقايتىلغىنىنى كۆپچىلىككە تەسۋىرلەپ بەردى. |
فَطَلَبَ إِلَيْهِ كُلُّ جُمْهُورِ كُورَةِ ٱلْجَدَرِيِّينَ أَنْ يَذْهَبَ عَنْهُمْ، لِأَنَّهُ ٱعْتَرَاهُمْ خَوْفٌ عَظِيمٌ. فَدَخَلَ ٱلسَّفِينَةَ وَرَجَعَ. | ٣٧ 37 |
ئاندىن گېراسالىقلارنىڭ يۇرتىدىكىلەر ۋە ئەتراپىدىكى بارلىق كىشىلەر ئۇنىڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن كېتىشىنى ئۆتۈنۈشتى. چۈنكى دەھشەتلىك قورقۇنچ ئۇلارنى باسقانىدى. شۇڭا ئۇ كېمىگە چۈشۈپ، قايتىشقا يول ئالدى. |
أَمَّا ٱلرَّجُلُ ٱلَّذِي خَرَجَتْ مِنْهُ ٱلشَّيَاطِينُ فَطَلَبَ إِلَيْهِ أَنْ يَكُونَ مَعَهُ، وَلَكِنَّ يَسُوعَ صَرَفَهُ قَائِلًا: | ٣٨ 38 |
ئەمما جىنلار ئۆزىدىن چىقىپ كەتكەن ھېلىقى ئادەم ئۇنىڭغا، مەن سەن بىلەن بىللە كېتەي، ــ دەپ يالۋۇردى. لېكىن ئۇ ئۇنى يولغا سېلىپ: |
«ٱرْجِعْ إِلَى بَيْتِكَ وَحَدِّثْ بِكَمْ صَنَعَ ٱللهُ بِكَ». فَمَضَى وَهُوَ يُنَادِي فِي ٱلْمَدِينَةِ كُلِّهَا بِكَمْ صَنَعَ بِهِ يَسُوعُ. | ٣٩ 39 |
ــ ئۆيۈڭگە قايتىپ بېرىپ، خۇدانىڭ ساڭا شۇنچە چوڭ ئىشلارنى قىلىپ بەرگەنلىكىنى يەتكۈزگىن، ــ دېدى. ئۇ ئادەم قايتىپ بېرىپ، پۈتكۈل شەھەرنى ئارىلاپ، ئەيسانىڭ ئۆزىگە شۇنچە چوڭ ئىشلارنى قىلىپ بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. |
وَلَمَّا رَجَعَ يَسُوعُ قَبِلَهُ ٱلْجَمْعُ لِأَنَّهُمْ كَانُوا جَمِيعُهُمْ يَنْتَظِرُونَهُ. | ٤٠ 40 |
ئەيسا قايتىپ كەلگىنىدە، شۇنداق بولدىكى، خالايىق ئۇنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئېلىشتى؛ چۈنكى ھەممەيلەن ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇراتتى. |
وَإِذَا رَجُلٌ ٱسْمُهُ يَايِرُسُ قَدْ جَاءَ، وَكَانَ رَئِيسَ ٱلْمَجْمَعِ، فَوَقَعَ عِنْدَ قَدَمَيْ يَسُوعَ وَطَلَبَ إِلَيْهِ أَنْ يَدْخُلَ بَيْتَهُ، | ٤١ 41 |
ۋە مانا، بىر كىشى، سىناگوگنىڭ چوڭى بولغان يائىرۇس ئىسىملىك كىشىمۇ ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ ئايىغىغا ئۆزىنى ئېتىپ، ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىشىنى ئۆتۈندى. |
لِأَنَّهُ كَانَ لَهُ بِنْتٌ وَحِيدَةٌ لَهَا نَحْوُ ٱثْنَتَيْ عَشْرَةَ سَنَةً، وَكَانَتْ فِي حَالِ ٱلْمَوْتِ. فَفِيمَا هُوَ مُنْطَلِقٌ زَحَمَتْهُ ٱلْجُمُوعُ. | ٤٢ 42 |
چۈنكى ئۇنىڭ ئون ئىككى ياشلىق يالغۇز قىزى سەكراتتا ئىدى. ئەيسا ئۇ يەرگە بارغىنىدا، توپ-توپ كىشىلەر ئۇنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئولىشىپ ئۇنى قىستىشاتتى. |
وَٱمْرَأَةٌ بِنَزْفِ دَمٍ مُنْذُ ٱثْنَتَيْ عَشْرَةَ سَنَةً، وَقَدْ أَنْفَقَتْ كُلَّ مَعِيشَتِهَا لِلْأَطِبَّاءِ، وَلَمْ تَقْدِرْ أَنْ تُشْفَى مِنْ أَحَدٍ، | ٤٣ 43 |
ئارىسىدا خۇن تەۋرەش كېسىلىگە گىرىپتار بولغىنىغا ئون ئىككى يىل بولغان بىر ئايال بار ئىدى؛ ئۇ بار-يوقىنى تېۋىپلارغا خەجلەپ تۈگەتكەن بولسىمۇ، ھېچقايسىسىدىن شىپا تاپمىغانىكەن. |
جَاءَتْ مِنْ وَرَائِهِ وَلَمَسَتْ هُدْبَ ثَوْبِهِ. فَفِي ٱلْحَالِ وَقَفَ نَزْفُ دَمِهَا. | ٤٤ 44 |
ئۇ [ئەيسانىڭ] ئارقىسىدىن كېلىپ، ئۇنىڭ تونىنىڭ پېشىنى سىلىۋىدى، شۇئان خۇن توختىدى. |
فَقَالَ يَسُوعُ: «مَنِ ٱلَّذِي لَمَسَنِي؟». وَإِذْ كَانَ ٱلْجَمِيعُ يُنْكِرُونَ، قَالَ بُطْرُسُ وَٱلَّذِينَ مَعَهُ: «يَا مُعَلِّمُ، ٱلْجُمُوعُ يُضَيِّقُونَ عَلَيْكَ وَيَزْحَمُونَكَ، وَتَقُولُ: مَنِ ٱلَّذِي لَمَسَنِي؟». | ٤٥ 45 |
ئەيسا: ــ ماڭا قول تەگكۈزگەن كىم؟ ــ دەپ سورىدى. ھەممەيلەن ئىنكار قىلغاندا، پېترۇسمۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغانلارمۇ: ــ ئۇستاز، خالايىق توپ-توپ بولۇپ تۆت ئەتراپىڭنى ئولىشىپ، سېنى قىستىشىۋاتقان يەردە، سەن «ماڭا تەگكەن كىم؟»، دەپ سورايسەنغۇ؟ ــ دېدى. |
فَقَالَ يَسُوعُ: «قَدْ لَمَسَنِي وَاحِدٌ، لِأَنِّي عَلِمْتُ أَنَّ قُوَّةً قَدْ خَرَجَتْ مِنِّي». | ٤٦ 46 |
لېكىن ئەيسا: ــ ياق! بىرسى ماڭا تەگدى؛ چۈنكى ۋۇجۇدۇمدىن قۇدرەتنىڭ چىقىپ كېتىۋاتقىنىنى سەزدىم، ــ دېدى. |
فَلَمَّا رَأَتِ ٱلْمَرْأَةُ أَنَّهَا لَمْ تَخْتَفِ، جَاءَتْ مُرْتَعِدَةً وَخَرَّتْ لَهُ، وَأَخْبَرَتْهُ قُدَّامَ جَمِيعِ ٱلشَّعْبِ لِأَيِّ سَبَبٍ لَمَسَتْهُ، وَكَيْفَ بَرِئَتْ فِي ٱلْحَالِ. | ٤٧ 47 |
ھېلىقى ئايال ئۆزىنىڭ يوشۇرۇپ قالالمايدىغانلىقىنى بىلىپ، تىترىگەن ھالدا ئۇنىڭ ئالدىغا يىقىلدى ۋە كۆپچىلىك ئالدىدا ئۆزىنىڭ نېمە سەۋەبتىن ئەيساغا قول تەگكۈزگەنلىكىنى، شۇنداقلا شۇئان قانداق ساقايغانلىقىنى ئېيتتى. |
فَقَالَ لَهَا: «ثِقِي يَا ٱبْنَةُ، إِيمَانُكِ قَدْ شَفَاكِ، اِذْهَبِي بِسَلَامٍ». | ٤٨ 48 |
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ يۈرەكلىك بول، قىزىم، ئىشەنچىڭ سېنى ساقايتتى! ئامان-خاتىرجەملىك بىلەن ماڭغىن! ــ دېدى. |
وَبَيْنَمَا هُوَ يَتَكَلَّمُ، جَاءَ وَاحِدٌ مِنْ دَارِ رَئِيسِ ٱلْمَجْمَعِ قَائِلًا لَهُ: «قَدْ مَاتَتِ ٱبْنَتُكَ. لَا تُتْعِبِ ٱلْمُعَلِّمَ». | ٤٩ 49 |
ئۇ سۆز قىلىۋاتقاندا، سىناگوگ چوڭىنىڭ ئۆيىدىن چىققان بىرەيلەن كېلىپ سىناگوگ چوڭىغا: ــ قىزىڭىز جان ئۈزدى. ئەمدى ئۇستازنى كايىتمىغىن، ــ دېدى. |
فَسَمِعَ يَسُوعُ، وَأَجَابَهُ قَائِلًا: «لَاتَخَفْ! آمِنْ فَقَطْ، فَهِيَ تُشْفَى». | ٥٠ 50 |
لېكىن ئەيسا بۇنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا: ــ قورقمىغىن! پەقەت ئىشەنچتە بول، ئۇ ساقىيىپ كېتىدۇ، ــ دېدى. |
فَلَمَّا جَاءَ إِلَى ٱلْبَيْتِ لَمْ يَدَعْ أَحَدًا يَدْخُلُ إِلَّا بُطْرُسَ وَيَعْقُوبَ وَيُوحَنَّا، وَأَبَا ٱلصَّبِيَّةِ وَأُمَّهَا. | ٥١ 51 |
ئۇ ئۆيگە بارغاندا پېترۇس، يۇھاننا، ياقۇپ ۋە قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن باشقا ھېچكىمنىڭ ئۆزى بىلەن بىللە ئۆيگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلمىدى. |
وَكَانَ ٱلْجَمِيعُ يَبْكُونَ عَلَيْهَا وَيَلْطِمُونَ. فَقَالَ: «لَا تَبْكُوا. لَمْ تَمُتْ لَكِنَّهَا نَائِمَةٌ». | ٥٢ 52 |
ئۇ يەردىكىلەر ھەممىسى قىزغا ماتەم تۇتۇپ يىغا-زار كۆتۈرۈۋاتاتتى. لېكىن ئۇ: ــ بولدى، يىغلىماڭلار! چۈنكى قىز ئۆلمىدى، پەقەت ئۇخلاپ قاپتۇ! ــ دېدى. |
فَضَحِكُوا عَلَيْهِ، عَارِفِينَ أَنَّهَا مَاتَتْ. | ٥٣ 53 |
ئۇلار بولسا قىزنىڭ ئاللىقاچان جان ئۈزدى دەپ بىلگەچكە، ئۇنى مەسخىرە قىلدى. |
فَأَخْرَجَ ٱلْجَمِيعَ خَارِجًا، وَأَمْسَكَ بِيَدِهَا وَنَادَى قَائِلًا: «يَا صَبِيَّةُ، قُومِي!». | ٥٤ 54 |
لېكىن ئۇ ئۇلارنى چىقىرىۋېتىپ، قىزنىڭ قولىدىن تارتىپ: ــ بالام، ئورنۇڭدىن تۇر، ــ دەپ چاقىردى. |
فَرَجَعَتْ رُوحُهَا وَقَامَتْ فِي ٱلْحَالِ. فَأَمَرَ أَنْ تُعْطَى لِتَأْكُلَ. | ٥٥ 55 |
[قىزنىڭ] روھى قايتىپ كېلىپ، ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇردى. ئۇ قىزغا يېگۈدەك بىرنېمە بېرىشنى ئېيتتى. |
فَبُهِتَ وَالِدَاهَا. فَأَوْصَاهُمَا أَنْ لَا يَقُولَا لِأَحَدٍ عَمَّا كَانَ. | ٥٦ 56 |
قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىنتايىن ھەيران قېلىشتى. لېكىن ئۇ ئۇلارغا بۇ ئىشنى ھېچكىمگە ئېيتماسلىقنى تاپىلىدى. |