ثُمَّ دَخَلَ وَٱجْتَازَ فِي أَرِيحَا. | ١ 1 |
ئۇ يېرىخو شەھىرىگە كىرىپ ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. |
وَإِذَا رَجُلٌ ٱسْمُهُ زَكَّا، وَهُوَ رَئِيسٌ لِلْعَشَّارِينَ وَكَانَ غَنِيًّا، | ٢ 2 |
مانا شۇ يەردە زاكاي ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. ئۇ «باش باجگىر» بولۇپ، ئىنتايىن باي ئىدى. |
وَطَلَبَ أَنْ يَرَى يَسُوعَ مَنْ هُوَ، وَلَمْ يَقْدِرْ مِنَ ٱلْجَمْعِ، لِأَنَّهُ كَانَ قَصِيرَ ٱلْقَامَةِ. | ٣ 3 |
ئۇ ئەيسانىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى كۆرۈشكە پۇرسەت ئىزدەۋاتاتتى، لېكىن بويى پاكار بولغاچقا، خەلقنىڭ تولىلىقىدىن ئۇنى كۆرەلمەيتتى. |
فَرَكَضَ مُتَقَدِّمًا وَصَعِدَ إِلَى جُمَّيْزَةٍ لِكَيْ يَرَاهُ، لِأَنَّهُ كَانَ مُزْمِعًا أَنْ يَمُرَّ مِنْ هُنَاكَ. | ٤ 4 |
شۇڭا ئۇ ئالدى تەرەپكە يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئۇنى كۆرۈش ئۈچۈن بىر تۈپ ئۈجمە دەرىخىگە يامىشىپ چىقتى؛ چۈنكى ئەيسا ئۇ يول بىلەن ئۆتەتتى. |
فَلَمَّا جَاءَ يَسُوعُ إِلَى ٱلْمَكَانِ، نَظَرَ إِلَى فَوْقُ فَرَآهُ، وَقَالَ لَهُ: «يَا زَكَّا، أَسْرِعْ وَٱنْزِلْ، لِأَنَّهُ يَنْبَغِي أَنْ أَمْكُثَ ٱلْيَوْمَ فِي بَيْتِكَ». | ٥ 5 |
ۋە ئەيسا ئۇ يەرگە كەلگەندە يۇقىرىغا قاراپ ئۇنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا: ــ زاكاي، چاپسان چۈشكىن! چۈنكى مەن بۈگۈن سېنىڭ ئۆيۈڭدە قونۇشۇم كېرەك، ــ دېدى. |
فَأَسْرَعَ وَنَزَلَ وَقَبِلَهُ فَرِحًا. | ٦ 6 |
ئۇ ئالدىراپ چۈشۈپ، خۇشاللىق بىلەن ئۇنى [ئۆيىدە] مېھمان قىلدى. |
فَلَمَّا رَأَى ٱلْجَمِيعُ ذَلِكَ تَذَمَّرُوا قَائِلِينَ: «إِنَّهُ دَخَلَ لِيَبِيتَ عِنْدَ رَجُلٍ خَاطِئٍ». | ٧ 7 |
بۇ ئىشنى كۆرگەن خالايىقنىڭ ھەممىسى: ئۇ گۇناھكار كىشىنىڭكىدە قونغىلى كىرىپ كەتتى! ــ دەپ غوتۇلدىشىپ كەتتى. |
فَوَقَفَ زَكَّا وَقَالَ لِلرَّبِّ: «هَا أَنَا يَارَبُّ أُعْطِي نِصْفَ أَمْوَالِي لِلْمَسَاكِينِ، وَإِنْ كُنْتُ قَدْ وَشَيْتُ بِأَحَدٍ أَرُدُّ أَرْبَعَةَ أَضْعَافٍ». | ٨ 8 |
لېكىن زاكاي ئورنىدىن تۇرۇپ رەبگە: ــ ئى رەببىم، مانا، مۈلكۈمنىڭ يېرىمىنى يوقسۇللارغا بېرىمەن؛ ئەگەر بىراۋنى يالغاندىن شىكايەت قىلىپ ئۇنىڭدىن بىرنېمە ئۈندۈرۈۋالغان بولسام بىرىگە تۆتنى قايتۇرىمەن، ــ دېدى. |
فَقَالَ لَهُ يَسُوعُ: «ٱلْيَوْمَ حَصَلَ خَلَاصٌ لِهَذَا ٱلْبَيْتِ، إِذْ هُوَ أَيْضًا ٱبْنُ إِبْرَاهِيمَ، | ٩ 9 |
بۇنىڭ بىلەن ئەيسا ئۇنىڭغا [قاراپ]: ــ بۈگۈن نىجات بۇ ئۆيگە كىردى. چۈنكى بۇ كىشى ھەم ئىبراھىمنىڭ ئوغلىدۇر! |
لِأَنَّ ٱبْنَ ٱلْإِنْسَانِ قَدْ جَاءَ لِكَيْ يَطْلُبَ وَيُخَلِّصَ مَا قَدْ هَلَكَ». | ١٠ 10 |
چۈنكى ئىنسانئوغلى ئېزىپ كەتكەنلەرنى ئىزدەپ قۇتقۇزغىلى كەلدى، ــ دېدى. |
وَإِذْ كَانُوا يَسْمَعُونَ هَذَا عَادَ فَقَالَ مَثَلًا، لِأَنَّهُ كَانَ قَرِيبًا مِنْ أُورُشَلِيمَ، وَكَانُوا يَظُنُّونَ أَنَّ مَلَكُوتَ ٱللهِ عَتِيدٌ أَنْ يَظْهَرَ فِي ٱلْحَالِ. | ١١ 11 |
خالايىق بۇ سۆزلەرنى تىڭشاۋاتقاندا ئۇ يەنە سۆز قىلىپ بىر تەمسىلنى قوشۇپ ئېيتتى. چۈنكى ئۇ يېرۇسالېمغا يېقىنلاشقانىدى ۋە ئۇلار: «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى دەرھال نامايان بولىدىغۇ!؟» ــ دەپ ئويلاشقانىدى. |
فَقَالَ: «إِنْسَانٌ شَرِيفُ ٱلْجِنْسِ ذَهَبَ إِلَى كُورَةٍ بَعِيدَةٍ لِيَأْخُذَ لِنَفْسِهِ مُلْكًا وَيَرْجِعَ. | ١٢ 12 |
شۇڭا ئۇ مۇنداق دېدى: بىر ئاقسۆڭەك پادىشاھلىق تەختىگە ئېرىشىپ كېلىش ئۈچۈن يىراق بىر يۇرتقا قاراپ يولغا چىقىپتۇ. |
فَدَعَا عَشَرَةَ عَبِيدٍ لَهُ وَأَعْطَاهُمْ عَشَرَةَ أَمْنَاءٍ، وَقَالَ لَهُمْ: تَاجِرُوا حَتَّى آتِيَ. | ١٣ 13 |
[ئاۋۋال] ئۇ ئۆزىنىڭ ئون قۇلىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا ئون تىللانى ئۈلەشتۈرۈپ بېرىپ: «مەن قايتىپ كەلگۈچە [بۇنىڭ بىلەن] ئوقەت قىلىڭلار» ــ دەپتۇ. |
وَأَمَّا أَهْلُ مَدِينَتِهِ فَكَانُوا يُبْغِضُونَهُ، فَأَرْسَلُوا وَرَاءَهُ سَفَارَةً قَائِلِينَ: لَا نُرِيدُ أَنَّ هَذَا يَمْلِكُ عَلَيْنَا. | ١٤ 14 |
بىراق ئۆز يۇرت پۇقرالىرى ئۇنىڭغا ئۆچ بولغاچقا، كەينىدىن ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ: «بۇ كىشىنىڭ ئۈستىمىزگە پادىشاھ بولۇشىنى خالىمايمىز!» دەپتۇ. |
وَلَمَّا رَجَعَ بَعْدَمَا أَخَذَ ٱلْمُلْكَ، أَمَرَ أَنْ يُدْعَى إِلَيْهِ أُولَئِكَ ٱلْعَبِيدُ ٱلَّذِينَ أَعْطَاهُمُ ٱلْفِضَّةَ، لِيَعْرِفَ بِمَا تَاجَرَ كُلُّ وَاحِدٍ. | ١٥ 15 |
ۋە ئۇ پادىشاھلىق مەنسىپىگە ئېرىشىپ قايتىپ كەلگەندە شۇنداق بولدىكى، ھەربىرىنىڭ تىجارەت بىلەن قانچە پايدا تاپقىنىنى بىلمەكچى بولۇپ، پۇلىنى تاپشۇرغان ھېلىقى قۇللىرىنى ئۆز ئالدىغا چاقىرتىپتۇ. |
فَجَاءَ ٱلْأَوَّلُ قَائِلًا: يَا سَيِّدُ، مَنَاكَ رَبِحَ عَشَرَةَ أَمْنَاءٍ. | ١٦ 16 |
ۋە ئاۋۋالقىسى كېلىپ: «ئى خوجام، سىلى بەرگەن تىللا ئون تىللا پايدا قىلدى» دەپتۇ. |
فَقَالَ لَهُ: نِعِمَّا أَيُّهَا ٱلْعَبْدُ ٱلصَّالِحُ! لِأَنَّكَ كُنْتَ أَمِينًا فِي ٱلْقَلِيلِ، فَلْيَكُنْ لَكَ سُلْطَانٌ عَلَى عَشْرِ مُدْنٍ. | ١٧ 17 |
«يارايسەن، ئەي ياخشى قۇل! سەن كىچىككىنە ئىشتا ئىشەنچلىك چىققانلىقىڭ ئۈچۈن ئون شەھەرگە ھاكىم بولغىن» ــ دەپتۇ خوجايىن ئۇنىڭغا. |
ثُمَّ جَاءَ ٱلثَّانِي قَائِلًا: يَا سَيِّدُ، مَنَاكَ عَمِلَ خَمْسَةَ أَمْنَاءٍ. | ١٨ 18 |
ئىككىنچىسى كېلىپ: «ئى خوجام، سىلى بەرگەن تىللا بەش تىللا پايدا قىلدى» دەپتۇ. |
فَقَالَ لِهَذَا أَيْضًا: وَكُنْ أَنْتَ عَلَى خَمْسِ مُدْنٍ. | ١٩ 19 |
خوجايىن ئۇنىڭغا ھەم: «سەن ھەم بەش شەھەرگە ھاكىم بولغىن» دەپتۇ. |
ثُمَّ جَاءَ آخَرُ قَائِلًا: يَا سَيِّدُ، هُوَذَا مَنَاكَ ٱلَّذِي كَانَ عِنْدِي مَوْضُوعًا فِي مِنْدِيلٍ، | ٢٠ 20 |
لېكىن يەنە بىرسى كېلىپ: «ئى خوجام، مانا سىلى بەرگەن تىللا! بۇنى ياغلىققا چىگىپ بىر جايدا قويۇپ ساقلىدىم. |
لِأَنِّي كُنْتُ أَخَافُ مِنْكَ، إِذْ أَنْتَ إِنْسَانٌ صَارِمٌ، تَأْخُذُ مَا لَمْ تَضَعْ، وَتَحْصُدُ مَا لَمْ تَزْرَعْ. | ٢١ 21 |
چۈنكى سىلى قاتتىق ئادەم ئىكەنلا، سىلى ئامانەت قىلمىغانلىرىدىن پايدا ئۈندۈرۈپ، ئۆزلىرى تېرىمىغانلىرىدىن ھوسۇل يىغىلا. شۇنىڭ ئۈچۈن سىلىدىن قورقتۇم» دەپتۇ. |
فَقَالَ لَهُ: مِنْ فَمِكَ أَدِينُكَ أَيُّهَا ٱلْعَبْدُ ٱلشِّرِّيرُ. عَرَفْتَ أَنِّي إِنْسَانٌ صَارِمٌ، آخُذُ مَا لَمْ أَضَعْ، وَأَحْصُدُ مَا لَمْ أَزْرَعْ، | ٢٢ 22 |
ئەمما [خوجايىنى] ئۇنىڭغا: «ئەي ئەسكى قۇل، ساڭا ئۆز ئاغزىڭدىن چىققان سۆزلىرىڭ بويىچە ھۆكۈم قىلاي. سەن مېنىڭ ئامانەت قىلماي ئۈندۈرۈۋالىدىغان، تېرىماي تۇرۇپ يىغىۋالىدىغان قاتتىق ئادەم ئىكەنلىكىمنى بىلىپ تۇرۇپ، |
فَلِمَاذَا لَمْ تَضَعْ فِضَّتِي عَلَى مَائِدَةِ ٱلصَّيَارِفَةِ، فَكُنْتُ مَتَى جِئْتُ أَسْتَوْفِيهَا مَعَ رِبًا؟ | ٢٣ 23 |
نېمە ئۈچۈن مېنىڭ پۇلۇمنى خەزىنىچىلەرگە ئامانەت قويمىدىڭ؟ مەن قايتىپ كەلگەندە، ئۇنى ئۆسۈمى بىلەن ئالماسمىدىم؟» ــ دەپتۇ. |
ثُمَّ قَالَ لِلْحَاضِرِينَ: خُذُوا مِنْهُ ٱلْمَنَا وَأَعْطُوهُ لِلَّذِي عِنْدَهُ ٱلْعَشَرَةُ ٱلْأَمْنَاءُ. | ٢٤ 24 |
ئاندىن ئۇ يېنىدىكىلەرگە: «ئۇنىڭدىكى تىللانى ئېلىپ ئون تىللا تاپقان قۇلغا بېرىڭلار!» دەپ بۇيرۇپتۇ. |
فَقَالُوا لَهُ: يَا سَيِّدُ، عِنْدَهُ عَشَرَةُ أَمْنَاءٍ! | ٢٥ 25 |
ئۇلار ئۇنىڭغا: «ئى خوجا، ئۇنىڭ ئون تىللاسى تۇرسا!» ــ دەپتىكەن، |
لِأَنِّي أَقُولُ لَكُمْ: إِنَّ كُلَّ مَنْ لَهُ يُعْطَى، وَمَنْ لَيْسَ لَهُ فَٱلَّذِي عِنْدَهُ يُؤْخَذُ مِنْهُ. | ٢٦ 26 |
[ھوجايىن يەنە مۇنداق دەپتۇ]: «ــ چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، كىمدە بار بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ؛ ئەمما كىمدە يوق بولسا، ھەتتا ئۇنىڭدا بار بولغانلىرىمۇ ئۇنىڭدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ. |
أَمَّا أَعْدَائِي، أُولَئِكَ ٱلَّذِينَ لَمْ يُرِيدُوا أَنْ أَمْلِكَ عَلَيْهِمْ، فَأْتُوا بِهِمْ إِلَى هُنَا وَٱذْبَحُوهُمْ قُدَّامِي». | ٢٧ 27 |
ئەمدى ئۈستىگە پادىشاھ بولۇپ ھۆكۈم سۈرۈشۈمنى خالىمىغان دۈشمەنلىرىمنى بولسا، ئۇلارنى كەلتۈرۈپ، مېنىڭ ئالدىمدا قەتل قىلىڭلار». |
وَلَمَّا قَالَ هَذَا تَقَدَّمَ صَاعِدًا إِلَى أُورُشَلِيمَ. | ٢٨ 28 |
ئۇ بۇ ئىشلارنى ئېيتقاندىن كېيىن، يېرۇسالېمغا چىقىشقا ئالدىغا قاراپ ماڭدى. |
وَإِذْ قَرُبَ مِنْ بَيْتِ فَاجِي وَبَيْتِ عَنْيَا، عِنْدَ ٱلْجَبَلِ ٱلَّذِي يُدْعَى جَبَلَ ٱلزَّيْتُونِ، أَرْسَلَ ٱثْنَيْنِ مِنْ تَلَامِيذِهِ | ٢٩ 29 |
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ زەيتۇن تېغىنىڭ ئېتىكىدىكى بەيت-فاگى ۋە بەيت-ئانىيا يېزىلىرىغا يېقىن كەلگىنىدە، ئىككى مۇخلىسىغا مۇنۇلارنى تاپىلاپ ئالدىن ئەۋەتتى: |
قَائِلًا: «اِذْهَبَا إِلَى ٱلْقَرْيَةِ ٱلَّتِي أَمَامَكُمَا، وَحِينَ تَدْخُلَانِهَا تَجِدَانِ جَحْشًا مَرْبُوطًا لَمْ يَجْلِسْ عَلَيْهِ أَحَدٌ مِنَ ٱلنَّاسِ قَطُّ. فَحُلَّاهُ وَأْتِيَا بِهِ. | ٣٠ 30 |
ــ سىلەر ئۇدۇلۇڭلاردىكى يېزىغا بېرىڭلار. ئۇ يەرگە كىرىپلا ھېچ ئادەم بالىسى مىنىپ باقمىغان، باغلاقلىق بىر تەخەينى كۆرىسىلەر. ئۇنى يېشىپ بۇ يەرگە يېتىلەپ كېلىڭلار. |
وَإِنْ سَأَلَكُمَا أَحَدٌ: لِمَاذَا تَحُلَّانِهِ؟ فَقُولَا لَهُ هَكَذَا: إِنَّ ٱلرَّبَّ مُحْتَاجٌ إِلَيْهِ». | ٣١ 31 |
ئەگەر بىرسى سىلەردىن: «نېمىشقا بۇنى يېشىسىلەر؟» دەپ سوراپ قالسا، سىلەر ئۇنىڭغا: «رەبنىڭ بۇنىڭغا ھاجىتى چۈشتى» ــ دەڭلار. |
فَمَضَى ٱلْمُرْسَلَانِ وَوَجَدَا كَمَا قَالَ لَهُمَا. | ٣٢ 32 |
شۇنىڭ بىلەن ئەۋەتىلگەنلەر بېرىۋىدى، ئىش دەل ئۇ ئۇلارغا ئېيتقاندەك بولدى. |
وَفِيمَا هُمَا يَحُلَّانِ ٱلْجَحْشَ قَالَ لَهُمَا أَصْحَابُهُ: «لِمَاذَا تَحُلَّانِ ٱلْجَحْشَ؟». | ٣٣ 33 |
ئۇلار تەخەينى يېشىۋاتقاندا، ئۇنىڭ ئىگىلىرى ئۇلاردىن: ــ تەخەينى نېمىشقا يېشىسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. |
فَقَالَا: «ٱلرَّبُّ مُحْتَاجٌ إِلَيْهِ». | ٣٤ 34 |
ئۇلار: ــ رەبنىڭ ئۇنىڭغا ھاجىتى چۈشتى، ــ دېدى. |
وَأَتَيَا بِهِ إِلَى يَسُوعَ، وَطَرَحَا ثِيَابَهُمَا عَلَى ٱلْجَحْشِ، وَأَرْكَبَا يَسُوعَ. | ٣٥ 35 |
ئۇلار ئۇنى ئەيسانىڭ ئالدىغا يېتىلەپ كەلدى؛ ۋە يېپىنچا-چاپانلىرىنى تەخەينىڭ ئۈستىگە سېلىپ، ئەيسانى يۆلەپ ئۈستىگە مىندۈردى. |
وَفِيمَا هُوَ سَائِرٌ فَرَشُوا ثِيَابَهُمْ فِي ٱلطَّرِيقِ. | ٣٦ 36 |
ئۇ كېتىپ بارغىنىدا، خەلقلەر يېپىنچا-چاپانلىرىنى يولغا پايانداز قىلىپ سالدى. |
وَلَمَّا قَرُبَ عِنْدَ مُنْحَدَرِ جَبَلِ ٱلزَّيْتُونِ، ٱبْتَدَأَ كُلُّ جُمْهُورِ ٱلتَّلَامِيذِ يَفْرَحُونَ وَيُسَبِّحُونَ ٱللهَ بِصَوْتٍ عَظِيمٍ، لِأَجْلِ جَمِيعِ ٱلْقُوَّاتِ ٱلَّتِي نَظَرُوا، | ٣٧ 37 |
ۋە ئۇ زەيتۇن تېغىدىن چۈشۈش يولىغا يېقىنلاشقىنىدا، پۈتكۈل مۇخلىسلار جامائىتى شادلىنىپ، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن قۇدرەتلىك مۆجىزىلەر ئۈچۈن ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ: «پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگەن پادىشاھ مۇبارەكتۇر! ئاسمانلاردا تىنچ-ئىناقلىق تىكلەنگەي، ئەرشىئەلادا شان-شەرەپ ئايان بولغاي!» دەپ توۋلىشىپ خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشقا باشلىدى. |
قَائِلِينَ: «مُبَارَكٌ ٱلْمَلِكُ ٱلْآتِي بِٱسْمِ ٱلرَّبِّ! سَلَامٌ فِي ٱلسَّمَاءِ وَمَجْدٌ فِي ٱلْأَعَالِي!». | ٣٨ 38 |
وَأَمَّا بَعْضُ ٱلْفَرِّيسِيِّينَ مِنَ ٱلْجَمْعِ فَقَالُوا لَهُ: «يَا مُعَلِّمُ، ٱنْتَهِرْ تَلَامِيذَكَ!». | ٣٩ 39 |
لېكىن توپنىڭ ئىچىدە بەزى پەرىسىيلەر ئۇنىڭغا: ــ ئەي ئۇستاز، مۇخلىسلىرىڭغا [مۇشۇ گەپلىرى ئۈچۈن] تەنبىھ بەر! ــ دېيىشتى. |
فَأَجَابَ وَقَالَ لَهُمْ: «أَقُولُ لَكُمْ: إِنَّهُ إِنْ سَكَتَ هَؤُلَاءِ فَٱلْحِجَارَةُ تَصْرُخُ!». | ٤٠ 40 |
بىراق ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن: ــ سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، بۇلار جىم تۇرغان بولسا، ھەتتا بۇ تاشلارمۇ چۇقان سېلىشقان بولاتتى، ــ دېدى. |
وَفِيمَا هُوَ يَقْتَرِبُ نَظَرَ إِلَى ٱلْمَدِينَةِ وَبَكَى عَلَيْهَا | ٤١ 41 |
ئەمدى ئۇ شەھەرگە يېقىنلىشىپ ئۇنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن يىغلاپ مۇنداق دېدى: |
قَائِلًا: «إِنَّكِ لَوْ عَلِمْتِ أَنْتِ أَيْضًا، حَتَّى فِي يَوْمِكِ هَذَا، مَا هُوَ لِسَلَامِكِ! وَلَكِنِ ٱلْآنَ قَدْ أُخْفِيَ عَنْ عَيْنَيْكِ. | ٤٢ 42 |
ــ [ئى يېرۇسالېم]! سەن بۈگۈن، بۇ كۈنۈڭدە، تىنچ-ئامانلىقىڭ ئۈچۈن نېمە كېرەك بولغىنىنى بىلسەڭ ئىدى! كاشكى، بۇ ئىشلار ھازىر كۆزلىرىڭدىن يوشۇرۇندۇر. |
فَإِنَّهُ سَتَأْتِي أَيَّامٌ وَيُحِيطُ بِكِ أَعْدَاؤُكِ بِمِتْرَسَةٍ، وَيُحْدِقُونَ بِكِ وَيُحَاصِرُونَكِم مِنْ كُلِّ جِهَةٍ، | ٤٣ 43 |
چۈنكى شۇنداق كۈنلەر بېشىڭغا كېلىدۇكى، دۈشمەنلىرىڭ ئەتراپىڭنى قاشا-ئىستىھكام بىلەن قورشاپ سېنى قاماپ تۆت تەرەپتىن قىستايدۇ. |
وَيَهْدِمُونَكِ وَبَنِيكِ فِيكِ، وَلَا يَتْرُكُونَ فِيكِ حَجَرًا عَلَى حَجَرٍ، لِأَنَّكِ لَمْ تَعْرِفِي زَمَانَ ٱفْتِقَادِكِ». | ٤٤ 44 |
ئۇلار سېنى ۋە [سېپىلىڭ]نىڭ ئىچىڭدىكى بالىلىرىڭنى يەر بىلەن يەكسەن قىلىپ، ھەتتا تاشنى تاشنىڭ ئۈستىدىمۇ قالدۇرمايدۇ؛ چۈنكى [خۇدا]نىڭ سېنى يوقلىغان پەيتىنى بىلىپ يەتمىدىڭ. |
وَلَمَّا دَخَلَ ٱلْهَيْكَلَ ٱبْتَدَأَ يُخْرِجُ ٱلَّذِينَ كَانُوا يَبِيعُونَ وَيَشْتَرُونَ فِيهِ | ٤٥ 45 |
ۋە ئۇ ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرىپ، ئۇ يەردە ئېلىم-سېتىم قىلىۋاتقانلارنى ھەيدەپ چىقىرىپ، |
قَائِلًا لَهُمْ: «مَكْتُوبٌ: إِنَّ بَيْتِي بَيْتُ ٱلصَّلَاةِ. وَأَنْتُمْ جَعَلْتُمُوهُ مَغَارَةَ لُصُوصٍ!». | ٤٦ 46 |
ئۇلارغا: ــ مۇقەددەس يازمىلاردا: «مېنىڭ ئۆيۈم دۇئا-تىلاۋەتخانا بولىدۇ» دەپ پۈتۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن سىلەر ئۇنى «بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسى» قىلىۋالدىڭلار! ــ دېدى. |
وَكَانَ يُعَلِّمُ كُلَّ يَوْمٍ فِي ٱلْهَيْكَلِ، وَكَانَ رُؤَسَاءُ ٱلْكَهَنَةِ وَٱلْكَتَبَةُ مَعَ وُجُوهِ ٱلشَّعْبِ يَطْلُبُونَ أَنْ يُهْلِكُوهُ، | ٤٧ 47 |
شۇ ۋاقىتلاردا ئۇ ھەركۈنى ئىبادەتخانىدا تەلىم بېرەتتى. باش كاھىنلار، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە يۇرت چوڭلىرى ئۇنى يوقىتىشقا ئامال ئىزدىدى. |
وَلَمْ يَجِدُوا مَا يَفْعَلُونَ، لِأَنَّ ٱلشَّعْبَ كُلَّهُ كَانَ مُتَعَلِّقًا بِهِ يَسْمَعُ مِنْهُ. | ٤٨ 48 |
لېكىن ئۇلار قانداق قول سېلىشنى بىلمەيتتى، چۈنكى بارلىق خەلق ئۇنىڭ سۆزىنى تىڭشاش ئۈچۈن ئۇنىڭغا قاتتىق يېپىشقانىدى. |