وَكَانَ جَمِيعُ ٱلْعَشَّارِينَ وَٱلْخُطَاةِ يَدْنُونَ مِنْهُ لِيَسْمَعُوهُ. | ١ 1 |
ئەمدى باجگىرلار ۋە باشقا گۇناھكارلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاشقا ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولاشماقتا ئىدى. |
فَتَذَمَّرَ ٱلْفَرِّيسِيُّونَ وَٱلْكَتَبَةُ قَائِلِينَ: «هَذَا يَقْبَلُ خُطَاةً وَيَأْكُلُ مَعَهُمْ!». | ٢ 2 |
لېكىن پەرىسىيلەر بىلەن تەۋرات ئۇستازلىرى غۇدۇڭشۇپ: ــ بۇ ئادەم گۇناھكارلارنى قارشى ئالىدۇ ۋە ئۇلار بىلەن ھەمداستىخان ئولتۇرىدۇ! ــ دېيىشتى. |
فَكَلَّمَهُمْ بِهَذَا ٱلْمَثَلِ قَائِلًا: | ٣ 3 |
شۇڭا ئۇ ئۇلارغا مۇنۇ تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى: |
«أَيُّ إِنْسَانٍ مِنْكُمْ لَهُ مِئَةُ خَرُوفٍ، وَأَضَاعَ وَاحِدًا مِنْهَا، أَلَا يَتْرُكُ ٱلتِّسْعَةَ وَٱلتِّسْعِينَ فِي ٱلْبَرِّيَّةِ، وَيَذْهَبَ لِأَجْلِ ٱلضَّالِّ حَتَّى يَجِدَهُ؟ | ٤ 4 |
ــ ئەگەر ئاراڭلاردا بىرەيلەننىڭ يۈز تۇياق قويى بولۇپ، ئۇلاردىن بىرى يىتىپ كەتسە، توقسان توققۇزىنى چۆلدە قويۇپ قويۇپ يىتىپ كەتكىنىنى تاپقۇچە ئىزدىمەسمۇ؟ |
وَإِذَا وَجَدَهُ يَضَعُهُ عَلَى مَنْكِبَيْهِ فَرِحًا، | ٥ 5 |
ئۇنى تېپىۋالغاندا، شادلانغان ھالدا مۈرىسىگە ئارتىدۇ؛ |
وَيَأْتِي إِلَى بَيْتِهِ وَيَدْعُو ٱلْأَصْدِقَاءَ وَٱلْجِيرَانَ قَائِلًا لَهُمُ: ٱفْرَحُوا مَعِي، لِأَنِّي وَجَدْتُ خَرُوفِي ٱلضَّالَّ! | ٦ 6 |
ئاندىن ئۆيىگە ئېلىپ كېلىپ، يار-بۇرادەرلىرى بىلەن قولۇم-قوشنىلىرىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا: «مەن يىتكەن قويۇمنى تېپىۋالدىم، مېنىڭ بىلەن تەڭ شادلىنىڭلار!» دەيدۇ. |
أَقُولُ لَكُمْ: إِنَّهُ هَكَذَا يَكُونُ فَرَحٌ فِي ٱلسَّمَاءِ بِخَاطِئٍ وَاحِدٍ يَتُوبُ أَكْثَرَ مِنْ تِسْعَةٍ وَتِسْعِينَ بَارًّا لَا يَحْتَاجُونَ إِلَى تَوْبَةٍ. | ٧ 7 |
مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، شۇنىڭغا ئوخشاش، توۋا قىلىۋاتقان بىر گۇناھكار ئۈچۈن ئەرشتە زور خۇرسەنلىك بولىدۇ؛ بۇ خۇرسەنلىك توۋىغا موھتاج بولمىغان توقسان توققۇز ھەققانىي كىشىدىن بولغان خۇرسەنلىكتىن كۆپ ئارتۇقتۇر. |
«أَوْ أَيَّةُ ٱمْرَأَةٍ لَهَا عَشْرَةُ دَرَاهِمَ، إِنْ أَضَاعَتْ دِرْهَمًا وَاحِدًا، أَلَا تُوقِدُ سِرَاجًا وَتَكْنُسُ ٱلْبَيْتَ وَتُفَتِّشُ بِٱجْتِهَادٍ حَتَّى تَجِدَهُ؟ | ٨ 8 |
ــ ياكى بىر ئايالنىڭ ئون كۈمۈش دىنارى بولۇپ، بىر دىنارنى يوقىتىپ قويسا، چىراغنى يېقىپ، تاكى ئۇنى تاپقۇچە ئۆينى سۈپۈرۈپ، زەن قويۇپ ئىزدىمەسمۇ؟ |
وَإِذَا وَجَدَتْهُ تَدْعُو ٱلصَّدِيقَاتِ وَٱلْجَارَاتِ قَائِلَةً: ٱفْرَحْنَ مَعِي لِأَنِّي وَجَدْتُ ٱلدِّرْهَمَ ٱلَّذِي أَضَعْتُهُ. | ٩ 9 |
ئۇنى تاپقاندا يار-بۇرادەر، قولۇم-قوشنلىرىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا: «مېنىڭ بىلەن تەڭ شادلىنىڭلار، چۈنكى مەن يوقىتىپ قويغان دىنارىمنى تېپىۋالدىم» ــ دەيدۇ. |
هَكَذَا، أَقُولُ لَكُمْ: يَكُونُ فَرَحٌ قُدَّامَ مَلَائِكَةِ ٱللهِ بِخَاطِئٍ وَاحِدٍ يَتُوبُ. | ١٠ 10 |
مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، شۇنىڭغا ئوخشاش توۋا قىلىۋاتقان بىر گۇناھكار ئۈچۈن خۇدانىڭ پەرىشتىلىرىنىڭ ئارىسىدا خۇرسەنلىك بولىدۇ. |
وَقَالَ: «إِنْسَانٌ كَانَ لَهُ ٱبْنَانِ. | ١١ 11 |
ئۇ سۆزىنى داۋام قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ مەلۇم بىر ئادەمنىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىكەن. |
فَقَالَ أَصْغَرُهُمَا لِأَبِيهِ: يَا أَبِي أَعْطِنِي ٱلْقِسْمَ ٱلَّذِي يُصِيبُنِي مِنَ ٱلْمَالِ. فَقَسَمَ لَهُمَا مَعِيشَتَهُ. | ١٢ 12 |
كىچىك ئوغلى ئاتىسىغا: «ئەي ئاتا، مال-مۈلۈكتىن تېگىشلىك ئۈلۈشۈمنى ھازىرلا ماڭا بەرگىن» دەپ ئېيتىپتۇ. ۋە ئۇ ئۆز مال-مۈلۈكلىرىنى ئىككىسىگە تەقسىم قىلىپ بېرىپتۇ. |
وَبَعْدَ أَيَّامٍ لَيْسَتْ بِكَثِيرَةٍ جَمَعَ ٱلِٱبْنُ ٱلْأَصْغَرُ كُلَّ شَيْءٍ وَسَافَرَ إِلَى كُورَةٍ بَعِيدَةٍ، وَهُنَاكَ بَذَّرَ مَالَهُ بِعَيْشٍ مُسْرِفٍ. | ١٣ 13 |
ئۇزۇن ئۆتمەيلا، كىچىك ئوغلى بار-يوقىنى يىغىشتۇرۇپ، يىراق بىر يۇرتقا سەپەر قىلىپتۇ. ئۇ ئۇ يەردە ئەيش-ئىشرەتلىك ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرۈپ مال-دۇنياسىنى بۇزۇپ-چېچىپتۇ. |
فَلَمَّا أَنْفَقَ كُلَّ شَيْءٍ، حَدَثَ جُوعٌ شَدِيدٌ فِي تِلْكَ ٱلْكُورَةِ، فَٱبْتَدَأَ يَحْتَاجُ. | ١٤ 14 |
دەل ئۇ بار-يوقىنى سەرپ قىلىپ تۈگەتكەن ۋاقتىدا، ئۇ يۇرتتا قاتتىق ئاچارچىلىق بولۇپ، ئۇ خېلىلا قىسىلچىلىقتا قاپتۇ. |
فَمَضَى وَٱلْتَصَقَ بِوَاحِدٍ مِنْ أَهْلِ تِلْكَ ٱلْكُورَةِ، فَأَرْسَلَهُ إِلَى حُقُولِهِ لِيَرْعَى خَنَازِيرَ. | ١٥ 15 |
شۇنىڭ بىلەن ئۇ بېرىپ، شۇ يۇرتنىڭ بىر پۇقراسىغا مەدىكار بولۇپ ياللىنىپتۇ؛ ئۇ ئۇنى ئېتىزلىقىغا چوشقا بېقىشقا ئەۋەتىپتۇ. |
وَكَانَ يَشْتَهِي أَنْ يَمْلَأَ بَطْنَهُ مِنَ ٱلْخُرْنُوبِ ٱلَّذِي كَانَتِ ٱلْخَنَازِيرُ تَأْكُلُهُ، فَلَمْ يُعْطِهِ أَحَدٌ. | ١٦ 16 |
ئۇ ھەتتا قورسىقىنى چوشقىلارنىڭ يېمى بولغان پۇرچاق پوستى بىلەن تويغۇزۇشقا تەقەززا بوپتۇ؛ لېكىن ھېچكىم ئۇنىڭغا ھېچنەرسە بەرمەپتۇ. |
فَرَجَعَ إِلَى نَفْسِهِ وَقَالَ: كَمْ مِنْ أَجِيرٍ لِأَبِي يَفْضُلُ عَنْهُ ٱلْخُبْزُ وَأَنَا أَهْلِكُ جُوعًا! | ١٧ 17 |
ئاخىر بېرىپ ئۇ ھوشىنى تېپىپ: «ئاتامنىڭ شۇنچە كۆپ مەدىكارلىرىنىڭ ئالدىدىن يېمەك-ئىچمەك ئېشىپ-تېشىپ تۇرىدۇ؛ لېكىن مەن بولسام بۇ يەردە ئاچلىقتىن ئۆلەي دەپ قالدىم! |
أَقُومُ وَأَذْهَبُ إِلَى أَبِي وَأَقُولُ لَهُ: يَا أَبِي، أَخْطَأْتُ إِلَى ٱلسَّمَاءِ وَقُدَّامَكَ، | ١٨ 18 |
ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئاتامنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: ئەي ئاتا، مەن ئەرشنىڭ ئالدىدىمۇ ۋە سېنىڭ ئالدىڭدىمۇ گۇناھ قىلدىم. |
وَلَسْتُ مُسْتَحِقًّا بَعْدُ أَنْ أُدْعَى لَكَ ٱبْنًا. اِجْعَلْنِي كَأَحَدِ أَجْرَاكَ. | ١٩ 19 |
ئەمدى سېنىڭ ئوغلۇڭ ئاتىلىشقا لايىق ئەمەسمەن. مېنى مەدىكارلىرىڭ سۈپىتىدە قوبۇل قىلغايسەن! ــ دەيمەن» دەپ ئويلاپتۇ. |
فَقَامَ وَجَاءَ إِلَى أَبِيهِ. وَإِذْ كَانَ لَمْ يَزَلْ بَعِيدًا رَآهُ أَبُوهُ، فَتَحَنَّنَ وَرَكَضَ وَوَقَعَ عَلَى عُنُقِهِ وَقَبَّلَهُ. | ٢٠ 20 |
شۇنىڭ بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ ئاتىسىنىڭ ئالدىغا قايتىپ مېڭىپتۇ. لېكىن ئاتىسى يىراقتىنلا ئۇنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىتىپ، ئالدىغا يۈگۈرۈپ چىقىپ، ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ ئۇنى سۆيۈپ كېتىپتۇ. |
فَقَالَ لَهُ ٱلِٱبْنُ: يَا أَبِي، أَخْطَأْتُ إِلَى ٱلسَّمَاءِ وَقُدَّامَكَ، وَلَسْتُ مُسْتَحِقًّا بَعْدُ أَنْ أُدْعَى لَكَ ٱبْنًا. | ٢١ 21 |
ئوغلى: «ئاتا، مەن ئەرشنىڭ ئالدىدىمۇ، سېنىڭ ئالدىڭدىمۇ گۇناھ قىلدىم. ئەمدى سېنىڭ ئوغلۇڭ ئاتىلىشقا لايىق ئەمەسمەن» ــ دەپتۇ. |
فَقَالَ ٱلْأَبُ لِعَبِيدِهِ: أَخْرِجُوا ٱلْحُلَّةَ ٱلْأُولَى وَأَلْبِسُوهُ، وَٱجْعَلُوا خَاتَمًا فِي يَدِهِ، وَحِذَاءً فِي رِجْلَيْهِ، | ٢٢ 22 |
بىراق ئاتىسى چاكارلىرىغا: «دەرھال ئەڭ ئېسىل توننى ئەكېلىپ ئۇنىڭغا كىيدۈرۈڭلار، قولىغا ئۈزۈك سېلىڭلار، پۇتلىرىغا ئاياغ كىيدۈرۈڭلەر؛ |
وَقَدِّمُوا ٱلْعِجْلَ ٱلْمُسَمَّنَ وَٱذْبَحُوهُ فَنَأْكُلَ وَنَفْرَحَ، | ٢٣ 23 |
ۋە بورداق تورپاقنى ئەكېلىپ سويۇڭلار؛ ئاندىن ئوبدان يەپ، راۋۇرۇس تەبرىكلەيلى! |
لِأَنَّ ٱبْنِي هَذَا كَانَ مَيِّتًا فَعَاشَ، وَكَانَ ضَالًّا فَوُجِدَ. فَٱبْتَدَأُوا يَفْرَحُونَ. | ٢٤ 24 |
چۈنكى مېنىڭ بۇ ئوغلۇم ئۆلگەنىدى، تىرىلدى، يىتىپ كەتكەنىدى، تېپىلدى!» ــ دەپتۇ. ئاندىن ئۇلار تەبرىكلەشكىلى باشلاپتۇ. |
وَكَانَ ٱبْنُهُ ٱلْأَكْبَرُ فِي ٱلْحَقْلِ. فَلَمَّا جَاءَ وَقَرُبَ مِنَ ٱلْبَيْتِ، سَمِعَ صَوْتَ آلَاتِ طَرَبٍ وَرَقْصًا. | ٢٥ 25 |
ئەمدى چوڭ ئوغلى ئېتىزغا كەتكەنىكەن. ئۇ قايتىپ كېلىۋېتىپ ئۆيگە يېقىن كەلگەندە نەغمە-ناۋا بىلەن ئۇسسۇلنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپتۇ. |
فَدَعَا وَاحِدًا مِنَ ٱلْغِلْمَانِ وَسَأَلَهُ: مَا عَسَى أَنْ يَكُونَ هَذَا؟ | ٢٦ 26 |
ئۇ چاكارلاردىن بىرىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭدىن نېمە ئىش بولۇۋاتقىنىنى سوراپتۇ. |
فَقَالَ لَهُ: أَخُوكَ جَاءَ فَذَبَحَ أَبُوكَ ٱلْعِجْلَ ٱلْمُسَمَّنَ، لِأَنَّهُ قَبِلَهُ سَالِمًا. | ٢٧ 27 |
چاكار ئۇنىڭغا: ئۇكاڭ كەلدى ۋە ئاتاڭ ئۇنى ساق-سالامەت تېپىۋالغانلىقى ئۈچۈن بورداق تورپاقنى سويدى» دەپتۇ. |
فَغَضِبَ وَلَمْ يُرِدْ أَنْ يَدْخُلَ. فَخَرَجَ أَبُوهُ يَطْلُبُ إِلَيْهِ. | ٢٨ 28 |
لېكىن [چوڭ ئوغلى] خاپا بولۇپ، ئۆيگە كىرگىلى ئۇنىماپتۇ. ۋە ئاتىسى چىقىپ ئۇنىڭ ئۆيگە كىرىشىنى ئۆتۈنۈپتۇ. |
فَأَجَابَ وَقَالَ لِأَبِيهِ: هَا أَنَا أَخْدِمُكَ سِنِينَ هَذَا عَدَدُهَا، وَقَطُّ لَمْ أَتَجَاوَزْ وَصِيَّتَكَ، وَجَدْيًا لَمْ تُعْطِنِي قَطُّ لِأَفْرَحَ مَعَ أَصْدِقَائِي. | ٢٩ 29 |
ئەمما ئۇ ئاتىسىغا جاۋاب بېرىپ: «قارا! مەن شۇنچە يىلدىن بېرى قۇلدەك خىزمىتىڭدە بولدۇم، ئەسلا ھېچبىر ئەمرىڭدىن چىقىپ باقمىدىم. بىراق سەن ماڭا ئەل-ئاغىنىلىرىم بىلەن خۇش قىلغىلى ھېچقاچان بىرەر ئوغلاقمۇ بەرمىدىڭ! |
وَلَكِنْ لَمَّا جَاءَ ٱبْنُكَ هَذَا ٱلَّذِي أَكَلَ مَعِيشَتَكَ مَعَ ٱلزَّوَانِي، ذَبَحْتَ لَهُ ٱلْعِجْلَ ٱلْمُسَمَّنَ! | ٣٠ 30 |
لېكىن سېنىڭ مال-مۈلۈكلىرىڭنى پاھىشىلەرگە خەجلەپ تۈگەتكەن بۇ ئوغلۇڭ قايتىپ كەلگەندە، سەن ئۇنىڭ ئۈچۈن بورداق تورپاقنى سويۇپسەن» ــ دەپتۇ. |
فَقَالَ لَهُ: يَا بُنَيَّ أَنْتَ مَعِي فِي كُلِّ حِينٍ، وَكُلُّ مَا لِي فَهُوَ لَكَ. | ٣١ 31 |
بىراق ئاتىسى يەنە ئۇنىڭغا: «ئەي ئوغلۇم، سەن ھەردائىم مېنىڭ يېنىمدىسەن ۋە مېنىڭ بارلىقىم سېنىڭكىدۇر. |
وَلَكِنْ كَانَ يَنْبَغِي أَنْ نَفْرَحَ وَنُسَرَّ، لِأَنَّ أَخَاكَ هَذَا كَانَ مَيِّتًا فَعَاشَ، وَكَانَ ضَالًّا فَوُجِدَ». | ٣٢ 32 |
ئەمدى تەبرىكلەپ شادلىنىشقا لايىقتۇر؛ چۈنكى بۇ سېنىڭ ئۇكاڭ ئۆلگەنىدى، تىرىلدى، يوقىلىپ كەتكەنىدى، تېپىلدى» ــ دەپتۇ. |