«لِمَاذَا إِذْ لَمْ تَخْتَبِئِ ٱلْأَزْمِنَةُ مِنَ ٱلْقَدِيرِ، لَا يَرَى عَارِفُوهُ يَوْمَهُ؟ | ١ 1 |
ــ نېمىشقا ھەممىگە قادىر [سوراق] كۈنلىرىنى بېكىتمەيدۇ؟ نېمىشقا ئۇنى تونۇغانلار ئۇنىڭ شۇ كۈنلىرىنى بىكاردىن-بىكار كۈتىدۇ؟ |
يَنْقُلُونَ ٱلتُّخُومَ. يَغْتَصِبُونَ قَطِيعًا وَيَرْعَوْنَهُ. | ٢ 2 |
مانا، ئادەملەر پاسىل قىلىنغان تاشلارنى يۆتكىۋېتىدۇ؛ ئۇلار زوراۋانلىق بىلەن باشقىلارنىڭ پادىلىرىنى بۇلاپ-تالاپ ئۆزلىرى [ئوچۇق-ئاشكارا] باقىدۇ؛ |
يَسْتَاقُونَ حِمَارَ ٱلْيَتَامَى، وَيَرْتَهِنُونَ ثَوْرَ ٱلْأَرْمَلَةِ. | ٣ 3 |
ئۇلار يېتىم-يېسىرلارنىڭ ئېشىكىنى بۇلاپ ھەيدەپ كېتىدۇ؛ ئۇلار تۇل خوتۇننىڭ كالىسىنى كېپىللىك ئۈچۈن ئېلىۋالىدۇ. |
يَصُدُّونَ ٱلْفُقَرَاءَ عَنِ ٱلطَّرِيقِ. مَسَاكِينُ ٱلْأَرْضِ يَخْتَبِئُونَ جَمِيعًا. | ٤ 4 |
ئۇلار مىسكىنلەرنى يولدىن نېرى ئىتتىرىۋېتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن زېمىندىكى ئېزىلگەنلەرنىڭ ھەممىسى مۆكۈشۈۋالىدۇ. |
هَا هُمْ كَٱلْفَرَاءِ فِي ٱلْقَفْرِ يَخْرُجُونَ إِلَى عَمَلِهِمْ يُبَكِّرُونَ لِلطَّعَامِ. ٱلْبَادِيَةُ لَهُمْ خُبْزٌ لِأَوْلَادِهِمْ. | ٥ 5 |
مانا، ئۇلار دەشت-باياۋانلاردىكى ياۋايى ئېشەكلەردەك، تاڭ سەھەردە ئولجا ئىزدەش «خىزمىتى»گە چىقىدۇ؛ جاڭگال ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرى ئۈچۈن يېمەكلىك تەمىنلەيدۇ. |
فِي ٱلْحَقْلِ يَحْصُدُونَ عَلَفَهُمْ، وَيُعَلِّلُونَ كَرْمَ ٱلشِّرِّيرِ. | ٦ 6 |
ئۇلار ياماننىڭ [كالىلىرى] ئۈچۈن دالادا ئوت-چۆپ ئورىدۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاشقان-تاشقان ئۈزۈملىرىنى تېرىيدۇ؛ |
يَبِيتُونَ عُرَاةً بِلَا لِبْسٍ، وَلَيْسَ لَهُمْ كُسْوَةٌ فِي ٱلْبَرْدِ. | ٧ 7 |
ئۇلار كېچىنى كىيىمسىز يالاڭ ئۆتكۈزىدۇ، سوغۇقتا بولسا يېپىنغۇدەك كىيىمى يوقتۇر. |
يَبْتَلُّونَ مِنْ مَطَرِ ٱلْجِبَالِ، وَلِعَدَمِ ٱلْمَلْجَإِ يَعْتَنِقُونَ ٱلصَّخْرَ. | ٨ 8 |
ئۇلار تاغقا ياغقان يامغۇرلار بىلەن سۈزمە بولۇپ كېتىدۇ، پاناھسىزلىقىدىن تاشنى قۇچاقلىشىدۇ. |
«يَخْطَفُونَ ٱلْيَتِيمَ عَنِ ٱلثُّدِيِّ، وَمِنَ ٱلْمَسَاكِينِ يَرْتَهِنُونَ. | ٩ 9 |
ئادەملەر ئاتىسىز بالىلارنى ئەمچەكتىن بۇلاپ كېتىدۇ، ئۇلار مىسكىنلەردىن [بوۋاقلارنى] كېپىللىككە ئالىدۇ. |
عُرَاةً يَذْهَبُونَ بِلَا لِبْسٍ، وَجَائِعِينَ يَحْمِلُونَ حُزَمًا. | ١٠ 10 |
[مىسكىنلەر بولسا] كىيىمسىز، يېلىڭ ئۆتىدۇ، باشقىلار ئۈچۈن بۇغداي باغلىرىنى كۆتۈرسىمۇ، يەنىلا ئاچ قالىدۇ؛ |
يَعْصِرُونَ ٱلزَّيْتَ دَاخِلَ أَسْوَارِهِمْ. يَدُوسُونَ ٱلْمَعَاصِرَ وَيَعْطَشُونَ. | ١١ 11 |
ئۇلار باشقىلارنىڭ ئۆيىدە زەيتۇنلارنى چەيلەپ ياغ چىقارغان بولسىمۇ، ھويلىلىرىدا شاراب كۆلچىكىنى چەيلىگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئۇسسۇزلۇقتا قالىدۇ. |
مِنَ ٱلْوَجَعِ أُنَاسٌ يَئِنُّونَ، وَنَفْسُ ٱلْجَرْحَى تَسْتَغِيثُ، وَٱللهُ لَا يَنْتَبِهُ إِلَى ٱلظُّلْمِ. | ١٢ 12 |
شەھەردىن ئادەملەرنىڭ ئاھ-زارلىرى چىقىپ تۇرىدۇ، قىلىچ يېگەنلەرنىڭ جانلىرى نالە-پەرياد كۆتۈرىدۇ؛ بىراق تەڭرى ھېچكىمنىڭ ئىپلاسلىقىنى ئەيىبلىمەيدۇ. |
«أُولَئِكَ يَكُونُونَ بَيْنَ ٱلْمُتَمَرِّدِينَ عَلَى ٱلنُّورِ. لَا يَعْرِفُونَ طُرُقَهُ وَلَا يَلْبَثُونَ فِي سُبُلِهِ. | ١٣ 13 |
ــ نۇرغا قارشى ئىسيان كۆتۈرىدىغانلارمۇ بار؛ ئۇلار نۇرنىڭ يوللىرىنى بىلمەيدۇ، ئۇنىڭ تەرىقىلىرىدە تۇرمايدۇ. |
مَعَ ٱلنُّورِ يَقُومُ ٱلْقَاتِلُ، يَقْتُلُ ٱلْمِسْكِينَ وَٱلْفَقِيرَ، وَفِي ٱللَّيْلِ يَكُونُ كَٱللِّصِّ. | ١٤ 14 |
قاتىل تاڭ نۇرى كېلىشى بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، كەمبەغەللەر ۋە مىسكىنلەرنى ئۆلتۈرىدۇ؛ كېچىدە ئۇ ئوغرىدەك يۈرىدۇ. |
وَعَيْنُ ٱلزَّانِي تُلَاحِظُ ٱلْعِشَاءَ. يَقُولُ: لَا تُرَاقِبُنِي عَيْنٌ. فَيَجْعَلُ سِتْرًا عَلَى وَجْهِهِ. | ١٥ 15 |
زىناخورمۇ «مېنى ھېچ كۆز كۆرمەيدۇ» دەپ زاۋال ۋاقتىنى كۈتىدۇ، باشقىلار مېنى تونۇمىسۇن دەپ ئايالنىڭ چۈمبىلىنى يۈزىگە تارتىۋالىدۇ. |
يَنْقُبُونَ ٱلْبُيُوتَ فِي ٱلظَّلَامِ. فِي ٱلنَّهَارِ يُغْلِقُونَ عَلَى أَنْفُسِهِمْ. لَا يَعْرِفُونَ ٱلنُّورَ. | ١٦ 16 |
قاراڭغۇلۇقتا [ئوغرىلار] ئۆينىڭ تاملىرىنى كولاپ تېشىدۇ؛ كۈندۈزدە ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۆز ئۆيىگە قاماپ قويىدۇ؛ ئۇلار نۇرنى تونۇمايدۇ. |
لِأَنَّهُ سَوَاءٌ عَلَيْهِمُ ٱلصَّبَاحُ وَظِلُّ ٱلْمَوْتِ. لِأَنَّهُمْ يَعْلَمُونَ أَهْوَالَ ظِلِّ ٱلْمَوْتِ. | ١٧ 17 |
ئۇلار ئۈچۈن تاڭ سەھەر ئۆلۈم سايىسىدەك تۇيۇلىدۇ؛ ئۇلار قاپ-قاراڭغۇلۇقنىڭ ۋەھىمىلىرىنى دوست تۇتىدۇ. |
خَفِيفٌ هُوَ عَلَى وَجْهِ ٱلْمِيَاهِ. مَلْعُونٌ نَصِيبُهُمْ فِي ٱلْأَرْضِ. لَا يَتَوَجَّهُ إِلَى طَرِيقِ ٱلْكُرُومِ. | ١٨ 18 |
ئۇلار سۇلارنىڭ يۈزىدىكى كۆپۈكلەردەك يوقاپ كەتسۇن! ئۇلارنىڭ يەر-زېمىندىكى نېسىۋىسى لەنەت قىلىنغانكى، شۇڭا ئۇلاردىن ھېچكىم ئۈزۈمزارلىققا يەنە ماڭمىسۇن! |
ٱلْقَحْطُ وَٱلْقَيْظُ يَذْهَبَانِ بِمِيَاهِ ٱلثَّلْجِ، كَذَا ٱلْهَاوِيَةُ بِٱلَّذِينَ أَخْطَأُوا. (Sheol h7585) | ١٩ 19 |
قۇرغاقچىلىق ھەم تومۇز ئىسسىق قار سۇلىرىنىمۇ يەپ تۈگىتىدۇ؛ تەھتىسارامۇ ئوخشاشلا گۇناھ قىلغانلارنى يەپ تۈگەتسۇن! (Sheol h7585) |
تَنْسَاهُ ٱلرَّحِمُ، يَسْتَحْلِيهِ ٱلدُّودُ. لَا يُذْكَرُ بَعْدُ، وَيَنْكَسِرُ ٱلْأَثِيمُ كَشَجَرَةٍ. | ٢٠ 20 |
ئۇنى، تۇغقان ئانىسىمۇ ئۇنتۇسۇن! قۇرت شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ ئۇنى يېسۇن! ئەسكە ھېچ ئېلىنمىسۇن! شۇنىڭ بىلەن ھەققانىيسىزلىق دەرەختەك كېسىلسۇن! |
يُسِيءُ إِلَى ٱلْعَاقِرِ ٱلَّتِي لَمْ تَلِدْ، وَلَا يُحْسِنُ إِلَى ٱلْأَرْمَلَةِ. | ٢١ 21 |
ئۇ بالىسى يوق تۇغماسلاردىن ئولجا ئالىدۇ، ئۇ تۇل خوتۇنلارغىمۇ ھېچ شەپقەت كۆرسەتمەيدۇ. |
يُمْسِكُ ٱلْأَعِزَّاءَ بِقُوَّتِهِ. يَقُومُ فَلَا يَأْمَنُ أَحَدٌ بِحَيَاتِهِ. | ٢٢ 22 |
بىراق [خۇدا] ئۆز قۇدرىتى بىلەن مۇنداق كۈچ-ھوقۇقى بارلارنىڭ [كۈنىنى] ئۇزارتىدۇ؛ ئۇلار ھەتتا ھاياتىدىن ئۈمىدسىزلەنسىمۇ قايتىدىن ئورنىدىن تۇرىدۇ. |
يُعْطِيهِ طُمَأْنِينَةً فَيَتَوَكَّلُ، وَلَكِنْ عَيْنَاهُ عَلَى طُرُقِهِمْ. | ٢٣ 23 |
[خۇدا] يەنىلا ئۇلارنى ئامانلىقتا مۇقىملاشتۇرىدۇ، شۇڭا ئۇلار خاتىرجەم بولىدۇ؛ ئۇ ئۇلارنىڭ يوللىرىنى كۆزدە تۇتقان ئەمەسمۇ؟ |
يَتَرَفَّعُونَ قَلِيلًا ثُمَّ لَا يَكُونُونَ وَيُحَطُّونَ. كَٱلْكُلِّ يُجْمَعُونَ، وَكَرَأْسِ ٱلسُّنْبُلَةِ يُقْطَعُونَ. | ٢٤ 24 |
ئۇلارنىڭ مەرتىۋىسى بىردەملىك ئۆستۈرۈلىدۇ، ئاندىن ئۇلار يوق بولىدۇ؛ ئۇلار ئوڭدا قالدۇرۇلىدۇ، ئاندىن باشقا ئادەملەرگە ئوخشاشلا يىغىپ ئېلىپ كېتىلىدۇ؛ ئۇلار پەقەتلا پىشقان سەرخىل بۇغداي باشاقلىرىدەك كېسىلىپ كېتىدۇ. |
وَإِنْ لَمْ يَكُنْ كَذَا، فَمَنْ يُكَذِّبُنِي وَيَجْعَلُ كَلَامِي لَا شَيْئًا؟». | ٢٥ 25 |
بۇ ئىشلار مۇنداق بولمىسا، قېنى كىم مېنى يالغانچى دەپ ئىسپاتلىيالايدۇ. مېنىڭ گەپلىرىمنى كىم قۇرۇق گەپ دېيەلەيدۇ؟». |