«اَلْإِنْسَانُ مَوْلُودُ ٱلْمَرْأَةِ، قَلِيلُ ٱلْأَيَّامِ وَشَبْعَانُ تَعَبًا. | ١ 1 |
ئانىدىن تۇغۇلغانلارنىڭ كۈنلىرى ئازدۇر، پالاكەت ئۇنىڭغا ياردۇر. |
يَخْرُجُ كَٱلزَّهْرِ ثُمَّ يَنْحَسِمُ وَيَبْرَحُ كَٱلظِّلِّ وَلَا يَقِفُ. | ٢ 2 |
ئۇ گۈلدەك دۇنياغا كېلىپ ئاندىن توزۇيدۇ، ئۇ [قۇياش ئالدىدىن] سايىگە ئوخشاش قېچىپ كېتىدۇ. |
فَعَلَى مِثْلِ هَذَا حَدَّقْتَ عَيْنَيْكَ، وَإِيَّايَ أَحْضَرْتَ إِلَى ٱلْمُحَاكَمَةِ مَعَكَ. | ٣ 3 |
بىراق سەن تېخى شۇنداق بىر ئاجىز بولغۇچىغا كۆزۈڭنى تىكىپ، مېنى ئۆز ئالدىڭغا سوراققا تارتىۋاتامسەن؟ |
مَنْ يُخْرِجُ ٱلطَّاهِرَ مِنَ ٱلنَّجِسِ؟ لَا أَحَدٌ! | ٤ 4 |
كىم ناپاك نەرسىلەردىن پاك نەرسىنى چىقىرالايدۇ؟ ــ ھېچكىم! |
إِنْ كَانَتْ أَيَّامُهُ مَحْدُودَةً، وَعَدَدُ أَشْهُرِهِ عِنْدَكَ، وَقَدْ عَيَّنْتَ أَجَلَهُ فَلَا يَتَجَاوَزُهُ، | ٥ 5 |
[ئىنساننىڭ] كۈنلىرى بېكىتىلگەندىكىن، ئۇنىڭ ئايلىرىنىڭ سانى سېنىڭ ئىلكىڭدە بولغاندىكىن، سەن ئۇنىڭ ئۆتسە بولمايدىغان چەكلىرىنى بېكىتكەندىكىن، |
فَأَقْصِرْ عَنْهُ لِيَسْتَرِحْ، إِلَى أَنْ يُسَرَّ كَٱلْأَجِيرِ بِٱنْتِهَاءِ يَوْمِهِ. | ٦ 6 |
ئۇنىڭ بىرئاز دەم ئېلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن كۆزۈڭنى ئېلىپ قاچقىن، شۇنىڭ بىلەن مەدىكاردەك ئۇنىڭغا ئۆز كۈنلىرىدىن سۆيۈنۈش نېسىپ بولسۇن! |
«لِأَنَّ لِلشَّجَرَةِ رَجَاءً. إِنْ قُطِعَتْ تُخْلِفْ أَيْضًا وَلَا تُعْدَمُ خَرَاعِيبُهَا. | ٧ 7 |
چۈنكى دەرەخ كېسىۋېتىلگەندىن كېيىن، قايتا ئۆسۈشتىن ئۈمىد بار؛ بۇنىڭلىق بىلەن ئۇنىڭ يۇمران بىخلىرى تۈگەپ كەتمەيدۇ؛ |
وَلَوْ قَدُمَ فِي ٱلْأَرْضِ أَصْلُهَا، وَمَاتَ فِي ٱلتُّرَابِ جِذْعُهَا، | ٨ 8 |
ئۇنىڭ يىلتىزى يەردە قۇرۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ كۆتىكى توپىدا ئۆلۈپ كەتكەن بولسىمۇ، |
فَمِنْ رَائِحَةِ ٱلْمَاءِ تُفْرِخُ وَتُنْبِتُ فُرُوعًا كَٱلْغِرْسِ. | ٩ 9 |
بىراق سۇنىڭ پۇرىقى بىلەنلا ئۇ يەنە كۆكىرىدۇ، يۇمران ئوت-چۆپتەك يېڭى بىخلارنى چىقىرىدۇ. |
أَمَّا ٱلرَّجُلُ فَيَمُوتُ وَيَبْلَى. ٱلْإِنْسَانُ يُسْلِمُ ٱلرُّوحَ، فَأَيْنَ هُوَ؟ | ١٠ 10 |
بىراق ئادەم بولسا ئۆلىدۇ، ئىلاجسىز ئوڭدا ياتىدۇ، بەرھەق، ئىنسان نەپەستىن قالىدۇ، ئاندىن نەدە بولىدۇ؟ |
قَدْ تَنْفَدُ ٱلْمِيَاهُ مِنَ ٱلْبَحْرَةِ، وَٱلنَّهْرُ يَنْشَفُ وَيَجِفُّ، | ١١ 11 |
دېڭىزدىكى سۇلار پارغا ئايلىنىپ تۈگەپ كەتكەندەك، دەريالار قاغجىراپ قۇرۇپ كەتكەندەك، |
وَٱلْإِنْسَانُ يَضْطَجِعُ وَلَا يَقُومُ. لَا يَسْتَيْقِظُونَ حَتَّى لَا تَبْقَى ٱلسَّمَاوَاتُ، وَلَا يَنْتَبِهُونَ مِنْ نَوْمِهِمْ. | ١٢ 12 |
ئوخشاشلا ئادەم يېتىپ قالسىلا قايتىدىن تۇرمايدۇ؛ ئاسمانلار يوقىمىغۇچە، ئۇلار ئويغانمايدۇ، ئۇيقۇدىن تۇرمايدۇ. |
«لَيْتَكَ تُوارِينِي فِي ٱلْهَاوِيَةِ، وَتُخْفِينِي إِلَى أَنْ يَنْصَرِفَ غَضَبُكَ، وَتُعَيِّنُ لِي أَجَلًا فَتَذْكُرَنِي. (Sheol h7585) | ١٣ 13 |
ئاھ، تەھتىساراغا مېنى يوشۇرۇپ قويساڭ ئىدى، غەزىپىڭ ئۆتۈپ كەتكۈچە مېنى مەخپىي ساقلاپ قويساڭ ئىدى، مېنى ئېسىڭگە ئالىدىغان بىر ۋاقىت-سائەتنى ماڭا بېكىتىپ بەرسەڭ ئىدى! (Sheol h7585) |
إِنْ مَاتَ رَجُلٌ أَفَيَحْيَا؟ كُلَّ أَيَّامِ جِهَادِي أَصْبِرُ إِلَى أَنْ يَأْتِيَ بَدَلِي. | ١٤ 14 |
ئادەم ئۆلسە، قايتا ياشامدۇ؟ شۇنداق بولسا ماڭا شۇنداق ئۆزگىرىش ۋاقتى كەلگۈچە، مۇشۇ جاپاغا تولغان كۈنلىرىم ئۆتكۈچە، سەۋر-تاقەت بىلەن كۈتەتتىم! |
تَدْعُو فَأَنَا أُجِيبُكَ. تَشْتَاقُ إِلَى عَمَلِ يَدِكَ. | ١٥ 15 |
شۇنداق بولسا سەن مېنى چاقىرساڭ، جاۋاب بېرەتتىم؛ سەن ئۆز قولۇڭ بىلەن ياراتقىنىڭغا ئۈمىد-ئارزۇيۇڭ بولاتتى. |
أَمَّا ٱلْآنَ فَتُحْصِي خَطَوَاتِي، أَلَا تُحَافِظُ عَلَى خَطِيَّتِي! | ١٦ 16 |
بىراق سەن ھازىر ھەربىر دەسسىگەن قەدەملىرىمنى ساناپ، گۇناھىمنى كۆزىتىۋاتىسەنغۇ! |
مَعْصِيَتِي مَخْتُومٌ عَلَيْهَا فِي صُرَّةٍ، وَتُلَفِّقُ عَلَيَّ فَوْقَ إِثْمِي. | ١٧ 17 |
ئىتائەتسىزلىكىم خالتىغا سېلىنىپ پېچەتلەندى، گۇناھلىرىمنى دۆۋە-دۆۋە قىلىپ ساقلاپ قويدۇڭ. |
«إِنَّ ٱلْجَبَلَ ٱلسَّاقِطَ يَنْتَثِرُ، وَٱلصَّخْرَ يُزَحْزَحُ مِنْ مَكَانِهِ. | ١٨ 18 |
دەرۋەقە تاغمۇ يىمىرىلىپ يوقالغاندەك، تاش ئۆز ئورنىدىن تەۋرىنىپ كەتكەندەك، |
ٱلْحِجَارَةُ تَبْلِيهَا ٱلْمِيَاهُ وَتَجْرُفُ سُيُولُهَا تُرَابَ ٱلْأَرْضِ، وَكَذَلِكَ أَنْتَ تُبِيدُ رَجَاءَ ٱلْإِنْسَانِ. | ١٩ 19 |
سۇلار تاش-شېغىللارنى ئۇپرىتىپ يوقاتقاندەك، توپانلار زېمىندىكى توپىنى سۈپۈرۈپ كەتكەندەك، سەن ئادەمنىڭ ئۈمىدىنى يوق قىلىسەن. |
تَتَجَبَّرُ عَلَيْهِ أَبَدًا فَيَذْهَبُ. تُغَيِّرُ وَجْهَهُ وَتَطْرُدُهُ. | ٢٠ 20 |
سەن مەڭگۈگە ئۇنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىسەن، شۇڭا ئۇ دۇنيادىن كېتىدۇ؛ ئۇنىڭ چىرايىنى تۇتۇلدۇرىسەن، ئۇنى ئۆز يېنىڭدىن يىراق قىلىسەن. |
يُكْرَمُ بَنُوهُ وَلَا يَعْلَمُ، أَوْ يَصْغُرُونَ وَلَا يَفْهَمُ بِهِمْ. | ٢١ 21 |
ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھۆرمەتكە ئېرىشىدۇ، بىراق ئۇ بۇنى بىلمەيدۇ؛ ئۇلار پەس قىلىنسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ بۇلاردىنمۇ خەۋىرى بولمايدۇ. |
إِنَّمَا عَلَى ذَاتِهِ يَتَوَجَّعُ لَحْمُهُ وَعَلَى ذَاتِهَا تَنُوحُ نَفْسُهُ». | ٢٢ 22 |
ئۇ [پەقەت] ئۆز تېنىدىكى ئاغرىقىدىنلا ئازابلىنىدۇ، ئۇ كۆڭلىدە ئۆزى ئۈچۈنلا ھەسرەت-نادامەت چېكىدۇ. |