وَيْلٌ لِلَّذِينَ يَنْزِلُونَ إِلَى مِصْرَ لِلْمَعُونَةِ، وَيَسْتَنِدُونَ عَلَى ٱلْخَيْلِ وَيَتَوَكَّلُونَ عَلَى ٱلْمَرْكَبَاتِ لِأَنَّهَا كَثِيرَةٌ، وَعَلَى ٱلْفُرْسَانِ لِأَنَّهُمْ أَقْوِيَاءُ جِدًّا، وَلَا يَنْظُرُونَ إِلَى قُدُّوسِ إِسْرَائِيلَ وَلَا يَطْلُبُونَ ٱلرَّبَّ. | ١ 1 |
ــ ياردەم ئىزدەپ مىسىرغا بارغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلار ئاتلارغا تايىنىپ، كۆپ بولغانلىقىدىن جەڭ ھارۋىلىرىغا، ئىنتايىن كۈچلۈك بولغانلىقىدىن ئاتلىق ئەسكەرلەرگە ئىشىنىپ كەتتى! بىراق ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىغا قارىمايدۇ، پەرۋەردىگارنى ئىزدىمەيدۇ. |
وَهُوَ أَيْضًا حَكِيمٌ وَيَأْتِي بِٱلشَّرِّ وَلَا يَرْجِعُ بِكَلَامِهِ، وَيَقُومُ عَلَى بَيْتِ فَاعِلِي ٱلشَّرِّ وَعَلَى مَعُونَةِ فَاعِلِي ٱلْإِثْمِ. | ٢ 2 |
بىراق ئۇمۇ دانادۇر! ئۇ كۈلپەت ئېلىپ كېلىدۇ، دېگەنلىرىنى قايتۇرۇۋالمايدۇ؛ ئۇ بۇزۇقلارنىڭ جەمەتىگە، شۇنداقلا قەبىھلىك قىلغۇچىلارغا ياردەمدە بولغانلارغا قارشى ئورنىدىن قوزغىلىدۇ. |
وَأَمَّا ٱلْمِصْرِيُّونَ فَهُمْ أُنَاسٌ لَا آلِهَةٌ، وَخَيْلُهُمْ جَسَدٌ لَا رُوحٌ. وَٱلرَّبُّ يَمُدُّ يَدَهُ فَيَعْثُرُ ٱلْمُعِينُ، وَيَسْقُطُ ٱلْمُعَانُ وَيَفْنَيَانِ كِلَاهُمَا مَعًا. | ٣ 3 |
مىسىرلىقلار تەڭرى ئەمەس، ئادەملەر خالاس؛ ئۇلارنىڭ ئاتلىرى بولسا روھتىن ئەمەس، ئەتتىن خالاس؛ پەرۋەردىگار بولسا قولىنى ئۇزارتىدۇ، ياردەم بەرگۈچى بولسا پۇتلىشىدۇ؛ ياردەم بېرىلگۈچى بولسا يىقىلىدۇ؛ ئۇلار ھەممىسى بىراقلا يوقىلىدۇ. |
لِأَنَّهُ هَكَذَا قَالَ لِيَ ٱلرَّبُّ: «كَمَا يَهِرُّ فَوْقَ فَرِيسَتِهِ ٱلْأَسَدُ وَٱلشِّبْلُ ٱلَّذِي يُدْعَى عَلَيْهِ جَمَاعَةٌ مِنَ ٱلرُّعَاةِ وَهُوَ لَا يَرْتَاعُ مِنْ صَوْتِهِمْ وَلَا يَتَذَلَّلُ لِجُمْهُورِهِمْ، هَكَذَا يَنْزِلُ رَبُّ ٱلْجُنُودِ لِلْمُحَارَبَةِ عَنْ جَبَلِ صِهْيَوْنَ وَعَنْ أَكَمَتِهَا. | ٤ 4 |
چۈنكى پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېگەن: ــ «ئوۋنى تۇتۇۋالغان شىر ياكى ئارسلاننى بىر تەرەپ قىلىشقا توپ-توپ پادىچىلار چاقىرىلغاندا، شىر ياكى ئارسلان ئۇلارنىڭ ئاۋازلىرىدىن ھېچ قورقماي، شاۋقۇنلىرىدىن ھېچ ھودۇقماي، بەلكى ئوۋنى ئاستىغا بېسىۋېلىپ غار-غۇر تالىغىنىدەك، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارمۇ ئوخشاشلا زىئون تېغى ۋە ئېگىزلىكلىرى ئۈچۈن چۈشۈپ جەڭ قىلىدۇ. |
كَطُيُورٍ مُرِفَّةٍ هَكَذَا يُحَامِي رَبُّ ٱلْجُنُودِ عَنْ أُورُشَلِيمَ. يُحَامِي فَيُنْقِذُ. يَعْفُو فَيُنَجِّي». | ٥ 5 |
ئۈستىدە پەرۋاز قىلىدىغان قۇشلاردەك ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۆز قانىتى ئاستىغا يېرۇسالېمنى ئالىدۇ؛ قانىتى ئاستىغا ئېلىپ، زىئوننى قۇتقۇزىدۇ؛ ئۇنىڭ «ئۆتۈپ كېتىشى» بىلەن زىئون نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ. |
اِرْجِعُوا إِلَى ٱلَّذِي ٱرْتَدَّ بَنُو إِسْرَائِيلَ عَنْهُ مُتَعَمِّقِينَ. | ٦ 6 |
سىلەر دەھشەتلىك ئاسىيلىق قىلغان ئىگەڭلارنىڭ يېنىغا توۋا قىلىپ قايتىڭلار، ئى ئىسرائىل بالىلىرى! |
لِأَنْ فِي ذَلِكَ ٱلْيَوْمِ يَرْفُضُونَ كُلُّ وَاحِدٍ أَوْثَانَ فِضَّتِهِ وَأَوْثَانَ ذَهَبِهِ ٱلَّتِي صَنَعَتْهَا لَكُمْ أَيْدِيكُمْ خَطِيئَةً. | ٧ 7 |
چۈنكى شۇ كۈنىدە ئىنسانلار ھەربىرى ئۆزى ئۈچۈن ئۆز قولى بىلەن ياسىغان كۈمۈش بۇتلارنى ۋە ئالتۇن بۇتلارنى: ــ «گۇناھتۇر!» دەپ تاشلىۋېتىدۇ». |
وَيَسْقُطُ أَشُّورُ بِسَيْفِ غَيْرِ رَجُلٍ، وَسَيْفُ غَيْرِ إِنْسَانٍ يَأْكُلُهُ، فَيَهْرُبُ مِنْ أَمَامِ ٱلسَّيْفِ، وَيَكُونُ مُخْتَارُوهُ تَحْتَ ٱلْجِزْيَةِ. | ٨ 8 |
«شۇ چاغدا ئاسۇرىيە قىلىچ بىلەن يىقىلىدۇ، بىراق باتۇرنىڭ قىلىچى بىلەن ئەمەس؛ بىر قىلىچ ئۇنى يۇتۇۋالىدۇ، بىراق قىلىچ ئادەتتىكى ئادەمنىڭكى بولمايدۇ؛ ئۇ جېنىنى ئېلىپ قىلىچتىن قاچماقچى بولىدۇ، ئارىسىدىكى يىگىتلىرى ئالۋانغا سېلىنىدۇ. |
وَصَخْرُهُ مِنَ ٱلْخَوْفِ يَزُولُ، وَمِنَ ٱلرَّايَةِ يَرْتَعِبُ رُؤَسَاؤُهُ، يَقُولُ ٱلرَّبُّ ٱلَّذِي لَهُ نَارٌ فِي صِهْيَوْنَ، وَلَهُ تَنُّورٌ فِي أُورُشَلِيمَ. | ٩ 9 |
ۋەھىمىدىن ئۇنىڭ «ئۇل تېشى» يوقايدۇ؛ ئۇنىڭ سەردارلىرى جەڭ تۇغىدىن ئالاقزادىلىشىدۇ» ــ دەپ جاكارلايدۇ زىئوندا ئوتى كۆيىۋاتقان، يېرۇسالېمدا خۇمدېنى يالقۇنلاۋاتقان پەرۋەردىگار. |