صَلَاةٌ لِحَبَقُّوقَ ٱلنَّبِيِّ عَلَى ٱلشَّجَوِيَّةِ: | ١ 1 |
ھاباككۇك پەيغەمبەرنىڭ دۇئاسى، «شىگگائون» ئاھاڭىدا: ــ |
يَارَبُّ، قَدْ سَمِعْتُ خَبَرَكَ فَجَزِعْتُ. يَارَبُّ، عَمَلَكَ فِي وَسَطِ ٱلسِّنِينَ أَحْيِهِ. فِي وَسَطِ ٱلسِّنِينَ عَرِّفْ. فِي ٱلْغَضَبِ ٱذْكُرِ ٱلرَّحْمَةَ. | ٢ 2 |
«پەرۋەردىگار، مەن خەۋىرىڭنى ئاڭلىدىم، ئەيمىنىپ قورقتۇم. ئى پەرۋەردىگار، يىللار ئارىسىدا ئىشىڭنى قايتىدىن جانلاندۇرغايسەن، يىللار ئارىسىدا ئىشىڭنى تونۇتقايسەن؛ دەرغەزەپتە بولغىنىڭدا رەھىمدىللىقنى ئېسىڭگە كەلتۈرگەيسەن! |
ٱللهُ جَاءَ مِنْ تِيمَانَ، وَٱلْقُدُّوسُ مِنْ جَبَلِ فَارَانَ. سِلَاهْ. جَلَالُهُ غَطَّى ٱلسَّمَاوَاتِ، وَٱلْأَرْضُ ٱمْتَلَأَتْ مِنْ تَسْبِيحِهِ. | ٣ 3 |
تەڭرى تېماندىن، پاك-مۇقەددەس بولغۇچى پاران تېغىدىن كەلدى؛ سېلاھ! ئۇنىڭ شان-شەرىپى ئاسمانلارنى قاپلىدى، يەر يۈزى ئۇنىڭ مەدھىيىلىرى بىلەن تولدى؛ |
وَكَانَ لَمَعَانٌ كَٱلنُّورِ. لَهُ مِنْ يَدِهِ شُعَاعٌ، وَهُنَاكَ ٱسْتِتَارُ قُدْرَتِهِ. | ٤ 4 |
ئۇنىڭ پارقىراقلىقى تاڭ نۇرىدەك بولدى، قولىدىن چاقماق چاققاندەك ئىككى نۇر چىقتى؛ شۇ يەردە ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتى يوشۇرۇنۇپ تۇرىدۇ. |
قُدَّامَهُ ذَهَبَ ٱلْوَبَأُ، وَعِنْدَ رِجْلَيْهِ خَرَجَتِ ٱلْحُمَّى. | ٥ 5 |
ئۇنىڭ ئالدىدىن ۋابا، پۇتلىرىدىن چوغدەك يالقۇن چىقماقتا ئىدى؛ |
وَقَفَ وَقَاسَ ٱلْأَرْضَ. نَظَرَ فَرَجَفَ ٱلْأُمَمُ وَدُكَّتِ ٱلْجِبَالُ ٱلدَّهْرِيَّةُ وَخَسَفَتْ آكَامُ ٱلْقِدَمِ. مَسَالِكُ ٱلْأَزَلِ لَهُ. | ٦ 6 |
ئۇ تۇرۇپ يەر يۈزىنى مۆلچەرلىدى؛ ئۇ قارىۋىدى، ئەللەرنى دەككە-دۈككىگە سالدى؛ «مەڭگۈ تاغلار» پارە-پارە قىلىندى، «ئەبەدىي دۆڭ-ئېگىزلىكلەر» ئېگىلدۈرۈلدى، ئۇنىڭ يوللىرى بولسا ئەبەدىيدۇر. |
رَأَيْتُ خِيَامَ كُوشَانَ تَحْتَ بَلِيَّةٍ. رَجَفَتْ شُقَقُ أَرْضِ مِدْيَانَ. | ٧ 7 |
مەن كۇشان قەبىلىسىنىڭ چېدىرلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىكتە بولغانلىقىنى، مىدىيان زېمىنىدىكى پەردىلەرنى تىترەك باسقانلىقىنى كۆردۇم. |
هَلْ عَلَى ٱلْأَنْهَارِ حَمِيَ يَارَبُّ؟ هَلْ عَلَى ٱلْأَنْهَارِ غَضَبُكَ؟ أَوْ عَلَى ٱلْبَحْرِ سَخَطُكَ حَتَّى إِنَّكَ رَكِبْتَ خَيْلَكَ، مَرْكَبَاتِكَ مَرْكَبَاتِ ٱلْخَلَاصِ؟ | ٨ 8 |
پەرۋەردىگار دەريالارغا ئاچچىقلاندىمىكىن؟ سېنىڭ غەزىپىڭ دەريالارغا قارىتىلدىمىكىن؟ قەھرىڭ دېڭىزغا قارىتىلدىمىكىن؟ ئاتلىرىڭغا، نىجات-قۇتقۇزۇشنى ئېپكېلىدىغان جەڭ ھارۋىلىرىڭغا مىنىپ كەلگەنغۇسەن! |
عُرِّيَتْ قَوْسُكَ تَعْرِيَةً. سُبَاعِيَّاتُ سِهَامٍ كَلِمَتُكَ. سِلَاهْ. شَقَّقْتَ ٱلْأَرْضَ أَنْهَارًا. | ٩ 9 |
سېنىڭ ئوقيايىڭ ئايان قىلىندى، سۆزۈڭ بويىچە، [ئىسرائىل] قەبىلىلىرىگە ئىچكەن قەسەملىرىڭ ئۈچۈن ئايان قىلىندى! سېلاھ! سەن يەر يۈزىنى دەريا-كەلكۈنلەر بىلەن ئايرىۋەتتىڭ. |
أَبْصَرَتْكَ فَفَزِعَتِ ٱلْجِبَالُ. سَيْلُ ٱلْمِيَاهِ طَمَا. أَعْطَتِ ٱللُّجَّةُ صَوْتَهَا. رَفَعَتْ يَدَيْهَا إِلَى ٱلْعَلَاءِ. | ١٠ 10 |
تاغلار سېنى كۆرۈپ، ئازابلىنىپ تولغىنىپ كەتتى؛ دولقۇنلاپ ئاققان سۇلار كەلكۈندەك ئۆتۈپ كەتتى؛ چوڭقۇر دېڭىز ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ، قوللىرىنى يۇقىرىغا ئۆرلەتتى. |
اَلشَّمْسُ وَٱلْقَمَرُ وَقَفَا فِي بُرُوجِهِمَا لِنُورِ سِهَامِكَ ٱلطَّائِرَةِ، لِلَمَعَانِ بَرْقِ مَجْدِكَ. | ١١ 11 |
ئېتىلغان ئوقلىرىڭنىڭ پارقىراق نۇرىنى كۆرۈپ، پالىلدىغان نەيزەڭنىڭ يورۇقلۇقىنى كۆرۈپ، قۇياش ھەم ئاي ئۆز تۇرالغۇسىدا جىم تۇردى. |
بِغَضَبٍ خَطَرْتَ فِي ٱلْأَرْضِ، بِسَخَطٍ دُسْتَ ٱلْأُمَمَ. | ١٢ 12 |
سەن ئاچچىقىڭدا يەر يۈزىدىن ئۆتۈپ يۈرۈش قىلدىڭ؛ ئەللەرنى غەزىپىڭدە زىرائەتنى سوققاندەك سوقتۇڭ؛ |
خَرَجْتَ لِخَلَاصِ شَعْبِكَ، لِخَلَاصِ مَسِيحِكَ. سَحَقْتَ رَأْسَ بَيْتِ ٱلشِّرِّيرِ مُعَرِّيًا ٱلْأَسَاسَ حَتَّى ٱلْعُنُقِ. سِلَاهْ. | ١٣ 13 |
ئۆز خەلقىڭنىڭ نىجات-قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن، سەن ئۆز مەسىھىڭ بىلەن بىللە نىجات-قۇتقۇزۇش ئۈچۈن چىقتىڭ؛ ئۇلىنى بوينىغىچە ئېچىپ تاشلاپ، رەزىلنىڭ جەمەتىنىڭ بېشىنى ئۇرۇپ-يانجىپ، ئۇنىڭدىن ئايرىۋەتتىڭ؛ سېلاھ! |
ثَقَبْتَ بِسِهَامِهِ رَأْسَ قَبَائِلِهِ. عَصَفُوا لِتَشْتِيتِي. ٱبْتِهَاجُهُمْ كَمَا لِأَكْلِ ٱلْمِسْكِينِ فِي ٱلْخُفْيَةِ. | ١٤ 14 |
سەن ئۇنىڭ نەيزىلىرى بىلەن سەردارلىرىنىڭ بېشىغا سانجىدىڭ؛ ئۇلار دەھشەتلىك قارا قۇيۇندەك مېنى تارقىتىۋېتىشكە چىقتى، ئۇلارنىڭ خۇشاللىقى ئاجىز مۆمىنلەرنى يوشۇرۇن جايدا يالماپ يۇتۇشتىن ئىبارەتتۇر! |
سَلَكْتَ ٱلْبَحْرَ بِخَيْلِكَ، كُوَمَ ٱلْمِيَاهِ ٱلْكَثِيرَةِ. | ١٥ 15 |
سەن ئاتلىرىڭ بىلەن دېڭىزدىن، يەنى دۆۋە-دۆۋە قىلىنغان ئۇلۇغ سۇلاردىن ئۆتۈپ ماڭدىڭ! |
سَمِعْتُ فَٱرْتَعَدَتْ أَحْشَائِي. مِنَ ٱلصَّوْتِ رَجَفَتْ شَفَتَايَ. دَخَلَ ٱلنَّخْرُ فِي عِظَامِي، وَٱرْتَعَدْتُ فِي مَكَانِي لِأَسْتَرِيحَ فِي يَوْمِ ٱلضِّيقِ، عِنْدَ صُعُودِ ٱلشَّعْبِ ٱلَّذِي يَزْحَمُنَا. | ١٦ 16 |
مەن بۇلارنى ئاڭلىدىم، ئىچى-باغرىمنى تىترەك باستى؛ ئاۋازنى ئاڭلاپ كالپۇكلىرىم دىر-دىر قىلدى، ئۇستىخانلىرىم چىرىپ كەتكەندەك بولدى، پۇتلىرىمنى تىترەك باستى؛ چۈنكى مەن كۈلپەتلىك كۈنىدە، يەنى ئۆز خەلقىمگە تاجاۋۇز قىلغۇچى بېسىپ كىرگەن كۈنىدىمۇ، سەۋر-خاتىرجەملىكتە تۇرۇشۇم كېرەك. |
فَمَعَ أَنَّهُ لَا يُزْهِرُ ٱلتِّينُ، وَلَا يَكُونُ حَمْلٌ فِي ٱلْكُرُومِ. يَكْذِبُ عَمَلُ ٱلزَّيْتُونَةِ، وَٱلْحُقُولُ لَا تَصْنَعُ طَعَامًا. يَنْقَطِعُ ٱلْغَنَمُ مِنَ ٱلْحَظِيرَةِ، وَلَا بَقَرَ فِي ٱلْمَذَاوِدِ، | ١٧ 17 |
چۈنكى ئەنجۈر دەرىخى چېچەكلىمىسىمۇ، ئۈزۈم تاللىرىدا مېۋە بولمىسىمۇ، زەيتۇن دەرىخىگە قىلغان ئەجىر يوققا چىققان بولسىمۇ، ئېتىزلار ھېچ ھوسۇل بەرمىگەن بولسىمۇ، قوتاندىن قوي پادىسى ئۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئېغىلدا كالا پادىسى يوق بولسىمۇ، |
فَإِنِّي أَبْتَهِجُ بِٱلرَّبِّ وَأَفْرَحُ بِإِلَهِ خَلَاصِي. | ١٨ 18 |
مەن ھامان پەرۋەردىگاردىن شادلىنىمەن، ماڭا نىجاتىمنى بەرگۈچى خۇدايىمدىن شادلىققا چۆمۈلىمەن، |
اَلرَّبُّ ٱلسَّيِّدُ قُوَّتِي، وَيَجْعَلُ قَدَمَيَّ كَٱلْأَيَائِلِ، وَيُمَشِّينِي عَلَى مُرْتَفَعَاتِي. لِرَئِيسِ ٱلْمُغَنِّينَ عَلَى آلَاتِي ذَوَاتِ ٱلْأَوْتَارِ. | ١٩ 19 |
پەرۋەردىگار، رەب، مېنىڭ كۈچ-قۇدرىتىمدۇر؛ ئۇ مېنىڭ پۇتلىرىمنى كېيىكنىڭكىدەك قىلىدۇ؛ مېنى يۇقىرى جايلىرىمدا ماڭغۇزىدۇ! (بۇ كۈي نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار بىلەن ئوقۇلسۇن). |