بُولُسُ، رَسُولٌ لَا مِنَ ٱلنَّاسِ وَلَا بِإِنْسَانٍ، بَلْ بِيَسُوعَ ٱلْمَسِيحِ وَٱللهِ ٱلْآبِ ٱلَّذِي أَقَامَهُ مِنَ ٱلْأَمْوَاتِ، | ١ 1 |
مەنكى پاۋلۇس، روسۇل بولغان (ئىنسانلار تەرىپىدىن ئەمەس ياكى ئىنسانلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھ ۋە ئۇنى ئۆلگەنلەردىن تىرىلدۈرگۈچى خۇدائاتا تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن) |
وَجَمِيعُ ٱلْإِخْوَةِ ٱلَّذِينَ مَعِي، إِلَى كَنَائِسِ غَلَاطِيَّةَ: | ٢ 2 |
ۋە مەن بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان بارلىق قېرىنداشلاردىن گالاتىيا ئۆلكىسىدىكى جامائەتلەرگە سالام. |
نِعْمَةٌ لَكُمْ وَسَلَامٌ مِنَ ٱللهِ ٱلْآبِ، وَمِنْ رَبِّنَا يَسُوعَ ٱلْمَسِيحِ، | ٣ 3 |
خۇدائاتا ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھدىن سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك بولغاي! |
ٱلَّذِي بَذَلَ نَفْسَهُ لِأَجْلِ خَطَايَانَا، لِيُنْقِذَنَا مِنَ ٱلْعَالَمِ ٱلْحَاضِرِ ٱلشِّرِّيرِ حَسَبَ إِرَادَةِ ٱللهِ وَأَبِينَا، (aiōn g165) | ٤ 4 |
ئۇ خۇدائاتىمىزنىڭ ئىرادىسى بويىچە بىزنى بۇ ھازىرقى رەزىل زاماندىن قۇتقۇزۇشقا ئۆزىنى گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن پىدا قىلدى؛ (aiōn g165) |
ٱلَّذِي لَهُ ٱلْمَجْدُ إِلَى أَبَدِ ٱلْآبِدِينَ. آمِينَ. (aiōn g165) | ٥ 5 |
خۇداغا بارلىق شان-شەرەپ ئەبەدىل-ئەبەدگىچە بولغاي، ئامىن! (aiōn g165) |
إِنِّي أَتَعَجَّبُ أَنَّكُمْ تَنْتَقِلُونَ هَكَذَا سَرِيعًا عَنِ ٱلَّذِي دَعَاكُمْ بِنِعْمَةِ ٱلْمَسِيحِ إِلَى إِنْجِيلٍ آخَرَ! | ٦ 6 |
سىلەر ئۆزۈڭلارنى مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق چاقىرغۇچىنىڭ يېنىدىن شۇنچە تېز يىراقلاشتۇرۇپ باشقىچە بىر خىل «خۇش خەۋەر»گە ئەگىشىپ كېتىۋاتقىنىڭلارغا ئىنتايىن ھەيران قالماقتىمەن! |
لَيْسَ هُوَ آخَرَ، غَيْرَ أَنَّهُ يُوجَدُ قَوْمٌ يُزْعِجُونَكُمْ وَيُرِيدُونَ أَنْ يُحَوِّلُوا إِنْجِيلَ ٱلْمَسِيحِ. | ٧ 7 |
ئەمەلىيەتتە ئۇ ھېچقانداق باشقا «خۇش خەۋەر» ئەمەستۇر! ــ پەقەتلا بەزى كىشىلەر سىلەرنى قايماقتۇرۇپ، مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىنى بۇرمىلىماقچى بولغان، خالاس. |
وَلَكِنْ إِنْ بَشَّرْنَاكُمْ نَحْنُ أَوْ مَلَاكٌ مِنَ ٱلسَّمَاءِ بِغَيْرِ مَا بَشَّرْنَاكُمْ، فَلْيَكُنْ «أَنَاثِيمَا»! | ٨ 8 |
لېكىن ھەتتا بىز ئۆزىمىز بولايلى ياكى ئاسماندىن چۈشكەن پەرىشتە بولسۇن، بىرسى بىزنىڭ سىلەرگە جاكارلىغىنىمىزغا ئوخشىمايدىغان باشقا بىر «خۇش خەۋەر»نى سىلەرگە جاكارلىسا، بېشىغا لەنەت ياغسۇن! |
كَمَا سَبَقْنَا فَقُلْنَا أَقُولُ ٱلْآنَ أَيْضًا: إِنْ كَانَ أَحَدٌ يُبَشِّرُكُمْ بِغَيْرِ مَا قَبِلْتُمْ، فَلْيَكُنْ «أَنَاثِيمَا»! | ٩ 9 |
بىز بۇرۇن ئېيتقىنىمىزدەك، ھازىرمۇ مەن شۇنى ئېيتىمەنكى، بىرسى سىلەرنىڭ قوبۇل قىلغىنىڭلارغا ئوخشىمايدىغان باشقا بىر خۇش خەۋەرنى جاكارلىسا، بېشىغا لەنەت ياغسۇن! |
أَفَأَسْتَعْطِفُ ٱلْآنَ ٱلنَّاسَ أَمِ ٱللهَ؟ أَمْ أَطْلُبُ أَنْ أُرْضِيَ ٱلنَّاسَ؟ فَلَوْ كُنْتُ بَعْدُ أُرْضِي ٱلنَّاسَ، لَمْ أَكُنْ عَبْدًا لِلْمَسِيحِ. | ١٠ 10 |
مەن خۇدانى ئىشەندۈرۈشۈم كېرەكمۇ ياكى ئىنسانلارنى ئىشەندۈرۈشۈم كېرەكمۇ؟ ياكى ئىنسانلارنى خۇرسەن قىلىشىم كېرەكمۇ؟ مەن ئىنسانلارنى خۇرسەن قىلىشنى نىشان قىلغان بولسام، مەسىھنىڭ قۇلى بولمىغان بولاتتىم. |
وَأُعَرِّفُكُمْ أَيُّهَا ٱلْإِخْوَةُ ٱلْإِنْجِيلَ ٱلَّذِي بَشَّرْتُ بِهِ، أَنَّهُ لَيْسَ بِحَسَبِ إِنْسَانٍ. | ١١ 11 |
ئەمدى، ئى قېرىنداشلار، سىلەرگە شۇنى ئۇقتۇرىمەنكى، مەن جاكارلايدىغان خۇش خەۋەر ئىنسانلاردىن كەلگەن ئەمەس. |
لِأَنِّي لَمْ أَقْبَلْهُ مِنْ عِنْدِ إِنْسَانٍ وَلَا عُلِّمْتُهُ. بَلْ بِإِعْلَانِ يَسُوعَ ٱلْمَسِيحِ. | ١٢ 12 |
چۈنكى مەن ئۇنى ئىنساندىن قوبۇل قىلغىنىم يوق ياكى بىرەر كىشى ئۇنى ماڭا ئۆگەتكىنى يوق، بەلكى ئەيسا مەسىھ ماڭا ۋەھىي ئارقىلىق يەتكۈزگەن. |
فَإِنَّكُمْ سَمِعْتُمْ بِسِيرَتِي قَبْلًا فِي ٱلدِّيَانَةِ ٱلْيَهُودِيَّةِ، أَنِّي كُنْتُ أَضْطَهِدُ كَنِيسَةَ ٱللهِ بِإِفْرَاطٍ وَأُتْلِفُهَا. | ١٣ 13 |
چۈنكى سىلەر مېنىڭ يەھۇدىيلارنىڭ دىنىي يولىدا قانداق ھايات كەچۈرگەنلىكىم توغرۇلۇق ــ مېنىڭ خۇدانىڭ جامائىتىگە ئەشەددىي زىيانكەشلىك قىلىپ ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىمنى ئاڭلىغانسىلەر. |
وَكُنْتُ أَتَقَدَّمُ فِي ٱلدِّيَانَةِ ٱلْيَهُودِيَّةِ عَلَى كَثِيرِينَ مِنْ أَتْرَابِي فِي جِنْسِي، إِذْ كُنْتُ أَوْفَرَ غَيْرَةً فِي تَقْلِيدَاتِ آبَائِي. | ١٤ 14 |
ھەمدە مەن يەھۇدىيلارنىڭ دىنىي يولىدا ئېلىمىزدىكى نۇرغۇن تەڭتۇشلىرىمدىن خېلىلا ئالدىدا تۇراتتىم ۋە ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ ئەنئەنىلىرىنى ساقلاشقا پەۋقۇلئاددە قىزغىن ئىدىم. |
وَلَكِنْ لَمَّا سَرَّ ٱللهَ ٱلَّذِي أَفْرَزَنِي مِنْ بَطْنِ أُمِّي، وَدَعَانِي بِنِعْمَتِهِ، | ١٥ 15 |
ئەمما ئانامنىڭ قورسىقىدىن تارتىپ مېنى ئۆزى ئۈچۈن ئايرىپ، مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق مېنى چاقىرغان خۇدا ئۆز ئوغلىنى ئەللەر ئارىسىدا جاكارلاش ئۈچۈن مەندە ئۇنى ئاشكارىلاشنى لايىق كۆرگىنىدە، مەن ھېچقانداق قان-ئەت ئىگىسى بىلەن مەسلىھەتلەشمەي، |
أَنْ يُعْلِنَ ٱبْنَهُ فِيَّ لِأُبَشِّرَ بِهِ بَيْنَ ٱلْأُمَمِ، لِلْوَقْتِ لَمْ أَسْتَشِرْ لَحْمًا وَدَمًا، | ١٦ 16 |
وَلَا صَعِدْتُ إِلَى أُورُشَلِيمَ، إِلَى ٱلرُّسُلِ ٱلَّذِينَ قَبْلِي، بَلِ ٱنْطَلَقْتُ إِلَى ٱلْعَرَبِيَّةِ، ثُمَّ رَجَعْتُ أَيْضًا إِلَى دِمَشْقَ. | ١٧ 17 |
ياكى يېرۇسالېمغا مەندىن ئىلگىرى روسۇل بولغانلار بىلەن كۆرۈشۈشكە بارماي، بەلكى ئۇدۇل ئەرەبىستانغا ئاتلاندىم. كېيىن دەمەشققە قايتىپ كەلدىم. |
ثُمَّ بَعْدَ ثَلَاثِ سِنِينَ صَعِدْتُ إِلَى أُورُشَلِيمَ لِأَتَعَرَّفَ بِبُطْرُسَ، فَمَكَثْتُ عِنْدَهُ خَمْسَةَ عَشَرَ يَوْمًا. | ١٨ 18 |
ئاندىن ئۈچ يىلدىن كېيىن يېرۇسالېمغا پېترۇس بىلەن تونۇشۇشقا باردىم ۋە ئۇنىڭ قېشىدا ئون بەش كۈن تۇردۇم. |
وَلَكِنَّنِي لَمْ أَرَ غَيْرَهُ مِنَ ٱلرُّسُلِ إِلَّا يَعْقُوبَ أَخَا ٱلرَّبِّ. | ١٩ 19 |
ئەمما شۇ چاغدا رەبنىڭ ئىنىسى ياقۇپتىن باشقا روسۇللارنىڭ ھېچقايسىسى بىلەن كۆرۈشمىدىم. |
وَٱلَّذِي أَكْتُبُ بِهِ إِلَيْكُمْ هُوَذَا قُدَّامَ ٱللهِ أَنِّي لَسْتُ أَكْذِبُ فِيهِ. | ٢٠ 20 |
مانا، مېنىڭ سىلەرگە ھازىر يازغىنىم خۇدا ئالدىدا ھېچ يالغان ئەمەس! |
وَبَعْدَ ذَلِكَ جِئْتُ إِلَى أَقَالِيمِ سُورِيَّةَ وَكِيلِيكِيَّةَ. | ٢١ 21 |
كېيىن، مەن سۇرىيە ۋە كىلىكىيە ئۆلكىلىرىگە باردىم. |
وَلَكِنَّنِي كُنْتُ غَيْرَ مَعْرُوفٍ بِٱلْوَجْهِ عِنْدَ كَنَائِسِ ٱلْيَهُودِيَّةِ ٱلَّتِي فِي ٱلْمَسِيحِ. | ٢٢ 22 |
ئەمما يەھۇدىيەدىكى مەسىھدە بولغان جامائەتلەر مېنى چىرايىمدىن تونۇمايتتى. |
غَيْرَ أَنَّهُمْ كَانُوا يَسْمَعُونَ: «أَنَّ ٱلَّذِي كَانَ يَضْطَهِدُنَا قَبْلًا، يُبَشِّرُ ٱلْآنَ بِٱلْإِيمَانِ ٱلَّذِي كَانَ قَبْلًا يُتْلِفُهُ». | ٢٣ 23 |
ئۇلار پەقەت بۇرۇن بىزگە زىيانكەشلىك قىلغان ئادەمنىڭ ئۆزى شۇ چاغدا يوقاتماقچى بولغان ئېتىقادنى ھازىر خۇش خەۋەر دەپ جاكارلىماقتا، دەپ ئاڭلىغانىدى؛ |
فَكَانُوا يُمَجِّدُونَ ٱللهَ فِيَّ. | ٢٤ 24 |
شۇنىڭدەك ئۇلار مېنىڭ سەۋەبىمدىن خۇدانى ئۇلۇغلىدى. |