«وَمَتَى أَتَيْتَ إِلَى ٱلْأَرْضِ ٱلَّتِي يُعْطِيكَ ٱلرَّبُّ إِلَهُكَ نَصِيبًا وَٱمْتَلَكْتَهَا وَسَكَنْتَ فِيهَا، | ١ 1 |
سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا مىراس قىلىپ بېرىدىغان زېمىنغا كىرىپ ئۇنى ئۆزۈڭنىڭ قىلىپ ئىگىلەپ ئولتۇراقلاشقاندا، |
فَتَأْخُذُ مِنْ أَوَّلِ كُلِّ ثَمَرِ ٱلْأَرْضِ ٱلَّذِي تُحَصِّلُ مِنْ أَرْضِكَ ٱلَّتِي يُعْطِيكَ ٱلرَّبُّ إِلَهُكَ وَتَضَعُهُ فِي سَلَّةٍ وَتَذْهَبُ إِلَى ٱلْمَكَانِ ٱلَّذِي يَخْتَارُهُ ٱلرَّبُّ إِلَهُكَ لِيُحِلَّ ٱسْمَهُ فِيهِ. | ٢ 2 |
پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا بېرىدىغان زېمىننىڭ ھوسۇلىنى ئالغاندا، سەن يەرنىڭ دەسلەپكى پىشقان مېۋىسىنى ئېلىپ، سېۋەتكە سېلىپ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۆز نامىنى قويۇشقا تاللايدىغان جايغا ئېلىپ بېرىشىڭ كېرەك؛ |
وَتَأْتِي إِلَى ٱلْكَاهِنِ ٱلَّذِي يَكُونُ فِي تِلْكَ ٱلْأَيَّامِ وَتَقُولُ لَهُ: أَعْتَرِفُ ٱلْيَوْمَ لِلرَّبِّ إِلَهِكَ أَنِّي قَدْ دَخَلْتُ ٱلْأَرْضَ ٱلَّتِي حَلَفَ ٱلرَّبُّ لِآبَائِنَا أَنْ يُعْطِيَنَا إِيَّاهَا. | ٣ 3 |
ئاندىن شۇ ۋاقىتتىكى كاھىننىڭ قېشىغا كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگار ئۆزى بىزگە بېرىشكە ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا قەسەم قىلغان زېمىنغا كىردىم، بۈگۈن مەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا شۇنداق بولغىنىغا گۇۋاھمەن»، دەپ ئېيتىسەن. |
فَيَأْخُذُ ٱلْكَاهِنُ ٱلسَّلَّةَ مِنْ يَدِكَ وَيَضَعُهَا أَمَامَ مَذْبَحِ ٱلرَّبِّ إِلَهِكَ. | ٤ 4 |
كاھىن سېۋەتنى قولۇڭدىن ئېلىپ ئۇنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ قۇربانگاھىنىڭ ئالدىدا قويىدۇ؛ |
ثُمَّ تُصَرِّحُ وَتَقُولُ أَمَامَ ٱلرَّبِّ إِلَهِكَ: أَرَامِيًّا تَائِهًا كَانَ أَبِي، فَٱنْحَدَرَ إِلَى مِصْرَ وَتَغَرَّبَ هُنَاكَ فِي نَفَرٍ قَلِيلٍ، فَصَارَ هُنَاكَ أُمَّةً كَبِيرَةً وَعَظِيمَةً وَكَثِيرَةً. | ٥ 5 |
ئاندىن سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دەيسەن: ــ «مېنىڭ ئاتام ئەسلى غېرىب بىر ئارامىي ئىدى؛ مىسىرغا چۈشۈپ ئولتۇراقلاشتى؛ ئۇلار شۇ يەردە سانى ئاز مۇساپىر بولسىمۇ، بارغانسېرى كۆپىيىپ ئۇلۇغ، كۈچلۈك، چوڭ بىر خەلق بولدى. |
فَأَسَاءَ إِلَيْنَا ٱلْمِصْرِيُّونَ، وَثَقَّلُوا عَلَيْنَا وَجَعَلُوا عَلَيْنَا عُبُودِيَّةً قَاسِيَةً. | ٦ 6 |
لېكىن مىسىرلىقلار بىزگە قاتتىق قوللۇق قىلىپ، زۇلۇم سېلىپ بىزنى ئېغىر ئەمگەككە سالدى. |
فَلَمَّا صَرَخْنَا إِلَى ٱلرَّبِّ إِلَهِ آبَائِنَا سَمِعَ ٱلرَّبُّ صَوْتَنَا، وَرَأَى مَشَقَّتَنَا وَتَعَبَنَا وَضِيقَنَا. | ٧ 7 |
ئەمما بىز ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلىۋىدۇق، پەرۋەردىگار ئاۋازىمىزنى ئاڭلاپ بىز تارتىۋاتقان خارلىق، جاپا ۋە زۇلۇمغا نەزىرىنى سالدى. |
فَأَخْرَجَنَا ٱلرَّبُّ مِنْ مِصْرَ بِيَدٍ شَدِيدَةٍ وَذِرَاعٍ رَفِيعَةٍ وَمَخَاوِفَ عَظِيمَةٍ وَآيَاتٍ وَعَجَائِبَ، | ٨ 8 |
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار كۈچلۈك قول ۋە ئۇزارتقان بىلەك، دەھشەتلەر ۋە مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەر بىلەن بىزنى مىسىردىن چىقىرىپ |
وَأَدْخَلَنَا هَذَا ٱلْمَكَانَ، وَأَعْطَانَا هَذِهِ ٱلْأَرْضَ، أَرْضًا تَفِيضُ لَبَنًا وَعَسَلًا. | ٩ 9 |
بىزنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىپ بۇ زېمىنغا، يەنى سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان بىر زېمىنغا ئىگە قىلدى! |
فَٱلْآنَ هَأَنَذَا قَدْ أَتَيْتُ بِأَوَّلِ ثَمَرِ ٱلْأَرْضِ ٱلَّتِي أَعْطَيْتَنِي يَا رَبُّ. ثُمَّ تَضَعُهُ أَمَامَ ٱلرَّبِّ إِلَهِكَ، وَتَسْجُدُ أَمَامَ ٱلرَّبِّ إِلَهِكَ. | ١٠ 10 |
ئەمدى مانا، ئەي پەرۋەردىگار، سەن ماڭا بەرگەن بۇ زېمىننىڭ مېۋىسىنىڭ دەسلەپكى پىشقىنىنى سېنىڭ قېشىڭغا ئەكەلدىم»، دەيسەن. شۇلارنى دەپ، سېۋەتنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ھۇزۇرىدا قويۇپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا سەجدە قىلىسەن؛ |
وَتَفْرَحُ بِجَمِيعِ ٱلْخَيْرِ ٱلَّذِي أَعْطَاهُ ٱلرَّبُّ إِلَهُكَ لَكَ وَلِبَيْتِكَ، أَنْتَ وَٱللَّاوِيُّ وَٱلْغَرِيبُ ٱلَّذِي فِي وَسْطِكَ. | ١١ 11 |
شۇنداق قىلىپ سەن ۋە ئۆيۈڭدىكىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان ھەممە نېمەتلىرىدىن خۇش بولۇڭلار؛ ئۆزۈڭ، لاۋىيلار ۋە ئاراڭلاردا تۇرىدىغان مۇساپىرلار قوشۇلۇپ شادلىنىڭلار. |
«مَتَى فَرَغْتَ مِنْ تَعْشِيرِ كُلِّ عُشُورِ مَحْصُولِكَ، فِي ٱلسَّنَةِ ٱلثَّالِثَةِ، سَنَةِ ٱلْعُشُورِ، وَأَعْطَيْتَ ٱللَّاوِيَّ وَٱلْغَرِيبَ وَٱلْيَتِيمَ وَٱلْأَرْمَلَةَ فَأَكَلُوا فِي أَبْوَابِكَ وَشَبِعُوا، | ١٢ 12 |
سەن ھەر ئۈچىنچى يىلىدا، يەنى ئوندىن بىرى بولغان ئۆشرە يىلىدا ھەممە ھوسۇلۇڭنىڭ ئوندىن بىرىنى ئۆشرە ئايرىپ بولغاندىن كېيىن، سەن لاۋىي بىلەن مۇساپىرغا، يېتىم-يېسىر، تۇل خوتۇنلارغا دەرۋازىلىرىڭنىڭ ئىچىدە شۇلاردىن يەپ تويۇنسۇن دەپ بېرىسەن؛ |
تَقُولُ أَمَامَ ٱلرَّبِّ إِلَهِكَ: قَدْ نَزَعْتُ ٱلْمُقَدَّسَ مِنَ ٱلْبَيْتِ، وَأَيْضًا أَعْطَيْتُهُ لِلَّاوِيِّ وَٱلْغَرِيبِ وَٱلْيَتِيمِ وَٱلْأَرْمَلَةِ، حَسَبَ كُلِّ وَصِيَّتِكَ ٱلَّتِي أَوْصَيْتَنِي بِهَا. لَمْ أَتَجَاوَزْ وَصَايَاكَ وَلَا نَسِيتُهَا. | ١٣ 13 |
ۋە سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا سۆز قىلىپ شۇنداق دەيسەن: «مەن ئۆيۈمدىن [خۇداغا] مۇقەددەس قىلىنغان نەرسىلەرنى ئايرىپ ئېلىپ چىقىپ، سەن ماڭا تاپىلىغان ئەمر بويىچە بۇلارنى لاۋىي بىلەن مۇساپىرغا، يېتىم-يېسىر، تۇل خوتۇنلارغا بەردىم؛ مەن سېنىڭ ئەمرلىرىڭنىڭ ھېچبىرىنى نە بۇزمىدىم، نە٪ھېچقاچان ئۇنۇتمىدىم؛ |
لَمْ آكُلْ مِنْهُ فِي حُزْنِي، وَلَا أَخَذْتُ مِنْهُ فِي نَجَاسَةٍ، وَلَا أَعْطَيْتُ مِنْهُ لِأَجْلِ مَيْتٍ، بَلْ سَمِعْتُ لِصَوْتِ ٱلرَّبِّ إِلَهِي وَعَمِلْتُ حَسَبَ كُلِّ مَا أَوْصَيْتَنِي. | ١٤ 14 |
ماتەم تۇتقانلىرىمدا شۇلاردىن ھېچنېمىنى يېمىدىم، ناپاك ھالەتتە تۇرۇپ بۇنىڭدىن بىرنېمىنى ئالمىدىم؛ ئۆلگەن كىشىگە ئاتاپ بۇنىڭدىن ھېچنېمە بەرمىدىم، بەلكى پەرۋەردىگار خۇدايىمنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ھەر ئىشتا سەن ماڭا ئەمر قىلغىنىڭ بويىچە قىلدىم. |
اِطَّلِعْ مِنْ مَسْكَنِ قُدْسِكَ، مِنَ ٱلسَّمَاءِ، وَبَارِكْ شَعْبَكَ إِسْرَائِيلَ وَٱلْأَرْضَ ٱلَّتِي أَعْطَيْتَنَا، كَمَا حَلَفْتَ لِآبَائِنَا، أَرْضًا تَفِيضُ لَبَنًا وَعَسَلًا. | ١٥ 15 |
ئەمدى سەن مۇقەددەس ماكانىڭ بولغان ئاسمانلاردىن نەزەر سېلىپ ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىلنى، شۇنداقلا ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا قەسەم بىلەن قىلغان ۋەدەڭ بويىچە، ھەسەل بىلەن سۈت ئاقىدىغان، بىزگە بەرگەن بۇ زېمىننى بەرىكەتلىگەيسەن». |
«هَذَا ٱلْيَوْمَ قَدْ أَمَرَكَ ٱلرَّبُّ إِلَهُكَ أَنْ تَعْمَلَ بِهَذِهِ ٱلْفَرَائِضِ وَٱلْأَحْكَامِ، فَٱحْفَظْ وَٱعْمَلْ بِهَا مِنْ كُلِّ قَلْبِكَ وَمِنْ كُلِّ نَفْسِكَ. | ١٦ 16 |
بۈگۈن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ بۇ بەلگىلىمىلەرگە ھەم ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلىشقا ئەمر قىلدى؛ پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ بىلەن ئۇلارنى تۇتۇپ ئۇلارغا ئەمەل قىل. |
قَدْ وَاعَدْتَ ٱلرَّبَّ ٱلْيَوْمَ أَنْ يَكُونَ لَكَ إِلَهًا، وَأَنْ تَسْلُكَ فِي طُرُقِهِ وَتَحْفَظَ فَرَائِضَهُ وَوَصَايَاهُ وَأَحْكَامَهُ وَتَسْمَعَ لِصَوْتِهِ. | ١٧ 17 |
سەن بۈگۈن پەرۋەردىگارنى ئۆزۈڭنىڭ خۇدايىڭ بولۇشقا، شۇنداقلا ئۇنىڭ يوللىرىدا مېڭىشقا، ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە، ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىگە ئەمەل قىلىپ ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىشقا قوبۇل قىلدىڭ؛ |
وَوَاعَدَكَ ٱلرَّبُّ ٱلْيَوْمَ أَنْ تَكُونَ لَهُ شَعْبًا خَاصًّا، كَمَا قَالَ لَكَ، وَتَحْفَظَ جَمِيعَ وَصَايَاهُ، | ١٨ 18 |
ۋە پەرۋەردىگار بولسا بۈگۈن سىلەرنى ئۆزىنىڭ خاس خەلقى بولۇشقا، ئۇنىڭ بارلىق ئەمرلىرىنى تۇتۇشقا (ئۇ سىلەرگە ۋەدە قىلغاندەك) سىلەرنى قوبۇل قىلدى. |
وَأَنْ يَجْعَلَكَ مُسْتَعْلِيًا عَلَى جَمِيعِ ٱلْقَبَائِلِ ٱلَّتِي عَمِلَهَا فِي ٱلثَّنَاءِ وَٱلِٱسْمِ وَٱلْبَهَاءِ، وَأَنْ تَكُونَ شَعْبًا مُقَدَّسًا لِلرَّبِّ إِلَهِكَ، كَمَا قَالَ». | ١٩ 19 |
شۇنداق بولسا، ئۇ سىلەرگە ئىززەت، نام-شۆھرەت ۋە شان-شەرەپ بېرىپ، ئۆزى ياراتقان بارلىق ئەللەردىن سىلەرنى ئۈستۈن قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن سىلەر ئۇنىڭ ئېيتقىنىدەك، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۈچۈن مۇقەددەس بىر خەلق بولىسىلەر. |