وَحَدَثَ فِي إِيقُونِيَةَ أَنَّهُمَا دَخَلَا مَعًا إِلَى مَجْمَعِ ٱلْيَهُودِ وَتَكَلَّمَا، حَتَّى آمَنَ جُمْهُورٌ كَثِيرٌ مِنَ ٱلْيَهُودِ وَٱلْيُونَانِيِّينَ. | ١ 1 |
كونيا شەھىرىدە شۇنداق بولدىكى، پاۋلۇس بىلەن بارناباس يەھۇدىيلارنىڭ سىناگوگىغا كىرگەندە، جامائەتكە شۇنداق سۆزلىدىكى، نەتىجىدە يەھۇدىيلار ۋە گرېكلەردىنمۇ نۇرغان كىشىلەر ئېتىقاد قىلدى |
وَلَكِنَّ ٱلْيَهُودَ غَيْرَ ٱلْمُؤْمِنِينَ غَرُّوا وَأَفْسَدُوا نُفُوسَ ٱلْأُمَمِ عَلَى ٱلْإِخْوَةِ. | ٢ 2 |
(ھالبۇكى، ئىشەنمىگەن يەھۇدىيلار [يات] ئەللىكلەرنىڭ كۆڭۈللىرىنى زەھەرلەپ، ئۇلارنى قېرىنداشلارغا قارشى تۇرۇشقا قۇتراتتى). |
فَأَقَامَا زَمَانًا طَوِيلًا يُجَاهِرَانِ بِٱلرَّبِّ ٱلَّذِي كَانَ يَشْهَدُ لِكَلِمَةِ نِعْمَتِهِ، وَيُعْطِي أَنْ تُجْرَى آيَاتٌ وَعَجَائِبُ عَلَى أَيْدِيهِمَا. | ٣ 3 |
شۇڭا [پاۋلۇس بىلەن بارناباس] ئۇ يەردە خېلى ئۇزۇن تۇرۇپ، رەبگە تايىنىپ يۈرەكلىك ھالدا [خۇش خەۋەرنى] جاكارلىدى؛ رەب ئۇلارنىڭ قوللىرى بىلەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەرنى كۆرسىتىپ ئۆز مېھىر-شەپقىتىنىڭ سۆز-كالامىغا گۇۋاھلىق بەردى. |
فَٱنْشَقَّ جُمْهُورُ ٱلْمَدِينَةِ، فَكَانَ بَعْضُهُمْ مَعَ ٱلْيَهُودِ، وَبَعْضُهُمْ مَعَ ٱلرَّسُولَيْنِ. | ٤ 4 |
بۇنىڭ بىلەن شەھەر خەلقى ئىككىگە بۆلۈنۈپ كېتىپ، بەزىلىرى يەھۇدىيلار تەرەپتە، بەزىلىرى بولسا روسۇللار تەرەپتە تۇردى. |
فَلَمَّا حَصَلَ مِنَ ٱلْأُمَمِ وَٱلْيَهُودِ مَعَ رُؤَسَائِهِمْ هُجُومٌ لِيَبْغُوا عَلَيْهِمَا وَيَرْجُمُوهُمَا، | ٥ 5 |
ئاخىردا، بىر قىسىم يات ئەللىكلەر بىلەن يەھۇدىيلار ئارىسىدا (ئۆز باشلىقلىرى بىلەن بىرلىكتە) روسۇللارنى قىيناپ، چالما-كېسەك قىلىش قۇتراتقۇلۇقى باش كۆتۈردى. |
شَعَرَا بِهِ، فَهَرَبَا إِلَى مَدِينَتَيْ لِيكَأُونِيَّةَ: لِسْتِرَةَ وَدَرْبَةَ، وَإِلَى ٱلْكُورَةِ ٱلْمُحِيطَةِ. | ٦ 6 |
لېكىن ئۇلار بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، شۇ يەردىن قېچىپ لىكاۋۇنيا رايونىدىكى لىسترا ۋە دەربە شەھەرلىرى ھەمدە ئەتراپتىكى يۇرتلارغا قاراپ ماڭدى. ئۇلار شۇ يەرلەردە خۇش خەۋەرنى داۋاملىق جاكارلاۋەردى. |
وَكَانَا هُنَاكَ يُبَشِّرَانِ. | ٧ 7 |
وَكَانَ يَجْلِسُ فِي لِسْتْرَةَ رَجُلٌ عَاجِزُ ٱلرِّجْلَيْنِ مُقْعَدٌ مِنْ بَطْنِ أُمِّهِ، وَلَمْ يَمْشِ قَطُّ. | ٨ 8 |
شۇ چاغدا، لىسترا شەھىرىدە پۇتلىرىدا ماغدۇرى يوق، ھېچ مېڭىپ باقمىغان بىر تۇغما پالەچ ئولتۇراتتى. |
هَذَا كَانَ يَسْمَعُ بُولُسَ يَتَكَلَّمُ، فَشَخَصَ إِلَيْهِ، وَإِذْ رَأَى أَنَّ لَهُ إِيمَانًا لِيُشْفَى، | ٩ 9 |
پاۋلۇس سۆز قىلىۋاتقاندا، بۇ ئادەم ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىپ ئولتۇراتتى. پاۋلۇس ئۇنىڭغا كۆز تىكىپ ئۇنىڭ ساقايتىلىشىغا ئىشەنچى بارلىقىنى كۆرۈپ يېتىپ، |
قَالَ بِصَوْتٍ عَظِيمٍ: «قُمْ عَلَى رِجْلَيْكَ مُنْتَصِبًا!». فَوَثَبَ وَصَارَ يَمْشِي. | ١٠ 10 |
يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: ــ ئورنۇڭدىن دەس تۇر! ــ دېدى. ھېلىقى ئادەم شۇئان ئورنىدىن دەس تۇرۇپ مېڭىشقا باشلىدى. |
فَٱلْجُمُوعُ لَمَّا رَأَوْا مَا فَعَلَ بُولُسُ، رَفَعُوا صَوْتَهُمْ بِلُغَةِ لِيكَأُونِيَّةَ قَائِلِينَ: «إِنَّ ٱلْآلِهَةَ تَشَبَّهُوا بِٱلنَّاسِ وَنَزَلُوا إِلَيْنَا». | ١١ 11 |
لېكىن پاۋلۇسنىڭ بۇ ئىشىنى كۆرگەن توپ-توپ ئادەملەر لىكاۋۇنيا تىلى بىلەن: ــ ئىلاھلار ئىنسان قىياپىتىگە كىرىپ ئارىمىزغا چۈشۈپتۇ! ــ دەپ ۋارقىرىشىپ كەتتى. |
فَكَانُوا يَدْعُونَ بَرْنَابَا «زَفْسَ» وَبُولُسَ «هَرْمَسَ» إِذْ كَانَ هُوَ ٱلْمُتَقَدِّمَ فِي ٱلْكَلَامِ. | ١٢ 12 |
ئۇلار بارناباسنى «ئىلاھ زېئۇس» دەپ ئاتاشتى ۋە پاۋلۇسنى سۆزلەشتە باشلامچى بولغاچقا ئۇنى «ئىلاھ ھېرمىس» دەپ ئاتاشتى. |
فَأَتَى كَاهِنُ زَفْسَ، ٱلَّذِي كَانَ قُدَّامَ ٱلْمَدِينَةِ، بِثِيرَانٍ وَأَكَالِيلَ عِنْدَ ٱلْأَبْوَابِ مَعَ ٱلْجُمُوعِ، وَكَانَ يُرِيدُ أَنْ يَذْبَحَ. | ١٣ 13 |
شەھەرنىڭ سىرتىدا «زېئۇس ئىلاھ»نىڭ بۇتخانىسى بار ئىدى. شۇ [بۇتخانىدىكى] كاھىن شەھەر دەرۋازىسىغا ئۆكۈز ۋە گۈل چەمبىرەكلەرنى ئېلىپ كېلىپ، خەلق بىلەن بىللە روسۇللارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلماقچى بولدى. |
فَلَمَّا سَمِعَ ٱلرَّسُولَانِ، بَرْنَابَا وَبُولُسُ، مَزَّقَا ثِيَابَهُمَا، وَٱنْدَفَعَا إِلَى ٱلْجَمْعِ صَارِخَيْنِ | ١٤ 14 |
لېكىن روسۇللار بارناباس بىلەن پاۋلۇس بۇ ئىشنى ئاڭلاپ، كىيىم-كېچەكلىرىنى يىرتقان ھالدا، كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىغا يۈگۈرۈپ كىرىپ، ۋارقىراپ مۇنداق دېدى: |
وَقَائِلِينِ: «أَيُّهَا ٱلرِّجَالُ، لِمَاذَا تَفْعَلُونَ هَذَا؟ نَحْنُ أَيْضًا بَشَرٌ تَحْتَ آلَامٍ مِثْلُكُمْ، نُبَشِّرُكُمْ أَنْ تَرْجِعُوا مِنْ هَذِهِ ٱلْأَبَاطِيلِ إِلَى ٱلْإِلَهِ ٱلْحَيِّ ٱلَّذِي خَلَقَ ٱلسَّمَاءَ وَٱلْأَرْضَ وَٱلْبَحْرَ وَكُلَّ مَا فِيهَا، | ١٥ 15 |
ــ خالايىق، بۇ ئىشلارنى نېمە دەپ قىلىۋاتىسىلەر؟! بىز سىلەرگە ئوخشاش ھېسسىياتتىكى ئىنسانلارمىز! بىز سىلەرگە بۇ ئەرزىمەس نەرسىلەرنى تاشلاپ، ئاسمان-زېمىن، دېڭىز-ئوكيان ۋە ئۇلاردىكى بارلىق مەخلۇقلارنى ياراتقۇچى ھايات خۇداغىلا ئىبادەت قىلىشىڭلار كېرەك دەپ جاكارلاۋاتىمىز! |
ٱلَّذِي فِي ٱلْأَجْيَالِ ٱلْمَاضِيَةِ تَرَكَ جَمِيعَ ٱلْأُمَمِ يَسْلُكُونَ فِي طُرُقِهِمْ | ١٦ 16 |
بۇرۇنقى دەۋرلەردە، ئۇ ھەرقايسى ئەللەرنى ئۆز يوللىرىدا مېڭىشقا يول قويغان. |
مَعَ أَنَّهُ لَمْ يَتْرُكْ نَفْسَهُ بِلَا شَاهِدٍ، وَهُوَ يَفْعَلُ خَيْرًا: يُعْطِينَا مِنَ ٱلسَّمَاءِ أَمْطَارًا وَأَزْمِنَةً مُثْمِرَةً، وَيَمْلَأُ قُلُوبَنَا طَعَامًا وَسُرُورًا». | ١٧ 17 |
شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ ئۆزىنى ئىسپاتلايدىغان گۇۋاھلىقنى قالدۇرمىغان ئەمەس. چۈنكى ئۇ ھەمىشە سىلەرگە شاپائەت كۆرسىتىپ، يامغۇرنى ئۆز ۋاقتىدا ئەرشتىن ياغدۇرۇپ مول ھوسۇل ئاتا قىلىپ، ئاش-تاماق بىلەن سىلەرنى تويغۇزۇپ، قەلبىڭلارنى خۇشاللىققا چۆمدۈرۈپ كەلدى. |
وَبِقَوْلِهِمَا هَذَا كَفَّا ٱلْجُمُوعَ بِٱلْجَهْدِ عَنْ أَنْ يَذْبَحُوا لَهُمَا. | ١٨ 18 |
ھەتتا ئۇلار بۇ سۆزلەرنى قىلغان بولسىمۇ، خالايىقنىڭ ئۇلارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىشىنى ئارانلا توسۇۋالدى. |
ثُمَّ أَتَى يَهُودٌ مِنْ أَنْطَاكِيَةَ وَإِيقُونِيَةَ وَأَقْنَعُوا ٱلْجُمُوعَ، فَرَجَمُوا بُولُسَ وَجَرُّوهُ خَارِجَ ٱلْمَدِينَةِ، ظَانِّينَ أَنَّهُ قَدْ مَاتَ. | ١٩ 19 |
لېكىن ئانتاكيا ۋە كونيا شەھەرلىرىدىن بەزى يەھۇدىيلار كېلىپ، كىشىلەرنى ئۆزلىرىگە قايىل قىلىشى بىلەن، خەلق پاۋلۇسنى چالما-كېسەك قىلدى، ئاندىن ئۇنى ئۆلدى دەپ قاراپ، شەھەر سىرتىغا سۆرەپ ئاچىقىپ تاشلىۋەتتى. |
وَلَكِنْ إِذْ أَحَاطَ بِهِ ٱلتَّلَامِيذُ، قَامَ وَدَخَلَ ٱلْمَدِينَةَ، وَفِي ٱلْغَدِ خَرَجَ مَعَ بَرْنَابَا إِلَى دَرْبَةَ. | ٢٠ 20 |
لېكىن مۇخلىسلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولاشقاندا، پاۋلۇس ئورنىدىن تۇرۇپ، شەھەرگە قايتىپ كىردى. ئەتىسى، ئۇ بارناباس بىلەن بىللە دەربە شەھىرىگە كەتتى. |
فَبَشَّرَا فِي تِلْكَ ٱلْمَدِينَةِ وَتَلْمَذَا كَثِيرِينَ. ثُمَّ رَجَعَا إِلَى لِسْتِرَةَ وَإِيقُونِيَةَ وَأَنْطَاكِيَةَ، | ٢١ 21 |
ئەمدى ئۇلار دەربە شەھىرىدە خۇش خەۋەر جاكارلاپ، نۇرغۇن ئادەملەرنى [مەسىھگە] مۇخلىس بولۇشقا كىرگۈزگەندىن كېيىن، ئىككىيلەن لىسترا، كونيا ۋە ئانتاكيا شەھەرلىرىگە قايتىپ باردى. |
يُشَدِّدَانِ أَنْفُسَ ٱلتَّلَامِيذِ وَيَعِظَانِهِمْ أَنْ يَثْبُتُوا فِي ٱلْإِيمَانِ، وَأَنَّهُ بِضِيقَاتٍ كَثِيرَةٍ يَنْبَغِي أَنْ نَدْخُلَ مَلَكُوتَ ٱللهِ. | ٢٢ 22 |
ئۇلار ئۇ يەرلەردە مۇخلىسلارنىڭ قەلبلىرىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، شۇنداقلا: ــ بىز خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشتە نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتلەرنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈشىمىز مۇقەررەر بولىدۇ، ــ دەپ نەسىھەت قىلدى. |
وَٱنْتَخَبَا لَهُمْ قُسُوسًا فِي كُلِّ كَنِيسَةٍ، ثُمَّ صَلَّيَا بِأَصْوَامٍ وَٱسْتَوْدَعَاهُمْ لِلرَّبِّ ٱلَّذِي كَانُوا قَدْ آمَنُوا بِهِ. | ٢٣ 23 |
ئۇلار يەنە ھەرقايسى جامائەت ئىچىدە ئاقساقاللارنى تاللاپ بەلگىلەپ، دۇئا قىلىش ۋە روزا تۇتۇش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆزلىرى ئېتىقاد باغلىغان رەبگە تاپشۇردى. |
وَلَمَّا ٱجْتَازَا فِي بِيسِيدِيَّةَ أَتَيَا إِلَى بَمْفِيلِيَّةَ. | ٢٤ 24 |
ئىككىيلەن پىسىدىيە رايونىدىن ئۆتۈپ پامفىلىيە ئۆلكىسىگە كەلدى. |
وَتَكَلَّمَا بِٱلْكَلِمَةِ فِي بَرْجَةَ، ثُمَّ نَزَلَا إِلَى أَتَّالِيَةَ. | ٢٥ 25 |
ئۇلار پەرگە شەھىرىدە سۆز-كالامنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، ئاتتاليا شەھىرىگە باردى. |
وَمِنْ هُنَاكَ سَافَرَا فِي ٱلْبَحْرِ إِلَى أَنْطَاكِيَةَ، حَيْثُ كَانَا قَدْ أُسْلِمَا إِلَى نِعْمَةِ ٱللهِ لِلْعَمَلِ ٱلَّذِي أَكْمَلَاهُ. | ٢٦ 26 |
ئاندىن ئۇ يەردىن كېمىگە چىقىپ، [سۇرىيەدىكى] ئانتاكياغا قاراپ كەتتى. ئۇلار ئەسلىدە شۇ يەردە ئۆزلىرى ھازىر تاماملىغان بۇ ۋەزىپىنى ئادا قىلىشقا [جامائەتتىكىلەر تەرىپىدىن] خۇدانىڭ مېھرى-شەپقىتىگە تاپشۇرۇلغانىدى. |
وَلَمَّا حَضَرَا وَجَمَعَا ٱلْكَنِيسَةَ، أَخْبَرَا بِكُلِّ مَا صَنَعَ ٱللهُ مَعَهُمَا، وَأَنَّهُ فَتَحَ لِلْأُمَمِ بَابَ ٱلْإِيمَانِ. | ٢٧ 27 |
قايتىپ كەلگەندە، ئۇلار جامائەتنى بىر يەرگە جەم قىلغاندا، ئۇلارغا خۇدانىڭ ئۆزلىرى ئارقىلىق قىلغان بارلىق ئەمەللىرىنى، شۇنداقلا خۇدانىڭ قانداق قىلىپ ئەللەركەئېتىقادنىڭ بىر ئىشىكىنى ئاچقانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. |
وَأَقَامَا هُنَاكَ زَمَانًا لَيْسَ بِقَلِيلٍ مَعَ ٱلتَّلَامِيذِ. | ٢٨ 28 |
ئۇلار ئۇ يەردە مۇخلىسلار بىلەن بىللە ئۇزۇن مەزگىل تۇردى. |