أَخِيرًا أَيُّهَا ٱلْإِخْوَةُ صَلُّوا لِأَجْلِنَا، لِكَيْ تَجْرِيَ كَلِمَةُ ٱلرَّبِّ وَتَتَمَجَّدَ، كَمَا عِنْدَكُمْ أَيْضًا، | ١ 1 |
ئاخىرىدا، ئى قېرىنداشلار، بىز ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلاركى، رەبنىڭ سۆزى خۇددى سىلەرگە يەتكەن چاغدىكىگە ئوخشاش، [ھەرقانداق يەردە] تېز تارقالسۇن ۋە شان-شەرەپلىك دەپ ئۇلۇغلانسۇن؛ |
وَلِكَيْ نُنْقَذَ مِنَ ٱلنَّاسِ ٱلْأَرْدِيَاءِ ٱلْأَشْرَارِ. لِأَنَّ ٱلْإِيمَانَ لَيْسَ لِلْجَمِيعِ. | ٢ 2 |
شۇنىڭدەك بىزنىڭ قەبىھ ۋە رەزىل ئادەملەردىن قۇتۇلۇشىمىز ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلىڭلار. چۈنكى ھەممىلا ئادەم ئىشەنچ-ئېتىقادلىق بولۇۋەرمەيدۇ. |
أَمِينٌ هُوَ ٱلرَّبُّ ٱلَّذِي سَيُثَبِّتُكُمْ وَيَحْفَظُكُمْ مِنَ ٱلشِّرِّيرِ. | ٣ 3 |
ئەمما رەب ئۆزى ئىشەنچلىكتۇر؛ ئۇ سىلەرنى مۇستەھكەم قىلىدۇ ھەم رەزىل بولغۇچىدىن ساقلايدۇ. |
وَنَثِقُ بِٱلرَّبِّ مِنْ جِهَتِكُمْ أَنَّكُمْ تَفْعَلُونَ مَا نُوصِيكُمْ بِهِ وَسَتَفْعَلُونَ أَيْضًا. | ٤ 4 |
ئەمما رەبدە، سىلەرگە تاپىلىغىنىمىزنى قىلىۋاتىسىلەر، شۇنداقلا داۋاملىق قىلىۋېرىدۇ، دەپ خاتىرجەممىز. |
وَٱلرَّبُّ يَهْدِي قُلُوبَكُمْ إِلَى مَحَبَّةِ ٱللهِ، وَإِلَى صَبْرِ ٱلْمَسِيحِ. | ٥ 5 |
ئەمدى رەب قەلبىڭلارنى خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىگە ھەم مەسىھنىڭ سەۋر-چىداملىقىغا چۆمكەشكە يېتەكلىگەي. |
ثُمَّ نُوصِيكُمْ أَيُّهَا ٱلْإِخْوَةُ، بِٱسْمِ رَبِّنَا يَسُوعَ ٱلْمَسِيحِ، أَنْ تَتَجَنَّبُوا كُلَّ أَخٍ يَسْلُكُ بِلَا تَرْتِيبٍ، وَلَيْسَ حَسَبَ ٱلتَّعْلِيمِ ٱلَّذِي أَخَذَهُ مِنَّا. | ٦ 6 |
ئەمدى قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نامىدا شۇنى تاپىلايمىزكى، بىزدىن ئالغان تەلىملەرگە رىئايە قىلماي، تەرتىپسىز يۈرگەنلەردىن ئۆزۈڭلارنى نېرى تۇتۇڭلار. |
إِذْ أَنْتُمْ تَعْرِفُونَ كَيْفَ يَجِبُ أَنْ يُتَمَثَّلَ بِنَا، لِأَنَّنَا لَمْ نَسْلُكْ بِلَا تَرْتِيبٍ بَيْنَكُمْ، | ٧ 7 |
بىزدىن قانداق ئۈلگە ئېلىشىڭلار كېرەكلىكىنى ئۆزۈڭلار بىلىسىلەر؛ چۈنكى بىز سىلەر بىلەن بىللە بولغاندا تەرتىپسىز يۈرمىگەنىدۇق. |
وَلَا أَكَلْنَا خُبْزًا مَجَّانًا مِنْ أَحَدٍ، بَلْ كُنَّا نَشْتَغِلُ بِتَعَبٍ وَكَدٍّ لَيْلًا وَنَهَارًا، لِكَيْ لَا نُثَقِّلَ عَلَى أَحَدٍ مِنْكُمْ. | ٨ 8 |
ھېچكىمنىڭ نېنىنى بىكارغا يېمەيتتۇق؛ بەلكى بىز ھېچقايسىڭلارغا ئېغىرىمىزنى سالماسلىق ئۈچۈن، كېچە-كۈندۈزلەپ تىرىشىپ-تىرمىشىپ جاپالىق ئىشلەيتتۇق. |
لَيْسَ أَنْ لَا سُلْطَانَ لَنَا، بَلْ لِكَيْ نُعْطِيَكُمْ أَنْفُسَنَا قُدْوَةً حَتَّى تَتَمَثَّلُوا بِنَا. | ٩ 9 |
بۇنداق قىلىشىمىز، سىلەردىن ياردەم كۈتۈشكە ھەقلىق بولمىغانلىقىمىزدىن ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىزنى سىلەرگە بىزدىن ياخشى ئۈلگە قالدۇرۇپ، سىلەرنىڭ بىزگە ئەگىشىشىڭلار ئۈچۈن ئىدى. |
فَإِنَّنَا أَيْضًا حِينَ كُنَّا عِنْدَكُمْ، أَوْصَيْنَاكُمْ بِهَذَا: «أَنَّهُ إِنْ كَانَ أَحَدٌ لَا يُرِيدُ أَنْ يَشْتَغِلَ فَلَا يَأْكُلْ أَيْضًا». | ١٠ 10 |
چۈنكى بىز سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا بولغىنىمىزدا سىلەرگە: «بىرسى ئىشلىمەيمەن دېسە، ئۇ يېمىسۇن!» دەپ تاپىلىغانىدۇق. |
لِأَنَّنَا نَسْمَعُ أَنَّ قَوْمًا يَسْلُكُونَ بَيْنَكُمْ بِلَا تَرْتِيبٍ، لَا يَشْتَغِلُونَ شَيْئًا بَلْ هُمْ فُضُولِيُّونَ. | ١١ 11 |
چۈنكى بىز ئاراڭلاردا بەزىلەرنىڭ تەرتىپسىز لاغايلاپ، ھېچ ئىشلىمەي باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ يۈرىدىغانلىقىنى ئاڭلىدۇق. |
فَمِثْلُ هَؤُلَاءِ نُوصِيهِمْ وَنَعِظُهُمْ بِرَبِّنَا يَسُوعَ ٱلْمَسِيحِ أَنْ يَشْتَغِلُوا بِهُدُوءٍ، وَيَأْكُلُوا خُبْزَ أَنْفُسِهِمْ. | ١٢ 12 |
بىز مۇشۇنداقلارغا رەب ئەيسا مەسىھدە شۇنداق بۇيرۇيمىز ۋە ئۇلاردىن ئۆتۈنۈپ سورايمىزكى، تىنچ ياشاپ، ئەمگىكىڭلار بىلەن ئۆز نېنىڭلارنى تېپىپ يەڭلار. |
أَمَّا أَنْتُمْ أَيُّهَا ٱلْإِخْوَةُ فَلَا تَفْشَلُوا فِي عَمَلِ ٱلْخَيْرِ. | ١٣ 13 |
لېكىن سىلەر، ئى قېرىنداشلار، ياخشى ئىشلارنى قىلىشتىن ئېرىنمەڭلار. |
وَإِنْ كَانَ أَحَدٌ لَا يُطِيعُ كَلَامَنَا بِٱلرِّسَالَةِ، فَسِمُوا هَذَا وَلَا تُخَالِطُوهُ لِكَيْ يَخْجَلَ، | ١٤ 14 |
ئەمما ئەگەر ئۇشبۇ خېتىمىزدىكى سۆزلەرگە ئىتائەت قىلمايدىغان بىرسى بولسا، ئۇنىڭدىن ھەزەر ئەيلەڭلار ۋە ئۇنى خىجالەتكە قالدۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن باردى-كەلدى قىلماڭلار. |
وَلَكِنْ لَا تَحْسِبُوهُ كَعَدُوٍّ، بَلْ أَنْذِرُوهُ كَأَخٍ. | ١٥ 15 |
بىراق، ئۇنى دۈشمەن قاتارىدا كۆرمەي، ئەكسىچە ئۇنىڭغا بىر قېرىنداش سۈپىتىدە نەسىھەت قىلىڭلار. |
وَرَبُّ ٱلسَّلَامِ نَفْسُهُ يُعْطِيكُمُ ٱلسَّلَامَ دَائِمًا مِنْ كُلِّ وَجْهٍ. ٱلرَّبُّ مَعَ جَمِيعِكُمْ. | ١٦ 16 |
خاتىرجەملىك ئىگىسى بولغان رەب ھەر ۋاقىت ھەر يولدا شەخسەن سىلەرگە خاتىرجەملىك ئاتا قىلغاي. رەب ھەممىڭلار بىلەن بىللە بولغاي! |
اَلسَّلَامُ بِيَدِي أَنَا بُولُسَ، ٱلَّذِي هُوَ عَلَامَةٌ فِي كُلِّ رِسَالَةٍ. هَكَذَا أَنَا أَكْتُبُ. | ١٧ 17 |
مەنكى پاۋلۇس بۇ ئاخىرقى سالىمىمنى ئۆز قولۇم بىلەن يازدىم؛ بۇ، مېنىڭ ھەممە خەتلىرىمنىڭ ئۆزىگە خاس بەلگىسىدۇر. مانا بۇ مېنىڭ ئۆز قەلىمىمدۇر. |
نِعْمَةُ رَبِّنَا يَسُوعَ ٱلْمَسِيحِ مَعَ جَمِيعِكُمْ. آمِينَ. | ١٨ 18 |
رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى ھەممىڭلارغا يار بولغاي! |