وَقَالَ بَنُو ٱلْأَنْبِيَاءِ لِأَلِيشَعَ: «هُوَذَا ٱلْمَوْضِعُ ٱلَّذِي نَحْنُ مُقِيمُونَ فِيهِ أَمَامَكَ ضَيِّقٌ عَلَيْنَا. | ١ 1 |
پەيغەمبەرلەرنىڭ شاگىرتلىرى ئېلىشاغا: ــ مانا بىزگە سېنىڭ ئالدىڭدا تۇرۇۋاتقان يېرىمىز تار كەلدى. |
فَلْنَذْهَبْ إِلَى ٱلْأُرْدُنِّ وَنَأْخُذْ مِنْ هُنَاكَ كُلُّ وَاحِدٍ خَشَبَةً، وَنَعْمَلْ لِأَنْفُسِنَا هُنَاكَ مَوْضِعًا لِنُقِيمَ فِيهِ». فَقَالَ: «ٱذْهَبُوا». | ٢ 2 |
ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىغا بېرىپ، ھەربىرىمىز بىردىن ياغاچ ئېلىپ، شۇ يەردە تۇرىدىغانغا بىر تۇرالغۇ ئۆي ياسايلى، ــ دېدى. ــ بېرىڭلار، دەپ جاۋاب بەردى ئۇ. |
فَقَالَ وَاحِدٌ: «ٱقْبَلْ وَٱذْهَبْ مَعَ عَبِيدِكَ». فَقَالَ: «إِنِّي أَذْهَبُ». | ٣ 3 |
ئۇلارنىڭ بىرى يەنە: ــ ئىلتىپات قىلىپ قەمىنىلىرىڭ بىلەن بىرگە بارغىن، دېدى. ئۇ: ــ بىللە باراي، دېدى. |
فَٱنْطَلَقَ مَعَهُمْ. وَلَمَّا وَصَلُوا إِلَى ٱلْأُرْدُنِّ قَطَعُوا خَشَبًا. | ٤ 4 |
ئۇ ئۇلار بىلەن ماڭدى. ئۇلار ئىئوردان دەرياسىغا بېرىپ، دەرەخ كېسىشكە باشلىدى. |
وَإِذْ كَانَ وَاحِدٌ يَقْطَعُ خَشَبَةً، وَقَعَ ٱلْحَدِيدُ فِي ٱلْمَاءِ. فَصَرَخَ وَقَالَ: «آهِ يَا سَيِّدِي! لِأَنَّهُ عَارِيَةٌ». | ٥ 5 |
لېكىن ئۇلارنىڭ بىرى دەرەخ كېسىۋاتقاندا پالتىنىڭ بېشى سۇغا چۈشۈپ كەتتى. ئۇ ۋارقىراپ: ــ ۋاي غوجام، بۇ ئۆتنە ئالغان پالتا ئىدى، دېدى. |
فَقَالَ رَجُلُ ٱللهِ: «أَيْنَ سَقَطَ؟» فَأَرَاهُ ٱلْمَوْضِعَ، فَقَطَعَ عُودًا وَأَلْقَاهُ هُنَاكَ، فَطَفَا ٱلْحَدِيدُ. | ٦ 6 |
خۇدانىڭ ئادىمى: نەگە چۈشتى، دەپ سورىدى. ئۇ چۈشكەن يەرنى كۆرسىتىپ بەردى. ئۇ بىر شاخنى كېسىپ، ئۇنى سۇغا تاشلىۋىدى، پالتىنىڭ بېشى لەيلەپ چىقتى. |
فَقَالَ: «ٱرْفَعْهُ لِنَفْسِكَ». فَمَدَّ يَدَهُ وَأَخَذَهُ. | ٧ 7 |
ئۇ: ئۇنى قولۇڭغا ئالغىن، دېۋىدى، ئۇ كىشى قولىنى ئۇزۇتۇپ ئۇنى تۇتۇۋالدى. |
وَأَمَّا مَلِكُ أَرَامَ فَكَانَ يُحَارِبُ إِسْرَائِيلَ، وَتَآمَرَ مَعَ عَبِيدِهِ قَائِلًا: «فِي ٱلْمَكَانِ ٱلْفُلَانِيِّ تَكُونُ مَحَلَّتِي». | ٨ 8 |
سۇرىيەنىڭ پادىشاھى ئىسرائىل بىلەن جەڭ قىلىۋاتاتتى. ئۇ ئۆز خىزمەتكارلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، پالانچى-پوكۇنچى يەردە بارگاھ تىكىمەن، دەپ بېكىتەتتى. |
فَأَرْسَلَ رَجُلُ ٱللهِ إِلَى مَلِكِ إِسْرَائِيلَ يَقُولُ: «ٱحْذَرْ مِنْ أَنْ تَعْبُرَ بِهَذَا ٱلْمَوْضِعِ، لِأَنَّ ٱلْأَرَامِيِّينَ حَالُّونَ هُنَاكَ». | ٩ 9 |
خۇدانىڭ ئادىمى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا خەۋەر ئەۋىتىپ: ــ سەن پالانچى-پوكۇنچى يەرگە بېرىشتىن ئېھتىيات قىلغىن، چۈنكى سۇرىيلەر ئۇ يەرگە چۈشمەكچى، دېدى. |
فَأَرْسَلَ مَلِكُ إِسْرَائِيلَ إِلَى ٱلْمَوْضِعِ ٱلَّذِي قَالَ لَهُ عَنْهُ رَجُلُ ٱللهِ وَحَذَّرَهُ مِنْهُ وَتَحَفَّظَ هُنَاكَ، لَا مَرَّةً وَلَا مَرَّتَيْنِ. | ١٠ 10 |
ئۇ ۋاقىتلاردا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى خۇدانىڭ ئادىمى ئۆزىگە كۆرسەتكەن جايغا ئادەم ئەۋەتىپ ئۇ يەردىكى ئادەملىرىگە ئېھتىيات قىلىشنى ئاگاھلاندۇردى. بۇنداق ئىش بىرقانچە قېتىم بولدى. |
فَٱضْطَرَبَ قَلْبُ مَلِكِ أَرَامَ مِنْ هَذَا ٱلْأَمْرِ، وَدَعَا عَبِيدَهُ وَقَالَ لَهُمْ: «أَمَا تُخْبِرُونَنِي مَنْ مِنَّا هُوَ لِمَلِكِ إِسْرَائِيلَ؟» | ١١ 11 |
بۇنىڭ سەۋەبىدىن سۇرىيەنىڭ پادىشاھى كۆڭلىدە قاتتىق ئاچچىقلىنىپ، ئۆز خىزمەتكارلىرىنى چاقىرىپ ئۇلاردىن: ــ ئارىمىزدىن كىمنىڭ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى تەرىپىدە تۇرىدىغانلىقىنى ماڭا كۆرسىتىپ بەرمەمسىلەر؟! ــ دەپ سورىدى. |
فَقَالَ وَاحِدٌ مِنْ عَبِيدِهِ: «لَيْسَ هَكَذَا يَا سَيِّدِي ٱلْمَلِكَ. وَلَكِنَّ أَلِيشَعَ ٱلنَّبِيَّ ٱلَّذِي فِي إِسْرَائِيلَ، يُخْبِرُ مَلِكَ إِسْرَائِيلَ بِٱلْأُمُورِ ٱلَّتِي تَتَكَلَّمُ بِهَا فِي مُخْدَعِ مِضْطَجَعِكَ». | ١٢ 12 |
لېكىن خىزمەتكارلىرىنىڭ بىرى: ــ ئى غوجام پادىشاھ ئۇنداق ئەمەس؛ بەلكى ئىسرائىلدا تۇرىدىغان ئېلىشا دېگەن پەيغەمبەر سەن ياتقان ھۇجراڭدا قىلغان سۆزلىرىڭنى ئىسرائىل پادىشاھىغا ئېيتىپ بېرىدۇ، ــ دېدى. |
فَقَالَ: «ٱذْهَبُوا وَٱنْظُرُوا أَيْنَ هُوَ، فَأُرْسِلَ وَآخُذَهُ». فَأُخْبِرَ وَقِيلَ لَهُ: «هُوَذَا هُوَ فِي دُوثَانَ». | ١٣ 13 |
ئۇ: بېرىپ ئۇنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى پايلاپ كېلىڭلار، مەن ئادەم ماڭدۇرۇپ ئۇنى تۇتۇپ كېلەي، دېدى. ئۇلار: ــ ئۇ دوتان شەھىرىدە ئىكەن، دەپ خەۋەر قىلدى. |
فَأَرْسَلَ إِلَى هُنَاكَ خَيْلًا وَمَرْكَبَاتٍ وَجَيْشًا ثَقِيلًا، وَجَاءُوا لَيْلًا وَأَحَاطُوا بِٱلْمَدِينَةِ. | ١٤ 14 |
شۇنىڭ بىلەن ئۇ شۇ يەرگە ئاتلىقلار، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە زور بىر قوشۇننى ماڭدۇردى. ئۇلار كېچىسى يېتىپ كېلىپ شەھەرنى قورشىۋالدى. |
فَبَكَّرَ خَادِمُ رَجُلِ ٱللهِ وَقَامَ وَخَرَجَ، وَإِذَا جَيْشٌ مُحِيطٌ بِٱلْمَدِينَةِ وَخَيْلٌ وَمَرْكَبَاتٌ. فَقَالَ غُلَامُهُ لَهُ: «آهِ يَاسَيِّدِي! كَيْفَ نَعْمَلُ؟» | ١٥ 15 |
خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ مالىيى سەھەردە تۇرۇپ چىقسا، مانا، بىر ئاتلىقلار ۋە جەڭ ھارۋىلىرى قوشۇنى شەھەرنى قورشىۋالغانىدى. مالاي ئۇنىڭغا: ئاپلا، ئى غوجام، قانداق قىلارمىز؟ ــ دېدى. |
فَقَالَ: «لَا تَخَفْ، لِأَنَّ ٱلَّذِينَ مَعَنَا أَكْثَرُ مِنَ ٱلَّذِينَ مَعَهُمْ». | ١٦ 16 |
لېكىن ئۇ: قورقمىغىن؛ مانا بىز بىلەن بىرگە بولغانلار ئۇلار بىلەن بىرگە بولغانلاردىن كۆپتۇر، دېدى. |
وَصَلَّى أَلِيشَعُ وَقَالَ: «يَارَبُّ، ٱفْتَحْ عَيْنَيْهِ فَيُبْصِرَ». فَفَتَحَ ٱلرَّبُّ عَيْنَيِ ٱلْغُلَامِ فَأَبْصَرَ، وَإِذَا ٱلْجَبَلُ مَمْلُوءٌ خَيْلًا وَمَرْكَبَاتِ نَارٍ حَوْلَ أَلِيشَعَ. | ١٧ 17 |
ئەمدى ئېلىشا دۇئا قىلىپ: ئى پەرۋەردىگار، مالايىمنىڭ كۆزلىرىنى كۆرەلەيدىغان قىلىپ ئاچقايسەن، دېدى. ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار يىگىتنىڭ كۆزلىرىنى ئاچتى ۋە ئۇ ئەينى ئەھۋالنى كۆردى؛ مانا، پۈتكۈل تاغ ئېلىشانى چۆرىدەپ تۇرغان يالقۇنلۇق ئات ۋە جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن تولغانىدى. |
وَلَمَّا نَزَلُوا إِلَيْهِ صَلَّى أَلِيشَعُ إِلَى ٱلرَّبِّ وَقَالَ: «ٱضْرِبْ هَؤُلَاءِ ٱلْأُمَمَ بِٱلْعَمَى». فَضَرَبَهُمْ بِٱلْعَمَى كَقَوْلِ أَلِيشَعَ. | ١٨ 18 |
سۇرىيلەر چۈشۈپ ئۇ تەرەپكە كەلگەندە، ئېلىشا پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ: بۇ خەلقنى كورلۇق بىلەن ئۇرغىن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئېلىشانىڭ تىلىكى بويىچە ئۇلارنى كورلۇق بىلەن ئۇردى. |
فَقَالَ لَهُمْ أَلِيشَعُ: «لَيْسَتْ هَذِهِ هِيَ ٱلطَّرِيقَ، وَلَا هَذِهِ هِيَ ٱلْمَدِينَةَ. ٱتْبَعُونِي فَأَسِيرَ بِكُمْ إِلَى ٱلرَّجُلِ ٱلَّذِي تُفَتِّشُونَ عَلَيْهِ». فَسَارَ بِهِمْ إِلَى ٱلسَّامِرَةِ. | ١٩ 19 |
ئېلىشا ئۇلارغا: بۇ [سىلەر ئىزدىگەن] يول ئەمەس ۋە [سىلەر ئىزدىگەن] شەھەر ئەمەس؛ مېنىڭ كەينىمدىن ئەگىشىڭلار، سىلەرنى سىلەر ئىزدىگەن ئادەمنىڭ قېشىغا باشلاپ باراي، دەپ ئۇلارنى سامارىيەگە باشلاپ باردى. |
فَلَمَّا دَخَلُوا ٱلسَّامِرَةَ قَالَ أَلِيشَعُ: «يَارَبُّ ٱفْتَحْ أَعْيُنَ هَؤُلَاءِ فَيُبْصِرُوا». فَفَتَحَ ٱلرَّبُّ أَعْيُنَهُمْ فَأَبْصَرُوا وَإِذَا هُمْ فِي وَسْطِ ٱلسَّامِرَةِ. | ٢٠ 20 |
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار سامارىيەگە كىرگەندە ئېلىشا: ئى پەرۋەردىگار، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى كۆرەلەيدىغان قىلىپ ئاچقايسەن، دېدى. پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى ئاچتى؛ ۋە مانا، ئۇلار سامارىيەنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇراتتى. |
فَقَالَ مَلِكُ إِسْرَائِيلَ لِأَلِيشَعَ لَمَّا رَآهُمْ: «هَلْ أَضْرِبُ؟ هَلْ أَضْرِبُ يَا أَبِي؟» | ٢١ 21 |
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئۇلارنى كۆرگەندە ئېلىشادىن: ئى ئاتام، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋېتەيمۇ؟ ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋېتەيمۇ؟ دەپ سورىدى. |
فَقَالَ: «لَا تَضْرِبْ. تَضْرِبُ ٱلَّذِينَ سَبَيْتَهُمْ بِسَيْفِكَ وَبِقَوْسِكَ. ضَعْ خُبْزًا وَمَاءً أَمَامَهُمْ فَيَأْكُلُوا وَيَشْرَبُوا، ثُمَّ يَنْطَلِقُوا إِلَى سَيِّدِهِمْ». | ٢٢ 22 |
ئۇ: ــ سەن ئۇلارنى ئۆلتۈرمە؛ ھەتتا ئۆزۈڭ قىلىچ ۋە ئوقيايىڭ بىلەن ئەسىر قىلغانلىرىڭنى ئۆلتۈرمەيدىغان يەردە، بۇلارنى ئۆلتۈرۈشكە بولامتى؟ ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ ئالدىغا نان، سۇ قويغىن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەپ-ئىچىپ ئۆز غوجىسىغا يېنىپ كەتسۇن، دېدى. |
فَأَوْلَمَ لَهُمْ وَلِيمَةً عَظِيمَةً فَأَكَلُوا وَشَرِبُوا، ثُمَّ أَطْلَقَهُمْ فَٱنْطَلَقُوا إِلَى سَيِّدِهِمْ. وَلَمْ تَعُدْ أَيْضًا جُيُوشُ أَرَامَ تَدْخُلُ إِلَى أَرْضِ إِسْرَائِيلَ. | ٢٣ 23 |
شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئۇلارغا چوڭ زىياپەت بەردى؛ ئۇلار يەپ-ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۇلارنى يولغا سالدى. ئۇلار غوجىسىنىڭ يېنىغا قايتتى. شۇنىڭدىن كېيىن سۇرىيەدىن بۇلاڭچىلار شايكىلىرى ئىسرائىلنىڭ زېمىنىغا قايتا بېسىپ كىرمىدى. |
وَكَانَ بَعْدَ ذَلِكَ أَنَّ بَنْهَدَدَ مَلِكَ أَرَامَ جَمَعَ كُلَّ جَيْشِهِ وَصَعِدَ فَحَاصَرَ ٱلسَّامِرَةَ. | ٢٤ 24 |
كېيىن شۇنداق بولدىكى، سۇرىيەنىڭ پادىشاھى بەن-ھاداد پۈتكۈل قوشۇنىنى يىغىپ سامارىيەنى مۇھاسىرىگە ئالدى. |
وَكَانَ جُوعٌ شَدِيدٌ فِي ٱلسَّامِرَةِ. وَهُمْ حَاصَرُوهَا حَتَّى صَارَ رَأْسُ ٱلْحِمَارِ بِثَمَانِينَ مِنَ ٱلْفِضَّةِ، وَرُبْعُ ٱلْقَابِ مِنْ زِبْلِ ٱلْحَمَامِ بِخَمْسٍ مِنَ ٱلْفِضَّةِ. | ٢٥ 25 |
شۇنىڭ بىلەن سامارىيەدە زور ئاچارچىلىق بولدى. ئۇلار ئۇنى شۇنچە ئۇزۇن قامال قىلدىكى، بىر ئېشەك بېشى سەكسەن شەكەل كۈمۈشكە، ۋە كەپتەر مايىقىنىڭ بىر چىنىسىنىڭ تۆتتىن بىرى بەش شەكەل كۈمۈشكە يارايتتى. |
وَبَيْنَمَا كَانَ مَلِكُ إِسْرَائِيلَ جَائِزًا عَلَى ٱلسُّورِ صَرَخَتِ ٱمْرَأَةٌ إِلَيْهِ تَقُولُ: «خَلِّصْ يَا سَيِّدِي ٱلْمَلِكَ». | ٢٦ 26 |
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى سېپىلنىڭ ئۈستىدىن ئۆتكەندە، بىر ئايال ئۇنىڭغا: ئى غوجام پادىشاھ، ياردەم بەرگىنە! دەپ پەرياد كۆتۈردى. |
فَقَالَ: «لَا! يُخَلِّصْكِ ٱلرَّبُّ. مِنْ أَيْنَ أُخَلِّصُكِ؟ أَمِنَ ٱلْبَيْدَرِ أَوْ مِنَ ٱلْمِعْصَرَةِ؟» | ٢٧ 27 |
ئۇ: ئەگەر پەرۋەردىگار ساڭا ياردەم بەرمىسە، مەن ساڭا قانداق ياردەم قىلاي؟ يا خاماندىن يا ئۈزۈم كۆلچىكىدىن ياردەم تېپىلامدۇ؟، ــ دېدى. |
ثُمَّ قَالَ لَهَا ٱلْمَلِكُ: «مَا لَكِ؟» فَقَالَتْ: «إِنَّ هَذِهِ ٱلْمَرْأَةَ قَدْ قَالَتْ لِي: هَاتِي ٱبْنَكِ فَنَأْكُلَهُ ٱلْيَوْمَ ثُمَّ، نَأْكُلَ ٱبْنِي غَدًا. | ٢٨ 28 |
پادىشاھ ئەمدى ئۇنىڭدىن يەنە: نېمە دەردىڭ بار؟ دەپ سورىدى. ئۇ: مانا بۇ خوتۇن ماڭا: ئوغلۇڭنى بەرگىن، بىز ئۇنى بۈگۈن يەيلى. ئەتە بولسا مېنىڭ ئوغلۇمنى يەيمىز، دېدى. |
فَسَلَقْنَا ٱبْنِي وَأَكَلْنَاهُ. ثُمَّ قُلْتُ لَهَا فِي ٱلْيَوْمِ ٱلْآخَرِ: هَاتِي ٱبْنَكِ فَنَأْكُلَهُ فَخَبَّأَتِ ٱبْنَهَا». | ٢٩ 29 |
ئۇ ۋاقىتتا بىز مېنىڭ ئوغلۇمنى قاينىتىپ پىشۇرۇپ يېدۇق. ئەتىسى مەن ئۇنىڭغا: ئەمدى سەن ئوغلۇڭنى بەرگىن، ئۇنى يەيلى دېسەم، ئۇ ئۆز ئوغلىنى يوشۇرۇپ قويدى، ــ دېدى. |
فَلَمَّا سَمِعَ ٱلْمَلِكُ كَلَامَ ٱلْمَرْأَةِ مَزَّقَ ثِيَابَهُ وَهُوَ مُجْتَازٌ عَلَى ٱلسُّورِ، فَنَظَرَ ٱلشَّعْبُ وَإِذَا مِسْحٌ مِنْ دَاخِلٍ عَلَى جَسَدِهِ. | ٣٠ 30 |
پادىشاھ ئايالنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ كىيىملىرىنى يىرتىپ-يىرتىۋەتتى. ئۇ سېپىلدا كېتىۋاتقاندا، خەلق ئۇنىڭ كىيىمىنىڭ ئىچىگە، يەنى ئېتىگە بۆز كىيگەنلىكىنى كۆرۈپ قالدى. |
فَقَالَ: «هَكَذَا يَصْنَعُ لِي ٱللهُ وَهَكَذَا يَزِيدُ، إِنْ قَامَ رَأْسُ أَلِيشَعَ بْنِ شَافَاطَ عَلَيْهِ ٱلْيَوْمَ». | ٣١ 31 |
[پادىشاھ]: ــ ئەگەر شافاتنىڭ ئوغلى ئېلىشانىڭ بېشى بۈگۈن تېنىدە قالسا، خۇدا مېنىڭ بېشىمنى ئالسۇن ۋە ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق جازالىسۇن! ــ دېدى. |
وَكَانَ أَلِيشَعُ جَالِسًا فِي بَيْتِهِ وَٱلشُّيُوخُ جُلُوسًا عِنْدَهُ. فَأَرْسَلَ رَجُلًا مِنْ أَمَامِهِ. وَقَبْلَمَا أَتَى ٱلرَّسُولُ إِلَيْهِ قَالَ لِلشُّيُوخِ: «هَلْ رَأَيْتُمْ أَنَّ ٱبْنَ ٱلْقَاتِلِ هَذَا قَدْ أَرْسَلَ لِكَيْ يَقْطَعَ رَأْسِي؟ ٱنْظُرُوا! إِذَا جَاءَ ٱلرَّسُولُ فَأَغْلِقُوا ٱلْبَابَ وَٱحْصُرُوهُ عِنْدَ ٱلْبَابِ. أَلَيْسَ صَوْتُ قَدَمَيْ سَيِّدِهِ وَرَاءَهُ؟». | ٣٢ 32 |
ئەمما ئېلىشا ئۆز ئۆيىدە ئولتۇراتتى؛ ئاقساقاللارمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئولتۇرغانىدى. پادىشاھ ئۇنىڭ ئالدىغا بىر ئادەمنى ماڭدۇرغانىدى. لېكىن ئۇ خەۋەرچى ئۇ يەرگە يېتىپ بارمايلا، ئېلىشا ئاقساقاللارغا: ــ مانا بۇ جاللاتنىڭ بالىسىنىڭ بېشىمنى ئالغىلى ئادەم ماڭدۇرغانلىقىنى كۆردۈڭلارمۇ؟ ئەمدى خەۋەرچى كەلگەندە ئىشىكنى چىڭ تاقاپ ئىچىدىن تىرىۋېلىڭلار. مانا ئۇنىڭ كەينىدىن كەلگەن غوجىسىنىڭ قەدىمىنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىۋاتمامدۇ؟ ــ دېدى. |
وَبَيْنَمَا هُوَ يُكَلِّمُهُمْ إِذَا بِٱلرَّسُولِ نَازِلٌ إِلَيْهِ. فَقَالَ: «هُوَذَا هَذَا ٱلشَّرُّ هُوَ مِنْ قِبَلِ ٱلرَّبِّ. مَاذَا أَنْتَظِرُ مِنَ ٱلرَّبِّ بَعْدُ؟». | ٣٣ 33 |
ئۇ ئۇلار بىلەن سۆزلىشىۋاتقاندا، مانا خەۋەرچى ئۇنىڭ قېشىغا چۈشۈپ كېلىپ: «پادىشاھ: «مانا بۇ بالايىئاپەتنىڭ ئۆزى پەرۋەردىگار تەرىپىدىن كەلدى؛ مەن زادى نېمە دەپ پەرۋەردىگارغا يەنە ئۈمىد باغلىيالارمەن؟» دەيدۇ، دېدى. |